查看完整版本: [-- جەننەتكە تۇتاشقان يولدىكى ئۈنچە-مارجانلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> جەننەتكە تۇتاشقان يولدىكى ئۈنچە-مارجانلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

talwa612 2011-05-14 16:58

جەننەتكە تۇتاشقان يولدىكى ئۈنچە-مارجانلار

1.جابىر ئىبنى سۇلەيىم ھوجەيمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھدىن قورققىن، تەقۋالىق قىل، ياخشىلىقتىن ھېچنېمىگە سەل قاراپ، كىچىك سانىما. مەيلى سۇ سورىغان كىشىنىڭ قاچىسىغا چېلىكىڭدىن سۇ قۇيۇپ بېرىش بولسۇن، ياكى قېرىندىشىڭ بىلەن خۇشال، كۈلۈمسىرەپ ئۇچرىشىپ سالام قىلىش بولسۇن، كىچىك سانىما.ئەگەر بىرسى سىنى سەندە يوق ئىشلار بىلەن تىللاپ ئەيىبلىسە، سەن ئۇنى ئۇنىڭدا بار ئىشلار بىلەنمۇ ئەيىبلىمە، ئۇنى قويىۋەت، ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ، ئەجىر ساڭا بولىدۇ، ھېچكىشىنى تىللىما. ئىبنى ھەببان تەيالىسى توپلىغان، سەھىھ.

2. ئوبادەت ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئى ئەبا ۋەلىيد! ئاللاھدىن قورقۇپ، تەقۋالىق قىل، قىيامەت كۈنى بوزلاپ ھۆركىرىگەن تۆگىنى، مۆرىگەن كالىنى، مەرىگەن قوينى كۆتۈرۈپ كەلمە، يەنى زاكىتىنى ئادا قىلىۋەت. تەبرانى توپلىغان، ئەلبانى سەھىھ ھەدىستۇر دېگەن.

3. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھارامدىن ساقلان، كىشىلەرنىڭ ئابىدراقى بولىسەن؛ ئاللاھ ساڭا تەقسىم قىلغانغا رازى بولساڭ، كىشىلەرنىڭ بايراقى بولىسەن؛ قوشناڭغا ياخشىلىق قىلساڭ، مۆئمىن، ئەمىن بولىسەن؛ ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى باشقا كىشىلەرگىمۇ ياخشى كۆرسەڭ، مۇسۇلمان بولىسەن؛ تولا كۈلمە، تولا كۈلۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ. تىرمىزى، ئەھمەد، بەيھەقى توپلىغان، ھەسەن.

tawpek 2011-05-16 23:07
نىمىشقا دائىم ئاللاھتىن قورىق ئۇنى قىلما ،بۇنى قىلما دەپ تەلىم بىرىدىغاندۇ.

نىمىشقا ئاللاھقا ئىشەن ، ئۇنى قىل، بۇنى قىل دەپ تەلىم بەرمەيدىغاندۇ.

مۇشۇنداق قورقىتىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدىمۇ بىزخەق بەك ئىزىلەڭگۈ.

مۇشۇلارنى ئويلىسام بەزىدە مۇئەللىمچىلىكنى تاشلاپ بىرەر مەسچىتكە ئىمام بولغۇم كىلىدۇ.

مىېھرىما 2014-03-11 23:56
ياخشى تېمىكەن . كۆپ ئەجىر قىپسىز.قولىڭىز دەت كۆرمىسۇن !!

تىللىرىم قىچىشىپ شۇنچە گەپ قىلغۇم بار ئىدى . ئەپسۇس ئىنكاسنىڭ ئۆچۈرىلۈشىدىن قورقتۇم.


查看完整版本: [-- جەننەتكە تۇتاشقان يولدىكى ئۈنچە-مارجانلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled