نەقىل : «يىقىندا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقوتقۇچىلارنى ئۇرۇشى ئەۋج ئىلىۋاتىدۇ. ساقچىخانىلارنىڭ ئېيتىشچە ئوقوتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا سورايدىغان قانۇن بارمىش، لېكىن ئوقوغۇچى ئوقوتقۇچىنى ئۇرسا بۇنىڭغا قانۇن يوقمىش.» '+' i"|'p/9@q ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا سورايدىغان قانۇن بار ، ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇ خىل تۇقۇنۇش ھالىتىگە يەتكەن بولسا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش بولۇپتۇ . بۇ بىۋاستە بېرىپ مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە ، ئەخلاق خىزمىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ . مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە تۈزۈملىرى مۇكەممەل بولمىسا ، بۇ ئەخلاى تەربىيە قائىدىلىرى ئۆسۈپ يېتىلگۈچىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى ۋە كىشىلىك ھۇقۇقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا ياكى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقى ئۆسۈپ يېتىلگۈچىلرنىڭ نۇرمال تەرەققىياتىغا بىۋاستە سەلبىي تەسىرلەرنى بەرگەن بولسا ۋە ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىدا مەسىلە بولسا ، مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ئۇرىدىغان مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ . ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكىسىز ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا ئوقۇتقۇچىنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ئابرويىنى قوغداش ھوقۇقى بار .شۇ ئوقۇغۇچى مەيلى نەچچە ياش بولسۇن بەلگىلىك مەسئۇلىيەتكە تارتىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا بۇ خىل ئەھۋال ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان بولسا كېرەك . |