查看完整版本: [-- ئا.ئابدۇرېھىمنى ناخشىلىرى ئارقىلىق بىلىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> ئا.ئابدۇرېھىمنى ناخشىلىرى ئارقىلىق بىلىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-19 12:30

ئا.ئابدۇرېھىمنى ناخشىلىرى ئارقىلىق بىلىش

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ھاياتىنى ناخشىلىرى ئارقىلىق بىلىش ; &2J9  
ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېيىمغا ئىككى كەلىمە چاقچاقئەسسالام ئابدۇللا ئاكا؛ uiO7sf6  
ياخشىمۇ سىز… يېقىندىن بۇيان كۆرۈنمەيسىزغۇ؟” ئۇزاق يول “دا مېڭىۋېتىپ،”شۇ چاغلار”دىكى “نەرگىزە”"زىلالە”ۋە “يا دوسىت”لارنى ئەسلەپ، ئۇلارنى “كەلگىن”دەپ چىللاۋاتامسىز..يا!؟؟ياكى بولمىسا”بالىلىقنى ئەسلەپ”ھاياجان ئىلكىدە”مەن ھايات “دىگەن ناخشىڭىز بىلەن كىبرال ھالدا باشقىلار بىلەن” ئۇچراشقاندا” ئۆزىڭىزنىڭ “ۋاپادارلىق كۈيى”ڭىز بىلەن باشقىلارنى سىزنى ” ئۇنتىيالمايمەن”ياكى “كەت دىمىگىن” |Ire#0Nwx  
دىگۈزمەكچىمۇ يا سىز؟؟!!ياكى بولمىسا يېقىندىن بۇيان بىرەرسىگە ” ئاشىق “بۇلۇپ “شىرىن چۈش”ڭىزدە “چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت”" ئوت كۆيىدۇ بېشىمدا”دەپ نالە قىلىپ”راك باياۋان”نىدا “دولان يىگىتى”دەك ” ئۆزەڭدۇرسەن”دىگەن “مۇقام”نى توۋلاپ ” ئاشىق نەپەس”بىلەن مېڭىۋاتامسىز-يا!؟ ياكى بولمىسا ئۇ ” ئاشىق”قىڭىزغا”مارجان ئاساي”دەپ ئاۋارە بۇلۇپ “تاغ گۈلى”دەك ” ئۆرگۈلەي”لىشىپ مۇھەببىتىمگە”يول بەرگىن”پەقەت سەنلا”يارىم سەن”دەۋاتامسىز—يا؟!! سىزنىڭ “تۇنجى سۆيگۈ”نىڭىز ياكى “ۋاپادار”رىڭىز “ئەركەم”دەپ زارلاپ سىزنى ” ئۆزەڭنى ئەر دىمە”دەپ تىللاۋاتامدۇ نىمە؟؟؟مەن شۇنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەنكى سىز يەنىلا ئۇلارنىڭ ” ئۇۋالىم”لىغا كىتىپسىز!! ئەڭ ياخشىسى”تۇنجى قار”ياغقىنىدا ئايالىڭىزغا”كەچۈر ئايالىم”"سىنى دىدىم”"كۆزۈڭنى ياشلىما”دەڭ ، ئۇمۇ بولمىسا “رەنجىمە”دىگەن سۆزنى كۆپرەك قىلىپ ئايالىڭىزنىڭ”كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا”سىنى مەڭگۈ يوق قىلىڭ!!!!!!! ئەمدى سىز “پۇتبول ناخشىسى”دەك كەلگۈسىگە قاراپ كۆپرەك “قارا تۇپراق”نى مەدىھىلەپ”يار ھەققىدە قوشاق”قا ئوخشاش ناخشىللىرىڭىنى ئىجاد قىلىپ”ۋەتەن” ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇڭ!ھەرگىزمۇ ھەممىدىن” ئايرىلدىم”دەپ نالە قىلماڭ! m*L*# ZBS  
شۇنداق قىلسىڭىز”مۇئەللىم”سىزنى “تۇغۇلغان كۈن”نىڭزدە ” ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە”گە ئوخشاش نادىر ناخشىلار بىلەن مەدەت تىلەپ سىزگە بەخىت تىلىگۈسى….. x+zz:^yHYf  
ئىسىڭىزدە بولسۇن! ھەرگىزمۇ “تەنھا سۆيگۈ”گە گىرىپتار بۇلۇپ،”ھەيرانمەن”دەپ ئاھ ئۇرۇپ سالماڭ!”ئىگىلگەنگە ئىگۈلۇر”دىگەن سۆزىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈڭ.”تۇمانلىق سەھەر”قاينىمىدىن تىزراق چىقىپ”مەشرەپ”لەرگە پات -پات #vi `2F  
قاتنىشىپ”ئاتا “ۋە”ئانام”لارنى،”قېرىنداش بىز”دەپ كاناي يىرتىلغۇچە توۋلىغان يارۇ -ئاغىنىلەرنى رازى قىلىشنى ئۇنۇتماڭ! شۇنداق قىلسىڭىز مەنمۇ “ئانامغا مەكتۇپ سۇنۇپسىزگە بەخىت، ئامەت،سۆيگۈ….ئىشقىلىپ دۇنيادىكى بارلىق ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشنى ئىلتىجا قىلىمەن!!! ! + #gJ[Cc  
ئابدۇللا ئاكا “بوز تورغاي”دەك سايراپ، “جەننەت ئانام ئامان بولسۇن”نى ئېيتقىنىڭىزدا خەلىقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزگە چەكسىز مايىل قىلغانتىڭىز، “رەنجىمە”دەپ تەسەللى بەرگىنىڭىز قايسى يۇرتنىڭ مەلىكىسى، سىز تەبرىكلگەن “تۇغۇلغان كۈن” قايسى كىشىلەر ئۇ؟ “يەتتە قىزلىرىم”دىگەن ناخشىڭىزدەك ئىجادىيەتلەر يەنە بارمۇ” U2=l; R{  
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، سىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى “مەجنۇن تال ” لىقلار ئارا ” قارلىغاچ ” تەك شوخ پەرۋاز قىلىپ ، ” سىرلىق تۇمان ” دەك رومانتىك كۈيلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشچىلىرى سېپىگە كىرىپ كەلگەن ئىدىڭىز … YEoQ IR  
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ تۈركىيە پۇراقلىرىغا مەستخۇش بولۇپ ، ” قارا تۇپراق ” ئۈستىدىن زارلىدىڭىز . :N D5po#(  
ئارىدىن يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندە ، سىز ئۆزبېك قىزى ” زىلالە ” نىڭ ئىشقىدا ” خيالدىكى سۆيگۈ” گە چۆمۈپ ،قويۇق ئۆزبېك پۇرىقىغا تويۇنغان ھېسسىياتلىرىڭىز ئارقىلىق ، ” سېنى تاپارمەن ” ، ئەگەر سېنى تاپالمىسام چۈشۈمدە ئىزدەيمەن ، سەن ” چۈشۈمگە كىر ” دەپ ، ئوتلۇق نىدا قىلغان ئىدىڭىز … V`Z-m-V~1  
شۇنداق قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مىللى پۇراقلىق ناخشىلىرى چولپانىدىن تەرەققى قىلىپ ،سىز ئاجايىپ بىر خىل ئەبجەش ئۇسۇلۇبنىڭ چولپانىغا ئايلانغاندەك تۇرىسىز . ئىشەنمىسىڭىز ، سىز ئالدىنقى مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن ” تۇغۇلغان كۈنۈڭ ” مۇراسىمى ____پۈتۈنلەي رۇس ئۇسۇلۇبىدا بېزەلگەن ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ 5v4 ,YHD  
مەنبە : باس-باس تورى 7A|n*'[T>  

tawpek 2011-07-30 13:53
ئاللا پىر، ئالامەت كەلتۈرىۋىتىپتىغۇ. ئابدۇللا ئاكىمىز  كۆرگەن  بولسا  قانچىلىك  شادلىنىپ  كەتكىندۇ.

nazperwer 2011-09-16 12:37
ئەجەپ ياخشى يېزىلىپتىغۇ ئادەمنى جەلپ قىلغۇدەك ھەم ھاياجانغا سالغۇدەك..


查看完整版本: [-- ئا.ئابدۇرېھىمنى ناخشىلىرى ئارقىلىق بىلىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled