ئەسلىدە بۇ تۇنجى سۆيگۈ ئىكەن - دە(arzu)
f7mN,_Lt a(qij&>
_~=qByD
- s} 91Fx0( 3\ !DsPgW r}9a31i
U@6bH@v5
ھېلىمۇ ئىسىمدە .... گۇگۇم چۈشكەن چىرايلىق كەچتە، ئالدىمىزدىكى گۇگۇم تېنچلىقىنى بۇزۇپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئانا دەرياغا يۈزلىنىپ ، ئارىلىق ساقلاپ، يانمۇ - يان ئولتۇرغىنىمىز..... ib3u:
سەن ناخشا ئېيتتىڭ: ئىلى يولى ئەگرى - توقاي، ئەگرى توقاي، توقايلىقتا سايرايدۇ بىر جۈپ تورغاي. ئاشۇ يولدا بىر قىز بىلەن كېلىۋاتسام، زەپمۇ مۇڭلۇق سايراپ ئۆتتى ئەشۇ تورغاي. @AvDV$F
.............................. TSl:a &
ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتتىڭ، ناخشاڭ سېھرىدىن مەست بولغان شۇ دەم قولۇڭنى ئۇزىتىپ، تارتىنىپقىنە بارماقلىرىمنى تۇتتۇڭ. توۋۋا........ تومۇر - تومۇرلىرىمدا قان ئورنىدا توك ئېقىۋاتقاندەك، توك سوقۇۋەتكەندەك ئەندىكتىم... يىنىك شامالدا سىلكىنگەن ياپراقتەك تىترىدىم... ھەر ئىككىلىمىز كۆزلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن ئېپ قاچاتتۇق... قارىساڭ كۆرەتتىڭ، نۇمۇستىن يۈزلىرىم ئانار، سۆيگۈڭدىن كۆزلىرىمدە ئۇچقۇن... يۈرۈكۈم سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك ھەرىكەتسىز..... بارماقلىرىمنى قولۇڭدىن ئاجىرتىش ئۈچۈن ساڭا قارىمايلا ئاستاغىنە تارتتىم، سەنمۇ ماڭا قارىماي تۇرۇپ، تېخىمۇ چىڭ سىقتىڭ. توۋۋا دەيمەن. مۇھەببەت دېگەن شۇمىدۇ؟! ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى، توي قىلدىم ، بالىلىقمۇ بولدۇم. ئەمما شۇ قېتىمقى بارماقلىرىمنىڭ ئۇچى تۇتۇلغان چاغدىكى تۇيغۇنى قايتا ھېس قىلىپ باقمىدىم. سەۋەبىنى چۈشەنمەي ئانا دەريادىن سورىدىم: '' قىزىم، سەن تېخى چۈشەنمىدىڭمۇ؟ مانا بۇ تۇنجى مۇھەببەت!'' " ھە، ئەسلىدە تۇنجى سۆيگۈ مۇشۇنداق بولىدىكەن - دە' دېدىم پىچىرلاپ تۇرۇپ... A<1:vV
t,YnweH
(arzu) |