anayurt905 |
2011-05-19 14:52 |
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ -2
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ -2 u+tb83~[= يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق d_7Xlp@
pA,EUh|H ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى نازۇك بىر تاللاش تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ بۇ ئاچىلىدا بىر قەدەمنى خاتا باسساق تارىخ چاقى مىجىپ يانچىيدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاجايىپ جۇشقۇن، قايناق ۋە رەھىمسىز بازار. يەنە بىرى ئەڭ جىددىي ۋە دەھشەتلىك بەيگە مەيدانى. بازارمۇ نابابلىرىنى شاللىۋېتىدۇ. بەيگىمۇ چىدامسىز، غەيرەتسىز، قابىلىيەتسىزلىرىنى چاڭ- توزان ئارىسىدا قالدۇرىدۇ. چۈنكى تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ كەينىگە قاراپ ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك رىقابىتىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىپ، بۇ رىقابەت خاسىيىتىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭگارەڭ مۆجىزاتلار بىلەن ئۆزىنى ياساندۇرغان بولسا، يەنە شۇ رىقابەت «تىغ»لىرىدىن تۆكۈلگەن دەريا- دەريا قانلار بىلەن ئۆزىنى يۇيۇپ پاكلىماقچى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ تارىخنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، رىقابەت بەيگىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەلق تارىخ سەھنىسىدىن ئۈن- تىنسىزلا غايىب بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھايات- ماماتلىق بەيگىدە يېڭىلگەنلەر، بازاردىن شاللانغانلار، توغرا يول تاپالمىغانلار بەيگىدىن، بازاردىن، يولدىن ئاغرىنىشى ئەخمەقلىق. ئەگەر دانا بولماقنى ئىزدەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نابابلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مەن تۆۋەندە مىللەتنى خاراب قىلىدىغان بىرقانچە ياتلىشىش ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن: *=If1qZs a*8.^SdzR غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى 0V,MDX}#_ < | |