查看完整版本: [-- ئون ئۇيغۇر ” ۋە ” توققۇز ئوغۇز “ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> ئون ئۇيغۇر ” ۋە ” توققۇز ئوغۇز “ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-19 11:50

ئون ئۇيغۇر ” ۋە ” توققۇز ئوغۇز “

” ئون ئۇيغۇر ” ۋە ” توققۇز ئوغۇز “لار توغرىسىدىكى تارىخى بايانلار UJ-IK|P.#  
ئۇيغۇرلار تارىخى 200 يىلدىن بۇيان تەتقىق قىلىنماقتا . مانا بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى . لېكىن نۇرغۇن مەسىلىلەر مەسىلەن : قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى ، ئۇيغۇرلار خاقانلىقىنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلەر تەركىبى ، خاقانلىق ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ تەقدىرى ، ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر تېخى ئۈزۈل كېسىل يېشىلگىنى يوق . <ئۇيغۇر> ئېتنونىمىنى قوللىنىشتىمۇ دىگەندەك ئېنىقلىق يوق . ھازىرقى زامان ئاپتورلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ سۆزنى كەڭ مەنىدە چۈشۈنىدۇ . بۇنداق بولغاندا خاقانلىقتىكى ۋە ئۇ پارچىلانغاندىن كېيىنكى جەريانلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندا توسالغۇلار كېلىپ چىقماقتا . ئۇيغۇر خاقانلىقىدىكى ھەممە ئاھالىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ، دەپ قاراش ئېغىر خاتالىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ، شۇڭلاشقا بارلىق بىرىنچى قول مەنبەلەرنى ۋە شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان ئاپتورلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەنقىدىي تەھلىل قىلىپ كۆرۈش زۆرۈريىتى ئوتتۇرغا چىقماقتا . بىرىنچى قول مەنبەلەر ئۈستىدىكى تەنقىدىي تەھلىلگە ۋە ئالىملارنىڭ ئوبىكتىپ خۇلاسىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنى كۆرسىتىش مۇھىمكى ، جوڭگونىڭ قوشنىلىرى قەدىمكى زاماندا بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسۇن ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا تەشكىللىگەن ، ياشىغان ۋە تەرەققىي قىلغان . سەددىچىننىڭ جەنۇپ تەرىپىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پات-پات ئارىلىشىپ ، ئۇلار ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشكە بولغان ئىنتىلىشلىرى ھەر دائىم مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىپ تۇرغان ، خەنزۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئىز قالدۇرمايمۇ قالمىغان ، بۇ كېڭەيمىچىلىك سانسىز قۇربانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشىنى ئۈزۈپ تۇرغان . بۇ خۇسۇستىكى تارىخ ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى بايانلاپ ئۆتۈشتىن ئاۋۋال بىر قانچە ئىزاھاتلارنى بېرىشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلايمىز . ھەممىدىن ئاۋۋال شۇنى كۆرسىتىمىزكى ، مەزكۇر ئەسەردە <ئۇيغۇر> دەپ تىلغا ئېلىنغانلار ئەسلى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ باشچىلىقىدىكى يەتتە تېلى (توققۇز ئوغۇز) قەبىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر كونفېدېراتسىيە تۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغانىدى . مەزكۇر كونفېدېراتسىيە تارىختا <ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانلىقى> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر . يەتتە تېلى <توققۇز ئوغۇز> قەبىلىسى : ئۇيغۇرلار ، بۇكۇ (بۇكۇت) ، خۇن (كۈن) ، بايئېرقۇ ، توڭرا ، سۆگىر (سۆكىر) ، كىبىلاردىن ئىبارەت . بۇ تەركىبكە خاقانلىق تارىخىدا يامان رول ئوينىغان ئېدىز (ئاتېئىز) لەرنىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك . ئومۇمەن ، تېلى قەبىلىلىرى تاڭ دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ جوڭگو مەنبەلىرىدە <توققۇز ئۇرۇق> نامىدا ئاتاپ كەلگەن . بۇنىڭدا ئاساسەن <توققۇز تېلى> قەبىلىسى نەزەردە تۇتۇلماقتا . l);M(<  
مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان گېرمانىيە ئالىمى ليۇ ماۋسەي ئۆزگىچە بولغان ئايرىم ئالىملارنىڭ مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . تاڭ دۆلىتىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا كىرىشىگە بېغىشلانغان ماقالىدە بىز ليۇ ماۋسەينىڭ خۇلاسىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرقانچە قوشۇمچە ماتىرياللارنى نەقىل كەلتۈردۇق . بىز <ئاساسەن> دېگەن سۆزنى تەسادىپىي ئىشلەتمىدۇق . گەپ مۇشۇنىڭدىكى جوڭگو مەنبەلىرىدە توققۇز ئۇرۇق (九姓) دېگەن ئېنىقلىغۇچى سۆز ۋە باشقا خەلقلەر ياكى قەبىلىلەر ئۈستىدە گەپ كېتىۋاتقاندىمۇ پات-پاتلا يولۇقىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار ئۈستۈدە گەپ بولغاندا ئۇلار ياغلاقار ئۇرۇقى باشچىلىقىدىكى توققۇز ئۇرۇققا بۆلۈنگەنىدى ، دەپ كەڭ بايان قىلىنىدۇ . <يېڭى تاڭنامە> (新唐书) دە بايئېرقۇلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ ، <كىتابلار جەۋھىرى>(册府元龟) قامۇسىدا توڭرالارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ئۈستىدە ئىككى يەردە بايان قىلىنىدۇ(تېلى قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ بايئېرقۇ ۋە توڭرالار ئۇيغۇرلار كۆنفېدېراتسىيىگە كىرگەن ئىدى) . كونا تاڭنامە (旧唐书) دە :<باسمىللارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> نىڭ تۈركلەر (突厥) خاقانى ئۆزمىسقا قىلىنغان ھۇجۇمى سۆزلىنىدۇ . <لىياۋ سۇلالىسى تارىخى> دا تاتارلارنىڭ توققۇز قەبىلىسى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ (كولتىكىن شەرىپىگە قويۇلغان ئابىدىدىكى چوڭ خەتلەردە بۇ ئىككى قېتىم يولۇقىدۇ) . جوڭگو مەنبەلىرىدە سوغدىلارنى <توققۇز ئۇرۇقلۇق خۇ> دەپ كۆرسىتىدۇ . <شۆ رېنگۇينىڭ تەرجىمىھالى> دا <تۈركلەرنىڭ توققۇز قەبىلىسى> گە قىلىنغان ھەربىي يۈرۈش بايان قىلىنىدۇ . TR:V7 d  
شۇنداق قىلىپ توققۇز قەبىلىگە <ئۇرۇق > قا بۆلۈنۈش شۇ چاغدىكى خەلقلەر ئىچىدە بەك كەڭ تارقالغان . ئەرەپ جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ يازغانلىرىدا توققۇز ئوغۇز دېگەن ئېتنونىم پات-پاتلا يولۇقىدۇ . بۇ ئىسىم بىلەن كۇچانىڭ شەرق تەرىپىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاھالىلىرى ئاتىلىدۇ . مانا مۇشۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ بارتولد : <ئەرەپلەر توققۇز ئوغۇزلار ياشىغان جايلار دەپ كۆرسەتكەن يەرلەردە ، جوڭگو مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، 840-يىلى موڭغۇلىيىدىن قىرغىزلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار ياشىغان . تۇرپان ئەتراپىدىكى قايلارنى ئۇلار 866-يىلى ئىگەللىۋالغان . مانا بۇنىڭدىن ئەرەپ مەنبەلىرىدىكى توققۇز ئوغۇزلار بىلەن جوڭگو مەنبەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر خەلق دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ . ئالىملار مانا مۇشۇ ئوخشىتىشنى تولۇق ئىسپات قىلىنغان پاكىت قاتارىدا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى خۇلاسىلىرى ئۈچۈن پايدىلاندى> دەپ يازىدۇ (<بارتولد ئەسەرلىرى> 2-توم ، 1-قىسىم ، 1963-يىل نەشرى 554-بەت) . مانا بۇ بايانلارنىڭ ئاپتورى گەرچە ئەرەپ قۇغراپىيە ئالىملرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى <توققۇز ئوغۇز> ئاتالغۇسىنىڭ ئۆزىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە مئۈجىمەللىكلەرنى كۆرسەتسىمۇ ، ئومۇمەن مۇشۇ نۇقتىنەزەرگە قوشۇلسا كېرەك ، چۈنكى بارتولد توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدىكى بەزى ئەرەپ مەلۇماتلىرىنىڭ جوڭگو مەنبەلرىدكى چۆل تۈركلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن دەل كېلىپ قالغالىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلارنى كەلتۈرىدۇ . بارتولد پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى جۇغراپىيەگە ئائىت ئەدىبىياتقا خاس مۇھىم كەمچىللىكلەرنى ، جۈملىدىن يا ئۇنداق يا مۇنداق مەلۇماتلارنى يازغاندا ئۇنىڭ كېلىپ چىققان ۋاقتىنى بايان قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : <ئەرەبلەر ئەھۋالغا قارىغاندا ، شۇ چاغدا ئوغۇزلارغا مەنسۇپ يەرلەر بىلەن تونۇشقاندا شۇ جايلاردا كېيىن بولغان ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەرسىز بولغان بولسا كېرەك . شۇڭلاشقا ، كېيىنمۇ شۇ يەردىكى ئاھالىنى <توققۇز ئوغۇز> دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرغان .> J})G l  
Ⅸ-ئەسىردە ياشىغان مەھمۇد قەشقەرى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە بۇ ئەلدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىشقا ئىمكانىيەت تاپقان بىردىنبىر ئالىم بولۇپ ، ئۇ يازغانلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە <توققۇز غۇز> دېگەننىڭ ئورنىغا <ئۇيغۇر> دەپ يازىدۇ . يۇقۇرىدا ئېيتىلغانلارنى ئومولاشتۇرۇپ شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۈمكىنكى ، بارتولدنىڭ پىكرىچە ئەرەپ جۇغراپىيىونلىرى بۇ ئاتالغۇنى دېگەندەك ئېنىقلىق بىلەن ئىشلەتمىگەن . مەزكۇر ئاتالغۇنى تۈرلۈك خەلقلەرگە قوللانغان .توققۇز ئۇغۇز مەسلىسى نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى . بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئانچە تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرماستىن ، مۇشۇ تەتقىقات تېمىسىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ، كانادالىق ئالىم ئې . پوللېي بلانگنىڭ مەخسۇس ماقالىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز . پوللېي بلانگ 1919-يىلىلا مەشھۇر ياپون ئالىمى خانېداتۇرۇنىڭ جوڭگونىڭ مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ ، ئۇرقۇن يازمىلىرىدىكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ جوڭگو ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن <توققۇز تېلى قەبىلىسى(九姓铁勒)> يەنى تېلى قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ . پوللېي بلانگ ياپون تەتقىقاتچىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلغان مەزكۇر ماقالىسىنى غەرب ئاپتورلىرىنىڭ كۆپچىلىكى —مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ . تۇرپان ۋادىسى رايونىغا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلارغا بۇرۇن ئۇيغۇر خاقانلىقى تەركىبىگە كىرگەن تېلى قەبىلىلىرى كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بىزنىڭ مۇشۇ مەخسۇس ئەسرىمىزدە كۆرسىتىمىز . بۇ قەبىلىلەر باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە توققۇز تېلى قەبىلىسى بىرلەشمىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەنىدى . شۇنداق قىلىپ ئەرەب جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ كۇچانىڭ شەرق تەرىپىدە توققۇز ئوغۇز ئاھالىسىنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغىلى بولىدۇ . ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بولسا تېىىمۇ يىراقتىراق ، شەرق تەرەپتە—نەنسەن تاغلىرى ئېتىكىدە ياشىغانىدى . ئەرەب جۇغراپىيە ئالىملىرى ئۇلار توغرىلىق تەپسىلاتلارنى بىلمىگەن بولۇشى مۈمكىن . بىزنىڭچە ، ئەسلى مەنبەلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنگەن پوللېي بلانگنىڭ يەنە بىر پەرىزى ئۈستۈدە توختىلىپ ئۆتۈش لازىم بولىدۇ . مەزكۇر ئالىم جوڭگو مەنبەلىرىدكى <توققۇز ئۇرۇق تېلى قەبىلىلىرى> نامىدىكى تېلى قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىتەكچى رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى تامامەن ئاساسلىق ھالدا تەكىتلەپ كېلىپ ، <ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى (九姓回纥)> دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى <توققۇز ئۇرۇققا مەنسۇپ ئۇيغۇرلار> دەپ چۈشۈنۈشنى تەكلىپ قىلىدۇ . پوللېي بلانگ : <ھەتتا خانېدامۇ <ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> دېگەن ئاتالغۇ دائىم <توققۇز ئۇرۇققا مەنسۇپ ئۇيغۇرلار> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ . <توققۇز قەبىلىسى بار ئۇيغۇرلار> دېگەنلىك ئەمەس دەپ مۇقىملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلمايدۇ . مەن بۇ يەردە ئېزىقىپ كېتىش بار ، دەپ ھېسابلايمەن ، <توققۇز ئۇرۇق> دېگەن دائىم مۇشۇ ئادەتتىكى توققۇز ئوغۇزلار يەنى توققۇز ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان كونفېرېداتسىيە دەپ چۈشۈنۈپ كېلىنگەن> ، دەپ يازىدۇ . مەلۇمكى ، تېلى قەبىلىلىرىدىن بولغان بايئېرقۇ ۋە توڭرالارمۇ ئوخشاشلا <توققۇز ئۇرۇق> قا بۆلۈنگەنىدى . جوڭگو مەنبەلىرىدكى مانا مۇشۇ مەلۇماتقا پوللېي بلانگ دېگەندەك دىققەت قىلماي قالغان بولسا كېرەك . ئەگەردە ئۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا ، ئۆزىنىڭ يۇقىرقى پەرىزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇنى تىلغا ئالغان بولار ئىدى . جوڭگو مەنبەلىرىدە توققۇز ئۇرۇق سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن باشقا نۇرغۇنلىغان ئېتنونىملار (باسمىللار ، تاتارلار ۋە تۈركلەر) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئۇ ھىچقانداق سۆز ئاچمايدۇ . ئاپتور نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە <تېلىلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> دەپ چۈشۈنۈش لازىملىقىنى ، ئىككىنچى بىر يەردە گەپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا ، تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولغان سۆز بىرىكمىسىنى <توققۇز تېلى ئۇرۇقىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار> دەپ تەرجىمە قىلىش لازىم بولغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىشقا ياردەم قىلىدىغان ئۆلچەم ئۈستىدىمۇ توختىمايدۇ . <تاتارلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى ۋە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلارنى قانداق چۈشۈنۈش لازىم؟ بەلكىم ئوخشاشلا <توققۇز ئۇرۇققا مەنسۇپ تاتارلار> دەپ چۈشۈنۈش لازىممۇ ؟ ئۇنداق بولسا بۇ ئۇرۇقلار قايسىلار ؟ ئې . پوللېي . بلانگنىڭ <توققۇز قىسىمغا (ئۇرققا) بۆلۈنۈشنى ھەممىدىن ئاۋۋال بىر سىياسىي ھادىسە ، ئېتنىك ھادىسە ئەمەس> دېگەن قارىشى قارشى پىكىر پەيدا قىلماي قالمايدۇ . مۇشۇ ئەھۋالغا قانداقتۇر بىر ئەنئەنە ، ئېھتىمال دىنىي قاراشتىن كېلىپ چىققان ئەنئەنە ئارىلىشىپ قالغانلىقىغا تولۇق يول قويۇش مۈمكىن . ۋېنگىرىيە ئالىمى ك . سېگىلىدې قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ سان تەركىبى بىلەن بەك قەدىمكى غەرب تۈركلىرىنىڭ نەسەبنامىسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەرنىڭ سان تەركىبىدە ئادەم ھەيران قالغۇدەك پارالېللىقنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . W]E6 
تاڭ سۇلالىسى يېڭى تارىخى ، 217-جىلىد (بىرىنچى بۆلۈم) دە مۇنداق دەپ يېزىلغان :”خۇيخېلارنىڭ ئەسلى ئىسمى ياغلاقار ئىدى . ئۇلار سىر-تادۇشلارنىڭ شىمالىدا ، يەنى سېلىنگا دەرياسى بويىدا ياشايتتى .” يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن مەلۇماتنى ھالدا تۈرك يېزىغىدىكى <قەيسەر بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى> تەمىنلىگەن ، بۇنىڭدا مۇنداق دىيىلىدۇ:….”ئۇلارنىڭ دۆلىتى ، ئۇلارنىڭ (يۇرتىدىكى) دەرياسى سېلىنگا دەرياسى ئىدى . ئۇلارنىڭ خەلقى ….قەدىمدىن تارتىپلا بۇ جايدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى .” نەقىل كەلتۈرۈلگەن بۇ مەلۇماتلاردىن ئايانكى ، شۇ دەۋرلەردە موڭغۇل دالاسىدىن ئورخۇن ، تۇغلا ۋە سېلىنگا دەريالىرى بويلىرى ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىيار بولۇپ قالغان . ئوت-چۆپ ۋە سۇ مەنبەلىرى مول بولغان بۇ دەريا ۋادىلىرىنىڭ ھەر بىر چارۋىچى قەبىلىنىڭ گۈللىنىشىدە كۆرسەتكەن رولىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ، مۇبالىغىسىز ھالدا شۇنداى دەپ ئېيتالايمىزكى ، جۇغراپىيە شارائىتىدىن ئېلىپ قارىغاندا ، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىۋالغان . كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بەزىدە كېڭىيىپ ، بەزىدە تارىيىپ تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى يەنىلا ئىزچىل ھالدا ئورخون ، تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرى بويىدا ياشاپ كەلگەن . }F3}-5! [  
ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ ئۆز قەبىلىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈمىز . l{tpFu9v  
ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى بۇ جەھەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ قەبىلىلەر لىتتىپاقى توققۇز قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇلار خۇيخې(ئۇيغۇر) ، بارغۇت ، غون ، بايىرقۇ ، تۇڭرا ، ئىزگىل ، قىبئار ، باسمىل (ئابوس) ، قارلۇقلاردىن ئىبارەت . مۇشۇ توققۇز قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان ئىتتىپاق تاشقى توققۇز قەبىلە ۋە ياكى توققۇز ئوغۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ (تاڭ سۇلالىسى يېڭى تارىخى. 217-جىلد، “ئۇيغۇرلار شەجەرىسى” ، بىرىنچى بۆلۈم) . ;.$AhjqiP  
فېڭ جياشىڭ ، چېڭ شۇلو ، مۇ گۇاڭۋېن ئەپەندىلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن “ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت قىسقىچە ماتىرياللار توپلىمى(بىرىنچى كىتاب)” دا “تاڭ سۇلالىسى كونا تارىخى” ، “تاڭ سۇلالىسى يېڭى تارىخى” ، “تاڭ سۇلالىسى تارىخىدىن مەجمۇئە” قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى 41-بەتتىكى جەدۋەل بىلەن كۆرسىتىلگەن . ^l;N;5L  
قارىماققا بۇ خېلى مۇرەككەپ ئىككى سېستىمىدەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمما بۇلارنى بىر بىرىدىن پەرق ئېتىش ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس . 4%refqWK  
ئىچكى توققۇز قەۋم (توققۇز ئۇيغۇر) mz-sazgV  
تاشقى توققۇز قەبىلە (توققۇز ئوغۇز) Y6+/_$N4|  
ياغلاقار (ئوپۇرغۇر) >`E (K X  
قۇرتارغار YY4XCkt  
دېرىمار z^,P2kqK_  
بايېرسېق Y|X!da/  
ئابدال 0bz':M#k &  
قاسار 9EFQo^ E  
قوغۇرسۇ (قۇلاس) z*ly`-!  
ئوۋۇغار yd=NafPM  
سابار (سارۇغار) tNf_,]u  
خۇيخې (ئۇيغۇر) ,R$U(,>_0  
بارغۇت (بۇغۇ) ;659E_y>  
غون %|(Cb!ySX  
بايىرقۇ |_\q5?S  
توڭرا BbG=vy8'l  
ئىزگىل |Du f 3u  
قىبئار k &6$S9  
باسمىل (ئابوس) lz:+y/+1  
قارلۇق Ae8P'FWB>  
توققۇز ئۇيغۇر دىيىلگىنى ياغلاقار قەۋمى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ ، توققۇز ئوغۇز دىيىلگىنى ئۇيغۇر قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق شۇكى ، توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەۋملەر ئارىسىدا ئۇرۇقداشلىق رىشتە قىلىنىدۇ ، توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتالغان قەبىلىلەر ئارىسىدا بولسا سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەت رىشتە قىلىنىدۇ . 0RF<:9@x2  
ليۇ زىشياۋ » ئۇيغۇر تارىخى « بىرىنچى قىسىم (1) OrRU$5Lo  
ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى توغرىسىدا 13—-14-ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرمۇنچە رىۋايەتلەر تارقالغان . بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئەپسانىلەردىكى ئوغۇزخانغا باغلايدۇ . بۇ رىۋايەت تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ، قەدىمكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالغان (موللا موسا سايرامى: “تارىخىي ھەمىدى” بېيجىڭ ، مىللەتلەر نەشرياتى ، 1988-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى). *@E&O^%cO  
بۇ رىۋايەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى <ئوغۇزنامە> دىن ئىبارەت ئەدەبىي شەكىلدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كەلمەكتە . داستاندا دىيىلىشىچە ، ئوغۇزخان ئىنتايىن باتۇر قابىل بىر شەخس ئىكەن . ئۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بىر پەرىزات بىلەن توي قىلىپ ، ئالتە ئوغۇل تېپىپتۇ . بىرىنىڭ ئىسمىنى كۈنخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى ئايخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى يۇلتۇزخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى كۆكخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى تاغخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى دېڭىزخان قويۇپتۇ . ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ئوغۇزخان كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ، ئەتراپتىكى پۇقرالارنى تەكلىپ قىلىپتۇ . زىياپەتتىن كېيىن ، ئوغۇزخان ئەلچى ۋەزىرلەر ئارقىلىق يارلىق چىقىرىپتۇ . ئۇ بۇ يارلىققا ئۆزىنى “ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى” دەپ ئاتىغانكەن . كېيىنرەك ، ئوغۇزخان شەرققە ، غەرپكە يۈرۈش قىلىپ دۇنياغا تونۇلۇپتۇ . بۇ رىۋايەتتىن شۇنى چۈشۈنۈش مۈمكىنكى ، “ئۇيغۇر” بۇ بىر مىللەت نامى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ قاغانى “ئوغۇزلار” غا مەنسۇپ ئىدى . دېمەك ، “ئۇيغۇر” بىلەن “ئوغۇز” بىر بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئۇقۇمدۇر . >jRH<|Az  
13-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمىليەتكە تېخىمۇ يېقىن ، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان يەنە بىرخىل رىۋايەت تارقالغان . بۇ رىۋايەت ئىرانلىق تارىخچى راشىددىن تەرىپىدىن <جامىئۇل تاۋارىخ> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن . راشىددىن مۇنداق دەيدۇ : “ئېيتىلىشىچە ، ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ ، بىرى ‘بۇقارتۇ—بوزلۇق’ دېيىلىدىكەن ، يەنە بىرى <ئۇشقۇنلۇق تەڭرىم> دېيىلىدىكەن ؛ قارا قۇرۇم شۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقانىكەن . ئۇگدايخان بىنا قىلغان شەھەرمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن . بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن . بۇ تاغلىق رايوننىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا ، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن . قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاشۇ دەريالارنىڭ قىرغاقلىرىدىكى تاغلىق جايلارغا ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقانىكەن . ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <ئون ئۇيغۇر> دىيىلىدىكەن . توققۇز دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <توققۇز ئۇيغۇر> دىيىلىدىكەن . ھېلىقى ئون دەريا ئون ئورغۇن دىيىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىسمى رەت تەرتىپى بويىچە :’ئايئىشلىق ، ئوتىنكار ، بۇقىز ، ئوزقوندۇر ، تۇلار ، تاردار ، ئادار ، ئۈچ تابىن ، قاملابقۇ ، ئۆتىكەن> دىيىلىدىكەن . ” ?'mi6jFFh  
“كونا تاڭنامە” ، “يېڭى تاڭنامە” ، “تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر” قاتارلىق كىتابلاردا يېزىلىشىچە ، ئۇيغۇرلار <ئىچكى توققۇز ئۇرۇق> ، <تاشقى توققۇز قەۋم> دېگەن ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنگەن . ئىچكى توققۇز ئۇرۇق <توققۇز ئۇيغۇر>(يەنە ئون ئۇيغۇر دەيدىغان گەپمۇ بار) دەپ ئاتالغان ، تاشقى توققۇز قەۋم <توققۇز ئوغۇز> دەپمۇ ئاتالغان . g E$@:j  
“كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە” دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز ئۇرۇقى رەت بويىچە بىرىنچىسى ‘ياغلاقار’ دەسلەپكى مەزگىلدىكى قاغاننىڭ فامىلىسى ئىدى ؛ قالغانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‘ئوتىنگىر’ ، ‘قۇرابىر’ ، ‘باشقىرت’ ، ‘ئاۋاسار’ ، ‘قازار’ ، ‘قۇسار’ ، ‘ياماقار’ ، ‘ئاياۋىر’ دەپ ئاتىلاتتى . ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قوۋمى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا چوڭراق سەككىز قەبىلىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر گۇرۇھ ئىدى . “تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر . ئۇيغۇرلار” دا ، تاشقى توققۇز قوۋمنىڭ نامى تەرتىپ بويىچە مۇنداق يېزىلغان : ئۇيغۇر ، بارغۇت ، خۇن ، بايئېرقۇ ، توڭرا ، ئىزگىل ، چۆبە ، باسمىل ، قارلۇق . بۇلاردىن باسمىل بىلەن قارلۇقلار Ⅷ-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى قورال كۈچى بىلەن قوشۇۋېلىنغان قەبىلىلەردۇر . شۇڭا ، ئۇرۇش بولسىلا ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى قەبىلىنى ئاۋانگارت قىلىپ ئالدىغا چىقىرىپ قوياتتى . D.,~I^W  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى توغرىسىدا راشىددىننىڭ <جامىئۇل تاۋارىخ> دېگەن كىتابىدا خېلى مۇھىم بىر خاتىرە بار . بۇ خاتىرىدە Ⅷ-ئەسىردە تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەت يېزىلغان . ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلىدۇ : ئۇيغۇرلار ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان چاغلاردا ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان جايلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىغىغا ئاساسەن ، ئون قەبىلىگە ئايرىلغان . بۇ ئون قەبىلە ئۇرقۇن دەرياسىنىڭ ئون تارماق ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان . بۇ تارماق ئېقىملارنىڭ نامى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردە ياشىغان قەبىلىلىرىنىڭ نامى بولغان (جامىئۇل تاۋارىخ . 1-توم، 1-كىتاب ، شاڭۋۇ كىتاپخانىسى ، 1983-يىل ، خەنزۇچە نەشىرى ، 240-بەت) . بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى ئىچكى توققۇز ئۇرۇق تاشقى توققۇز قەۋمنىڭ نامى بىلەن دىگەندەك ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇقلاردىن تەركىب تاپقانلىقى ، ھەر بىر ئۇرۇقنىڭ ئۆزىگە خاس نامغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن قارىغاندا ، بۇ ناملارنىڭ ئاشۇ ئىككى تارىخ كىتابىدا يېزىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇكى : ‘يېڭى تاڭنامە’ ، ‘كونا تاڭنامە’ ، ‘تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر’ دېگەن كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى (ئۇرۇقلىرى) توغرىسىدىكى يېزىلغان خاتىرىلەر يەنىلا ئىشەنچىلىكتۇر . EMw biGV  
“ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى” ,3bAlc8D7  
شەرقىي تۈرك خاقانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ، يەنى مىلادى 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غول قىسمى يەنىلا ئورخۇن ، سېلىنگېر ۋە تۇغلا دەريا ۋادىلىرىدا ياشايتتى . بەزى تارىخي ماتىرياللارغا قارىغاندا ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار “توققۇز ئۇيغۇر” ۋە “توققۇز ئوغۇز” دېگەن ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنغان . “توققۇز ئۇيغۇر” ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن نەسىلداش بولغان ياغلاقار ، قۇرتارغار ، دېرېمار ، بايىرسىق ، ئادېز (ئابدال) ، قاسار ، قۇۋلاس (قۇۋۇنلاس) ، ئوۋۇغار (ياغما) ، سابار (سارورغۇر) قاتارلىق توققۇز ئۇرۇقتىن تەشكىللەنگەن . ياغلاقار قەبىلىسى بولسا ، بۇ توققۇز ئۇرۇققا يىتەكچىلىك قىلاتتى (كونا تاڭنامە ، ئۇيغۇرلار) . توققۇز ئوغۇز دېگەن نام بولسا ، توققۇز ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ۋە ئۇيغۇر ، بارغۇت ، قۇۋۇن (قۇن) ، بايىرقۇ ، توڭرا ، ئىزگىل ، چەۋۈك(چەۋىك) ، باسمىل ، قارلۇق قاتارلىق توققۇز قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىلە ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت . KY9&Ky+2B  
بۇ چاغدا توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقى ناھايتى كەڭ رايونلارغا تارقالغان بولۇپ ، بارغۇت قەبىلىسى ئاساسەن تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا ، قۇۋۇن قەبىلىسى ئاساسەن تۇغلا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ، بايىرقۇ قەبىلىسى بولسا بايقال كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە ھازىرقى خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسى بەيىر كۆلىنىڭ ئەتراپىدا ، ئىزگىل قەبىلىسى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ، چەۋۈك ، باسمىل قەبىلىلىرى ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ، قارلۇق قەبىلىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربى قاتارلىق جايلاردا ياشايتتى . توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقىغا ئۇيغۇرلار يىتەكچىلىك قىلاتتى . %0lJ(hm  
شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى دىگەن ئەسەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى gPY Cw?zQ  
ئەنۋەر بايتۇر ، خەيرىنسا سىدىق ^ 2eH0O!  
http://uyghur.xjass.com/uyghur/lishisuo/content/2009-04/01/content_69281.htmمەنبە FQO>%=&4  

tawpek 2011-07-27 14:06
ياخشى تەتقىقاتلاركەن ، يىقىندىن  بۇيان  خىلى  كۆزىمىزنى  ئىچىۋاتامدىمىزمىكىن  دەيمەن.

رەيھان 2014-04-28 10:27
ياخشى ماتىريال بوپتۇ.

ھاتەھاتەم 2014-06-10 16:06
پايدىلنىش قىممىتى بار ماتېريال يوللاپسى رەخمەت

ئارزۇيۇم 2014-06-16 17:59
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ماتىريال يوللاپسىز.بارىكاللا.

مېھراي 2014-08-24 12:59
دەرسلىك كىتاپلاردا ئۇچرىغاندا مۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىپتىكەنمەن،،بىلىۋالسام بولغىدەك...رەھمەت سىزگە...

گۈلنىھال 2014-08-26 19:06
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرىيالكەن ، رەھمەت !

گۈلنىھال 2014-08-26 19:07
پايدىلىنىش قىممىتى زور

ئۇدۇنقىز 2014-08-31 11:46
ناھايتى قىممەتلىك ماتىرىياللاركەن......


查看完整版本: [-- ئون ئۇيغۇر ” ۋە ” توققۇز ئوغۇز “ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled