查看完整版本: [-- كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-20 10:40

كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى

ئىلىم ساھەسىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالتاي تېغىغا يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكى قەيىتقىلىنغان
بۇ ماقالىدە مەن بۇ يەرنى تېخىمۇ كەسكىن بىر رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېرىشىمەن. نۇرغۇن قەبىلە ئەپسانىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشغا ياردەم بېرىدۇ. ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى «تۈرك» سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتنىڭ «» ئىكەنلىكىنى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ بۇ قەۋمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ ئىككىسى «سۇينامە» (84- جىلد) ۋە «جۇنامە» (50- جىلد) لەرگە جۇغلانغان بۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان(. «سۈينامە» دە ئىككى مۇھەم بايان بار. ئۇنىڭ بىر تۆۋەندىكىچە: 3^uL`ETm@  
  تۈركلەرنىڭ ئەجدادى پىڭلياڭ (گەنسۇ ئۆلكىسىدە) ياشايدىغان ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئارىلاشما ياۋايىلار ئىدى. 439- يىلى ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى يات تائىپە- قۇتقۇلار ( نى يۇقاتقاندىن كېيىن، ئاشنا قەبىلىسى 500 چېدىرلىق ئادەمنى باشلاپ، ئالتاي تېغىدىكى روران بارگاھىغا قېچىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە كۆپىيىپ، تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىجات قىلدى. بۇ تاش ۇددى تۆمۈر قالپاق(ساۋۇت) قا ئوخاشىغانلىقى ئۈچۈن، خەنزۇلار ئۇلارنى «تۇجۇ» دەپ ئاتاشتى. 77Q4gw~2U  
  بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىز بۇيىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: يامان بىر تەلەيسىزلىك تۈپەيلىدىن قوشنا بىر قەبىلە تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاپتۇ، دۈشمەن پەقەت بىر ئوغول بالىنىلا ھايات قالدۇرۇپ، پۇت- قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ، سازلىققا تاشلاپ، سازلىققا تاشلىۋېتىدۇ. بۇ يەرگە بىر چىشى بۆرە كېلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بالا چىشى بۆرە ئېلىپ كەلگەن گۆشلەرنى يەپ ئۈلۈم گىردابىدىن قوتۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن بالا بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ ، بۆرە بۇغاز بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى قوشنا دۆلەت بالىنىڭ تېخىچە ھاياتلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۆرە بالىنى جان جەھلى بىلەن قوغدايدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر بۆرىنىڭ ئىچىگە جىن كىرىپتۇ، دېيشىدۇ. بالىنى مۇھاپىرەت قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلغادۇرغان بۆرە كاسپىي دېڭىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، قوچىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغ ئېتىكىگە كەپتۇ، ھەمدە 200 كۋادىرات متىدىردىن ئارتۇق ئوتلىقى بار بىر غار ئىچىگە ئورۇنلىشىپتۇ.   (Q* 2dd>  
  بۆرە بۇ غاردا 10 ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارقنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقى بولغان ئاشنا ئۇلارغا باش بوپتۇ. ئۇلار ئۆز ئانىسىنىڭ خاتىرىسى ئۇچۈن ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ دەرۋازىسىغا ھەر دائىم بۆرە بېشى سۈرىتى چۈشۈلگەن تۈغ تىكىشىدىغان بوپتۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئاشنا ئۆز قەۋمىنى باشلاپ، غاردىن چىقىپ رورانلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ. "H/2r]?GT  
  «جۇرنامە» دە تۈتكلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئالاقىدار ئىككى ئەپسانە بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بۆرە ئەپسانىسى بىەلن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاشتا قەبىلىسىنىڭ رورانلاارنىڭ كەينىدىن ئالتاي تېغىغا كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. «جۇنامە» دىكى ئىككىنچى ئەپسانە يۇقىرىقىلارن پۈتۈنلەر پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ شۇ دۆلىتىدىن كەلگەنلىكى يېزىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتى ھۇنلارنىڭ شىمالدىكى زېمىنلار ئىدى. باشلىقى ئاپام بىرۇك ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ 17 قېرىندىشى بار ئىدى. بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى ئېركىن نىشدۇ بولۇپ، بۆرىدىن تۇغۇلغانىدى. ئاپام بىرۇك ۋە ئۇنىڭ قەۋمى تۇغۇلىشىدىنلار پاراسەتسىز بولغاچقا، دۆلىتى مۇنقەرز بوپتۇ. ئېركن نىشدۇنىڭ مىجەز- خاراكتېرى تۇغۇلىشنىدىنلار ئۆزگىچە ئىكەن. بۇ ئىككى خوتۇن ئاپتۇ. بىرى ياز تەڭرىسىنىڭ، يەنە بىرى قىش تەڭرىسىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى چېرايلىق ئاققۇغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ، بىرى ئاپار دەرياسى بىلەن كەم دەرياسى ئارىلىقىدا دۆلەت قورۇپ، نامىنى قىرغىز دەپ ئاتاپتۇ. يەنە بىرى كۆك دەرياسى بويىدا دۆلەت قۇرۇپتۇ، بىرى كۆك يىش تېغىغا ماكانلىشىپتۇ. بۇ تاشنى ماكان قىلغانلار نىشدۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇغلۇق تاش ئىكەن. بۇ تاغدا يەنىلا ئاپام بىرۇكىنىڭ قەۋمى ياشايدىكەن. بۇ جايدا يەنە دائىم قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن. چوڭ ئوغۇل ئۇلارغا ئوت كەشىپ قلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قېشىدىن ئاماس-ئىسەن ئۆتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپتۇ. مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆپچىلىك ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىشىپتۇ. بۇ تۇغرۇلۇق ئۆلگەندە ئۇنىڭ 10 خۇتۇنىدىن بولغان ئوغۇللار ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرسىنى باشلىق سايلىماقچى بولۇپ، ھەممىسى بىر تۈپ دەرەخنىڭ بويىنى بويلاپ ئەڭ ئېگىزگە سەكرىيەلىسە شۇ باش بولۇسۇن، دەپ كېلىشپتۇ. ئاشنانىڭ ئوغلى گەرچە كىچىك بولسمۇ، لېكىن ھەممىدىن ئېگىزگە سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئوغۇللارئۇنى ئۆزلىرى باشلىق قلپ ساۇلاپ ئۇنى ئاشەن شات دەپ ئاتىشىپتۇ. p0%6@_FT~  
  بۇ ئەپسانىنىڭ كۆل قىسىمى ئالدىنقى ئەپسانىلەردىن پەرىقلىق بولسىمۇ، لېكىن بۆرە ئورتاق مەنبەدۇر. بۇ ئەپسانىلەر تۈركلەرنىڭ سىياسىي مەزكىزىنى تەشكىل قىلغان ئاشنا ئۇرۇقى ئارىسىدا ئەۋلادمۇق ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن. لېكىن يەنە ئاشنا ئۇرۇقى بىلەن ئوخشاش ئابرويغا ئىگە ئاشىد ئۇرۇقى ئارىسىدا تارقالغان يۇقىرىقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەپسانىلەر بار. بۈدۈەن چىڭشىنىڭ «يۈياڭ خاتىرىلىرى» ( دە بايان قىلغان ئەپسانە بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: )j)y5_m  
تۈركلەر ئەجدادى شېموشېلى بولۇپ، ئاشىدلار تۇرىدىغان غازنىڭ غەربىدىكى دېڭىزدا بىر تەڭرى ياشايدىكەن. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ئاق نوشىنى تۇرغاندا شىمونى ئۇزىتىپ قويىدىكەن. مۇشۇ نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شېمۇنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ بىر ئوۋغا تەييارلىنىپتۇ. دېڭىز تەڭرسىنىڭ قىزى شېمۇغا: ئەتە سىز ئوۋ ئولاۋاتقان چاغدا، ئاتا-بۇۋىلىرىڭىز ياشىغان غاردىن بىر ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك ئاق بۇغا چىقىدۇ، ناۋادا بۇ بۇغىنى ئاتالىسىڭىز مەن بىلەن داۋاملىق كۆرىشەلەيسىز، ئاتالمىسىڭىز ئالاقىمىز ئۆزىلىدۇ، دەپتۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە، دەەرۋەقە ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك بىر ئاق بۇغا غاردىن سىرتقا چىقىپتۇ. شېمۇ ئادەملىرىنى بۇغنى قورشاشقا بۇيرۇپتۇ. ئۈكۈپ كەتكەن بۇغا ئەدەملەرنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈشكە ئورۇنۇپتۇ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرگە ئادەملەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن شېمۇ ئاجى ئىسىملىك بىر قۇمانداننىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ، ھەمدە ئادەملىرىگە قاراپ «بۇغىنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن تەڭرىگە ئاتاپ ئادەم قۇربانلىق قىلىمەن» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىش تۈركلەر ئارىسدا ئەنئەنىگە ئايلىنىپتۇ. تۈركلەر ئادەم قۇربانلىق قىلىشتا دائىم ئاجىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەردىن  بىر ئادەمنى تاللايدىغان بوپتۇ. شېمۇ ئاجىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، كەچتە دېڭىزغا قايتىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى ئونىڭغا ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇزايدىن قان ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سەندىن مۇناسىۋەتنى ئۈزدۈم، دەپتۇ. a!SR"3 k  
  يۇقىرىقى تۆت مەنبە ئەپسانىيە بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئۈچىدە ئورتاقلىق بار، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى ئەپسانىدە تۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى بىر قارغا مەزكەزلەشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپسانىلەردە غەربىي دېڭىز دېگەن بىر ئورتاق مەنبە بار. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئەپسانىدا دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورقاتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەپسانىلەرتۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى بىر غارغا مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپسانىلەردە غەربىي دېڭىز دېگەن بىر ئورتاق مەنبە بار. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئەپسانىدا دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىنى تېخمۇ ئىنچىكىلەپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەپسانىلەردىكى ئورتاقلىقلار مۇنداق: .j+2x[`l  
1. قەبىلىلەر بۆرە نەسلىدىن تۆرىلىدۇ. +w_MSj#P  
2. ئەسلىدىكى قەبىلە يوقىتىلىپ، ساق قالغانلارئىچىدىكى ئاشنا باشچىلىقىدىكى 10 ئۇرۇق شەكىللىنىدۇ. Zip K;!9by  
3. ئاشنا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. باشقا جەھەتتە بۇ ئىككى ئەپسانە ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرقلەرمۇ بار.   j|VlHDqR  
  تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ۋەتىنى ئىككىنچى ئەپسانىدە غەرىبتە، ئۈچىنچى ئەپسانىدە شىمالدا (ياكى شەرىقتە) دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ]ZU:%Qhu  
ئىككىنچى ئەپسانىدە، تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، بۇ ئىتتىپاقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى تۇتۇق ۋە مۇرەككەپ. 7kWZMi  
كېيىنكى ئۈچ ئەسپانە ئالتاي سېلىشتۇرما ئەپسانىشۇنالىقى ئۈچۈن باھاسىز ماتېرىيا بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى ئانالىز تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا. بۇ ئەپسانىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلار تۈركلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ قوچۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغلىرىدا بولۇشىدۇر. بۇ ئەپسانىلەر ئىچىدە «سۈينامە» دە خاتىرىلەنگەن بىرىنچى مەنبەلە رېئال تارىختىن دالالەت بېرىدۇ. A{n*NxKCX!  
  «سۈينامە» 629- ۋە 636- يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان. تۈركلەر ئۇزاقتىن بېرى خەنزۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەچكە، بۇ خاتىرىلەرنى يازغان تارىخچىنىڭ تۈركلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. 542- يىلىدىن ئىلگىرى تۈركلەر جۇڭگو  بۇلارنىڭ ئىچىدىكىمەنبەلىرىدە شىمالدىن كەلگەن بىر تاجاۋۇزچى دەپ قارىلاتتى ئايرىم قەبىلىلەر يەرلىك ئولتۇراق خەلق بىلەن سۇدا قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 545- يىلى  غەربىي ۋېي سۇلالىسى تۈركلەرگە تۇنجى قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ بېرىش- كېلىشلەر ئاساسەن سودا- سېتىقنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانىدى. «سۈينامە» دەپ بايان قىلىنغانلار تۈركەرنىڭ رونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن بىشارەت ئىدى. بۇ تەرەققىيات تەيۋۇدى قۇتقۇ قەبىلىسىنى بويسۇندۇرۇپ، شىمالدىكى سۇلالىلەرگە خاتىمە بېرىشتىن 100 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەنىدى. يۇقىرىقى ئەپسانىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار تۈركلەرنىڭ يازما خاتىرىلەر دەپ تىلغان ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولسا كېرەك. مانا مۇشۇلاردىن تۈركلەرنىڭ
V
ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاشنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ^0BF2&Zx  
  ئەمدىكى مەسىلە، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ نەق ئورنى مەسىلىسى، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ نەق ئورنى مەسىلىسى. «سۈينامە» دە تۈركلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. [K|>s(Sf*  
  پەقەت «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» نىڭ 99- جىلدىدلار تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايونىدا ياشىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بۇ مەلۇمات باشقا خاتىرىلەر تەرىپىدىنمۇ توغرا تېپىلماقتا. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتا تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ياكى غەربىي جەنۇبىدىكى بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. b$$L]$q2  
  بۇ جاينىڭ كونكرېت ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن داڭلىق ئالىم پروفېسسور ماتسۇدا خىسائو بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي تېغىنىڭ غەرىبىي ئۇچىدا، يەنى قارا ئېرتىش بىلەن ئورۇنغۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ئاۋزىدا دەپ مۇقىملاشتۇرغان ھەمدە ئۇلار شىمالىي جۇڭغارىيىدىن شەرىققە  بىراق مەن
V ئەسىرىنىڭ ئىككىنچىۋە غەربكە قاراپ يېيىلغان دەپ كۆرسەتكەنىدى  يېرىمىدىن IV
ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا قەدەر بۇ رايوندا يۈز بەرگەن زور سىياسىت تۇقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن، بۇ زىمىننىڭ ئۇنچىۋالا يىراقتا (شىمالدا) بولۇشىنى قۇبۇل قىلالمايمەن. w!GU~0~3[  
  ئاشنا قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان رورانلار جەبۇنىي مۇڭغۇلىيىدىن كەلگەن. تەخمىنەن 450- يىلىدىن 500- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رورانلار غەربكە سۈرۈلۈپ، شەرقىي تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشال قىلغان. بۇ چاغدا جاۇقىل قەبىلىلىرى بولسا غەربىي جەبۇبىي ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغقا تۇتاشقان مەزكۇر رايون ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. 540- يىلى رورانلار قاڭقىللارنى باستۇردى. نەتىجىدە ئاشنا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن روران قاغانى بىلەن بىرلىشىپ جەڭدە زور غەلبىگە ئېرىشتى. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا، ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۇپ تۈركلەر شىمالىي جۇڭغارىيەدە ئەمەس، بەلكى جۇڭغارىينىڭ جەنۇبىدا ياشايتتى. MM58w3Mz  
  بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق كۆز قاراش س.گ. كلياشتورنىيغا تەئەللۇقتۇر. ئۇ جىنشەندىكى بىر قىسىم تۈركىي قەبىلىلەر ؿدەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ رورانلار بىلەن
p
ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا قەدەر يېيىلغان  قاڭقىلار ئۇرۇشقان ئىسلى جەڭگاھىنىڭ قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى باركۆل ئەتراپى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكە سالىدۇ. شۇندا بولغاندا، رورانلار بىلەن ئۇلارغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇرتلىرى بۇ جەڭگاھىنىڭ شەرقىدە بوغلان بولىدۇ. ئەگەر جىنشەن ئالتاي تېغىنى كۆرسەتسە، ئۇ ھالدا تۈركلەرنىڭ يۇرتى گوبى ئالتاي بىلەن مۇڭغۇلىيە جۇمھىرىيتىدىكى گاشۇن نۇرنىڭ شىمالىدىكى بايان خۇنگور شاھالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ يەردە دېيلىۋاتقان «ئالتاي تېغى» ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا بۇ، ئىككىنچى تۈرك ئەپسانىسىنىڭ مەزمۇنىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. Fy+7{=?^F  
  مۇنداق چۈشەندۈرۈش تۈركلەرنىڭ شىمالىي ۋېي خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بولغاندىلار تۈركلەر بىلەن رورانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. YQ[&h  
  551- يىلى 6- ئايدا تۈركلەرنىڭ قاغانى تۈمەن غەربىي ۋېي پادىشاھنىڭ مەلىكىسى چاڭ لې بىلەن توي قىلدى. 552- يىلى يانىۋاردا ئەسكەرلىرىنى توپلاپ روران قاغانىغا ھۇجۇم قىلدى. بىر ئاي ئىچىدە تۈمەننىڭ غالىب ئارمىيىسى دۈشمەننى مۇڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە سەددىچىنغا يېقىن جايلاردا تارمار قىلدى. 555- يىلى مۇقان قاغان رورانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىش ئىشىنى غەلبىلىك تۈگەتتى. خەنزۇچە مەنبەلەر تۈركلەرنىڭ كەينى- كەينىدىن قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىنىڭ لىنىيەلىرنىى ئېنىقلاپ بەرمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ كۆچمە قارارگاھلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلى يۇرتلىرىدا ئىكەنلىكنى ئەسلەتمەكتە. يەنە مۇشۇ مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈركلەرنىڭ بىر قىسىمى قاڭقىلارغا تەۋە ھەرقايسى قەبىلىلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شمالىي ئېتىكىگە كەتكەن. ?RjKP3P  
  خەنزۇ تارىخچىلىرى تۈركلەرنىڭ مۇقان قاغاننىڭ باشچىلىقدا كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. بۇ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا مۇقان قاغان بىۋاستە بىۋاستە ئارىلاشمىغانىدى. مەسىلەن: غەربتىكى ئېفتالىتلارغا قىلىنغان يۈرۈشكە مۇقاننىڭ تاغىسى ئىستەمى قۇماندانلىق قىلغانىدى. شەرقىي مۇڭغۇلىيىدىكى كۈچلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا مۇقان قاغانىنى ئىنىسى قۇماندانلىق قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇقان قاغان خېشى كارىدۇرىدىكى تۇيغۇرلارنى  557- يىلى شىمالىي جۇ خانلىقى غەربىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئورنىنىبويسۇندۇرۈشىدا ئىدى ئالغاندا، تۈركلەر شىمالىي جۇ خانلىقى بىلەن شەرقتىكى شىمالىي چى خانلىقى ئارىسىدىكى رىقابەتكە ئارىلاشتى. قىسقىسى، تۈركلەر ۋاقىتنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلار بىلەن بولغان ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش بىلەن ئۆتكۈزدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسلى قەبىلە بازىسى يەنىلا ئىلگىرىكى يۇرتلىرىدا قالدى. مۇقان قاغان 572- يىلى ۋاپات بۇلۇشتىن بۇرۇن ئوردىسىنى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەنگە كۈچۈردى. تۈركلەرنىڭ تۇنجى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا بارلىققا كەلدى. بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇپ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىنمۇ، نۇرغۇن تۈركلەر يەنىلا ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلىرىدا قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇلار غەربىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولدى، يۇقىرىدا توختالغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىدىكى مۈجمەللىكلەرنىڭ بەلكىم ئۆزىگە چۈشلۈق تارىخى بادۇر. تۈركلەر بىلەن غەربىي تۈركلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كەلگۈسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە باغلىقتۇر.
  
=jd=Qs IL  

tawpek 2011-07-10 20:14
نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىم دىسە. n[w,x;  
O?J:+L(  
ئەپسۇس تارىخچىلار بۇ ئەپسانىلەرگە ئىشىنەمدۇ؟

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-06 03:02
تۈرۈكلەر تارىخىغا بەكمۇ قېزىقىمەن.بەكمۇ ياخشى يوللانما بوپتۇ !يازمىنىڭ ئىلمىيلىكى تۇغرىسىدا تارىخچىلىرىمىز بىر نىمە دىسۇن ،شەخسەن مەن ياقتۇردۇم !ئىملا......................................... M[N.H9  
g~D6.OZU  
مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ قېرىندىشىم !

تۆتتاش 2014-06-07 16:27
ھەقىقەتەن بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم ئىكەن. يوللىغۇچىغا رەھمەت.

نىھان 2014-06-07 18:28
تۈرۈكلەر تارىخىغا بەكمۇ قېزىقىمەن.بەكمۇ ياخشى يوللانما بوپتۇ !يازمىنىڭ ئىلمىيلىكى تۇغرىسىدا تارىخچىلىرىمىز بىر نىمە دىسۇن ،شەخسەن مەن ياقتۇردۇم !ئىملا.........................................  

ئوغۇز 2014-06-09 13:24
1. يۇقارقى ماتىريالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بەزى رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنى[ئوغۇزنامە]ئەپسانىسىدىكى بەزى تەپسىلاتلاغا ئوخشايدىكەن ?Gw89r  
2.پۇت-قولى كىسىۋىتلىگەن بالىنىڭ پاناھلانغان غارى ۋە ئاشىنانىڭ قوشۇن باشلاپ چىققان غارى مىنڭچە بىزنىڭ رىۋايەتلىرىمىزدىكى[دەدە قۇرقۇت]بولىشى مومكىنمۇ؟

ئارزۇيۇم 2014-06-09 16:42
تەشەككۈر.

ھاتەھاتەم 2014-06-10 16:28
بۆرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمونلار نۇرغۇن ئەپسانىلەردە بار.

tawpek 2014-06-13 19:52
ئاشىنا    دىگىنى  ئاشىنا شىر     دىگىنى شۇمۇ؟

ئەكبەرنىياز 2014-06-15 12:21
نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم ، كۆپ رەھمەت !!!

پاراسەت2 2014-06-16 13:29
ئوغۇز:1. يۇقارقى ماتىريالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بەزى رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنى[ئوغۇزنامە]ئەپسانىسىدىكى بەزى تەپسىلاتلاغا ئوخشايدىكەن2.پۇت-قولى كىسىۋىت .. (2014-06-09 13:24) 
_,^sI%  
مەيلى كىم نېمە دېيىشىدىن قەتئىي نەزەر،ئالتاي ۋادىسى پەقەت تۈركلەرنىڭ ئانا ماكانى.

tawpek 2014-06-17 21:14
ئالىپ ئەرتۇڭا قايسى يىللىرى ياشاپ ئۆتكەن؟

مىېھرىما 2014-06-20 22:55
مەن ياقتۇردىغان بىلىملەركەن . سىزگە رەھمەت !


查看完整版本: [-- كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled