anayurt905 |
2011-05-19 12:40 |
چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ...
چاناققەلئە ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ho1Mo
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى سەپلىرىدىن بىرى شەك – شۈبھىسىز ھالدا 1914 – ۋە 1916 – يىللىرى (فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە) دىن ئىبارەت رەقىپ دۆلەتلەر بىلەن (گېرمانىيە ۋە ئوسمانلى دۆلىتى) دىن ئىبارەت ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان چاناققەلئە ئۇرۇشىدۇر. ئۇرۇش ھەم دېڭىزدا ھەم قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇرۇش باسقۇچىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق كۈنى ھېسابلىنىدىغان كۈن، رەقىپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ چاناققەلئە (داردانىل) بوغۇزىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلگەن 1915 – يىلى 18 – مارت كۈنىدۇر. بۇ سىمۋول خاراكتېرلىك تارىخىي كۈن تۈركىيەدە ھەر يىلى مۇراسىملار ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن چاناققەلئە ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇراسىملاردا، تۈركلەرنىڭ شانلىق غەلىبىسى تەبرىكلەنگەندىن سىرت يەنە، ئۇرۇشنىڭ تۈركىيە ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى ئالدىنقى پىلانغا قويۇلىدۇ. مۇراسىملارغا پەقەت تۈركلەرلا ئەمەس، تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغان يېڭى زىللاندىيەدىن ئاۋسترالىيەگە، سېنېگالدىن ئەنگلىيەگە قەدەر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىرى ۋەكىل بولۇپ ئىشتىراك قىلىدۇ. تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىق كۆرۈنۈشلىرى ۋە سىگناللىرى بېرىلىدۇ. بىر تەرەپتىن چاناققەلئە زەپىرى ۋە شېھىتلەر كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇشلارنىڭ ئىنسانلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ. ئۇرۇشنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىدۇ. Dq#/Uw# ئۇنداقتا چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى دېگەن نېمە؟ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى، نەتىجىلىرى ۋە تەسىرلىرىچۇ؟ LQ,RQ~! چاناققەلئە ئۇرۇشى، فرانسۇزلار بىلەن ئىنگىلىزلارنىڭ چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىستانبۇلنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بولغان رۇسىيەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلاندى. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا غەلىبىگە ئېرىشىش مۆلچەرلەنگەن ھۇجۇم، ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھەم دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقتا كۆرگەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى مۇداپىئەسى نەتىجىسىدە توسۇپ قېلىندى. فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئارمىيىسى چاناققەلئە بوغۇزى ۋە گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا يېڭىلىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ نەتىجە، دۇنيا ۋە تۈركىيە تارىخىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 4"OUmh9LHB ئۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، كلاسسىك جاھانگىرلىك ئۇرۇشلىرىنىڭ ئاخىرقى مىسالى بولۇشىدۇر. 19 – ئەسىردە قۇدرەت تاپقان ياۋروپانىڭ جاھانگىر دۆلەتلىرى، ئەڭ ئاخىرىدا ئوسمانلى دۆلىتىنى ئىشغال قىلىش، پارچىلاش ۋە بۆلۈشۈۋېلىشقا قارار قىلدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ كلاسسىك جاھانگىر ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى، فرانسۇز ۋە ئىنگىلىز ئارمىيىسىنىڭ ئىچىدە مۇستەملىكە قىلىۋېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىدۇر. ئاۋسترالىيەدىن يېڭى زىللاندىيەگە، ھىندىستاندىن سېنېگالغا قەدەر نۇرغۇنلىغان مۇستەملىكە قىلىۋېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىرى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چاناققەلئەگە ئېلىپ كېلىنگەنىدى. ~?V+^<P چاناققەلئە ئۇرۇشىنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى، 19 – ئەسىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيىسىگە ئىگە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ مەغلۇب قىلىنىشىدۇر. بۇ نەتىجە، ئوسمانلىلار بىلەن گېرمانلار ئىگە بولغان ئۇرۇش كۈچىنى نامايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىنگىلىزلارنىڭ جاھانگىر كۈچىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. گەرچە رەقىب دۆلەتلەرنىڭ چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتەلمەسلىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ رايون ۋە دۇنيا تارىخىغا نىسبەتەن ئىككى تۈرلۈك رادىكال نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. +`EF0sux بۇ نەتىجىلەردىن بىرى، دۇنيا سىياسىتىدە غەربىي ياۋروپانىڭ كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ گۈللىنىشىدۇر. چاناققەلئە مەغلۇبىيىتى تۈپەيلى رۇسىيەگە ئەسكىرىي ۋە يېمەك – ئىچمەك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلەلمەسلىكى رۇسىيەنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ ئەھۋال، رۇسىيەدە بولشېۋىك ئىنقىلابنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئارقىدىنلا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. كېيىن قۇرۇلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. ]L'FYOfrpx كېيىنكى ناھايىتى مۇھىم بىر ئۆزگىرىش، رۇسىيەنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش تەڭپۇڭلۇقى رەقىب دۆلەتلەرنىڭ پايدىسىغا قاراپ يۈزلەندى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئۇرۇشنى غالىبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. جۈملىدىن، چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىدە ۋە دۇنيا سىياسىتىدە تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىدۇر. 16iy
miLz& بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چاناققەلئە ئۇرۇشى ھەم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە ئىككى يىل ئۇزىراپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى، ھەمدە دۇنيا سىياسىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. يېڭى قۇرۇلغان خەلقئارا تەڭپۇڭلۇق، ئالدى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقانلارنى، ئارقىدىنلا 20 – ئەسىر بويىچە دۇنيا سىياسىتىنى شەكىللەندۈردى. ئوسمانلى دۆلىتى، ئاۋستىرىيە ۋە گېرمانىيە كۈچىنى يوقىتىپ قويغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېرروتېرىيىلىرىدە يېڭى چېگرىلار بەلگىلەپ چىقىلدى ۋە دۆلەتلەر قۇرۇلدى. جاھانگىر دۆلەتلەر، ئوتتۇرا شەرقتە ئاخىرقى كوزېرلىرىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن سەۋر كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشتى. $jt UQ1
چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ بەلكى ئەڭ مۇھىم تەرىپى، ئوسمانلىلار غەلىبە قىلغان ئاخىرقى ئۇرۇش بولۇشىدۇر. بۇ نەتىجە، تۈرك مىللىتىگە پىسخولوگىيە جەھەتتىن ناھايىتى زور جاسارەت ئاتا قىلدى. بولۇپمۇ تۈركلەرنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش كۈچىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بۇنداق ئىشەنچكە ئىگە بولغانلارنىڭ ئالدىن قاتارىدىن ئورۇن ئالغان مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك پاشا، چاناققەلئە ئۇرۇشلىرىدا نامايان قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۆزى بىۋاستە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى. 1919 – يىلدىن 1922 – يىلغىچە جاھانگىرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بۇ ئەسلىدە، قىسمەن بولسىمۇ چاناققەلئە ئۇرۇشىدا ئېرىشىلگەن پىسخولوگىيىنىڭ مەھسۇلىدۇر. A)5-w`1 ھەر يىلى مۇراسىملار ئارقىلىق خاتىرىلىنىدىغان چاناققەلئە زەپىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىن كەلگەن كۈچ ۋە زەپەر تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. بىراق بۇ تۇيغۇلار، ئۇرۇشنى ۋە غالىبىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك تەكىتلىگەندەك «يۇرتتا تىنچلىق، جاھاندا تىنچلىق» پرىنسىپىغا ئاساسەن تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۇنيا خەلقلىرىنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. تارىخ بويىچە نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ ئۇرۇشلاردا مىليونلارچە خەلقىنى يوقىتىپ قويغان مىللەتلەردىن بىرى بولغان تۈركلەرگە نىسبەتەن، چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ئوخشاش ۋەقەلەردىن ئالىدىغان ئەڭ چوڭ ساۋاقنى، «ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا مەڭگۈلۈك خاتىمە بېرىلسۇن، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق كۈچەيتىلسۇن» تەرىقىسىدە خۇلاسىلەش مۇمكىن. بۇ ساۋاقنىڭ بارلىق دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يېتىپ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. )V!9/d بۇ ماقالە چاناققەلئە ئورىشى غەلبىسنىڭ 96 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا ئىلان قىلىندى. ep"YGx[V
|
|