查看完整版本: [-- قوش تىل ۋەئائىلە مەدەنيىتى ھەققىدە نۇتۇق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاۋازلىق ئەسەرلەر -> قوش تىل ۋەئائىلە مەدەنيىتى ھەققىدە نۇتۇق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2011-05-25 15:41

قوش تىل ۋەئائىلە مەدەنيىتى ھەققىدە نۇتۇق

قوش تىل ۋەئائىلە مەدەنيىتى ھەققىدە نۇتۇق s(roJbJ_;  
(ئابدۇقادىر جالالىدىن)
   
[attachment=328]
ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنمىسە ، كېلەچىكى توغرىسىدا ئويلانمىسا ، پەقەت قورساق بېقىش ۋەسۋەسىسىدىلا بولسا ، بالىلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەكتەپلەردىن ساۋاق ئالالمىسا ، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ياشىشى مۇمكىن . ئۇ پاكىز سۇدىمۇ ياشاۋېرىدۇ ، پاسكىنا سۇدىمۇ ئاۋاز چىقارماي ياشاۋېرىدۇ ، سۇسىزلىقتىمۇ ئاۋاز چىقارماي ئۆلىدۇ . >> ئۇستاز ، ئەدەبىياتشۇناس ، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 2005 - يىلى نەشىر قىلغان << ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا >> ناملىق كىتابىدا يۇقارقى نەچچە جۈملە سۆزى ئارقىلىقلا ، مىللەت نوقتىسىدىنلا ئەمەس ، ئەڭ ئاددىيسى شەخسەن ئۆزىمىز، پەرزەنتىمىز ۋە ئائىلىمىز ئۈچۈنمۇ بىلىم ئېلىشنىڭ، مائارىپنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، تەخىرسىز ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشنىۋېلىشىمىزغانۇرلۇق چىراق ياندۇرۇپ بەرگەن. e?  
<< قوش تىل ئوقۇتۇش >> بۇ سۆز ھەممەيلەنگە بىردەك تونۇشلۇق بولغان ئۇقۇم بولۇپ قالدى. ئەمما بۇنىڭغا بولغان چۈشنىش ، قاراش ۋە بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش دىگەندەك بىر قاتار جەھەتلەردە خاتا چۈشەنچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن . ئەمما شۇنداق ئېيتىشقا بولۇدۇكى ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ، ئائىلىڭىزنىڭ كەلگۈسى بەختى ، تەرەقىياتىنى ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيىتقاندا ، بىز پەقەت قوش تىللىق بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، ئۈچ - تۆت تىللىق، كۆپ تىللىق بولىشىمىز بىز يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ تەلىۋى . 5QO9Q]I#_\  
بۇ ھەقتە تولۇق ، ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دىسىڭىز 2010 - يىلى 1 - ئايدا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەشكىنلىشى ، تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇستاز ، ئەدەبىياتشۇناس ، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ توغرۇسىدا سۆزلىگەن ئالتۇنغا تېگۈشكۈسىز سۆزلۈرىدىن خەۋەردار بولۇڭ . ئىشىنىڭكى ، ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سىز چوقۇم ئۇسساپ - چاڭقاپ ، جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغاندا سۈپ _سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە ئېرىشكەندەك بولىسىز. يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستازىمىز ئۆزىنىڭ چوڭقۇر كۆڭلىدىن مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتى ، مائارىپى ئۈچۈن يولۇمىزنى يورۇتقۇچىمەشئەللىك رولىنى ئوينايدىغان سوزلىرىنىڭ تور دۇنياسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن مىللىي ياشلىرىمىزغا يەتكۈزۈلگىنىنى بىلگىنىدە ، بۇ زاتمۇ چوقۇم بېز ئېرىشكەن سۈپ - سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە ئېرىشكەندەك بەخىت شادلىققا چۈمىدۇ. 26x[X.C:  
قېنى ئەمىسە ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ، مىللىتىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىلاستىنكىنى پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن بىر قېتىم ئاڭلاپ چىققايسىز !!!! h2 ;F   
مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە قىزىققان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ نۇتۇقنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ،ۋىجدانىمىز بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
 چۇشۇرۇپ ساقلىۋىلىش :http://218.84.191.18/mp3/mp3/nutuk/01.mp3
-------------------------------

tawpek 2011-05-25 21:17
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلىپتۇ، تولىمۇ سۆيۆندۈم. بولسا مۇشۇنداق ئىدارە ئورگانلار سىياسى خىزمەتكىلا ئىسىلىۋالماي مۇشۇنداق ئومومى خەلقنىڭ ئىدىيۋى ئاڭ فۇرماتسىيسىگە ،دۇنيا قارىشىنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەمەلى ئىشلارنى قىلىشى، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق باشلامچىللىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق رولىغا سەل قارىماسلىقى كىرەك دەپ ئويلايمەن.

kaktus 2012-09-25 18:07
تېما ئىگىسىگە رەھمەت


查看完整版本: [-- قوش تىل ۋەئائىلە مەدەنيىتى ھەققىدە نۇتۇق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled