查看完整版本: [-- تىقىلىپ قالغان دادا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> تىقىلىپ قالغان دادا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-19 12:48

تىقىلىپ قالغان دادا

تىقىلىپ قالغان دادابىر كۈنى ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرسى بولغان پادىشا سۇلتان مەخمۇت كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ خەلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ ۋە بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر چايخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپتۇ. قارىسا ئۇمۇ بىر كىشىگە قاراپ: تىقىلىپ قالغان دادا ماڭا بىر پىيالە چاي! دېگۈدەك، بۇمۇ: تىقىلىپ قالغان دادا ماڭا بىر پىيالە چاي! دېگۈدەك… T~e.PP  
پادىشاھ ھەيران قېلىپ بۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىپ قاپتۇدە… خېرىدارلار ئازلىغاندا ئۇ كىشىنى چاقىرىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، كىشىلەر نېمىشقا سىنى “تىقىلىپ قالغان دادا” دېيىشىدۇ دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئادەم مۇڭلۇنۇپ تۇرۇپ پادىشاھقا ئەھۋالىنى دەپ بېرىپتۇ. |L ev.,,Ph  
بىر كۈنى ئۇ ئادەم چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئۇ ئادەمنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئادەملەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن جۈمىكى بار ئىكەن. ھەممە جۈمەكتىن سۇ ئېقىۋاتقان، لېكىن بۇ كىشىنىڭ جۈمىكىدىن بەك ئاز سۇ ئېقىۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ھەممە ئادەمنىڭ جۈمىكىدىن نورمال سۇ ئاقىدۇ، نېمىشقا مىنىڭ جۈمۈكۈمدىن ئاققان سۇ ئاز دەپ ئويلاپتۇ-دە ئەتراپىغا قاراپ بىرتال چىۋىق تېپىپ تىقىلىپ قالغان جۈمىكىنى ئېچىپ نورمال سۇ چۈشىدىغان قىلماقچى بولۇپ جۈمىكىگە تىقىپ كوچىلاشقا باشلاپتۇ. ئەمما سۇ ياخشى چىقىش تۈگۈل چىۋىق سۇنۇپ قېلىپ تۇربىسىنىڭ سۈيى تامچىلاپ ئاقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. تىقانمىش دادا، ئاپلا! دەپ سۇنۇپ قالغان چىۋىقنى چىقارماقچى بولۇۋاتقاندا ئويغۇنۇپ كېتىپتۇدە، شۇ كۈندىن باشلاپ نېمە ئىش قىلسا تەتۈرگە مېڭىپتۇ، نېمە ئىش قىلسا زىيان تارتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ ئادەمنى تىقىلىپ قالغان دادا دەيدىغان بوپتۇ. ;V!D :5U  
تىقىلىپ قالغان دادا دېگەن كىشىنىڭ ئېيتقانلىرى پادىشاھنىڭ دىققىتىنى قوزغاپتۇ. چېيىنى ئىچىپ بولۇپ چايخانىدىن چىقىپ ئوردىسىغا قايتىپتۇ، بىر ۋەزىرىنى چاقىرىپ، ئۇ كىشىگە بىر ئاي بويىچە ھەر كۈنى تېگىگە بىر تىللا قويۇپ ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىغا توغرىلاپ بىر تەخسە پولو ئاپىرىپ بېرىڭلار دەپتۇ. ئەتىسى تىقىلىپ قالغان دادا دېگەن ئادەم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە ماڭاي دەپ تۇرىشىغا بىر ئادەم كېلىپ، بۇ پولونى ئاپىرىپ بالىلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە يېگىن دەپتۇ. تىقىلىپ قالغان دادا خوشال بولۇپ ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن دەپ پولونى ئېلىپ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە بۇ پولونى يەپ تۈگتىۋەتكىچە ئالسا سېتىپ پۇلىنى ئشلەتسەم ياخشى ئەمەسمۇ دەپ ئويلاپتۇدە، يېڭى ئىتىلگەن پولو، ئوخشىغان پولو! دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر يەھۇدى كېلىپ باھا تالىشىپ يۈرۈپ پولونى سېتىۋاپتۇدە ئۆيىگە ئاپىرىپ باللىرى بىلەن يېيىشكە باشلاپتۇ. پولو تۈگەي دېگەندە قارىسا ئاستىدا بىر تال تىللا تۇرغان. يەھۇدىي بەكمۇ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. تىقىلىپ قالغان دادا ئەتىسىمۇ ئىشتىن چۈشۈپ ماڭاي دەپ تۇرسا تۆنۈگۈنكى ئادەم كېلىپ يەنە بىر لېگەن پولو بېرىپتۇ. تىقىلىپ قالغان دادا پولونى ئېلىپ تۆنۈگۈنكى يەرگە كېلىپ ساتماقچى بولغان ئىكەن ھېلىقى يەھۇدىي كېلىپ يەنە سېتىۋاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش ئاي توشقىچە داۋاملىشىپتۇ. بىر ئاي بولدى دېگەندە پادىشاھ سۇلتان مەخمۇت ئەمدىغۇ ئۇ ئادەمنىڭ ھالى ياخشىلانغاندۇ دەپ پادىشاھلىق كىيىملىرى بىلەن ئۇ چايخانىغا بارسا تىقىلىپ قالغان دادا يەنە ئوخشاش. پادىشاھ ھەيران قېلىپ تىقىلىپ قالغان دادىنى چاقىرىپ، ساڭا بۇ بىر ئاي ئىچىدە ھەر كۈنى بىر لېگەن پولو كەلمىدىمۇ دەپ سورىغان ئىكەن، كەلدى، مەن ئۇ پولونى سېتىپ ئۆيۈمگە ئېھتىياجلىق نەرسە- كېرەك سېتىۋالدىم دەپتۇ. پادىشاھ كۈلۈپ چۈشەندىم، ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ بىلەن كەل دەپتۇ، تىقىلىپ قالغان دادىنى ئېلىپ ئوردىسىغا كېلىپ غەزىنىگە باشلاپ كىرىپ تىقىلىپ قالغان دادا قۇلۇڭغا بۇ كۈرەكنى ئال، ئۇ تىللالاردىن ئۇس، كۈرەككە قانچىلىك تىللا چىقسا ھەممىسى سېنىڭ دەپتۇ. تىقىلىپ قالغان دادا ھاياجانلىنىپ كېتىپ كۈرەكنى تەتۈر تۇتۇۋالغانلىقىنىمۇ بىلمەي تىللالارنى بىر ئۇسقان ئىكەن كۈرەكنىڭ ئۇچىغا بىر تال تىللا چىقىپتۇ. ئۇ تىللامۇ ۋاي چۈشتى، چۈشۈپ كەتتى دەپ تۇرىشىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. GbI/4<)l}  
پادىشاھ تىقىلىپ قالغان دادىغا قاراپ، دادا قارىغاندا سېنىڭ بۇ يەردىمۇ نېسىۋەڭ يوق ئىكەن سىرتقا چىق ئەسكەرلەر ساڭا نېمە قىلىدىغانلىقىڭنى دەپ بەرسۇن! دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئەسكىرىنى چاقىرىپ، ئۇ ئادەمنى ئۈسكۈدارنىڭ (ئستانبۇلنىڭ ئاسىيا قىتئەسى تەرەپتىكى ياخشى رايۇنى) دېڭىز ياقىسىغا باشلاپ ئاپار، قۇلىغا بىر تال تاش ئېلىپ ئاتسۇن قانچىلىك يىراققا ئاتالىسا شۇ يەرنىڭ ھەممىسىنى تىقىلىپ قالغان دادىغا بۆلۈپ بېرىڭلار دەپتۇ. بىر قانچە ئەسكەر تىقىلىپ قالغان دادىنى ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىپ، سىز يەردىن بىر تال تاش ئېلىڭ ئاندىن بىز سىزگە ئۇ تاشنى نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى دەپ بىرىمىز دەپتۇ. تىقىلىپ قالغان دادا ئەتراپىغا قاراپ، بۇ تاش ئەگرى، بۇ تاش سەت، بۇ تاش مايماق ئىكەن دەپ يۈرۈپ ئاخىرى يوغان بىر قىيا تاشنى ئاپتۇ. ئەسكەرلەر تىقىلىپ قالغان دادىغا، ئۇ تاشنى قانچىلىك يىراققا ئاتالىسڭىز پادىشاھىمىز سىز تۇرغان يەر بىلەن ئۇ تاش چۈشكەن ئارىلىقتىكى يەرنىڭ ھەممىنى سىزگە بېرىدۇ، دەپتۇ. تىقىلىپ قالغان دادا ئۇ يوغان قىيا پارچىسىنى كۆتۈرۈپ دەل بېشىنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە تاش قۇلىدىن چىقىپ كېتىپ بېشىغا چۈشۈپتۇدە، تىقىلىپ قالغان دادا شۇ يەردىلا ئۆلۈپتۇ. J&_n9$  
ئەسكەرلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشىپتۇ ۋە دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، قادىر ئاللاھ بەرمىسە مەن نېمە قىلالايمەن دېگەن ئىكەن . (bS&D/N.  
بۇ تۈركىيەدە خېلى كەڭ تارقالغان ھېكايە بولۇپ، ھەممە كىشى بۇ راست بولغان ۋەقە دېيىشىدىكەن. بۈگۈنگىچە ياق بۇ بىر ھېكايە دېگەن ئادەمنى ئۇچراتمىدىم. ]SE ZaT  
[- w%/D%@  
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 10 March 2011 * T1_;4i  
ئاپتۇر: Karahan ]:n,RO6  

tawpek 2011-07-11 00:25
بەر دىدى  سۇبىھان  بىرىۋەتتى سۇلتان eS! /(#T  
qQa}wcU'9p  
بەرمىسە سۇبىھان نىمىنى بىرىدۇ سۇلتان .......

ئەكبەرنىياز 2013-06-14 03:26
ئاجايىپ چوڭقۇر ھېكمەت بار ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-01-10 20:25
tawpek:بەر دىدى  سۇبىھان  بىرىۋەتتى سۇلتانبەرمىسە سۇبىھان نىمىنى بىرىدۇ سۇلتان ....... (2011-07-11 00:25) 
^sw?gH*  
تەۋپىق ئىنتايىن توغرا ئيتىسىز. دىمىسىمۇ شۇ. سۇبىھان بەرمىسە سۇلتان بىر قۇرۇق قول. n S=W1zf  

گۈلنىھال 2014-01-22 19:50
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن , رەھمەت !

مىېھرىما 2014-01-22 23:32
تىما ئىگىسىگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- تىقىلىپ قالغان دادا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled