tunyukuk |
2011-05-24 20:05 |
زۇلمەتلىك يىللاردىكى ئوت يۈرەك شائىر
زۇلمەتلىك يىللاردىكى ئوت يۈرەك شائىر _5a]pc$\Y] sb4)@/Q7j $n `Zvl2 t )Z2"_5 مۇھەممەت پولات 'R_U,9y` yP0P-8 /og}e~q ,2JqX>On>Y شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر چىڭ خانىدانلىقى ھاكىمىيىتى ئومۇميۈزلۈك ھالاكەتكە قاراپ يۈزلەنگەن، فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ زۇلمى چېكىگە يەتكەن زۇلمەتلىك يىللاردا دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ئېغىر ئەمگەك، جاپالىق تۇرمۇش دەستىدىن مىجىلغان دەردمەن خەلقنىڭ ئاھۇ زارى ئىچىدە ئۆتتى. خورلۇق، قاششاقلىق بىلەن جاھالەت ۋە تەڭسىزلىكنىڭ ئەلەم - ھەسرىتى ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. `Q26Dk Tp`)cdcC[ شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئامەتلىك تەختكە يېڭىدىن ئولتۇرغان مىلىتارىست ياڭ زىڭشىڭ چىڭ خانىدانلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى ۋە قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقنى بېسىش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى سىنىپىي ۋە مىللىي زۇلۇمنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى ئوچىقىغا ئايلاندۇردى. ئۇ، يەرلىك فېئوداللار بىلەن مۇتەئەسسىپ دىندارلارنى ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن تەمىنلەپ، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى تالان - تاراج قىلىشىغا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بەردى. يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىقنىڭ ھەرقانداق يولىنى ئېتىپ، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىمۇ شەپقەتسىز باستۇردى. جاھالەت ۋە مۇتەئەسسىپلىك قاراڭغۇلۇقى ھەممە يەرنى قاپلىدى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ئىجتىمائىي شارائىتتا ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويدى. سىياسىي بىپەرۋالىق، تەقدىرگە تەن بېرىش، ھەممىگە سەۋر - تاقەت قىلىش ئۇ چاغدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر خىل روھىي ھالەت ئىدى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ خىل پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ بارغانچە كېڭىيىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنىۋى كېسەللىكىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ تۈپ ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى. ئۇ بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرى ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقنى ئېزىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىدىن باشقا، نادانلىق، قالاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك ۋە خەلق تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ھەر خىل ناچار ئىللەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆردى. تەبىئىيكى، بۇنداق قالاق ئىجتىمائىي شارائىتتا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ، يەنى مەنىۋى تەرەپتىن قاششاق، پەزىلەت ۋە خاراكتېر جەھەتتىن بۇزۇلغان زەئىپ ئادەملەرنىڭ سىياسىي ئارام ۋە تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدىن باشقا غېمى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنى چۈشىنىش ۋە ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش يولىدا بىرەر ھەرىكەت قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن ئىدى. شۇڭا، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلقنى ئويغىتىش ئارقىلىق ھەر خىل فېئودال، دىنىي بويۇنتۇرۇقلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىققا جەلپ قىلىشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى دەپ قارىدى. بۇ خىل كۆزقاراش كېيىنچە ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى، باي ۋە جەڭگىۋار شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. };9dd3X lk.Q6saI1 شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ خىل تېمىدىكى شېئىرلىرىدا ئاساسەن كونىلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلىپ، قالاق ۋە بولمىغۇر تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن يامان ئەخلاق، ناچار ئىللەتلەرنى كەسكىن تەنقىد قىلدى؛ غەپلەت ئۇيقۇسىدا چۈشەكەپ ياتقان ئادەملەرنى ئويغىنىشقا، ھەممىگە كۆنۈپ ئۆگەنگەن بىپەرۋا كىشىلەرنى سەزگۈرلۈك ۋە ھەرىكەتچانلىققا ئۈندىدى. ئۇلارنى مەۋجۇت رېئاللىقنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشنى يېڭىلاش يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرەشكە دالالەت قىلدى. ئۇنىڭ «ئىستىمەس»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «ئۇيغۇرۇم»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئويغان»، «ھار» قاتارلىق بىرمۇنچە شېئىرلىرىدا بۇ خىل مەزمۇن بەكمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. !P@u4FCs p5F[( H|9 شائىرنىڭ مەرىپەتچىلىك تېمىسىدا يېزىلغان يۇقىرىقى بىر قاتار شېئىرلىرىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراش ۋە چۈشەنچىلىرى ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن خېلىلا يۈكسەك ۋە مۇكەممەل بولغان. مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى ناھايىتى ساپ، دېموكراتىك ئىدىيىلەرگە باي بولۇپ، يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىققا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى بىلەن تولۇپ تاشقان، ئۇ بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرىدا، ئەمدىلا شەكىللىنىپ كېلىۋاتقان مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ گۈللىنىش ۋە روناق تېپىش ئارزۇسىنى، سىياسىي سەھنىگە چىقىشتىكى ھەۋەس ۋە قىزغىنلىقى بىلەن فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان قارشىلىق ۋە نارازىلىقىنى ئەمەس، بەلكى كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ دەرد - ھەسرىتىنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن دەۋرنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئادەتتىكىچە ئىلىم - پەنگە بېرىلىش، يېڭىلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، خەلققە ئاز - تولا ئارام بېرىدىغان ئاددىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن چەكلەپ قويمىغان. ئەكسىچە، بۇ ئىدىيىسىنى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىرىنى چۈشىنىش، تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيەتلىك تەرەققىياتىنى بىلىش، ئىنقىلابىي كۈرەش ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، ئازاد ۋە بەختىيار يېڭى ھايات قۇرۇشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب مەقسەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەن. WY 2b
7]e]Y>wZap 20 - يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە، شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. خەلقنىڭ قارشىلىقى ۋە نارازىلىقىنى شەپقەتسىز باستۇرۇپ، جەمئىيەتنى بىر مەزگىل تىنچىتقان مىلىتارىست ياڭ زىڭشىڭ كۆرەڭلىكتە خۇدىنى يوقىتىپ، خەلقنى ئېزىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنىڭ تېخىمۇ زەھەرلىك ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالدى. ئۇ يەرلىك خەلقلەرنى پارچىلاش، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا نىزا پەيدا قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەپتىن شەپقەتسىز بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بوغۇش ۋە باستۇرۇشتەك جىنايى قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى. جەمئىيەتتە ئەكسىيەتچى فېئوداللىق تۈزۈم بىلەن ئاچ كۆز ئەمەلدارلارغا قارشى يېڭى كۈرەش ئۈندۈرمىلىرى پەيدا بولدى. بۇ خىل ئىجتىمائىي رېئاللىق شائىرنى ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراشتا تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى يېڭى تېماتىك كەڭلىككە ئېرىشىپ، تېخىمۇ جەڭگىۋار ئىدىيىۋى مەزمۇنلار بىلەن بېيىدى. ئىنقىلابىي كۈرەش، جاسارەت ۋە قەھرىمانلىق، غايە ۋە ئۈمىد، ئەركىن ۋە ئازاد يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئىستىكى شائىرنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئەلەم ۋە ھەسرەت، مۇڭ ۋە قايغۇ، ئازاب ۋە تەنھالىق تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى ئەمدى غەزەپ ۋە نەپرەت، ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، يەنى ھاياتنى يېڭىلاش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلگەن جاسارەتلىك ئادەمنىڭ ئىنقىلابىي شىجائىتى ئىگىلىدى. jv2l_ AX'(xb, ئۇ بۇ يىللاردا يېزىلغان شېئىرلىرىدا ئىدىيىۋى مەزمۇننى ئىپادىلەشتە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلدىن، يەنى جەمئىيەتتىكى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاسىتە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى بىلەن ئۇلارنىڭ غايە ۋە جاسارىتىنى توغرىدىن- توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىك ھادىسىلىرىنى شەپقەتسىز پاش قىلىپ، خەلقنى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرەشكە دەۋەت قىلىش يولىدىن، شۇنداقلا مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ھېسسىياتىنى مەركەز قىلغان ئاساستا، «يار»، «چېچەك»، «پەرى»، «گۈل» ۋە «باھار» غا ئوخشاش سىمۋوللۇق خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ھاياتبەخش شەيئىلەرنى مەدھىيىلەش، جاپاكەش خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشىنى، گۈزەل كېلەچەك، بەختىيار ھاياتقا بولغان سېغىنىش ۋە ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش يولىدىن پايدىلاندى. ئۇنىڭ «يەجۈجى - مەجۈجى»، «بىر پېلەكنىڭ خەمىكى»، «ھار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «زۇلۇمغا قارشى»، «ياز تۈنى»، «يېقىن بولدى»، «چىراغ»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى» قاتارلىق شېئىرلىرى دەسلەپكى ئۇسۇل بىلەن، «سېغىنىش»، «باھار چېچىكىدىن بىر تەسىر»، «كۆڭۈلسىز ۋەقەنىڭ كۆنۈمسىز ئاھى - نالىسى»، «پىغان»، «ئۈمىد تەبەسسۇمى»، «ئۇيغۇر قىزى»، «ئىشقىدا پەرياد»، «ھىجران»، «مۇرەببە»، «ئارمان» قاتارلىق شېئىرلىرى كېيىنكى ئۇسۇل بىلەن يارىتىلغان شېئىرلاردۇر. ئۇ بۇ شېئىرلىرىدا مەيلى قايسى ئۇسۇلنى قوللانمىسۇن، قانداق فورما ۋە شەكىلدىن پايدىلانمىسۇن، ئوخشاشلا قالاق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەيىبلەش ۋە رەت قىلىش نۇقتىسىدىن، يېڭىلاش، كونا دۇنيا ۋە كونا تۇرمۇشنى شەپقەتسىز پاش قىلىپ، ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ چىرىك ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئازادلىق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىنقىلابىي ئىرادە بولۇش لازىملىقىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا، بۇ يولدا ئۆلۈشنى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ ۋە بەخت دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى. شائىرنىڭ 1925 - يىلى يېزىلغان «بىر پېلەكنىڭ خەمىكى» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئەسەرلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. Fg#*rzA TqQ>\h"&_ شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى يورۇتۇشقا بېغىشلانغان شېئىرلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى مۇھەببەت، ۋاپا ۋە سېغىنىش ھېسسىياتىنىڭ لىرىك تەسۋىرى ئارقىلىق ئاساسىي ئىدىيە ئېچىپ بېرىلگەن جەڭگىۋار شېئىرلار تەشكىل قىلىدۇ. شائىر بۇ شېئىرلىرىدا جەمئىيەتتىكى رېئال مۇناسىۋەتلەرنىڭ روھىي ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن، ئۇنىڭدىن كەلگەن جانلىق تەسىراتنى مۇھەببەت ۋە ئىشقتا سىمۋوللۇق مەزمۇنغا ئىگە بولغان ئايرىم شەيئىلەر بىلەن پەرى ۋە ۋاپادار يار ئۈستىگە مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ. ئۇ پەرى بىلەن مۇڭدىشىدۇ، چوغدەك يېنىپ تۇرغان گۈل - چېچەكلەرگە ھەسرىتىنى تۆكىدۇ. ئۆز ۋاپادارىنى سېغىنىش ئوتىدا كۆيىدۇ. ۋىسال ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ يانىدۇ. سۆيگەن يارىنىڭ بىر بوسە، بىر تەبەسسۇمى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قۇل بولۇش، ۋاپا ۋە ساداقەت يولىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جان بېرىشتەك ئىشقىي مەردانىلىكىنى ئۇلۇغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكنى، جاسارەت ۋە ئۈمىدۋارلىقنى مەدھىيىلەش مەقسىتىگە يېتىدۇ. %J|EDf,M sp_(j!]jX شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، لىرىك ئىپادىلىرىنىڭ يارقىنلىقى، زۇلۇمدىن باغرى قان بولغان جاپاكەش خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەنە بىر شېئىرى «ھىجران»دۇر. شائىر بۇ شېئىرىدا ئۆز غايىسىدىكى ئازاد ۋە ئەركىن يېڭى دۇنيانى «كىشى ئەقلىنى لال» قىلغۇچى «گۈل يۈزلۈك» پەرىگە، ئۆزىنى بولسا ئۇنىڭ ئىشقىدا يانغان «باغرى خۇن» ئاشىققا ئوخشىتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆسنىدە تەڭدىشى بولمىغان «شېرىن سۆزلۈك» مەشۇقىنىڭ كىشى قەلبىنى ئەسىر قىلغۇچى گۈزەل جامالىنى ئىشتىياق بىلەن مەدھىيىلىگەن چېغىدا، غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىقنىڭ دولقۇنلۇق قاينىمىدا ئۈزىدۇ. #h r!7Kc;N d9Q
%GG0] شائىرنىڭ تىلىنىڭ ئېنىق ۋە ئوبرازلىقلىقى، تەسۋىرلىرىنىڭ يارقىن ۋە رەڭدارلىقى، لىرىكىسىنىڭ قايناق ۋە جىلۋىدارلىقى بىلەن كىتابخاننى ھەيران قالدۇرىدىغان «ئۇيغۇر قىزى» دېگەن شېئىرىمۇ مۇھەببەت تەسۋىرى ئارقىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەزمۇن يورۇتۇپ بېرىلگەن داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. شېئىرنىڭ مەركىزىدە ئۆز خەلقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان ۋەتەنپەرۋەر شائىرنىڭ غۇرۇر ۋە ئىپتىخارى تۇرىدۇ. شائىر شېئىرىدا ساپ ۋە ساددا ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئاجايىپ نەپىس شېئىرىي پورترېتىنى سىزىدۇ. ئۇ ئۆز قەھرىمانىنىڭ يۈزىنى تولۇن ئايغا، كۆزىنى نۇرلۇق چىراغقا، كىرپىكلىرىنى يۈرەككە قادالغۇچى نەيزىگە ئوخشىتىپ، ئۇنى گۈزەللىك ۋە پاكلىقنىڭ مۇقەددەس سىمۋولى سۈپىتىدە قۇياشقا تەڭلەشتۈرىدۇ. ئۆزىنى بولسا ئۇنىڭ ئىلتىپاتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، قان - ياش تۆكۈپ تۇرغان ۋاپادار ئاشىق ئورنىغا قويىدۇ: iicrRGp3 r`S]`&#}( bM-Y4[ |Cen5s
W& «ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا، C62
3i s.c) ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ، سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا. :_e.ch:4 8
L|C&Ymj c3
wu&*p{ w1KQ9H* قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلۈكىدىن نۇر چىقۇر، 3[e@mcO He]F~GXP بۇ قوپال قولۇم بىلەن تۇتسام قولۇڭدىن ھور چىقۇر. +'KM~c?] qkBnEPWZy v(t&8)Uu -~-2 g بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار، ئەي قەمەر، un/eS-IIh _E"[% كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر. x[?_F z^b\hR b,@:eVQ7 e-
s@@k
قاتتى قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ، vd;wQ [6Wr
t8" تىلىسەڭ قىلغىل مۇسۇلمان، تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ.» 8jZYy! ^*r${Nj zZRqb/20 F;ZLoG*U شائىرنىڭ مۇنچىلىك قايناق ھېسسىيات بىلەن مەدھىيىلەۋاتقىنى يالغۇز گۈزەل ۋە نازاكەتلىك ئۇيغۇر قىزى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتلا ئەمەس، بەلكى شۇ قىزنىڭ لىرىك پورترېتىدا ئومۇملاشتۇرۇلغان پۈتكۈل پاك ۋە ئالىيجاناب ئاياللار − شائىرنىڭ ئانا سۈتىدەك ئاق قەلبىنى ئۇلۇغۋار غايە ۋە تىلەكلەر بىلەن تولدۇرغان خاسىيەتلىك ئانىلار ۋە ئۇلارغا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەتتۇر، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شائىرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئارزۇلىرىنىڭ مۇناسىپ ۋارىسى ۋە مىراسخورى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئۇلۇغ خەلققە بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتتۇر. jmb\eOq+~V \?g
%>D:O; I)x:NF6JO \xdt
|:8 × × × M{S7ia"s V?"^Ff3m!
^Y&Cm.w *Z]|
Z4Q/` شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ غايىسى، ئىنسانىي پەزىلىتى، تۇرمۇش ۋە سەنئەتكە بولغان يېڭىچە قارىشى ئىپادىلەنگەن «كۆڭۈل خاھىشى» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغانىدى: kgI Wgk% 5bw]cv$i miKi$jC}vq gv,T «مەن زېرىككەندە قەلەم ئەڭ ياخشى بىر سازىم مېنىڭ، <8bO1t^* ,dp?'_q{ ئەيتىڭىزچۇ، ئۇشبۇ تۇرمۇش تەڭ ئەمەسمۇ خان بىلەن. =,
0a3D6b &>jkfG v (h Xk]S Ib\G{$r ئابدۇخالىق، ئۇشبۇ يولدىن قايتما بېشىڭ كەتسىمۇ، |BkY"F7m9 DRoxw24 ئەلنى قىل غەمدىن خالاس، قىلىچنى بوياپ قان بىلەن.» C6M/$_l&a 3R*@m \,!q[nC 3x0wk9lND شائىر ئۆز خەلقىگە بەرگەن بۇ تەنتەنىلىك قەسىمىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىدى. ئۇ، ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان ئاجايىپ قەلىمىنى ئىشقا سېلىپ، كونىلىق، مۇتەئەسسىپلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك شەپقەتسىز پاش قىلىنغان، ئازاد ۋە ئەركىن يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئىستىكى قىزغىن مەدھىيىلەنگەن يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپ، خورلانغان خەلقنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى زۇلۇم ۋە جاھالەتكە قارشى يېڭى كۈرەشكە تەييارلىدى. ئۇنىڭ چاقماقتەك نۇرلۇق، كەلكۈندەك قۇدرەتلىك ئاجايىپ شېئىرلىرى كونا دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىرىنى ۋەھىمە ۋە ساراسىمىگە سېلىپ، ئېزىلگەن خەلقنىڭ كۈرەش روھىغا غايەت زور ئىلھام بەردى. شائىر ئۆزىنىڭ خەلق تەقدىرى بىلەن مۇستەھكەم باغلانغان جەڭگىۋار ئىجادىيىتى ۋە كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەشلەر ئىچىدە ئۆتكەن يالقۇنلۇق ھاياتى ئارقىلىق يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مەڭگۈ ئۆچمەس شانلىق سەھىپە قالدۇردى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدىيە ۋە ئىجادىيەت جەھەتتە قانداق قىلىپ مۇنداق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلەلىدى؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال شائىر ياشىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تۇرمۇش سەرگۈزەشتسىدىن، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە خاراكتېر ئىندىۋىدۇئاللىقىدىن ئىزدەش كېرەك. 1$VI\} *UoHzaIqz شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر چىڭ خانىدانلىقىنىڭ سىنىپىي زۇلمى كۈچەيگەن، يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق ئىجتىمائىي ھالەتتىن ھەممە كىشى بىزار بولۇپ، فېئودال خانلىق تۈزۈمى ھالاكەتكە يېقىنلاشقان مۇرەككەپ يىللاردا تۇغۇلۇپ، مىلىتارىست ياڭ زىڭشىڭنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن ئاپەتلىك يىللاردا ئۆستى. ئۇ، زۇلۇم ۋە زورلۇقتىن ھالسىزلانغان جاپاكەش خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى بىلەن ئۇلارنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە ياشاۋاتقان ئەمەلدار، لويىلارنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇلارنىڭ زالىملىقى، ئاچ كۆزلۈكى، خەلقنى ئېزىش ۋە تالان - تاراج قىلىشتا ھېچنەرسىدىن يانمايدىغان ياۋۇز تەبىئىتى ئۇنىڭغا تولۇق ئايان بولدى. بۇ خىل تەڭسىز ئىجتىمائىي شارائىت، قاششاقلىق ۋە ئادالەتسىزلىك بىلەن تولغان ئېچىنىشلىق تۇرمۇش رېئاللىقى ئۇنىڭدا كونا تۈزۈم ۋە مەۋجۇت تەرتىپلەرگە نىسبەتەن قاتتىق نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، ئېزىلگەن خەلققە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت ھېسسىياتىنى پەيدا قىلدى. شائىرنىڭ دادىسىغا ئەگىشىپ، كۆپ قېتىم چەت ئەلگە چىقىشى، تاشكەنت، شەمەي (سىمپالاتىسكى)، موسكۋاغا ئوخشاش تەرەققىي تاپقان شەھەرلىرىدە بولۇشى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى، باشقا خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات دەرىجىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ئۇنى كونىلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىكتىن يىرگىنىش، يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىققا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە قىلدى. $ F7gH
TDE1z>h+" شائىرنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، ئۇ ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدىن باشلاپلا جاپاكەش خەلقنىڭ مەۋجۇت تۈزۈمگە بولغان نارازىلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ھەر خىل كۈرەشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ONq/JW$?LV So*Wk " شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلقنىڭ بۇ خىل كۈرەشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى بىلەن قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن مەدەت ۋە ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىدە ئۇلۇغ غايە ۋە سۇنماس ئىرادە يېتىلدۈردى. wv.Ulrpx. #K1BJ#KUt يۇقىرىقى بىر قاتار ئامىللار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراش جەھەتتىن تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، خاراكتېر ۋە ئەخلاق - پەزىلەتتە تېخىمۇ تاۋلاپ، ئۇنى ئىلغار ئىنتىلىشلەر بىلەن ئۇلۇغۋار غايىلەر يولىغا باشلىدى. B=bI'S8\ E:4P1,%01+ بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى مەسىلىسىدە شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پۈتۈنلەي يېڭى، ئۆزگىچە يول تۇتتى. ئۇ، ئەدەبىياتنى خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئۇنى تەربىيىلەشنىڭ، ئۇلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاش ۋە ئۆزگەرتىش يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرەشكە جەلپ قىلىشنىڭ كۈچلۈك قورالى دەپ قارايتتى. يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىق، مىراس ۋە ئەنئەنىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق، ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالدىدا مەڭدىمەي، ئىجادىيەتتە يېڭىچە يول ئېچىش ئۇنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى ئىدى. ئۇنىڭچە، ئىنسان بەدىئىي پىكرىنىڭ ئەڭ پارلاق مېۋىلىرىنىڭ بىرى بولغان شېئىر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي رېئاللىقىنىڭ چىن ۋە ھەققانىي ئىنكاسى بولۇشى، ئىنسان قەلبىدىكى ئەڭ پاك، ئەڭ نازۇك تۇيغۇلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن ئىشەنچ ۋە جاسارىتىنى كۈيلىشى، جاھالەت ئاسمىنىدا پارتلىغان قۇدرەتلىك بومبىدەك ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ جىنايى ئۇۋىلىرىنى تىترىتىپ، ئۇلارنى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە سەرسان قىلىشى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال شېئىرنىڭ ئۆزى مەزمۇن ۋە شەكىل يېقىدىن خەلققە يېقىن بولۇشى، ئۆز دەۋرىنىڭ رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشى، شائىرنىڭ ھەممە بەدىئىي - غايىۋى مەقسىتى ئوقۇرمەنگە تولۇقى بىلەن يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدە بۇ تۈپ پرىنسىپلارغا باشتىن- ئاخىر ئەمەل قىلدى. !8@rK$DB d6@jEa- ئۇ ئىسلامىيەت روھى بىلەن دىنىي ئەقىدىچىلىكنى مەزمۇن قىلغان ئەنئەنىۋى مەدرىسە تەربىيىسى دائىرىسىدىن چىقىپ، يېڭىلىق ۋە ئىلمىيلىققا ئىنتىلىپ، رۇس ۋە خەنزۇ تىللىرى ئارقىلىق تەرەققىي تاپقان خەلقلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن بەدىئىي پىكىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. B+e_Y\Bu ow+Dd[i ئۇ، ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى رېئاللىقتىن يىراق بولغان خىيالىي نەرسىلەر، ئىشقى ھەۋەسلەر، شۈكۈر - قانائەت ۋە تەقدىرچىلىك كۆزقارىشى، مەدھىيە ۋە قەسىدىچىلىككە ئوخشاش پاسسىپ روھىي ھالەتلەر دائىرىسىدىن چىقىرىپ، خەلق ھاياتى بىلەن رېئال مۇناسىۋەتلەرنى كۆزىتىش ۋە ئۆگىنىشتىن كەلگەن ئەمەلىي تەسىرات ۋە چىن ھېسسىياتقا باغلىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئەلەم نىداسى، غەزەپ كەلكۈنى، ئۈمىد ۋە جاسارەت خىتابى بولۇپ ياڭراپ، ئۇيۇشۇشىدا غايەت زور رول ئوينىدى. -j`!(IJ 2WPF{y%/ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ شەكلى مەسىلىسىدە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، خەلق قوشاقلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى، جەڭگىۋار شېئىرىي مەزمۇننى ئىپادىلەشكە ماس بولغان، خەلققە يېقىن ۋە ئاسان ئۆزلىشىدىغان يەڭگىل، ساددا ۋە ھەرىكەتچان شېئىرىي شەكىللەرنى قوللىنىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدەندى. ئۇ، شېئىرىي تىلدا ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قورشاۋىنى بۇزۇپ، چاغاتاي تىلى ۋارىسلىقىدىن قول ئۈزۈپ، خەلقنىڭ جانلىق تىلىغا، ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە ھېسسىياتىنى ئوبدان ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ئىپادە قىلىش كۈچىگە باي بولغان ئوبرازلىق تۇرمۇش تىلىغا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى، مۇرەككەپ ھادىسە ۋە كۆرۈنۈشلەرنى، كىشىلەر مۇناسىۋىتىگە يوشۇرۇنغان سىرلىق ئىچكى مەزمۇنلارنى، نازۇك ۋە مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇلارنى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك ئىبارە ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان روشەن بەدىئىي ئوبرازلار ۋاسىتىسى بىلەن ئېنىق ۋە كونكرېت بايان قىلىپ بەردى. .5!sOOs$P =,d* {m~A ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنى مەزمۇن، تىل، شەكىل ۋە فورما يېقىدىن كۆرۈنەرلىك يېڭىلاپ، ئۇنى يېڭى ئىجتىمائىي شېئىرىي مەزمۇن بىلەن ساددا ۋە ھەرىكەتچان شېئىرىي فورمىغا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش سەۋىيىسىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ زور ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان باي ئىجادىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنى يېڭىلاش ۋە ئىسلاھ قىلىش يولىدىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى جەڭگىۋار روھ بېغىشلاپ، ئۇنى دەۋرنىڭ ساداسى، خەلق ئىرادىسىنىڭ قۇدرەتلىك يالقۇنىغا ئايلاندۇردى. Cl9SPz fATA%eA8; ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا راست گەپ قىلدى. ھەقىقەت ۋە ئەقىدە ئالدىدا تەۋرىنىشنى نومۇس ھېسابلىدى. ئۇ، غايە ۋە ئېتىقاد يولىدا جان بېرىشكە رازى بولدىكى، يۆنىلىشكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئەقىدىسىز نەزمكەشلەردىن بولۇشنى خالىمىدى. ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ غايە ۋە ئۈمىدىگە سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ بىلەن قەھرىمانلىق جاسارىتىنى كۈيلەپ، ئۆز ئىجادىيىتىنى كۈرەش قورالى، جەڭ سىگنالىغا ئايلاندۇردى. 6A$_&? V%BJNJ ئۇ پۈتۈن ئۈمىدىنى خەلققە ۋە ئۇنىڭ پارلاق كېلەچىكىگە باغلىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە خەلقتىن باشقا ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچ يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى خەلقنى مەدھىيىلەشكە، ئۇنى ئويغىتىش ۋە تەشكىللەشكە بېغىشلىدى، خەلقنى ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى يارىتىشقا قوزغاش، ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىگە نىسبەتەن ئىشەنچ ۋە ئۈمىد تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولدى. Im
?= e :otY;n - ئېلىمىز ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭى ھاياتبەخش باھارىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ باي ئەدەبىي ئىجادىيىتىمۇ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى. ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىي مىراسلىرىدىن ھەقىقىي غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغان بىر قىسىم يولداشلارنىڭ ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن شائىرنىڭ بىر بۆلۈك ئەسەرلىرى تېپىلىپ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تارىم» ژۇرنىلى، «بۇلاق» مەجمۇئەسى، «تۇرپان» ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ۋە ھەر خىل ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. GSGyF NMl ?Y uEv ']ITuP8
GJC!0{8; 1984 - يىل سېنتەبىر < QDr,Hj FDF3zzP0 abROFI5.L K0O-WJ ئىزاھات: smfG,TI 7P/?wv9+n* مۇھەممەت پولات 1941 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. داڭلىق ئوبزورچى. «ياخشىراق يازايلى، قىسقىراق يازايلى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا»، «كىتابخانلىق تەسىراتى»، «ئەدەبىيات ۋە دەۋر» قاتارلىق ئوبزورلار توپلاملىرى بار. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ «كىتابخانلىق تەسىراتى» ناملىق توپلىمىدىنقىسقارتىپ ئېلىندى. &'5@azU 2^)D
.& +cz"`T`X 2 J3/\<=Qh مۇھاكىمە ۋە مەشىق: 3]O`[P,*% 42rj6m\ 1. ئوبزورنىئوقۇپ ئاپتورنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قايسى جەھەتتىن قانداق باھا بەرگەنلىكىنىمۇھاكىمە قىلىڭ. RLdlz A",eS6 2. شائىر شېئىرىي ماھارەت جەھەتتە ئاچچىق تەنە، ئۇدۇل قامچىلاشتىن باشقا، ئاۋام تىلىدىكى ئىككى بىسلىق ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىپ، شېئىرىي پىكىرنىڭ ئىپادىلەش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغانلىقىنىئەسەردىكى كونكرېت مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ئاپتورنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرىقى نۇقتىلارنى شېئىرىيەت بىلىمى سۈپىتىدە ئۆزلەشتۈرۈۋېلىڭ. 8weSrm k$ZRZ{
E+ cC^W2\ 7J
bY}@ (مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 2- كىتابتىن ئېلىندى. 2011-5-24 ) F(#ha J$> (C,e6r Y
|
|