ئانا تىلىم 2f620
ئەخمەت ئىمىن W1EYVXN
ئەي ئانا تىلىم- ئانامنىڭ تىلى! u@CQ+pnf:(
p4
=/rkq ئانا تىلىم! ئەي ئانام بەرگەن تىل ! L#zD4L
tym:C7v%~ مەن سېنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن! r$8'1s37`
.6xMLo,R سېنى ئاڭلىسام ، ئانامنىڭ ئوتلۇق يۈرەك ختابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن؛ سېنى سۆزلىسەم، شۇ خىتابقا جاۋاب سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن. bwH[rT!n
"r*`*1 ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم ‹‹بالام – باغرىم ››دېگىنىدە سەن بىلەن – دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن . مەنمۇ تۇنجى قېتىم ‹‹ئانا ئانام ››دېگىنىمدە ، سەن بىلەن – مۇشۇ تەۋەرۈك تىل بىلەن سۆزلىگەن. D>-r `
N2"B\ ئانا تىلىم، سېنىڭ ھەربىر تاۋۇشۇڭدا ئانامنىڭ يېقىملىق تىنىقلىرى بار؛ سېنىڭ ھەربىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپس ھېسىياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار؛ سېنىڭ ھەربىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غۇرۇرى بار ، ئىپتىخارى بار. /s}
"0/Y\
IE
Ma/[n/ مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان، سەن ئارقىلىقلا ئەجدادلارنىڭ كىملىكىنى ئۇققان ؛ سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇققان. Hd\V?#H
!Yv_V]u= شۇنداق، سەن ئارقىلىق مېنىڭ ئۇققان- بىلگەنلىرىم جىق، ناھايتى جىق: سەن ئارقىلىق ئورخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم، ئەجدادلىرىمنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى . ئۇنىڭدىكى غالىبلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۈمنى يايراتتى،مەغلۇبىيەتكە ئوقۇلغان مەرسىيە يۈرىكىمنى قاقشاتتى. Z)M
"`2Ur
oDMPYkpTu سەن ئارقىلىق ‹‹ئوغۇزنامە››نى- مەشھۇر قەھرىمانلىق داستانىنى ئوقۇدۇم .ئوغۇز خاقاننىڭ ‹‹ئاتلان››دەپ نەرە تارتىشلىرى يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى، جەڭ تۇلپارلىرىنىڭ تاشقا تەگكەن تۇياقلىرىدىن چاچىرىغان ئۇچقۇن كۆزۈمنى چاقناتتى. gS5MoW1
[
gM n سەن ئارقىلىق ‹‹ئالتۇن يارۇق››نىڭ نېملىكىنى ئۇقتۇم. بېشبالىقلىق تىلشۇناسىمىزنىڭ تاۋغاچ تىلىدىن ئۆرۈگەن بۇددا ھېكايىلىرى مېنى گۈزەل بىر ئەپسانە دۇنياسىغا باشلاپ باردى.بۈگۈنكى ئىدىقۇت خارابىسىگە قاراپ ئۆتمۈشتىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. suwR`2
,"(G سەن ئارقىلىق ‹‹ئىككى تىگىننىڭ ھېكايىسى››مۇ ، ‹‹چاستانى ئىلىگ داستانى››مۇ قەلب سەھىپەمگە نەقىشلەندى. مەن ئۇلارنى ئانام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك زوق- ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدىم . W~;Jsd=f
FL^ _)` سەن ئارقىلىق ‹‹مايتىرى سىمىت››تەك قەدىمكى بىر درامىنى كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم؛مايتىرىدىن مەسىھكىچە ، مەسھتىن ئىمام مەھدى ئاخىر زامانغىچە بولغان باغلىنىش مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. # dUKG8-HJ
pqb'L] سەن ئارقىلىق ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نى ئوقۇدۇم، ‹‹قۇتادغۇبىلىك ››نى ئوقۇدۇم، ‹‹ئەتەبەتۇلھەقايىق ››نى ئوقۇدۇم، قەدىمكى شېئىر –داستانلارنى ئوقۇدۇم، نۇرغۇن- نۇرغۇن بىباھا ئىلىمىي ھەقىقەتلەرنى ئوقۇدۇم، ]O"f %
LBCH7@V1yR سەن ئارقىلىق ‹‹12مۇقام››نى ئاڭلىدىم ، سەن ئارقىلىق ‹‹12مۇقام››نى توۋلىدىم ، كۈي – مۇقام دېڭىزىدىكى ھېكمەت گۆھەرلىرى سەن ئارقىلىق ، پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى ، كارامىتىنى نامايان قىلدى. 0]|`*f&p;
EVX3uC}{ شۇنداق ! ئانا تىلىم – پاراسەتلىك ، باتۇر ، ئەمگەكچان مىللىتىىمىزىنڭ تىلى! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ، سەن ماڭا نۇرغۇن ھېكمەتنى سىڭدۈردۈڭ. سەنسىز مەن مەۋجۇدىيتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن ، سەنسىز مەدەنىيتىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. &<BBPn@\
= UH3. ئەي ئانا تىلىم – ئانىلرىم سۆزلىگەن تىل، ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل، سىڭىللىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن بالىلرىمنىڭ تىلى؛ سەن ھەمىمىزنڭ تىلى ! ھەمىمىزنىڭ تىلى سەن بىلەن ، پەقەت سەن چىققان. eUA]OF@
>>P5 4|& ئاتامنىڭ ‹‹قارا ،بالام››دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرق قىلىدىغان كومپاسقا ئېرىشىمەن. U"k$qZ[
:snO*Zg
ئانامنىڭ ‹‹ئويلا، بالام ›› دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن. v745FIy<
xQu|D>kv87 جانانىمنىڭ ‹‹بېقىڭ ، جېنىم ›› دىيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغىرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن . 5RP kAC
AQ~
xjU بالامنىڭ‹‹مانا ، دادا››دېيىشلرىدىن مەن گويا مېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن. oW3"J6,S
#a8kA"X ھەر جۈملەڭدە بىر ھېكمەت، ھەر جۈملەڭدە زور قىممەت . 23}` e
[l23b{ ھەر جۈملەڭكى بىر سەنئەت، ھەر جۈملەڭكى زور رىغبەت . \Vyys[MMY8
4
b;Mb شۇنداق، سەن مەن ئۈچۈن قۇۋۋەت ، سەن مەن ئۈچۈن قۇدىرەت . I?e5h@uE
@oXGa>Ru سەن مەن ئۈچۈن سۆلەت ، سەن مەن ئۈچۈن دۆلەت . }9fa]D-a?
B~Sj#(WEa ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزگىچىلىكى دۇنيادا سەن بىلەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. سەن گويا ئىنسانىيەت تىل دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ تۇرغان بىر دەريا . ئىنسانىيەت دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرىدا سېنىڭ پىچىرلاشلرىڭ بار ،ئانا تىلىم ! CFtQPTw
{2\Y%Y'}* جاھان گۈلىستانىدا تۈمەن مىڭ قۇش ناۋا قىلىدۇ، سەنمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە سايراۋاتقان بىر قۇش . سېنىڭ سايرىشىڭدىن باشقىلارمۇ زوق ۋە بەھرە ئالىدۇ. 3c
) c@gRb~ ئىنسانىيەت سىمفونىيسى پۈتكۈل ئىنساننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن . ئۇنىڭدا سېنىڭ ئۆزگىچە ياڭراۋاتقان كۈيۈڭ بار . ئانا تىلىم ، سەن بىر گۈل ، ھەرخىل تىلنى ھەرخىل گۈلگە ئوخشاتقانغا ئوخشاش ، مەنمۇ سېنى بىر گۈلگە ئوخشىتىمەن . گۈلزار بىر خىل گۈل بىلەنلا رەڭدارلىققا ئىگە بولالمايدۇ. جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدارلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار. #AD_EN9
pKSCC"i&j ئانا تىلىم – ئانام بەرگەن تىل ! مەن سېنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن، ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. ئانامنى قەدىرلىگىنىم ئانىلارنى قەدىرىلىگىنىم ، ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلرىنى قەدىرلىگىنىم ! ئاشۇ ئانىلارنى ئۇلۇغلاۋاتىقىنىمۇ مېنىڭ تىلىم ، مېنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىم ! u$nzpw0=H
8`4M4"lj ئىزاھات: _4S^'FDo
ئەخمەت ئىمىن 1950 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. داڭلىق نەسرچى، ئەدەبىي تەرجىمان. «قەلب ساداسى»، «باھار تىنىقى»، «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق نەسر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بۇ نەسر ئۇنىڭ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2000 - يىلى نەشر قىلغان «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى. mqSVd^
*$Q>Om]
مۇھاكىمە ۋە مەشق: (NJ{>@&
1. تېكىستنى ئۈنلۈك، ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىڭ. تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلىگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە چوڭقۇر، مەنىلىك، ئوبرازلىق سۆز - جۈملىلەرنى تاللاپ چىقىڭ. (.J/Ql0Y
2. بۇنەسردە ئاپتورنىڭ ئانا تىلغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى گۈزەل تىل، قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلەنگەن. سىز تېكىستتىن شۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىيات ئەڭ گەۋدىلىكئىپادىلەنگەن بىرنەچچە جۈملىنى تېپىپ، ئاپتورنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ باقالامسىز؟ vq$6e*A
3. تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ھەققىدە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پىكىرلىشىڭ. Y=S0|!u
1) «ئەي ئانا تىلىم − ئانىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل، سىڭىللىرىم سۆزلىگەن تىل، سەن بالىلىرىمنىڭ تىلى؛ سەن ھەممىمىزنىڭ تىلى! ھەممىمىزنىڭ تىلى سەن بىلەن، پەقەت سەن بىلەن چىققان.» R7::f\I
يۇقىرىقى لىرىكىلىق جۈملىلەردىكى «ئانا، دادا، ئاكا، ئاچا ...» قاتارلىقلار سۆزلىگەن تىل پەقەت شۇلارنىڭ تىلىنىلا كۆرسىتەمدۇ ياكىباشقىچە مەنىسىمۇ بارمۇ؟ =EJ&=t
2) «ئاتامنىڭ <قارا، بالام> دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرق قىلىدىغان كومپاسقا ئېرىشىمەن، !0{SVsc)
ئانامنىڭ <ئويلا، بالام> دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن. [$y(>]~.
جانانىمنىڭ <بېقىڭ، جېنىم> دېيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغىرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن. >S5J^c
بالامنىڭ <مانا، دادا> دېيىشلىرىدىن مەن گويامېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن.» 0R?1|YnB
يۇقىرىقى پارچىدا ئاپتورنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشتىكىئەڭ ئاددىي، ئادەتتىكى سۆزلەرنى تاللىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىڭلار. 2Kxb(q"
4. سىزبۇ نەسرنى ئوقۇغاندىن كېيىن لىرىك نەسرنىڭ قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنىبىلىۋالدىڭىز؟ fUw:jExz
5. نەسرنىڭ بېشىدىن تارتىپ « ... سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇققان» دېگەن جايغىچە يادلىۋېلىڭ. (-C)A-Uo&
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتابتىن ئېلىندى. 2011-5-26 )
GQ(Y#HSq