anayurt905 |
2011-05-18 18:33 |
گۈلىستان ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندىلەر
گۈلىستان ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندىلەر ANM#Kx+
گۈلىستان pM?;QG;jA سۆز بېشى w&p+mJL. پارس خەلىقىنىڭ 13-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر شائىر شەيخ سەئىدىنىڭ « گۈلىستان » ناملىق مەشھۇر ئەسىرى يالغۇز پارس كىلاسىك ئەدەبىياتىدىلا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ۋە مۇھىم يادىكارلىقلاردىن بىرى بولۇپ قالماستىن ، بەلكى جاھان مەدىنيەت غەزىنىسىدىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ھۆرمەتلىك بىر ئۇرۇننى ئىگىلىگەن . «گۈلىستان » قاپىيىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن قىسقا ھېكايىلەر ، ھېكىمەتلەر ، ئىبرەتلىك سۆزلەر توپلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ھەر بىر ھېكايە ئارىلىرىغا مۇۋاپپىق شېئىر مىسرالىرى قىستۇرۇلغان . سەككىز باپلىق بۇ نادىر ئەسەردە شۇ زاماندىكى ئىجدىمائى تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى ، بۇلۇپمۇ 13-ئەسىردىكى فېئودالىزىىم جەمئىيتىنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىدىكى ھاياتنىڭ رېئال مەنزىرسى ئاجايىپ تولۇق سۈرەتلەپ بېرىلگەن . ئادالەت ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلىقنى سۆيۈش ، ساداقەت ، ۋاپا ، مېھىر-مۇھەببەت ، سېخىيلىق ، ئالىيجاناپلىق ۋە باشقا گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەر مەدىھلەنگەن . قالاقلىق ، جاھالەت ، رىياكارلىق ، يالغانچىلىق ، ئالدامچىلىق ، ئاچ –كۆزلۈك ، زالىملىق شۇنىڭغا ئوخشاش جەمىيەتتىكى چىرىكلەر ھەجۋى تىل بىلەن كەسىكىن تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان . Aqyw شائىرنىڭ ھاياتى توغرىسىدا مەخسۇس ماتېرىيال يوق ، پەقەت ئاپتۇر ئۆز ئەسەرلىردە زىكىر قىلغان بەزى پاكىتلار بىزگە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا ئۇمۇمى چۈشەنچە بىرەلەيدۇ . ^3;B4tj[ سەئىدى 1203-يىلى ئۆپچۆرىسىدە ئىراننىڭ شىراز شەھرىدە ئوتتۇرا قاتلامغا مەنسۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . تەخمىنەن 20 ياش ۋاقتىدا ئوتتۇرا شەرىقنىڭ مەدىنيەت مەركىزى ھىساپلانغان قەدىمىي شەھەر باغداتقا بېرىپ ، مەشھۇر « نىزامىيە » مەدرىسىدە ئېلىم تەھلىل قىلغان . ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئۆز ۋەتىندىن كۆپ قېتىم سەپەرگە چىقىپ ، چەت مەملىكەتلەردە ۋە شەرىقنىڭ بىر مۇنچە شەھەرلىرىدە ساياھەتتە بولغان ، 14 قېتىم ھەج قىلغان ؛ غەرىبتە شىمالى ئافرىقىغا قەدەر بارغان ، ئەرەب سەھرالىرىنى كەزگەن ، مىسىر ، ھەبەشىستان ، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە بولغان ، دەمەشىق ، يىروسالىم ، تىرىپولى ، ھەلەب قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆرگەن ؛ شەرىقى ئافغانىستان ، ھىندىستان ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا سەپەر ،زىيارەتتە بولغان ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمي شەھىرى قەشقەرگىمۇ كېلىپ كەتكەن . x'GB#svi شائىر دەرۋىشلىك ھاياتىنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن . ئەھلىسەلىپ ئۇرشى ۋاقتىدا ، ئۇ فەرەڭلەرنىڭ ئەسىرلىكىدىمۇ بولغان ، چوڭ شەھەرلەردە ئالىملارنىڭ مۇنازىرلىرىگە قاتناشقان ، چەت يۇرىتلادا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ، ئاجايىب ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، ئاچچىق ئەلەملەرنى ، ئۆلۈم خەۋپى ، ئاچلىق ، مۇھتاجلىق دەردىنى تارتقان . 30 يىلچە چەتئەلدە يۈرۈپ ، ھەر بىر جايدا ئىجدىمائى تۇمۇشنى ئۆزىگە خاش زېرەكلىك ۋە ماھارەت بىلەن كۆزەتكەن ۋە ئۆگەنگەن . سەئىدى ئاخىرى ئۆز ئانا يۇرتى شىرازغا قايتىپ كېلىپ (1257-يىل) يېرىم ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجىربىسى ئاساسىدا ئاۋۋال ‹‹ بوستان ›› ناملىق شېئىرى ھىكايىلەر توپلىمىنى ، ئۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن ( 1258-باھاردا ) « گۈلىستان » ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىنى ياراتقان . شائىر بۇ ئىككى ئەسەرنى يېزىشتا خەلىققە پەندى-نەسىھەت ۋە تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان . ئاپتۇر « گۇلىستان» نىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ : $%y q[$^ بىز نەسىھەتنى جايىدا يەتكۈزدۇق ، i\i%WiRl بۇ بىلەن بىر بۆلۈك چاغنى ئۆتكۈزدۇق . 3g
A %Q`" بىراۋلار مەيلى قىلمىسا رىغبەت ، nf.Ox.kM) ئەلچىنىڭ بۇرچى خەۋەر بېرىشلا پەقەت . De?VZ2o9" سەئىدى ئۆز زامانىسىدا يۈكسەك ئەخلاقنىڭ ئالىيجاناب كۈيچىسى ، ئادالەتنىڭ قىزغىن ھىمايىچىسى بولغانىدى . ئۇ دۇنيادىكى قارمۇ-قارشىلىقلارنى ، ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى تەڭسىزلىكنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەچكە ، بۇ قارمۇ –قارشىلىقلارنى ئۆز ئەسەرلىرىدە دانالىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن . ئۇ دۇنياغا ، ئۆز ۋەتىنىگە ، كىشىلەرگە مۇھەببەت بىلەن قاراشنى تەرغىب قىلغان . خەلىقلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ۋە باراۋەرلىكىنى ياقلىغان . شائىر تەخمىنەن 1292-يىلى 90 يېشىدا ۋاپات بولغان . sh<Q2X
« گۈلىستان » يۈكسەك بەدىئي قىممەتكە ئىگە زور ئەدەبىي ئەسەر بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى نۇرغۇنلىغان تارىخ ، جۇغراپىيەگە ئائىت باي مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبە سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر ئەسەردۇر ، شۇنىڭدەك پارس كىلاسىك ئەدەبى تىلىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يادىكارلىقىدۇر . @(t3 شائىر بۇ ئەسەرنى خەلق ئىجادىيتى ،خەلق كۆز قارىشى ۋە خەلق تىلى ئاساسىدا يېزىپ چىققانلىقتىن ، بۇ ئەسەر بارلىققان كەلگەن كۈندىن تارتىپلا يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ ھەممە يېرىگە ، ئوتتۇرا ئاسىياغا تىزلا مەشھۇر بولغان ۋە خەلق ئىچىدە تتىز تارقالغان . ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكىمەتلەر خەلق ماقال-تەمسىلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ ، تا ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەلمەكتە . }Q\%tZC#T شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، شەيخ سەئىدى فىئودالىزىم دەۋىردە ياشىغان ، ئىجادىيەت بىلەن شوغۇنلانغان كېشى بولغانلىقتىن ، بۇ ئەسەردە بەزىبىر پاسسىپ پىكىرلەرنىڭ ئىپادىلىنىپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال . "r9Rr_,
> « گۈلىستان » مەيدانغا كېلىشى بىلەن ، ئىران ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، تۈركىيە ، مىسىر ، ھىندىستانلاردا ۋە باشقا مەملىكەتلەردە قايتا-قايتا كۆچۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭ نۇرغۇن قوليازما نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن ، مانا شۇ قوليازمىلار ئاساسىدا بۇ ئەسەر ، شەرىقتە بولسۇن ، شۇنىڭدەك غەربتە بولسۇن ، تەكرار-تەكرار نەشىر قىلىنغان . ھازىرقى ۋاقىتتا ئىران ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، تۈركىيە ، مىسىر ، ئافغانىستان ، كاپكازلاردا ۋە ياۋرۇپادا ھەر قايسى دەۋىرلەردە تاش باسما ۋە مىخ مەتبەئەدە بېسىلىپ چىققان ھەر خىل نۇسخىلىرى 200 گە يېتىدۇ . a3@E`Z شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى ، بۇ ئەسەردە ھەر قايسى مەملىكەتلەردە قايتا –قايتا كۈچۈرۈلۈش ۋە بېسىلىش جەريانىدا كاتىپلارنىڭ نادانلىقى ۋە بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن ، نۇرغۇن سەۋەنلىك-خاتالىقلار كۆرۈلۈپ كەلگەن ، ھەتتا ئاپتۇر ئۆزى ئېيىتمىغان يات سۆزلەر ، يات جۈملىلەر ، يات شىېئىرلار بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قۇيۇلغان . بەزى كاتىپلار كۆچۈرۈش جەريانىدا شائىرلىق ئىلھامى تۇتۇپ كېتىپ ، مەزمۇنسىز ، ئاددى شېئىرلارنى يېزىپ قۇيغان . ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ھەر خىل نۇسخىلاردا بۇ ئېلىشمانچىلىق ، بۇلغىنىش كۆزگە ياققال چېلىقىدۇ . ھەر بىر ھېكايىنى ئوقۇغاندا ، سۆز-جۈملىلەردىكى كېلىش قۇشۇمچىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، ئالمىشىپ كەتكەن سۆزلەر ياكى ئۇشۇق سۆزلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ . ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ مۆتىۋەر ھىسابلانغان بىر قانچە نۇسخىلىرىدىمۇ بەزى پەرىقلەر بار . &d_^k.%y بۇ ئەسەردە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق - خاتالىقلارنى تۈگۈتۈش ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلى تېكىسىتىنى تۇرغۇزۇش يۈزسىدىن 16- ئەسىردىن باشلاپ ، ئېران ، تۈركىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەردە كۆپلىگەن ئالىملار بىر مۇنچە ئىلمى ئىشلارنى قىلدى ۋە بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . OM86C « گۈلىستان » نىڭ تۈرۈكچە تەرجىمىسى 15-ئەسىردىلا مەيدانغا كەلگەن . 16 ئەسىردە تۈركىيلىك مەشھۇر تىلشوناسلاردىن سۇرۇرى ، شەمئى ۋە سۇدى ئارقىمۇ – ئارقا « گۈلىستان » نىڭ شەرھىنى يېزىپ چىقىپ ، ھەر بىرى ئۆز ئەسىرىگە « شەرھى گۈلىستان » دەپ نام قويغان . سۇرۇرى بۇ ئەسىرنى تولۇق ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئەسلى پارىسچە تېكىستى بىلەن بىللە باستۇرغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ئىران ، تۈركىيە ، ھىندىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەردە نۇرغۇنلىغان شەرھى نۇسخىلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، سۇدىنىڭ « شەرھى گۈلىستان » ى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالايىتەن ئورۇن تۇتىدۇ . `|dyT6V0I_ « گۈلىستان » خېلى بۇرۇنلا ياۋرۇپادىكى تىلشۇناشلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان . 17-ئەسىردە گوللاندىيىلىك مەشھۇر ساياھەتچى ئادام ئولېئارى بۇ ئەسەرنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلغان . 1651-يىلى گېئورگى گېنتسىي لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىپ ، پارىسچە تېكىستى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان . XkaREE ئىنگىلىسچە تەرجىمىسىنى 1791-يىلى خارىنگتون ، 1806-يىلى گلادۋىن ، 1807-يىلى جەيمىس ديۇمۇلىن ، 1827-يىلى جون كوكس ، 1850-يىلى ئېستۋىك ئىشلىگەن ۋە تولۇق نەشىر قىلدۇرغان . كىيىنكىلىرى ئالدىنقىلىرىنىڭ خاتالىق-كەمچىلىكلىرىنى تۈزەتكەن . ئەڭ كىيىنكى ئېنگىلىسچە تەرجىمىسىنى ۋېنگىريىدە تۇغۇلۇپ ، ھىندىستاندا 40 يىل ھايات كەچۈرگەن ئالىم ئىدۋارد رېھاتسېك ئىشلىگەن . بۇ تەرجىمە ئىران تىلشۇناسلىرىنىڭ نەزىردە مۇكەممەل ۋە مۆتىۋەر تەرجىمە ھىسابلانماقتا . V=O52?8 روسچە تەرجىمىسى 18- ئەسىردە ئولېئارىنىڭ نىمىسچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1922-يىلىدىكى پروفېسور بېرتېلىسنىڭ تەرجىمىسىگە بىر نەتچە نۆۋەت نەشىر قىلىنغان . كېيىنكى يىللاردا بۇ ئەسەرنىڭ روسچە تەرجىمىسى ئۈستىدە ئەزەربەيجانلىق ئالىم رۇستەم ئەلىيوپ مەخسۇس ئىلىمي ئىش ئېلىپ بارغان بولۇپ ، ئەسەرنىڭ ئەڭ توختالغان مەتنى ( تېكىسىتى ) نى ئىلمىي ۋە بەدئىي جەھەتتىن پۇختا بولغان تەرجىمىسى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان . F.9}jd{ «گۈلىستان » خىلى بۇرۇندىن تارتىپ جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارىتقانىدى . بۇ ئەسەرگە بولغان قىزىقىش كىيىنكى يىللاردا يەنىمۇ كۈچەيدى . 1927-يىلى تارىخچى ۋە ئەدەبىياتشوناس جىن جىندۇ « ئەدەبىيات پېرگراممىسى »دېگەن كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا شەيخ سەئىدى توغرىلىق ئالايىتەن توختالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم ھىكايىلەر خەنزۇ تىلىغا ئۈزلۈكسىز تەرجىمە قىلىنىپ تۇردى . 1958-1959-يىللىرى تولۇق تەرجىمىسى نەشىر قىلىندى . بۇ ئەسەرنى يەنە 1980-يىلى خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تولۇق نەشىر قىلدى .بۇ نەشىرنىڭ خنزۇچە تەرجىمىسىنى يولداش شۇي جىيەنفۇ ئەنگىليىلىك ئىرانشوناس ئالىم ئېستىۋىك نىڭ ئېنگىلىسچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئىشلىگەن . /9`4f " « گۈلىستان » شىنجاڭدا قانچە ئەسىرلەردىن بويان مەدىرىسلەردە دەرىسلىك سۈپىتىدە ئوقۇلۇپ كەلگەن . پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتنى ئۆگەنگۈچىلەر بۇ كىتابنى بىرىنچى قەدەمدە قولغا ئالماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى . « گۈلىستان » نىڭ ئىران ، ھىندىستان ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردا تاش باسمىدا بېسىلغان ھەر خىل نۇسخىلىرى ئۇزاق يىللاردىن بويان قەشقەر ۋە باشقا شەھەرلىرىمىزدە كەڭ تارقالغان . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنىتلىك مۇراد خۇجا ئىشان «گۈلىستان » نى تۈرۈكچگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ ، « شەۋقى گۈلىستان » دەپ نام قويغان . بۇ كىتابمۇ خەلىقنىڭ قولىدا ئانچە –مۇنچە ساقلىنىپ قالغان . E&M(QX5 ئازادلىقنىڭ ھارپىسىدا غۇلجىدا چىققان « ئىتتىپاق » ژورنىلىنىڭ سانلىرىدا بەزى ھىكايىلەرنىڭ تەرجىمىسى بېسىلىپ چىققان . NR4+&d بۇ قېتىم كەڭ كىتابخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلشىقا جاسارەت قىلدىم . تەرجىمە جەريانىدا بىر قانچە نۇسخا سېلىشتۇرۇپ چىقىلدى . مېنىڭ قارىشىمچە ، « گۈلىستان » نىڭ ئەڭ توختالغان تېكىستى 1971-يىلى تېھراندا مۇھەممەد ھۈسەيىن تەسبىھى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان پارىسچە – ئېنگىلىسچە نۇسخىدىكىسى بىلەن 1959-يىلى مۇسكىۋادا نەشىر قىلىنغان پارىسچە – روسچە نۇسخىسدىكىسى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئىككى كىتابنىڭ تېكىستى بىر-بىردىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ . بۇ ئەسەر ئاشۇ ئىككى كىتابتىكى تېكىسىتلەرگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى . Q6h+. بۇ تەرجىمە بىرىنچى قېتىمقى ئەمگەك بولغانلىقتىن ، سەۋەنلىك –خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلىشى تەبىئىي، كىتابخانىلارنىڭ تۈزىتىش پىكىرلىرىنى قارشى ئالىمەن . b^o4Q[ رەھمىتۇللا جارى 9vI~vl l 1982-يىل ،يانۋار mRk)5{ بىرنجى باب U3(+8}Q پادىشاھلارنىڭ خۇلىقى – ئادىتى توغرىسىدا >F/^y O ھېكايەت (1) Vk2$b{VdF ئاڭلىشىمچە ، بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان . بىچارە ئۈمۈدسىز ھالەتتە پادىشاھنى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان . چۈنكى كىشىلەر ئېيىتقاندەك ، كىمىكى جىنىدىن ئۈمۈد ئۈزسە كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى ئېيتىۋالىدۇ . '{&Q&3J_ ۋاقىت تار ، قېچىشقا قالمىسا ئامال ، x#1Fi$. ئاجىز قول قىلىچقا ئېتىلار دەرھال . *2AD#yIKC ئۈمۈدسىز ئادەمنىڭ ئۇزۇرار تىلى ، 0TU3
_;o مەغلۇب مۈشۈك ئۆزىنى ئىتقا ئاتقاندەك . waMF~#PJlt پادىشاھ سورىدى : « نېمە دەيدۇ ئۇ ؟» ئالىيجاناب ۋەزىرلەردىن بىرى جاۋاب بەردى : « ئەي پادىشاھىم ، ئۇ ئېيتىدۇركى ، جەننەت-ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار ، ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر . » d
C=[o\ پادىشاھنىڭ رەھىمى كېلىپ ، ئەسىرنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى . بايقى ۋەزىرگە زىت بولغان يەنە بىر ۋەزىر : « بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا راسىت سۆزدىن باشقىنى دېيىش لايىق ئەمەس . بۇ ئەسىر پادىشاھقا دەشنەم بېرىپ ، نالايىق سۆزلەرنى قىلدى »دېدى . پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى – دە ، دېدى : « ماڭا سېنىڭ راسىت سۆزۈڭدىن كۆرە ، ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەنىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ يالغان سۆزى يارىشىش جەھەتتىن ئېيتىلغانىدى ، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارىتىلغان . ھالبۇكى ، ئاقىللار : «پىتنە تۇغدۇردىغان راسىت سۆزدىن ، ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن .» #M-!/E كىمىكى شاھقا سۆزىنى ئۆتكۈزسە ، G m~ ./- ئەپسۇسدۇر تىلىنى يامانغا يۈرگۈزسە . Lqgrt]L_" فەردۇن (فىردەۋىشنىڭ «شاھنامە » سىدىكى شەخىسلەرنىڭ بىرى . ) سارىينىڭ پەشتىقىغا مۇنداق يېزىلغانىدى : H:fKv7XL جاھان ، دوستۇم ، ھىچكىمگە باقى ئەمەس ، .j}]J:{% جاھاننى ياراتقانغا دىل باغلا ،بەس . y`I>|5[` جاھان مۈلكىگە ھىچ ئۈمۈد باغلىما ، (W1$+X بېقىپ كۆپنى سەندەك ، جان ئالدى يەنە . c1YDln كېتەر بولسا پاك جان ، پەرق ئەتمەك نېمە ؟ : |'(T[~L زېمىندا ۋە يا تەخىتتە ئۆلمەك نېمە ؟ xSY"Ru ھېكايەت (2) Xu$>$D#a خۇراسان شاھلىرىدىن بىرى ، سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سەبۇكتېگننى (غەزنەۋىيلەرنىڭ قۇددرەتلىك سۇلالىسىگە ئاساس سالغۇچى مەشھۇر پادىشاھ) چۈشەپ قاپتۇ . گويا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى چىرىپ توپىغا ئايلانغانمىش ، پەقەت ئىككى كۆزى ساق بولۇپ ، چانىقىنىڭ ئىچىدە مۆلدۈرلەپ تۇرارمىش . بارلىق ھۆكىما بۇ چۈشكە تەدبىر بېرىشكە ئاجىز قالدى ، پەقەت بىر دەرۋىش چۈشنىڭ تېگىگە يېتىپ : « مېنىڭ پادىشاھلىقىم باشقىلارنىڭ قۇلىدا نېمە بۇلىۋاتقاندۇ ، دەپ ھېلىغىچە قاراپ تۇرغان !» دېدى . (_FU3ZW! نۇرغۇن نامدارلار يەرگە دەپنە قىلىندى ، { _9O4 +
& يەر يۈزىدە ئۇلاردىن نام نىشان قالمىدى . s.J4&2Q يەرگە تاپشۇرۇلغان كونا جەسەتىىنى ، ,54z9F` توپا يەم قىلدىكى ھەتتا ئۇستىخان قالمىدى . L(y70T نۇشىرۋانىڭ نامى ياخشىلىق بىلەن تىرىك ، zxR]+9Zh كۆپ چاغ ئۆتۈپ دېيىلسىمۇ : «نۇشىرۋان قالمىدى .» t3 ياخشىلىق قىل ، ئەي پالانى ، ئۆمرۈڭنى غەنىيمەت بىلىپ ، $ XjijD9R مۇنۇ خەۋەردىن ئالدىنراقكى : پالان قالمىدى . ]?^V xB7L ھېكايەت (3) JR!-1tnc ئاڭلىشىمچە ، بىر شاھزادە بويى پاكار ، كۆرۈمسىز بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئېگىز بويلۇق ، چىرايلىق ئىكەن . بىر قېتىم ئاتىسى ئۇنىڭغا يىرگىنىش ۋە پەس نەزىرى بىلەن قارىغانىدى ، ئوغۇل بۇنى پاراسەت ۋە چىچەنلىك بىلەن سېزىپ قېلىپ مۇنداق دېدى : « پاكار دانىشمەن ، ئۇزۇن تۇرا ئەخمەقتىن ياخشى ، قامىتى ئېگىز بولسىلا قەدىر قىممىتى ئۈستۈن بۇلىۋەرمەيدۇ ، چۈنكى قوي پاكىز ، پىل پاسكىنا .» v,w af`)J يەر يۈزىدە ئەڭ كىچىك تاغ تۇرسىنا ئەمما ئۇنىڭ ، Q-7?'\h ئورنى چوڭدۇر قەدىر- قىممەتتە خۇدانىڭ ئالدىدا . VN`.*B|9[ ئاڭلىدىڭمۇ ، سېمىز ئەخمەققە ، 'Lu<2=a~ بىر كۈنى دېدى بىر ئۇرۇق دانا . Oeh A3$|# « ئۇرۇۇق بولسىمۇ ئەرەبنىڭ ئېتى ، )eZK/>L& سېمىز ئىشەكتىن بەرىبىر ئەلا .» ~ZKJ:&f | |