查看完整版本: [-- «ئوۋچى ئەسلىمىلىرى» (توختى ئايۇپ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «ئوۋچى ئەسلىمىلىرى» (توختى ئايۇپ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-05-14 18:07

«ئوۋچى ئەسلىمىلىرى» (توختى ئايۇپ)

2. ئوۋچى ئەسلىمىلىرى g>zL{[e!  
(ھېكايە) bp,CvQ'}a  
=YIQ _,{u  
توختى ئايۇپ Q,`kfxA`O  
9 
&=bI3-  
1 JB<4 m4-  
يېشىل ياپراقلار ئارىسىدا دەسلەپتە سۇس قىزىل، بىنەپشە رەڭ ياقۇت ئۈزۈكتەك تاۋلىنىپ، كېيىن ئاستا - ئاستا قاتقان قان رەڭگىنى ئالغان قارا ئۈجمە! مانا، ياز داستىخىنى بەخش ئەتكەن بۇ تۇنجى نېمەت مېنىڭ شادلىق، ھاياجان ئىچىدە تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ كەلگەنلىرىم ئىدى. =Frr#t!(w0  
قارا ئۈجمىنىڭ پىشقان ۋاقتى دەل جەرەن ئوۋلاشنىڭ ياخشى پەيتى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، قالجاقنىڭ پاكار تاغ ئارىلىرىدا تۇغۇشقا باشلىغان مەزگىلى ئىدى. بۇنداق چاغلاردا قالجاقلار يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىقىنى تاشلاپ كېتىپ قالماي، يېقىن بىر دائىرە ئىچىدە چۆرگىلەپ ئوتلاپ يۈرەتتى. بىرەر يات تىۋىشنى سەزگەن ياكى پۇراقنى ھىدلىغان ھامان بۇرۇنقىغا ئوخشاش ساداقتىن ئۇچقان ئوقتەك تېز قېچىپ كەتمەيتتى. شۇڭا، بۇنداق مەزگىلدە ھاۋا ياخشى بولسىلا، ئۇنىڭ قانچىسى ئۇچرىسا شۇنچىسىنى ھېچبىر قىينالمايلا ئېتىۋېلىش مۇمكىن ئىدى. sa*-B  
مەن تاڭ يورۇماستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ ناشتا قىلدىم - دە، ئوق - دورىنى بېلىمگە باغلاپ، مىلتىقنى ئۆشنەمگە ئېسىپ، تاغقا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. مېنىڭ تاغ دەۋاتقىنىم، ئۆيۈمدىن 10 − 15 چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى ئۇششاق شېغىل تاشلىق، توپا رەڭ، تاقىر، ئېگىز - پەس ئېدىرلىق ئىدى. ئۇنىڭ نېرىقى تەرىپى بارغانسېرى ئېگىزلەپ، تاشلىرى قىزغۇچ، قارامتۇل تىك تاغقا بېرىپ تۇتىشاتتى. مەن كۈن بىلەن تەڭ تاغقا، توغرىراقى، ئېدىرلىق ئارىسىغا يېتىپ كەلدىم. ئېگىز - پەس، ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاغدىن ئېتىلىپ چۈشكەن يامغۇر سۈيى قىلىچتەك كېسىپ يالاپ، يول - يول قىلىۋەتكەن بۇ ئېدىرلىق قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرلىرى ئارىسىدا ئاجايىپ جازىبىدار، سىرلىق، باشقىچە بىر دۇنيا بولۇپ كۆرۈنەتتى: دۆمبەللەرنىڭ بىرلىرى يىراققا كۆز تىكىپ چەكچىيىپ تۇرغان ئارسلان، يولۋاسقا، بىرلىرى يەرگە چۆككىنىچە پوم كۆشەۋاتقان نار تۆگىلەرگە، يەنە بىرلىرى ئوغلاقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوتلاپ يۈرگەن قالجاقلار توپىغا ئوخشايتتى … مەن ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىدىم: ئۇيەر - بۇيەردە يەر بېغىرلاپ ئۆسكەن تۆگىتاپىنى، بېلىق قىلتىرىقىدەك قاتتىق ئىنچىكە غوللىرى كۆكىرىپ، باراقسانلاپ تۇرغان شىۋاق، چاكاندا … ئۇنىڭ چۆرىسىدە جەرەن مايىقى، ئۇ قۇرۇغان - كونىرىغان … ئىزلارنى چاڭ باسقان. دېمەك، بۇ يەرگە يېقىنقى كۈنلەردە جەرەنلەرنىڭ ئاياغ باسمىغانلىقى ئېنىق. مەن يەنە يۇقىرىلاپ ماڭدىم. بارغانسېرى تىكلىنىۋاتقان ئېگىز - پەس ئېدىرلىق، يامغۇر سۈيى يالاپ ئۆتكەن قۇرۇق ئېقىن…  4a-wGx#h  
مەن ئېڭىشكىنىمچە ھەربىر قەدىمىمنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ئېدىرلىق ئارىسىدا يىلاندەك شەپىسىز كېلىۋاتىمەن، ئايىغىم ئاستىدا شېغىل تاشنىڭ شىرىق قىلغان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايدۇ. تەجرىبىلىك ئوۋچىنىڭ پۇتلىرى قەدەمنى ئاشۇنداق ئېلىشقا ئادەتلەنگەن. مەن جىرا ياقىلاپ كېتىۋېتىپ، ئاخىر كەڭلىكى تۆت غۇلاچچە كېلىدىغان قۇرۇق ئېقىن ئىچىدە جەرەن ئىزىنى بايقاپ قالدىم. جەرەنلەر ھەر كۈنى چۈشلۈكى پەستىكى بۇلاقتىن سۇ ئىچىش ئۈچۈن چوقۇم مۇشۇ يەردىن ماڭغان. G<'S  
مەن ئۇلارنىڭ ماڭغان يولىغا يات ئىزلارنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال كەينىمگە ياندىم ۋە پايلاپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكچى بولدۇم. ئەتراپتا يامغۇر سۈيى يالىۋەتكەن چوڭقۇر جىرالار كۆپ بولۇپ، يوشۇرۇنۇۋېلىشقا تولىمۇ باب كېلەتتى. ئەمدىكى گەپ شامالنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىۋېلىشتىلا قالغانىدى. كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شېغىل تاشلىق ئاستا - ئاستا قىزىۋاتاتتى. مەن ئېدىرلىق ئۈستىگە پەم بىلەن يامىشىپ چىقىپ، بىر سىقىم توپىنى سورۇپ كۆردۈم، ئۇخلاۋاتقان بوۋاق تىنىقلىرىدەك كۈچسىز شامال شەرق تەرەپتىن بىلىنەر - بىلىنمەس سوقۇۋاتاتتى. مەن شامالنىڭ قارشى تەرىپىگە − جەرەن يولىنىڭ ئۇ چېتىدىكى ئېدىرلىق ئارىسىغا ئۆتتۈم. ئەمدى جەرەننىڭ مېنىڭ ھىدىمنى پۇرىيالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن ئىككى دۈمبەل ئارىسىدىن ئەپلىك بىر جاينى تاللىدىم. بۇ يەر بىلەن جەرەن ماڭىدىغان يولنىڭ ئارىلىقى كۆپ بولغاندىمۇ 15 غۇلاچتىن ئاشمايتتى، يول ئالدىمدا ئاپئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئوقنى بۇنداق جايدىن جەرەننىڭ كۆزلىگەن يېرىگە ھېچ خاتاسىز تەگكۈزەلەيتتىم. مىلتىقنى ئوقلاپ ئالدىمغا قويدۇم - دە، دۈمبەل ئارىسىدا تۈگۈلگىنىمچە جەرەنلەرنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىنىپ كۈتۈپ ياتتىم. K-ebAaiC  
ئۈمىد، تەقەززالىق، ئىزتىراپلىق، يەنە ئاللىقانداق ھاياجانلىق خىيال … شېغىل ئۈستىدە قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن، كۈن ئېدىرلىق ئۈستىگە تىك كۆتۈرۈلگەن، ئەتىگەنكى كۈچسىز شامال ئاستا - ئاستا ئۇلغىيىپ، يۈز - كۆزلىرىمگە قىزىغان تونۇرنىڭ تەپتىدەك يالىلداپ ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا مىختەك قادىلىۋېرىشتىن ھارغان، تاماقلىرىم ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغدا ئۇشتۇمتۇت ئېدىرلىق ئارىسىدىن «ئۆئ … ئۆئى… » قىلغان ئۈزۈك، بوغۇق ئاۋاز ئاڭلاندى. شۇ ھامان يۈرىكىم ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ كەتتى. بۇ قالجاقنىڭ ئاۋازى ئىدى! مەن ئۇلارنىڭ ئادەتتە ئوغلىقىنى چاقىرىۋاتقاندا ياكى يولدا بىرەر شەپىنى سېزىۋالغان چاغدا شۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. Rs wR DLl  
ئاپلا! ئاياغ ئىزىمنى بايقاپ قاپتۇ - دە!؟ مەن دېمىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، يەرگە تېخىمۇ چىڭ چاپلىشىۋالدىم. جەرەن ھايال ئۆتمەي ئالدىمغىلا چىقىپ كەلدى. ئۇ بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ، قاپقارا دۈگىلەك كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن، قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلغان ھالدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ئەتراپنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزەتمەكتە، پۇرىماقتا ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا كىچىككىنە يات تىۋىش ياكى پۇراق سەزگەن ھامانلا ئالدىمدىن ساداقتىن ئېتىلىپ چىققان ئوقتەك ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋېرىشكە تاقەت قىلالمىدىم. ئۇنىڭ يۈرىكىنى − ئالدى پۇتىنىڭ تاغاق قىسمىنى نىشانغا ئالدىم - دە، تەپكىنى بېسىۋەتتىم. گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جەرەن بىر غۇلاچچە ئېگىزگە قاڭقىپ كەتتى. ئاندىن خۇددى نېمىگىدۇر پۇتلاشقاندەك جايىغا گۈلۈپ قىلىپ يىقىلدىيۇ، شۇ ھامان يەنە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئالدىمدىن غايىب بولدى. ئۇنىڭ ئوق تەگكەن چاغدىكى ھېلىقى ھالىتى ئالدىمدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىشلار ئىدى. مەن ئۇنىڭ مۇنچە تېز قېچىپ كەتكىنى بىلەن ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا قانسىراپ يىقىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن جەرەنگە يېتىشىۋېلىپ، تېزرەك بوغۇزلىۋېتىش ئىستىكىدە بەلۋېغىمغا ئېسىقلىق غىلاپنى سىلاپ قويدۇم. ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مىلتىقنى كۆتۈرگىنىمچە بايا جەرەن يىقىلغان جايغا يۈگۈرۈپ باردىم. جەرەن گەۋدىسىنى تېشىپ چىققان ئوق بىلەن بىللە ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل قان قۇرۇق ئېقىننىڭ تىك قاپتىلىغىچە چاچراپ بارغانىدى. مەن جەرەن قاچقان يۆنىلىش بويىچە ئېقىننى بويلاپ يۇقىرىلاپ يۈگۈرۈپ كەتتىم. ئالدىمدا جەرەننىڭ خۇددى قوزۇق قېقىپ سۇغۇرۇۋالغاندىكىدەك چوڭقۇر پاتقان ئاياغ ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن جەرەننىڭ شۇنچە ئارىلىققىچە يىقىلىپ قالمىغانلىقىدىن ھەيران بولدۇم. ئوق دەل نىشانغا تەگمەي قالغانمىدۇ - ھە؟ ئۇنداق بولسا قان مۇنچىلىك كۆپ ئېقىپ چىقارمىدى؟ ياق، ئوقنىڭ ئۇنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم ئۇزۇنغا بارالمايدۇ. \B)<<[ $  
قۇرۇق ئېقىن يانتۇ جىراغا، ئاندىن ئېدىرلىققا تۇتاشتى. مەن ئەمدى جەرەن ئىزىدىن كۆرە، شېغىللىق ئۈستىدە تانابتەك ئىنچىكە ئىز قالدۇرۇپ، ئاققان قاننى نىشانلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتىم. شېغىل ئۈستىدىكى قان تېخى قاتمىغانىدى. مەن يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە ئوۋ خۇشاللىقى بىلەن ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ كەتكەن يەنە ئاللىقانداق كۆڭۈلسىزلىك ۋە غەشلىك ھېس قىلىپ قالدىم. يارىلانغان جەرەننى ئارقىسىدىن قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك يەرگىچە قوغلاپ بارغانلىقىم ئېسىمدە يوق. ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان قان ئىزىدىن باشقا ئالدىمدا ئۇنىڭ چېكىتتەك قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۈستۋېشىمدىن ئاچچىق تەر قۇيۇلۇپ، ماغدۇرسىزلىقتىن بىر قەدەم چامدىغۇدەك ماجالىم قالمىدى. ئوۋنىڭ ئەتىگەندە كۆڭلۈمدە ئويغاتقان راھەتبەخش پەيزى ئەمدى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئالىقىنىمغا كىرىپ بولغان تەييار ئولجىدىن ۋاز كېچىشكە كۆڭلۈم زادىلا ئۇنىمايتتى. مەن چىشىمنى چىشىمغا بېسىپ، ئالدىمدىكى قان تامچىلىرىنى بەلگە قىلىپ يۈگۈرۈپ مېڭىۋەردىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم، تىركىشىش بىلەن جان تالىشىش، تەر بىلەن قان ئاداققى جەڭگە چۈشكەنىدى. مەن غالىبلىقنىڭ ئۆلۈمگە ئەمەس ھاياتلىققا، جان تالىشىشقا ئەمەس تىركىشىشكە، قانغا ئەمەس تەرگە تالىق بولۇشىنى تىلەيتتىم. ئەمما، قېرىشقاندەك تامچىلاۋاتقان قاننىڭ ئۇزۇنلۇقتا چېكى يوقتەك، ئۇ مەڭگۈ ئېقىپ تۈگىمەيدىغاندەك، غالىبلىق ئاخىر جەرەنگە تالىق بولۇپ، ۋۇجۇدۇمدىكى تەييار ئولجىغا بولغان ئۈمىد تەر ئىچىگە غەرق بولىدىغاندەك، ئاخىر مېنىمۇ ھالاك قىلىدىغاندەك ئىدى. مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ، يارىلانغان جەرەندىن ئېقىۋاتقان قاننىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈگىمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇنى شۇنچە قەيسەر ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا ئىنتىلدۈرۈپ كېتىۋاتقان كۈچنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. يۈگۈرۈۋېرىپ ئاخىر بولالماي، دەرمانسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشەر ھالغا يەتكەن چېغىمدىلا جەرەننى قۇرۇق ئېقىن ئىچىدە − قېشىنىڭ بىر چېتىنى يامغۇر يالاپ كەتكەن چوققا ئاستىدا كۆردۈم، ئۇ قالجاق ئىدى. پۇتلىرىنى ئالدىغا سوزغىنىچە بىر يېنىنى بېسىپ ياتاتتى. ئالدىدىكى تۇغۇلغىنىغا بىر - ئىككى كۈنچە بولغان ئۈچ ئوغلىقى ئالدى تىزلىرىنى پۈككىنىچە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى تۇمشۇقى بىلەن ئىتتىرىشىپ، تالىشىپ ئەممەكتە ئىدى. مەن شۇ چاغدىلا ئاتقان ئوقۇمنىڭ ئۇنىڭ كۆكسىگە ئەمەس، ئارقا پۇتىنىڭ تاغاق سۆڭىكىگە تەگكەنلىكىنى بىلدىم. يارا ئېغىزىدىن ھېلىمۇ قان ئېقىۋاتاتتى. قان ئۇنىڭ ساغرىسىدىكى سارغۇچ تۈكلىرى ئارىسىدىن ئەمچەكلىرى ئۈستىگە سىرغىماقتا، ئېچىرقاپ كەتكەن ئوغلاقلار ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ئۇنى سۈت بىلەن قوشۇپ ئەممەكتە ئىدى. قالجاق بېشىنى دەرمانسىزلىق بىلەن تەستە كۆتۈرۈپ، ئوغلاقلىرىغا پات - پات قاراپ قوياتتى. ئۇلارنى يالىماقچى، پۇرىماقچى، ئەركىلەتمەكچى بولاتتى. ئەمما، ماغدۇرى يەتمەيتتى …  Yh=Zn[ U  
مەن شۇ چاغدا قالجاقنىڭ ياش قۇيۇلۇۋاتقان ھەسرەتلىك، مۇڭلۇق كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىل بولغان بالىسىنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ مۇراد - مەقسىتىگە يەتكەن مېھرىبان ئانىنىڭ كۆزلىرىدەك، بەخت، خاتىرجەملىك ۋە چەكسىز شادىيانىلىكنىڭ يارقىن نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ تۇيۇقسىز مېنى كۆرۈپ قېلىپ، چەكچىيىپ قارىدى. لېكىن، ئۇ ئورنىدىن مىت قىلىپ تەۋرەپمۇ قويمىدى. قورقۇش ئەمدى ئۇنىڭغا ئەبەدىي يات بولۇپ كەتكەندەك، كۆزىنىڭ ماڭا خاتىرجەم، مەسخىرىلىك ۋە ئۆچمەنلىك ئىچىدە تىكىلىپ قاراشلىرى بىلەن ئۆلۈۋاتقان ۋۇجۇدىدىكى ئۆلمەس غالىبلىقنى نامايان قىلماقتا ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى مېھىر ۋە قىساسكارانە نۇرنىڭ ئاشۇ ئۆتكۈر چاقنىشى بىلەن يۈرىكىمگە خەنجەردەك سانجىلغان چاغدىكى دەھشەتلىك ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم - دە، كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم. dSbV{*B;>  
 − ھەي … ئانا…  5s;#C/ZZ  
5gGr|d|(  
2 ^#+9v  
m35G;  
مانا تۇنجى قار، ماڭا ئوۋ خۇشاللىقى نېسىپ بولىدىغان كۈن! بىر كېچە ياغقان قار ئەتىگەندە روھىمنى بۆلەكچىلا كۆتۈرۈۋەتتى. تاغ قاپتىلىدىكى كەڭ يايلاقنى قېلىن قار كۆمۈپ تاشلىغان، ئەمدى مالچىلارغا قويلىرىنى يايلاققا ھەيدەپ چىقىش نەدە؟ ئۇلارنى لاپاسقا بېسىۋالغان زاپاس قۇرۇق چۆپ بىلەن باقماي باشقا ئامال يوق. قويلار مەرىشەتتى، شاخشا ئالدىغا تىقىلىپ، مالچىلارغا ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈشەتتى. مالچىلار ئەمدى كۈزدە قاياققىدۇر تاشلىۋەتكەن ئارىلارنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدى. مەن ئېتىمنى لاپاس ئاستىدىن يېتىلەپ چىقىپ، ئېگەر توقۇشقا كىرىشتىم. q+ 
− ئەتىگەندە نەگە؟ 61wiXX"N  
− ئوۋغا. 7{6wNc  
− بەللى، قارنىڭ قېلىن ياغقىنى ساڭا پايدا بوپتۇ - دە، باۋۇدۇنباي؟! jk~< si  
مەن جاۋاب بېرىش ئورنىغا كالتە جۇۋامنى ياقىسىدىن تۇتۇپ، بىر - ئىككى سىلكىۋېتىپ، مەغرۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدۇم. دۇرۇس! قېلىن ياغقان قارنىڭ پايدىسى ئوۋچىغا بولماي كىمگە بولاتتى؟ تۈلكە بولامدۇ، جەرەن بولامدۇ، ئەتىگەندە قارغا چۈشۈرگەن تۇنجى ئىزغا قاراپ، ئۇنىڭ قاياققا ماڭغانلىقىغا ھېچ خاتاسىز ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. fSj^/>  
مەن ئۆيگە كىردىم، ئۆي ئىچى تېخىچە قاراڭغۇ ئىدى. بۈركۈتنىڭ ئادەتتە كۆكۈچ، سارغۇچ كۆرۈنىدىغان بىر جۈپ كۆزى ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى قاراڭغۇلۇقتا يېلىنجاۋاتقان ئىككى تال چوغدەك چاقناپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى ئاللىقاچان سەزگەن، بوينىنى مەغرۇرلۇق بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچلۈك، ئۇزۇن قاناتلىرىنى سىلكىپ قويدى. شۇ ھامان ئۆي ئىچىدە بوران كۆتۈرۈلگەندەك بولۇپ، دېرىزە پەردىسى پۇلاڭشىپ، تەكچىدىكى گېزىت - قەغەزلەر پەگاھقا ئۇچۇپ چۈشتى. /Z^+K  
بۈركۈتكە تومۇغا كىيدۈردۈم. ئاندىن قولۇمغا تېرە پەلەي كىيىپ، ئۈستىگە بۈركۈتنى قوندۇردۇم - دە، ئېتىمغا مىنىپ تاغقا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. 'INdZ8j_  
تاغلار ئاپئاق، يايلاقلار ئاپئاق … تېخى تۈنۈگۈنلا قۇرۇغان ئوت - چۆپلىرى بىلەن سارغۇچ كۆرۈنىدىغان بۇ تاغ قاپتىلى بۈگۈن تۇنجى قاردىن مامۇقتەك يۇمشاق، ئاپئاق تون كىيگەن. كۈن ئېگىز تاغنىڭ قارلىق چوققىسى ئۈستىدە ھالسىز، ئەمما پارقىراپ كۆرۈنەتتى. تۈنۈگۈنكى قىش شىۋىرغان قار بىلەن بىللە يەر تېگىگە بېسىلىپ قالغاندەك، ھاۋا نەمخۇش ھەم ئىللىق ئىدى. يىراقتا تاغ باغرىدا ئۈستى قار بىلەن چۈمكەلگەن قارىغاي، ئارچىلار … بىپايان ئاپئاق دۇنيا ئىچىدە باشقىچە قارىيىپ كۆرۈنەتتى. C@xh$(y  
ئاستىمدىكى ئات مەندەكلا خۇشال. ئۇ تىزغىچە كېلىدىغان يۇمشاق قارنى ئەتراپقا چاچرىتىپ، شوخلۇق بىلەن ئويناقلىماقتا. %GJ, &b|  
قارغا كۆمۈلگەن چاتقاللىق ئارىسىدىن گۈر قىلىپ بىر توپ كەكلىك ئۇچۇپ چىقتى - دە، جىمجىت ھاۋانى تىترىتىپ، 20 − 30 قەدەمچە يەرگە ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن، قېلىن ئىرغاي چاتقاللىقى ئارىسىغا چۈشۈپ يوشۇرۇنۇشتى. مەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىدىم. كۆزۈم ھامان قار ئۈستىدە، ئىزلارنى ئاختۇرۇش بىلەن بەند ئىدى. مەن ئاشۇ تەقلىدتە چاتقاللىقنى ياقىلاپ مېڭىۋەردىم. ئوۋچىغا خاس سەزگۈر كۆزلىرىم تۇيۇقسىز قار ئۈستىدە تېخى يېڭىلا ھاسىل بولغان ئىزلارغا قادىلىپ قالدى. ھېچ خاتاسى يوقكى، ئىزنىڭ بىرى جەرەننىڭ، بىرى بۆرىنىڭ بولۇپ، چاتقاللىقتىن باشلانغانىدى. مەن شۇئان، بۆرە چوقۇم جەرەننىڭ ئىزىغا چۈشكەن دەپ ھۆكۈم قىلدىم. مەن قار ئۈستىدە گاھ گىرەلىشىپ، گاھ پاراللېل بولۇپ سوزۇلغان بۇ بىر جۈپ ئىزنى بويلاپ ئېتىمنى چاپتۇرغىنىمچە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتىم. ئالدىمدىكى دۈمبەلنىڭ ئۇ تەرىپىدە كەڭ كەتكەن يايلاق يېيىلىپ ياتاتتى. مەن دۈمبەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشۈم بىلەنلا يىراقتا ئۇلارنى كۆرۈپ قالدىم. جەرەن ئالدىدا جان - جەھلى بىلەن پىرىلداپ، ئۇياق - بۇياققا قاچماقتا، بۆرە بار سالمىقى بىلەن ئۇنىڭغا تاشلىنىپ، قار ئۈستىدە ۋىژىلداپ ئۇچماقتا ئىدى. مەن جەرەننىڭ بۆرىگە ئەمەس، ماڭا تالىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن شۇ ھامان بۈركۈتنىڭ تومۇغىسىنى ئېلىۋېتىپ ئاسمانغا قويۇۋەتتىم - دە، بۆرىنى قاچۇرۇش مەقسىتىدە ھايت … ھۇيت … دەپ چۇقان - سۈرەن سېلىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدىم. بۈركۈت كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە كۆك قەرىگە ئۆرلەپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېتىپ باردى. ھەي، نەسلىك! مەن بۈركۈتنىڭ جەرەننى تاشلاپ قويۇپ بۆرىگە ئېتىلىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟ ئۇ ئاسماندا كۈچلۈك قاناتلىرىنى چىڭ جۈپلەپ، ساداقتىن ئۇچۇپ چىققان ئوق سىياقىغا كىردى - دە، پەسكە قاراپ ۋىژىلداپ ئېتىلغىنىچە بۆرىنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن تاشلاندى. قورققىنىمدىن بېشىم پىر قىلىپ ئايلىنىپ كەتتى، شۇئان ئېتىمغا تارسىلدىتىپ قامچا ئۇردۇم…  U`xjau+  
ئېتىم غۇيۇلداپ ئالغا كېتىپ باراتتى، كۆزۈم بولسا بۈركۈتۈم بىلەن بۆرىدە ئىدى. بۈركۈت بىلەن بۆرە قارنى پۇرقىرىتىپ توزىتىپ، جان - جەھلى بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدى. ئىسىت، شورلۇق بۈركۈتۈم تۈگەشتى! دەپ ئويلىدىم مەن. ئەمما، مەن يېتىپ بېرىشقا 50 قەدەمچە قالغان چاغدا كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى. بۆرە جېنى قاقشاپ غىڭشىغاندەك قىلدى - دە، يۇقىرىغا قاراپ قېچىپ كەتتى. بۈركۈت بىر پۇتىنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن بۆرىنىڭ ئوڭ يوتىسىنى مەھكەم قاماللىغانىدى، يەنە بىر پۇتىنىڭ تىرناقلىرىنى كەڭ كەرگىنىچە ھەدەپ ئالدىغا سوزاتتى. ئىككى قانىتى كەڭ ئېچىلغانىدى. قېچىپ كېتىۋاتقان بۆرە بىلەن تەڭ بۈركۈت يۇقىرى - تۆۋەن لەپەڭشىپ باراتتى. كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. ئەمدى بۆرىنىڭ بۈركۈتكە ئېغىز سالالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ بۈركۈتنى چىشلەش ئۈچۈن ئاغزىنى كەينىگە بۇرايدىغانلا بولسا، بۈركۈت يەنە بىر پۇتى بىلەن بۆرىنىڭ تۇمشۇقىدىن قاماللاپ ئىككى پۈكلەپ بېسىۋالاتتى. ئەمما قېرىشقاندەك، بۆرە كەينىگە قاراپمۇ قويماي چاتقاللىق تەرەپكە قاراپ قاچماقتا. مەن بىردىنلا تەشۋىشكە چۈشۈپ، بۆرىنى ئوچۇق يايلاق تەرەپكە قوغلىماقچى بولدۇم. ئويلىمىغان يەردىن كەلگەن نەسلىك! ئېتىم ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى. مەن يېتىشىۋالايلا دەپ قالغان بۆرە ئاستا - ئاستا مەندىن ئۇزاپ كېتىشكە باشلىدى ۋە ئاخىر قويۇق چاتقاللىق ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ ئېتىمغا ئارقا - ئارقىدىن قامچا ئۇردۇم - دە، ھايال ئۆتمەي چاتقاللىققا بۆسۈپ كىردىم. لېكىن 10 قەدەمچە ماڭمايلا كۆز ئالدىمدىكى دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۆزۈمنى يەرگە ئاتتىم. بۈركۈت ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىن يېرىلغان يېرىم گەۋدىسى بىلەن قۇرۇپ كەتكەن ئىرغاي كۆتىكى ئۈستىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئۈچەي - باغرىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. بېشى پەسكە ساڭگىلاپ قالغانىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئېچىقلىق تۇرغان سارغۇچ كۆزلىرىدە دۇنيادا ھېچبىر ھاياتلىقنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىش مۇمكىن بولمايدىغان قەيسەرلىك، باھادىرلىق ۋە قەھر - غەزەپنىڭ غالىبانە چاقنىشى قېتىپ قالغانىدى. مەن بۈركۈتنىڭ يېرىم گەۋدىسىنى يالغۇز قاناتلىرى ئارىسىغا ئوراپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئەمما، ئۇنىڭ پۇتىنى ھەرقانداق قىلىپمۇ كۆتەكتىن ئاجرىتالمىدىم. ئۇنىڭ قاپقارا، ئۆتكۈر تىرناقلىرى خۇددى قېقىلغان مىختەك كۆتەككە چوڭقۇر پېتىپ كەتكەنىدى. leiP/D6s  
مەن ئىختىيارسىز ھېلىقى بۆرىنى ئويلاپ كەتتىم. بەختسىز، بىچارە بۆرە … كىم بىلىدۇ، بەلكى ئۇ شۇ قېچىشىدا تاغ ئارىسىدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ بىرىگە كىرىپ ئېچىنىشلىق ھۇۋلاۋاتىدىغاندۇ ياكى ساغرىسىدا ھېلىمۇ ساڭگىلاپ تۇرغان بۈركۈتنىڭ يېرىم پارچىسىنى قارسىلدىتىپ چايناپ يەۋاتقاندۇ. ئەمما، بۈركۈتنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى ھامان بۆرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. <`BUk< uf#  
kA fkQy(~  
3 LG(bdj"NM  
2}K7(y!?u  
قېرىغىنىدىن دەرمانسىزلىنىپ، توغرا تامنىڭ كەينىدىن چۈشمەس بولۇپ قالغان دادام ئۆزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى ئوۋچىلىق سەزگۈزەشتلىرىنى قانچىلىك زوق - شوق ۋە ھەۋەس بىلەن بىزگە سۆزلەپ بەرگەن بولسا، بىزمۇ شۇنچە كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغىنىمىزدىن ئاغزىمىز ئېچىلىپ قالىدىغان. Pr9$( 6MX  
راست، مەن ئەقلىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە جەرەن گۆشى ئۆكسۈمەيدىكەن. بىز ئۇنى كۈندە يەۋەرگەنلىكتىن تويۇپ، كېكىرىپ، گۆشتىن چىقىپ كەتكەنلىرىمىز، بۇنداق چاغدا دادام بىزگە گۆلىيىپ: «ئالدىڭغا تەييار كەلگىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىۋاتىسەنغۇ تايىنلىق! مېنىڭ بۇلارنى ئېتىپ كەلگىچە تاغدا مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدىغانلىقىمنى بىر كۆرۈشسەڭ ئىدىڭ. يېيىشە! دورا بۇ … !» دەپ توۋلىغانلىرى ئېسىمدە. V|)3l7IC<  
ئاخشام قازناق ئۆينىڭ قايسىبىر بۇلۇڭىدىن تاشلاپ قويۇلغىنىغا خېلى يىللار بولغان كونا مىلتىقنى تېپىپ چىقتىم - دە، توپىلىرىنى سۈرتۈپ، داتلىرىنى ئادالىغاچ كىرىپ دادامغا يالۋۇردۇم: DR;rK[f  
− ئۇ ئىشنى قىلساممۇ، بۇ ئىشنى قىلساممۇ ھېچ ئەپلەشمەيۋاتىدۇ، يەنىلا سېنىڭ ئوۋچىلىق كەسپىڭ ئاسان ئوخشايدۇ. ئەتىدىن باشلاپ شۇ ئىشنى قىلىپ باقايمىكىن دادا؟ Ru `&>E  
دادام ئۇنىمىدى، قولۇمدىن مىلتىقنى ئالدى - دە، ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ ئۆرۈپ - چۆرۈپ قاراپ كەتتى. ئاندىن بىر كۆزىنى قىسىپ، ئۆينىڭ دېرىزىسىدىكى نېمىنىدۇر نىشانغا ئېلىپ باقتى - دە، قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى. f%;8]a9  
− سېنىڭچە، بۇ پىلانىم قانداقراق؟ − مەن تاقەتسىزلىنىپ سورىدىم. N*y09?/h  
− سەن ئوۋچىلىقنى شۇنچىۋالا ئاسان چاغلىدىڭمۇ، بالام؟ Dyyf%'\M  
− نېمە تەس؟ تاغدا نېمە تولا؟ جەرەن بىلەن تېكە، ئالدىمغا ئۇچرىغاننى گۇم قويىمەن - دە، كۆتۈرۈپ كېلىۋېرىمەن. u_shC"X:  
− ئەسلىدە ئوۋچىلىق دېگەننى سەنلا قىلساڭ بوپتىكەن، − دېدى دادام كىنايىلىك كۈلۈمسىرەپ، − ئەمىسە، سېنىڭ ئوۋچىلىققا يارايدىغان - يارىمايدىغانلىقىڭنى بىر سىناپ كۆرەي، ئەتە ئەتىگەندە ھويلا ئالدىدىكى تېرەككە قونغان قاغىدىن بىرەرنى ئېتىپ باققىن. cks53/Z  
مەن خۇشاللىقىمدىن تاڭنىڭ تېزرەك ئېتىشىنى كۈتۈپ، مىلتىقنى قۇچاقلىغىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن. پۈتۈن بىر كېچە قاغا چۈشەپتىمەن. K Rs e  
… تېرەك شېخىغا بىر توپ قاغا قونغۇدەك، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئالدىدا قايسىسىنى ئاتسامكىن، دېگەنلەرنى ئويلاۋاتقۇدەكمەن، شۇ چاغدا تۇمشۇقىغا ئاپئاق شور ئۆرلەپ كەتكەن بىر قېرى قاغا يېنىدىكى ياش قاغىغا ئاستا دەۋاتقۇدەك: 6aRPm%  
− يېڭىلا ئۇچۇرۇم بولدۇڭ، بالام، ئامان - ئېسەن ياشاي دېسەڭ، ھەر ۋاقىت ھوشيار بولغىن. ئادەملەرنى بىلىسەنغۇ، دۇنيادا ئۇنىڭدىن ۋەھشىي، يىرتقۇچ مەخلۇق يوق. ئۇنىڭ قولىدىكى مىلتىق دېگەن نەرسىگە پەخەس بول، ئادەملەر ئۇنى ساڭا تەڭلەپ بولغۇچە ئۇچۇپ كەت. Z\c^CN  
ياش قاغا دەۋاتقۇدەك: 5P'o+Vwz  
− گېپىڭىز توغرا ئاپا، ئادەملەر ماڭا مىلتىقنى تەڭلەپ بولغۇچە ئەمەس، شۇ خىيالنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغۇچە ئۇچۇپ كەتسەم بولامدۇ؟ jd ]$U_U(  
مەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. دادامنىڭ مېنى قاغىنى ئېتىپ باق، دېگىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەن - دە، ئاپلا … سىناقتىن ئۆتەلمەيدىغان بولدۇم. قاغىنىڭ بۇ سەزگۈرلۈكىدىن ئېشىپ كەتكۈدەك ئەقىل مەندە نەدە؟ ئەمدى ئوۋچىلىق ماڭا مەڭگۈ نېسىپ بولمىغۇدەك، بۇ مىلتىقنىمۇ قولۇمغا ئالماي، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. X )6} 
NEp )V'  
4 o\ 
rFn %e  
مەھەللە ئىمامى ئىككىمىز بارلىكى سورۇنلاردا مەن بىلەن ئېيتىشقىنى ئېيتىشقانىدى. }7Lo}}  
− ئەلۋەتتە كېرىم، قۇشقاچ، پاختەك بولسىمۇ جان ئەمەسمۇ - ھە؟ مۇشۇ باۋۇدۇن پولگاننىڭ دەستىدىن خۇدانىڭ بۇ جانىۋارلىرىغا ئامانلىق يوق. بۇغا دەمدۇ، مارال دەمدۇ، جەرەن دەمدۇ، ئارقار دەمدۇ، ئاسماندىكى غاز، ئۆردەك دەمدۇ، بىردەم مىلتىقىدا ئېتىۋاتقان، بىردەم بۈركۈتكە ئالدۇرۇۋاتقان، بىردەم تاپان - تۇزاق قويۇۋاتقان … نېمىدېگەن ۋەھشىيلىك، نېمىدېگەن تاش يۈرەكلىك بۇ! خۇداۋەندە كېرىم بۇنىڭ قىساسىنى چوقۇم ئالىدۇ. قاراپ تۇرۇڭلار جامائەت، ئاشۇ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە بۇ ئالەمدىلا كۆرسەتمەي قويمايدۇ! i*ibx ;s-  
بۇنداق چاغدا جامائەت ماڭا قورقۇش، تەشۋىش ئىچىدە خۇددى مېنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك چەكچىيىپ قارىشىپ قالاتتى. ئىمام كېرىلىپ كېتەتتى. مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ، ئۈندىمەي ئولتۇراتتىم. خەپ … بۇنىڭدىن كېيىن زادى پولگانلىقنى تاشلاي، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، سورۇندىن چىقىپ ئۆيگە بارغاندىن كېيىنلا ئۆزۈمگە بەرگەن بۇ ۋەدىلىرىمنى ئۇنتۇپ قالاتتىم. شۇنىڭ بىلەن تاغقا ياكى جاڭگالغا يۈگۈرەيتتىم. ئىمام ئاخىر تېخىمۇ ئەدىگىلى تۇردى. ^ &UezDTS  
− ياشلىرى بىر يەرگە بېرىپ قالدى، گۇناھلىرىغا قاچان توۋا قىلىلا؟ خېلىدىن بۇيان كۆڭلۈمدە ساقلاپ كەلگەن بىر گەپ بار ئىدى، ئەمدى ئېيتىپ قوياي. پېقىر دىنىي ئىلىمدە كامىل بولمىساممۇ، ئەمما … خۇداغا ئىخلاسمەن، چىۋىن، كۇمۇتا چاغلىق نەرسىلەرنىڭ جېنىغىمۇ ئىچىم ئاغرىيدىغان كۆڭلى يۇمشاق ئادەممەن، مەن بۇ پەزلى ئىنايىتىم بىلەن ئۆزۈمنى خۇدانىڭ يېنىدا تۇرغاندىكىدەك ھېس قىلىمەن، مۇبادا سىلە بۇ جان قاقشىتىدىغان ئىشتىن قول تارتمىسىلا، سىلىنىڭ جامائەت سېپىگە قوشۇلۇشلىرىنى چەكلەيمەن، سىلىدەك خۇدادىن قورقمايدىغان، تىلسىز جاندارنىڭ قىساسىغا بوغۇلغان ئادەمنىڭ مەسچىتتە ماڭا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشىنى خالىمايمەن. Dqxtc|vo  
− بولىدۇ ئەمىسە، − دېدىم مەن ئىمامنىڭ يەنە ئەزۋەيلەۋەرگەنلىكىدىن جەھلىم قېتىپ، − ئەتىدىن باشلاپ مەسچىتكە چىقماي، ناماز دېگەننى مەسچىتتە ئوقۇدى نېمە، ئۆيدە ئوقۇدى نېمە، خۇدا ئۇنىڭ قايسىسىنى مەقبۇل كۆرسە شۇ ھېساب. WF#3'"I  
شۇنىڭدىن كېيىن ئىمام مېنىڭ چىرايىمغىمۇ قارىماي يۈردى. ئەمما، بىر كۈنى ئۇ كۈتۈلمىگەندە ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى، ئۆيدىكىلەر ھەيرانۇھەس بولۇپ، ئۆرىتۆپە بولۇپ كېتىشتۇق. ئىمامنىڭ ئىككى كۆزى نېمىشقىدۇر كۈپتەك ئىششىپ كەتكەنىدى. ئىمام تۆرگە چىقىپ، ئۇزۇندىن - ئۇزۇن پاتىھە قىلغاندىن كېيىن كۆزىنى بەلۋېغىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ: ;pH&YBY  
− ئەستاغپۇرۇللا … كۆرمەملا، قېرىغاندا تەگكەن بۇ مەينەت كېسەلنى، − دېدى. PJ$C$G  
− راست، يامان بوپتۇ، − دېدىم مەن ئىچ ئاغرىتىپ، − دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقىدىغان ئىش ئىكەن. s8O.yL  
ئىمام شۇ ھامان زەردە بىلەن قولىنى سىلكىدى: r0Cc0TMdj  
− ۋاي قويسىلا، دوختۇر دېگەن شۇ قىزىل كۆزلەرنى! بارمىدى دەملا؟ 30 كوي خەجلەپ بولدۇم، 30 كوي… ! خۇدايىم باركى، بەرگەن دورىسى تىرناقتەك پايدا قىلسا! …  'c[|\M!u  
مەن ئۇلۇغ - كىچىك تىندىم. tMy 
− مەن قاشلىرىغا بىر نەرسىنى سوراپ كىرىۋېدىم، − دېدى ئۇ چېيىنى ئىچىپ بولغان پىيالىنىڭ ئاغزىنى ئەمدى ئىچمەيمەن دېگەن مەنىدە ئالىقىنى بىلەن يېپىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئوڭايسىزلىنىشمۇ، يېلىنىشمۇ، خىجىللىقمۇ بار ئىدى. 03)R_A  
− خوش؟ … سورىغانلىرى بىزدە بار بولسىلا، − دېدىم مەن مۇلايىملىق بىلەن. !kpnBgmU  
− تولا رەھمەت … ئەتىگەندە جامائەت دەيدۇكى، جەرەن ئۆتى كۆز ئاغرىقىغا شىپا بولارمىش دەپ، شۇڭا سەت بولسىمۇ ئالدىلىرىغا…  RJ63"F $  
دۇرۇس گەپ. مېنىڭ نەزىرىمدە كۆز ئاغرىقى، نامازشام قارىغۇسى ئۈچۈن جەرەن ئۆتىدىن زىيادە دورا يوق ئىدى، مەن جەرەن ئۆتىدە مۇنداق ئاغرىقلارنى داۋالاپ، تالاي كېسەللەرنىڭ ھەشقاللا - رەھمىتىگە ئېرىشكەن. _T^+BUw  
− ئاڭلىغانلىرى راست، − دېدىم مەن ئىشەنچ بىلەن، − كۆزلىرىگە جەرەن ئۆتىدىن بىر قېتىم قۇيۇلسىلا كۇپايە، ئەمما بىرلا شەرت، ئۆت يېڭى ئۆلتۈرۈلگەن جەرەننىڭ بولۇشى، كۆزگە قۇيغىچە سوۋۇپ قالماسلىقى كېرەك. :~PzTUz  
− ۋاي شورۇمەي … ئەمدى تىرىك جەرەنگە نەگىمۇ بارارمىز؟ \v,m r|  
− …  k6(9Rw8bCk  
− ئۆزلىرى پولگان، بىرەرىنى تۇتقىلى بولماسمۇ؟ p]^?4  
− تۇتقىلىغۇ بولار، ئەمما ئالدىلىرىدا گۇناھلىرىمنى يۇيۇپ بولالمايۋاتقان ۋاقتىمدا …  }$wWX}@  
− ۋاھ، گۇناھ دېگەن قانداق گەپ؟! − دېدى ئىمام ئۆز ھۆكمىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەندۈرگۈچى ئاۋازدا خىتاب قىلىپ، − دۇنيادا ھاجەتمەن بەندىنىڭ تىلىكىنى ئىجاۋەت قىلماقتىن ئارتۇق ساۋابلىق ئىش يوق. يەر - زېمىننى، دەل - دەرەخ، جان - جانىۋار، ئۇچار قۇش … ھەممىسىنى خۇداۋەندە كېرىم ئىنساننىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ياراتقان. مەسىلەن، جەرەننى دەيلى، ئۇنىڭ گۆشى نېمە ئۈچۈن كىتابتا ھالال دېيىلدى؟ ئىنسان رىزقىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن - دە، ئەھلى مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتىم دەپ قېنىنى چىقارماي ھارام يېيىشىنىڭ ئورنى يوق. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ قۇربانلىق ئۈچۈن خۇدا ئەۋەتكەن كۆك قوچقارنى بوغۇزلىغانغۇ؟ ^ALR.N+<  
ئىمام ئۆز ھۆكمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىزىشىپ سۆزلىمەكتە ئىدى. ئۇ قۇرئاندىن، پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدىن نەقىل كەلتۈرەتتى. ئوۋچىلىقنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولاتتى. 1 Vq)& N  
مەن ئاخىر ئىمامغا جەرەن ئۆتى تېپىپ بېرىشكە ماقۇل بولدۇم. لېكىن، ئىمام جەرەننى ئۆيگە تىرىك ئەكېلىش - ئەكەلمەسلىكىمگە ئىشەنچ قىلالماي، ئوۋغا چوقۇم بىللە بېرىشىم كېرەك، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۆزىلا يولدا قىينالدىم، دەپ زارلىمىسا ماڭا نېمە؟ مەن ئەتە جاڭگالغا بېرىپ قاپقان قويۇپ كېلىدىغان، ئىككى كۈندىن كېيىن ئىمامنى باشلاپ بارىدىغان بولدۇم. نېمىسىنى دەي … ئىككى كۈنگىچە ئىمامنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ، نامىزىنىڭ ناماز، ئېشىنىڭ ئاش بولماي كەتكىنى! … مەن قاپقان قويۇپ كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىنلا ئىككىمىز ئىككى ئېشەككە مىندۇق - دە، جاڭگاللىققا جۆنەپ كەتتۇق. كۆجۈم مەھەللە، ئېتىزلىقلار ئارقىمىزدا قالدى، ئالدىمىزدا ئۇپۇققا تۇتاشقان پايانسىز شورلۇق يېيىلىپ ياتاتتى. ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان ھارۋا يولىدا يۇمشاق توپا توزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئىمامغا پات - پات كۆز قىرىمدا قاراپ قويىمەن. ئۇ ئېشەك ئۈستىدە مەسە - كالاچ كىيگەن ئۇزۇن پۇتىنى يەرگىچە ساڭگىلىتىپ، ئالدى - كەينىگە چايقالغىنىچە ئالىقىنى بىلەن كۆزلىرىنى ئاپتاپتىن توسۇپ ئۈنسىز خىيال ئىچىدە كەلمەكتە. خېلىدىن كېيىن دەريا تاشقىنى شورلىرىنى يالاپ كەتكەن ئاق بىنەملىككە، باراقسانلاپ ئۆسۈۋاتقان پاكار يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا يېتىپ كەلدۇق، جەرەنلەرنىڭ ماكانى، مەن قاپقان قويغان جايمۇ دەل مۇشۇ يەر ئىدى. ئالدىمدىكى يۇلغۇنلۇق ئارىسىدا بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئۇياق - بۇياققا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى غىل - پال كۆرۈپ قالدىم - دە، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشتۈم، ئەجرىم بىكارغا كەتمىگەنىكەن! قاپقانغا چۈشكىنى تولىمۇ يوغان، سېمىز بىر جەرەن ئىدى. قاپقان ئۇنىڭ ئارقا پۇتىنىڭ بېغىشىدىن قىسقان، ئۆزى قاپقان بىلەن كېچىدىن بېرى ھەپىلىشىپ ھالىدىن كەتكەن بولسا كېرەك، يەردە سۇنايلىنىپ ياتاتتى. ئۇ بىزنى كۆرگەن ھامان قورققىنىدىن چاچراپ ئورنىدىن تۇردى - دە، ئالدىغا يۇلقۇنۇپ، ئۆزىنى ئۇياق - بۇياققا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دۈپدۈگىلەك، چىرايلىق كۆزلىرى بىزگە تەشۋىش، قورقۇنچ ئىچىدە چەكچىيىپ تىكىلىپ تۇراتتى. قالجاق خېلىلا قورساق سالغان، يېلىنىمۇ يوغىناپ قالغانىدى. (;(P3h  
− ھەي ئىسىت … بوغاز ئىكەن، − دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ. QGkMT +A  
− بوغاز بولسا نېمە بوپتۇ؟ − ئىمامنىڭ ئاپئاق چاپاق قايناپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا تەئەججۈپ بىلەن تىكىلدى. O dWZYWj  
− پولگانلار بوغاز جانىۋارنى ئوۋلىمايدۇ. بۇ بىر ئادەت، بىز بۇ جەرەننى قويۇۋېتەيلى. \])-Bp ,  
− ۋاي - ۋاي … نېمە دەيدىغانلا، نەدە بوغاز ئۇ؟ 4eh~/o&h  
− ئەنە قورسىقى بىلەن يېلىنىغا قاراپ باقسىلا. >dU.ic?19  
− ياقەي! − ئىمام خاپا بولۇپ قولىنى سىلكىدى، − سېمىزلىكى كۆزلىرىگە شۇنداق كۆرۈنۈپ كەتكەن گەپ. بوغازلىقىنى مەن بىلمەيمەنمۇ؟ +"8-)'  
خېلىغىچە گەپ تالاشتۇق، ئىمام گېپىمگە كۆنەر ئەمەس، ئۇ شۇ تاپتا كۆزلىرىنىڭ دەھشەت ئاغرىشلىرىنىمۇ ئۇنتۇغان، ھەدەپ قالجاقنىڭ بوغاز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. Z+EN]02|  
− قالجاقنىڭ بوغازلىقىغا ئىشەنمىسىلە مەيلى، ئىشقىلىپ مەن بۇنى ئۆلتۈرمەيمەن، − دېدىم مەن قاپىقىمنى تۈرۈپ. z c4l{+3  
− ئەمىسە پىچاقنى ئەكەلسىلە، − ئىمام يەڭلىرىنى شىمايلاپ قولىنى ماڭا ئۇزاتتى. K H&o`U(}  
− ئادالەتلىك خۇدا، ھەممىنى كۆرۈپ تۇردۇڭ، − دەپ پىچىرلىدىم ئىچىمدە، − بۇ بەختسىز جانىۋارنىڭ قورسىقىدىكى تىرىك جاننىڭ قىساس - ئۇۋالى كىمگە بولىدۇ؟ ئۆزۈڭ ھۆكۈم قىلغىن…  YuVg/ '=  
ئىمامغا زەردە بىلەن پىچاقنى ئۇزاتتىم. ئىمام پىچاقنى قولىغا ئېلىۋاتقان چاغدا شۇنداق بىر چەكسىز خۇشاللىقنى كۆردۈمكى، دۇنيادا خۇشاللىق، بەخت ۋە شادىيانىلىك ئىنسان ۋۇجۇدىدا مۇنچىلىك ئەكس ئېتەر دەپ زادىلا ئويلىمىغانىكەنمەن. rfwX:R6,g  
ئىمام قالجاقنى ئاستىغا قاماللاپ بېسىپ بوغۇزىغا پىچاق سۈردى - دە، تېخى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تېپىرلاشلىرى، خىرقىراشلىرى بېسىلماي تۇرۇپ، قورسىقىنى يېرىشقا باشلىدى. ئاچچىق بىر يىغا گېلىمغا كەپلىشىپ قالدى! RX6s[uQ  
تۇغۇلۇشقا بىر - ئىككى كۈنلۈكلا قالغان بىر جۈپ ئوغلاق يېرىلغان قورساق ئىچىدە مىدىرلاۋاتاتتى. ئىمام ماڭا قاراپ ھىجىيىپ قويدى. 3^x C=++  
− ئەمدىغۇ مۇراد - مەقسەتلىرىگە يەتكەنلا ئىمام ئاخۇنۇم! − غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم مەن، − مانا! بىر ئەمەس، ئۈچ جاننىڭ ئۆتى! }bM=)eUfX  
){S/h<4m  
?VaAVxd29  
ئىزاھات:   P S [ifC  
توختى ئايۇپ 1945 - يىلى كۇچا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، تونۇلغان يازغۇچى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تەڭرىنىڭ ھۆكمى»، «بۆرە ئانا» قاتارلىق رومانلىرى؛ «غۇر - غۇر شامال»، «ئارمان» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېست توپلاملىرى بار. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ «غۇر - غۇر شامال» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى. gxf{/EjH  
\(t.|  
\ajy%$;$}  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: R]e?<,"X  
ھېكايىدە پېشقەدەم ئوۋچى باۋۇدۇنئاخۇننىڭ زىددىيەتلىك خاراكتېرى بىلەن تولغان ئوۋچىلىق سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان. سىز ھېكايىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ: A+*M< W  
1. «مەن» نېمە ئۈچۈن ئوۋ خۇشاللىقىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ئاللىقانداق كۆڭۈلسىز، غەش تۇيغۇلارغا چۆمىدۇ؟ بۇ «مەن»نىڭ قانداق خاراكتېر توقۇنۇشىنى ئاشكارىلايدۇ؟ s^F6sXhyPi  
2. «مەن» ھەر قېتىم ئوۋ ئوۋلىغاندا، ئوۋنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنى ئەمەس، ئۆچمەنلىكنى كۆرگىنىدە قەلبى غالىبلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى پۇشايمان بىلەن تولىدۇ. سىز مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىنى تېپىپ چىقىپ، ھايۋانلار نىداسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ ھەمدە ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىڭ. Y.&nxT95=  
3. تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىناق ئۆتۈش دۇنياۋى زۆرۈرىيەتكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ھايۋانات دۇنياسى بىلەن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە سىز قانداق چۈشەنچىدە؟ سىز ھېكايە ۋەقەلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىت بىلەن ھايۋانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىڭ. -ju& "L B  
4. ھېكايىدە بىردە «ئىمام» نىڭ «مۇشۇ باۋۇدۇن پولگاننىڭ دەستىدىن خۇدانىڭ بۇ جانىۋارلىرىغا ئامانلىق يوق، بۇغا، مارال دەمدۇ، جەرەن، ئارقار دەمدۇ … بىردەم مىلتىقىدا ئوۋلاۋاتقان، بىردەم بۈركۈتكە ئالدۇرۇۋاتقان…  نېمىدېگەن ۋەھشىيلىك بۇ، خۇداۋەندە كېرىم بۇنىڭ قىساسىنى چوقۇم ئالىدۇ… » دېگەن تەنبىھلەرنى ئوقۇساق، بىردە «يەر - زېمىن، دەل - دەرەخ، جان- جانىۋار، ئۇچار قۇش … ھەممىسىنى خۇداۋەندە كېرىم ئىنساننىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ياراتقان» دېگەن پەتىۋاسىنى ئوقۇيمىز. «ئىمام» بۇ پەتىۋانى قايسى مەقسەتتە ئېيتقان؟ مۇنداق پەتىۋالارنى ئاڭلىغاندا ئىجتىمائىي ئەخلاق ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ - يوق؟ ئىمامنىڭ ئوۋچى ئالدىدىكى ئىككى خىل ئوبرازى ئاشۇ پېرسوناژلا خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ Lu,72i0O ^  
t'Zq>y;yg  
( مەنبە :  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5- كىتابتىكى دەرس تېكىستى )   tB4dkWt.}  
2011-5-14   xi|T7,\X  

koksangun 2011-05-14 18:48
بەك ياخشى قىلىۋاتىسىز ، تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ خاسلىقى ھەقىقىي رەۋىشتە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ .

tawpek 2011-05-16 21:28
تۇنيۇقۇق ئاكىمىزنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بولىۋاتىدۇ. rtT*2k*  
@2/ xu  
بۈگۈن<< تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تىشى>> دىگەن ئەسەرنى ئۆتۆپ كىتىۋىتىپ سىزنى ئەسلەپ قالدىم. @% .;}tC  
T3In 0LQ  
نىمىشقا مۇشۇ ئىسىمنى قوللانغىنىڭىزنىڭ تىگىگىمۇ ئازراق يەتكەندەك بولدۇم. A ^X1  
kA{eT  
تۇنيۇقۇق تۈرىك قەۋمىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىر ئۆمۆر كۆرەش قىپتىكەن. سىزمۇ قەۋمىمىزنىڭ كەلگۈسى بەخىت سائادىتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋىتىپسىز.

koksangun 2011-05-16 23:38
تۇنيۇقۇق ئەپەندى ، ئۇيغۇر قەلئەسىنى باش سۆرىتى قىلغاندەك قىلىسىز - ھە ؟

tunyukuk 2011-05-17 10:13
مەن باش سۈرىتى قىلغان بۇ سۈرەت چېلىخور كۆلىگە جايلاشقان، مىلادى 8-ئەسىرگە تەۋە پورباجېن قەلئەسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر. بۇ قەلئە  ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خانى مويۇنچۇر خاقاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ياسالغان.

koksangun 2011-05-17 11:04
تارىخىي ئەھمىيىتى بار سۆرەتكەن ، مەن يالقۇن رۇزىنىڭ مۇشۇ قەلئە ھەققىدە يازغان ماقالىسىنى ئوقۇپ ھەيران قالغان ئىدىم . ئۆتمۇشنىڭ سىرلىق پەردىلىرى ئىچىگە يۇشۇرۇنۇپ ياتقان بۇ قەدىمىي قەلئەنىڭ سىرلىرى مېنى بەكمۇ جەلپ قىلغان ئىدى ...

tutya 2011-05-28 14:54
تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۇن داۋاملىق ئالغا!

tawpek 2011-05-29 14:59
مەن بۇ قەلئەنى ھىلىقى چۆكۆپ كەتكەن مۇ قۇرۇقلۇقى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

tunyukuk 2011-06-05 13:50
ھېكايىدىكى  «مەن» ھەر قېتىم ئوۋ ئوۋلىغاندا، ئوۋنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنى ئەمەس، ئۆچمەنلىكنى كۆرگىنىدە قەلبى غالىبلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى پۇشايمان بىلەن تولىدۇ. سىز مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىنى تېپىپ چىقىپ، ھايۋانلار نىداسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ ھەمدە ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىڭ.
مۇھاكىمە سوئاللىرى: 
1.  ھايۋانلاردا مېھىر- مۇھەببەت بولامدۇ؟
2.  ھايۋانلاردا نەپرەت  بولامدۇ؟ 
 3.    ھايۋانلاردا ئەقىل- پاراسەت  بولامدۇ؟
4.    ھايۋانلاردا پىداكارلىق  بولامدۇ؟
...  ?-g/hXx;  

tawpek 2011-06-06 23:55
ھەممىسىنىڭ جاۋابى بولىدۇ دىگەندىن ئىبارەتكەن. snW=9b)m  
|8bqn^@$t  
نەپرەت بىلەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆز كۆزۆمم  بىلەن كۆرگەن تەرەپلىرىم  خىلى بار.

koksangun 2011-06-07 01:09
引用第8楼tunyukuk于2011-06-05 13:50发表的 :
ھېكايىدىكى  «مەن» ھەر قېتىم ئوۋ ئوۋلىغاندا، ئوۋنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنى ئەمەس، ئۆچمەنلىكنى كۆرگىنىدە قەلبى غالىبلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى پۇشايمان بىلەن تولىدۇ. سىز مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىنى تېپىپ چىقىپ، ھايۋانلار نىداسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ ھەمدە ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىڭ.
مۇھاكىمە سوئاللىرى: 
1.  ھايۋانلاردا مېھىر- مۇھەببەت بولامدۇ؟
2.  ھايۋانلاردا نەپرەت  بولامدۇ؟ 
 3.    ھايۋانلاردا ئەقىل- پاراسەت  بولامدۇ؟
4.    ھايۋانلاردا پىداكارلىق  بولامدۇ؟
... 
d^+0=_[PmK  
مېنىڭچە ، ئەدەبىياتتا بولىدۇ . ئەدەبىياتتىكى تۇرمۇش بىلەن رېئاللىقتىكى تۇرمۇشنى بىر ئورۇنغا قويمىساق بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كېتىدۇ .
ھايۋانلارنى ئادەملەرگە ئوخشاش قىلىپ تەسۋىرلەش ، ئادەملەردەك ئىدراكقا ، ئەقىل - پاراسەتكە ، مىجەز- خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ ئىپادىلەش ئەدەبىياتنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر . بۇ بىر خىل ھېسسىيات نۇقتىسىدىكى بىلىش بولۇپ ، ئەكسى ھالدا  ئۇنى راستمۇ دەپ سوراش ئەقىل (لوگىكا) نۇقتىسىغا ئۆتۈپ  مۇئامىلە قىلىش بولىدۇ .
ئەدەبىياتنىڭ تۈپكى رولى ئوبراز ئارقىلىق دۇنيانى كۆزىتىش ۋە مۇ ئامىلە قىلىش بولۇپ ، ئۇ مۇشۇ قۇرالغا تايىنىپ كىشىلەرگە تەربىيە بېرىدۇ ، خالاس .
تەھلىلىم بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالسا تەنقىد - پىكىر بېرەرسىلەر .

koksangun 2011-06-07 01:14
بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىيىلىگەندە ، ئەدەبىياتنى «شەيتان ئەينەك » ئوخشىتىپ ئىپادىلىگەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئەدەبىيات تۇرمۇشنى شەيتان ئەينەككە ئوخشاش ئىپادىلەپ كىشنى قىزىقتۇرىدۇ . شەيتان ئەينەكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قارىسىڭىز سىزنى پاكار ، دىقماق ، سېمىز قىلىپ كۆرسىتىدۇ ، ئارقىغا ئۆتۈپ قارىسىڭىز ئېگىز ، ئۇرۇق ، سوزۇنچاق كۆرسىتىدۇ ، يان تەرەپكە ئۆتۈپ قارىسىڭىز تامدىكى رەسىمگە ئوخشاش ياپىلاق كۆرسىتىدۇ ... ئەدەبىيات ئىجتىمائى رېئاللىقنى مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىپادىلەپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ دەپ قارىغان ...
مېنڭچىمۇ ئەدەبىيات رېئاللىقنى بىۋاستە ئىپادىلەيدىغان باشقا ئىجتىمائىي پەنلەردىن ۋە سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ...

tawpek 2011-06-07 21:14
لىكىن بۇ سۇئالنى بىزنىڭ يىزىدىكى بالىلاردىن سورىسىڭىز ئەمەلى پاكىتلىرى بىلەن قوشوپ بولىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.

tunyukuk 2011-06-08 18:07
 
     ھايۋانلاردا مېھىر-مۇھەببەت بولامدۇ؟
      ھېكايەت: «يالغۇز تۇرنا»
     تاشمۇھەممەت ئابابەكرىنىڭ «يالغۇز تۇرنا» ھېكايىسىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ:
     بىر كۈنى ئوۋچى ئۆز ئوغلىنى ئوۋغا بىللە ئېلىپ چىقىدۇ. بالا ئالا بويناقنى ئەگەشتۈرىۋالىدۇ. ئالا بويناق شامال يەلپۈپ تۇرغان ياپ-يېشىل ئوتلاقتا يۈگۈرىدۇ، بالا ئىتىغا ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندە، كۆل بويىدىكى بىر توپ تۈرنىنى كۆرىدۇ. ئاتىسى تۇرنىلاغا قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ. ئارىدىن بىر تۈرنا پالاقلاپ يېقىلىدۇ. باشقا نۇرنىلار پالاقشىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ.
     كەچتە ئوۋچى دادىسىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. پېشقەدەم ئوۋچى گۆشنىڭ پۇرىقىدىن بىر نەرسىنى سېزىپ، بۇنىڭ نېمىنىڭ گۆشى ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. ياش ئوۋچى تۇرنىنىڭ گۆشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پېشقەدەم ئوۋچى گۆشتىن قۇلىنى تارتىپ، مۇنداق دەيدۇ:
 
      تۇرنا ئەڭ ۋاپادار قۇش، ئۇ جۈپتىدىن ئايرىلسا، قىرىق يىلغىچە باشقا تۈرنا بىلەن جۈپ بولمايدۇ. شۇڭا تۇرنىنى ئېتىشقا بولمايدۇ.
       ياش ئوۋچى ئۆز ئىشىدىن قاتتىق ئۆكىنىدۇ. سەبى بالا بوۋىسىنىڭ گەپلىرىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.
       ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ، بالا تۇرنا ئاتقان يەرگە بارىدۇ. قارىسا، بىر تۇرنا يالغۇز يۈرگەن...
       ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتىدۇ. بالا ھازىر ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ئىدى. ئۇ بوۋىسىنىڭ گەپلىرى راستمىدۇ دەپ، يەنە ئاتقان يەرگە بارىدۇ. قارىسا، ھېلىقى تۇرنا يەنىلا يالغۇز يۈرگەن... ئۇنىڭ تۈكلىرى چۈشۈپ، ئورۇقلاپ، ئاجىزلاپ كەتكەن...

tunyukuk 2011-06-08 18:13
ھايۋانلاردا نەپرەت بولامدۇ؟ En0hjXa  
0iz\<' p  
      ھېكايەت: بۆرىلەرنىڭ ھەربى ئاتلارغا ھۇجۇم قىلىشى Cn>t"#zs!~  
,~NJ}4wP  
      ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ: _ n4C~  
Bo/i =/7%  
      بىر كۈنى جۇڭگونىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئات، مىلتىق بىلەن بۆرە ئوۋلايدۇ. بۇ قېتىمقى ئوۋدا بىرمۇنچە بۆرىلەر ئېچىنىشلىق تۈردە ئۆلۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى بۆرە شاھىنىڭ باشلامچىلىقىدا تاشقى موڭغۇلىيىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. tSaD=#v  
ABhQ7 x|  
      كۈنلەر، ئايلار ئۆتىدۇ. بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئىككى يىلقىچى ھەربى ئاتلارنى بېقىپ يۈرگەن چاغدا تۇيۇقسىز بوران چىقىپ كېتىدۇ. يىلقىچىلار ئاتلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭىدۇ. ئاتلار بىر دۆڭلۈككە چىققاندا ھۈركۈپ، پۇشقۇرۇپ ماڭمايدۇ. بۇ بۆرىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى ئىدى. دېگەندەك قىرىق-ئەللىكتەك بۆرە بۆرە شاھىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئاتلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بىرمۇنچە ئاتلارنىڭ بويۇنلىرى يېرىلىپ ئۆلىدۇ، بىر مۇنچە بۆرىلەرنىڭ ئۆچەي-باغرى يەرگە سۆرىلىپ ئۆلىدۇ، بۆرىلەر 7:OF>**  
5+*CBG}  
   ئاتلارنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ، دۈمبىسىدىن پارچە-پارچە تېرىلىرىنى گۆشلىرى بىلەن يۇلۇپ تاشلايدۇ. k i{8f  
8' +I8J0l  
      ھەممىدىن يامىنى شۇكى، بۆرىلەر ئۆلمەي قالغان ئاتلارنى قورشاپ، بىر كۆلگە ھەيدەيدۇ. يىلقىچىلار ئاتلارنى كۆلدىن بۇ ياققا ھەيدەيدۇ. بۆرىلەر مەقسىدىنىڭ ئىشقا ئاشماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىككى يىلقىچىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىرىنى يارىلاندۇرىدۇ. يالغۇز قالغان يىلقىچى ئاتلارنى كۆلدىن توسالمايدۇ. بۆرىلەر ئاتلارنى قاپساپ، قوغلاپ،  ھەممىسىنى كۆلگە غەرق قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر توپ ئاتنى تولۇق ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. :"Kr-Hm`  
ngH_p>  
     دېمەك، ھايۋانلاردا مېھىر-مۇھەببەت ھېسسياتى بولۇپ قالماستىن، غەزەپ-نەپرەت، ئۆچمەنلىك، قىساس ئېلىش ھېسسىياتىمۇ بار.    ~01Fp;L/  

tawpek 2011-06-08 21:50
<<راسىت ئىشلار خاتىرىسى>>دە  ھايۋانلاردا مىھىر مۇھەببەتنىڭ بولىدىغانلىرى ئاجايىپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. CYN|  
zgA/B{DaC;  
يىقىندا بىزنىڭ مەھەللىدە ئازراق بىر ئىش تۈپەيلى ئىگىسىدىن قاتتىق تاياق يىگەن ئات كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان پىتى رەھىمسىز ئىگىسى قاتارلىق 4 كىشىنى سۆرەپ چاپقىنىچە تۇيۇقسىز ئۆزنى يول چىتىدىكى 4 يىزىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆستەڭگە ئاتقان، نەتىجىدە ئات ۋە 3 كىشى قازا تاپتى.

ayjamal 2011-06-12 12:27
ئىكىلوگىيىلىك موھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش ھەربىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيتى.ھازىرقى يەرشارى خارەكتىرلىك كىلمات ئۆزگىرشى تەبىئەت ئاننىنڭ ئنسانلارنىڭ قىلمىشلىرنى جازالغانلىغانلقىنڭ ئىپادىسى.دىمەك---ئىنسان خارەكتىردىكى شەخسىيەتچىلىك،ئاچكۆزلۈك بىزنى ھامان ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.

tunyukuk 2011-06-18 14:34
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر  دەرسلىك 5- كىتابتىكى مەزكۈر دەرس «ئوۋچى ئەسلىمىلىرى»  نىڭ دەرس تېكىستى، دەرس لايىھىسى، ئاپتور توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمىھالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەزكۈر تور بەتكە يوللىنىپ بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ  پ پ ت  دېتالىلا قالدى. ...  

tawpek 2011-06-18 21:21
پ پ ت  دىتالىدىن باشلاپ ، مۇمكىن بولسا ھەركەتلىك فىلىمىنىمۇ ئىشلىسە بولىدىغاندەك قىلىدۇ بۇ ئەسەرنىڭ.

tunyukuk 2011-06-23 14:06
       توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمىھالىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.   yv4ki5u`  
/bbs/read.php?tid=3054

tawpek 2011-06-23 21:37
يەنىلا تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ تۆھپىسىدىن سۆيۆنمەي تۇرالمايمىز.

blk 2011-08-26 21:13
ھەقىقەتەن كۆپ جاپا تارتىپسىز ، ئوۋچى ۋە ئىمامنىڭ خارەكتىرىنى كۆپ كىشلەرنىڭ  ئويلىپ كۆرۈشىگە سونغانلىغىڭىزدىن تۇلىمۇ سۆيۈندىم .

koksangun 2011-08-26 22:23
بىلىكنىڭ قەدىمىگە مەرھابا...

ماھى 2011-08-26 23:56
تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.

tunyukuk 2012-01-16 23:35
بۇ تېكىستنىڭ دەرس  لايىھەسىنى تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن كۆرۈڭ.   Wy4^mOv  
]cr;PRyv  
/bbs/read.php?tid=1910&fpage=2
3~Ln:4[6ID  
    !d\GD8|4  
 /bbs/read.php?tid=4712    ra>`J_  
T''+zk  
 

tunyukuk 2012-02-17 22:05

tawpek 2012-02-17 22:43
فىلەش دىگەننىڭ ئالدىغا بەلگە قويىسىز.

tunyukuk 2012-02-18 11:01
引用第26楼tawpek于2012-02-17 22:43发表的 : فىلەش دىگەننىڭ ئالدىغا بەلگە قويىسىز.
+  ZR(  
تەلىمىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

tunyukuk 2012-09-08 12:46
بۇ تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك يەنە بەزى چۈشەنچىلەرنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.   T1l&B  
http://www.tawpek.cn/bbs/read.php?tid=5971 

تۆتتاش 2012-09-08 13:06
ئۇستازنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقىغا،ئىزدىنىشچانلىقىغا،تەۋپېققە بولغان پائالىيەتچانلىقىغا  ئاپىرىن.


查看完整版本: [-- «ئوۋچى ئەسلىمىلىرى» (توختى ئايۇپ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled