anayurt905 |
2011-05-12 18:20 |
بىلگە تۇنيۇقۇق شەجەرىسى
بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسى J5PXmL C8i6ESmU 1334- يىلى تۈزۈلگەن يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئوۋياڭشۈەن ( 欧阳玄 ) نىڭ قەلىمىدىكى << گۇي جەي مەجمۇئەسى >> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >> دەل بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسى ( family history ) بولۇپ، مەزكۇر شەجەرىنىڭ باش قۇرلىرىدا : << شى جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، تۇنيۇقۇق ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر … >> دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كىشى، يەنى تۇنيۇقۇق ئاشىد قەبىلىسىدىن بولۇپ، تۇرالاردىن كېلىپ چىققان. ئاشنا قەبىلىسى باش بولۇپ 552- يىلى تۈرك خانلىقىنى قۇرغاندا ئاشىد قەبىلىسى ئاشنالارغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان. شۇڭا، ئاشىد قەبىلىسى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە چوڭ ئىمتىيازلىق غوللۇق قەبىلىگە ئايلانغان. 744- يىلى ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندا، تۇنيۇقۇق جەمەتىنى يادرو قىلغان ئاشىد قەبىلىسى ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تىركەشمەي ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. ;~Y0H9` 840 – يىلى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرىز بولۇپ، ئورخۇن ۋادىسىدىكى خەلق غەربكە كۆچۈپ قوچۇدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا كۆچكەندە، تۇنيۇقۇق جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تەڭ كۆچۈپ قوچۇغا كەلگەن. 3}{od$3G مەزكۇر << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >> دە: ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا جاھان تېنچ ئىكەن. تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋ يىللىرىدا ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەندە، تاڭ ئوردىسىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئۇيغۇر خانلىقى تۇنيۇقۇقنى قوشۇن باشلاپ، توپلاڭنى تېنجىتىشقا ئېۋەرتكەن. تۇنيۇقۇق 120 يىل ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن، دەپ يېزىلغان. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى يەنى شى جەمەتى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئىزچىل يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. كېيىن، چىڭگىزخان ( چىڭغۇزخان ) باش كۆتۈرۈپ، مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندا، شى جەمەتى ئەزالىرىمۇ مۇڭغۇل ئوردىسىدا خىزمەتتە بولغان. يۈەن دەۋرىدە ئۇلاردىن 47 نەپەر داڭدار كىشى يېتىشىپ چىققان. يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلىشىپ، مىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، يۈەن ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشىغان شى جەمەتى ئەزالىرى كورىيىگە كۆچۈپ كېتىشكەن ۋە شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىڭ سۇلالىسى بىلەن كورىيىنىڭ سودا ئالاقىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشقان. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىدىن شى شۈن )楔逊( ئاتلىق داڭلىق ئەدىب يېتىشىپ چىققان ۋە خەنزۇ تىلىدا << يېڭى زىكىرنامە خاتىرلىرى >> ناملىق بىر ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە شى شۈن كورىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەدىب قاتارىدا سانالماقتا. 8/cD7O
ئوۋ ياڭشۈن ئەپەندى يازغان مەزكۇر << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى>> دە، بۇ جەمەتنىڭ 500 – 600 يىللىق تارىخى قىسقا، ئىخچام ، مېغىزلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ شەجەرىدىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. h ,;f
6 1. ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە ( family history ) يېزىپ قالدۇرۇش، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش ئەنئەنىسى بولغان. $OMTk 2. نەسەبنامە ( family history ) بىزگە شۇ نەسەبكە تەئەللۇق جەمەت كىشىلىرنىڭ تارىخي كەچمىشلىرى ۋە قىسمەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ قالماستىن، شۇ جەمەت ئەزالىرى ياشىغان ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ تارىخي ۋەزىيىتى ، چوڭ ۋەقە – ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك يىپ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئىېتىدۇ. x#z}A&
3. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد يىلتىزىنى يۈتتۈرۈپ قويماي گۈللەپ ياشنىشىدا ئۇلاردا جەمەت نەسەبنامىسى ياكى شەجەرىسى ( family history ) يېزىپ قالدۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسى بولغاندىن سىرىت، مۇھىمراقى ئۇلار شى دىن ئىبارەت بىر تەگئاتنىڭ ئاستىغا ئۇيۇشقان. دېمەك تەگئات ( Last name ) بىزگە ئەنە شۇنداق ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس يىلتىز بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. r(9#kLXg ئەگەر ئۇلار شى تەگئاتى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، شى جەمەتىنىڭ شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇرمىغاندا ئىدى، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى تۇنيۇقۇقنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۇنڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئىشلاردا قايمۇققان، خاتا ھۆكۈم قىلىشقان بولاتتى. خۇلاسە، تەگئات ( Last name ) بىزنىڭ كىملىكىمىزگە ئۇرۇلغان ئۆچمەس مۆھۈردۇر. جەمەت شەجەرىسى ( family history ) كىملىكىمىز، تارىخي قىسمەتلىرىمىز پۈتۈلگەن مۇھىم تارىخي ھۆججەتتۇر. شۇڭا، ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدۇرۇشقا سەل قارىماسلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئاتلىق بولۇش يولىدا بوشاشماسلىق لازىم. !#P|2>>u 3_k.`s_Z http://www.yuksel.me/article/uyghur-tegat/tunyuquq.htm Cz@[l=-T7 ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 17 June 2010 L|hsGm\ 8!87p?Mz }T([gc7~
|
|