مۇشۇنداق تىزىش مېنىڭچە تولىمۇ ئاقىلانە ئىش ، « ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىپادىلىمىسىڭىز باشقىلار سىزنى ئىپادىلەيدۇ » (ئەسئەت سۇلايمان) باشقىلارنىڭ باھاسى كۆپىنچە ھالدا ئۆزىمىزنى توغرا ئىپادىلىمىگەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ . مېنىڭچە مۇشۇنداق« ئۇيغۇرلاردىكى 10 ... شەخس »نى ، يەنى «ئۇيغۇرلاردىكى 10 مەشھۇر تەبىئىي پەن ئالىمى » ، «ئۇيغۇرلاردىكى 10 ئاسترۇنۇم » ، « ئۇيغۇرلاردىكى 10 خېمىيە ئالىمى » ،« ئۇيغۇرلاردىكى 10 فىزىكا ئالىمى »... دېگەندەك ئۆزىمىزنى ئىپادىلەش خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقساق ، بۇنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىپادىلەشتىكى رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە ... 7J)-WXk ئاتتىلا مۇئەللىم بۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ ئۇيغۇرلاردىكى تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ئىلمىي كىتابى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ ، بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز ... |