anayurt905 |
2011-05-12 18:23 |
ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى
ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى B,676~I
1-قوغشار تەڭرىقۇت n[ قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى باتىسقان بېي بولۇپ ، ئۇ ھۇن خانىدانلىقىنىڭ 14- خاقانى قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى ، پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 48-يىلىدىن 56-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ مىلادىيە 48-يىلى ھونلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق سەككىز قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشلىپ ، ئۆزىنى بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن <قوغشار تەڭرىقۇت> دەپ ئاتىغان ھەمدە پانۇ تەڭرىقۇتتىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەڭگۈ خەن سۇلالىسىنىڭ قالقىنى بولۇپ شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، مىلادىيە 56-يىلى ۋاپات بولغان. +m"
iJW0 2-كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇت *w!H -*` قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 56-يىلىدىن 57-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارسلىق قىلغان ، لېكىن بىر يىلدىن كېيىنلا ۋاپات بولغان . :g Ze> 3-ئىفايلۇت تەڭرىقۇت _9 كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 57-يىلىدىن 59-يىلىغىچە تەختە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ، شىمالىي ھۇنلاردىن قۇيچۇ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ كېلىپ جەنۇبىي ھۇنلارغا تەسلىم بولغان ، ئۇ مىلادىيە 59-يىلى ۋاپات بولغان . rXA7<_V g 4-شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت -E.EI@" شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت — قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 59-يىلىدىن 63-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شىمالىي ھۇنلار ئالتە — يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مۇيۈ ئەن قورۇلىغا تاجاۋۇز قىلىپ تاكى يۈ ئەنياڭ ناھىيىسىگىچە بېسىپ كىرگەن . شىتۇڭشىجۇ تەڭرىقۇت شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۇلارنى چېكىندۈرگەن . /QTGZb 5-كىئۇچۇ گۇيلىنت تەڭرىقۇت _,5(HETE2 كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 63-يىلى تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تارختا <سۇ > دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان ، تەختكە چىقىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغان .
[~ fJ/ 6-غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت JrO2"S غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت – شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 63-يىلىدىن 85-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ مىلادىيە 73-يىلى شەرقي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە خېشى رايونىغا بېسىپ كىرگەن شىمالىي ھۇنلارغا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ، ئۇرۇشتا شىمالىي ھونلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، قۇملۇقتىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن ، بۇ ۋاقتتا شىمالىي ھونلار خېلىلا ھالسىرىغان بولۇپ ، ئالدى تەرەپتە جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ، ئارقا تەرەپتە تۇرالارنىڭ ، سول تەرەپتە سىيانپىيلارنىڭ ، ئوڭ تەرەپتە غەربي يۇرتنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچراپ ، خەلقى تېرقتەك چېچىلىپ كەتكەن . غۇيەسى سۇيۇتى تەڭرىقۇت مىلادىيە 85-يىلى كېسەپ سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان . $B
Cqz! 4K 7- ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت FD[*mCGZ ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت — ئىفايلۇت تەڭرىقۇت قاننىڭ ئوغلى ، دىلادىيە 85-يىلىدىن 88-يىلىغىچە چەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن شىمالىي ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلىغان . مىلادىيە 87-يىلى سىيانپىيلار ھۇجۇم قوزغاپ شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئۇلۇغ تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرگەن ، مىلادىيە 88-يىلى ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان . X#IVjc:&L 8-شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت ACc.&,!IZ شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت — غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇتنىڭ چاننىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 88-يىلىدىن 93-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، بۇ مەزگىلدە شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، قەھەتچىلىك ۋە چىكەتكە ئاپىتى بولۇپ ، نۇرغۇن مال – چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنگەن بىر قىسىم ئەمەلدار ئۆز قۇۋمىنى باشلاپ جەنۇبىي ھۇنلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ، شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قاتتىق تارمار قىلغان ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ، مىلادىيە 93-يىلى شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان . az\;D\\ 9- ئەنگور تەڭرىقۇت Q lql(* ئەنگور تەڭرىقۇت — ئىلىتوغال تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 93-يىلىدىن 94-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ بۇرۇنقى تەڭرىقۇتلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغان سول قول قان شىرغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇرمەكچى بولغان ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سول قول قان شىرمۇ دائىم ھۇشيار تۇرغان ، كېيىن ئەنگور شىرغا ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان ، خەن سۇلالىسى بۇل ئىككىسىن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەنگور بۇنى رەت قىلغان ، نەتىجىدە خەن سۇلالىسى ئىنگورغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ئۇنى قوغلىغاندا ئۇ ئانا تەرەپ تاغىسى قۇتبەگ شىۋىر قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . mbU[fHyV 10- تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت E: L =>} تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت — شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 94-يىلىدىن 98-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە يېڭى ئەل بولغان شىمالىي ھۇنلارنىڭ 15قەبىلىسىدىن 200مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوزغۇلۇپ ، مەرھۇم شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت تۇندۇقنىڭ ئوغلى ئۈكەن باتەسقان قىڭخۇنى ئۆزلىرىگە تەڭرىقۇت قىلىپ قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەتكەن ، تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت شىمالىي ھۇنلارنىڭ قالدۇق ئاھالىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ھەمدە شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن ، مىلادىيە 98-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان . =&< s*-l[ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 08 June 2010 bw ' yX
|
|