查看完整版本: [-- بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە—كارىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە—كارىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-12 12:23

بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە—كارىز

بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە—كارىز #sDb611}#  
كارىز w6WPfy(/2  
كارىز— بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتىكى مۆجىزە، خەلقىمىز ئۇزاق زامانلار داۋامىدا ئىككى قولى، ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئەمگەك مېۋىسى. تۇرپاندا ‹‹ئەر ئۆلسە چىراغ ئۆچىدۇ، كارىز ئۆلسە، ئەل كۆچىدۇ›› دەيدىغان ماقال بار. بۇ، خەلقىمىزنىڭ كارىزغا بولغان ئەقىدە، مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى دەلىللەيدۇ. C4P 
تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار بۇ يەردە ياشاشقا باشلىغان. ياز پەسلى ئىسسىق ھەم ئۇزاق بولغان بۇ قەدىمىي زېمىننىڭ پەسىللىك دەريالىرى كۆپ بولسىمۇ، نوپۇس، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپىيىشى، سۇ ئىشلىتىشنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە ئېقىنلارنىڭ سەرپىيات ۋە پارغا ئايلىنىشى زورىيىپ، ئېقىنلار تارتىلىشقا، قۇرۇشقا باشلىغان. نەتىجىدە كىشىلەر بۇلاق سۈيىگىلا تاينىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ھال سۇغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، پاراسەتلىك ئاتىلار كارىزدىن ئىبارەت مۆجىزىنى ياراتقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر تارىخشۇناس ۋاڭ گوۋى ‹‹غەربىي رايونلاردىكى كارىزلارنى تەكشۈرۈش›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹شىنجاڭدىكى كارىزلار بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى خەن دەۋرىدىلا بار ئىدى›› دەپ يازغان. دېمەك، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئەجدادلىرىمىز كارىز مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. H-U_  
كارىز خەلقىمىزنىڭ زامانلاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدىكى بىر ئەۋزەل سۇ ئىنشائاتى بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادىل، ماسلىشىپ ياشاش شارائىتىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاجايىپ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە. كارىزلارنىڭ مەنبەسى تەڭرىتاغدىن ئېرىگەن قار – مۇز سۈيىنى ئاساس قىلغان، بۇلاق ئېقىن سۇلىرى بولۇپ، ئىلگىرى يازدا دېھقانچىلىقتا پايدىلىنىلسا، قىشتا تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلەتتى. ياز پەسلىدە سوغۇقراق، قىش پەسلىدە ئىلمان بۇ تاتلىق سۇ بايلىقى بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتمەيتتى، ھەتتا سۇ چىقىرىشتا زامانىۋى سۇ قۇدۇقلىرىدەك توك – ئېنىرگىيەمۇ كەتمەيدۇ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئەكسىچە، مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، نورمال ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. مانا بۇ كارىزنىڭ ئاجايىپ تەبىئىي ئەۋزەللىكى. PP>6  
مۇشۇنداق بىر خاس ‹‹مەدەنىيەت›› بۈگۈنكى كۈندە چېكىنىۋاتىدۇ. بۇ سۇدىن زامانىۋى پايدىلىنىشنىڭ تەسىرىدىن كۆپرەك، كارىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ. قىسقىچە بىر مىسال شۇكى، بىزدە ھازىر يەر يۈزى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن سۇ ئامبارلىرى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش ۋە باشقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنىڭ ‹‹ئۇلى››نى تولۇقلاشقا سەل قارىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە كارىزلارنىڭ مەنبەسى خوراۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، تەرەققىياتنىڭ تەلىپىچە ئىش كۆرۈش دەۋرنىڭ تەلىپى. لېكىن، كارىزدەك قىممەتلىك ماددىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قىممىتىنى ھەقىقىي نەزەرگە ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، قوغداشقا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. }v4dOGc?  
كارىز _lFw1pa#\  
كارىزنى بەرپا قىلغان ئاتا – بوۋىلار ئۇنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك يېشىل مۇھىت خەلقىمىزنىڭ باراۋەت – مەشرەپلىرىنىڭ ئورنى – سورۇنى بولۇپ، كارىز مەشرىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ، ئانا تەبىئەت كۆكەرگەن باھار پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قايناق پائالىيەتلەر، يەنى ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، چېلىشىش، ئەلنەغمە، ئېيتىشىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كارىز بىلەن بارلىققا كەلگەن خاس مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. كارىز توغرىسىدا بۇنداق مەرىكىلەردە ئوقۇلىدىغان قوشاقلارمۇ بار: D fzsA4  
‹‹ئاتام سورىسا، ئانام سورىسا، .\glNH1d  
كارىزدا دەڭلەر. DQm%=ON7  
قولى ئىشتا، كۆزى ياشتا .8Bo5)q$a-  
يۈرۈيدۇ دەڭلەر. yi>A ogQ,  
بىزنىڭ كارىز كۆلىدە gtZmBe=  
ئەسلى ھۇرۇن يوق. q`b6if"  
ھۇرۇنلار كېلىپ قالسا g-~ _gt7  
قىلچە ئورۇن يوق. yJq<&g  
بۇنداق قوشاقلاردا خەلقىمىزنىڭ كارىز ئەمگىكىگە بولغان قىزغىنلىقى، ئوتتەك مېھىر – مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. تۇرپان خەلقىدە كارىز چېپىش ئەمگىكىگە قاتناشقانلارنى چوڭ كۆرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئادەت بار. شۇڭا، ئەل ئارىسىدا ‹‹قۇدۇق چاپقاندەك چوڭ گەپ قىلما››، ‹‹يۇقىرى – تۆۋەن چېپىپ بەگ ئاتالغىچە، كارىز چېپىپ ئەر ئاتال›› دېگەندەك ماقاللار بار. _9 ]:0bDUo  
كارىز بوستانلىقنى، مىللىي مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغان مەدەنىيەت مىراسى. ‹‹دەقيانۇس رىۋايىتى››، ‹‹يالغۇز ئوغۇل رىۋايىتى›› قاتارلىقلاردا كارىزنىڭ بىر خىل مىللىي مەنىۋى كۈچ بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئەقىل – پاراسەت، مېھىر – مۇھەببەت، قويۇق ئۆرپ – ئادەتنىڭ مۇقەددەس سىماسىنى كۆرۈۋالالايمىز. Cp6S2v I  
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-06-25) ?K>)bA&l'  
Mh.1KI[t  
 >.d/@3 '  
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 25 February 2011 W2 -%/  
ئاپتۇر: Karahan E1eGZ&&Gd  

tawpek 2011-08-08 17:52
بۇ تېما  تەكرار يوللانغاچ كىيىنكىسى ئىنكاسلار بىلەن قوشولوپ ئۆچۆرۆلدى،  تەكرار تېمىلاردىن ساقلانغايمىز.

بابۇر0725 2014-02-19 19:44
يەنە بىرقانچە رەسىم قىستۇرۇلغان بولسا تېخمۇ ياخشى پايدىلىنىش مارتېرىيالى بولىدىكەن.تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ھەقىيقىي مۆجىزىلىك ئالاھىدىكى گەدىلىنىدىكەن

مەمەت 2014-02-25 00:32
تۇرپانلىق ئىكەنلىكىمدىن تۇلىمۇ پەخىرلىنىۋاتىمەن

مەمەت 2014-02-25 00:33
كارىز ئالاھىدە مۆجىزە

ھاتەھاتەم 2014-03-13 11:21
ئۇيغۇر بولغانلىغىمدىن پەخىرلەندىم.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى

تارىم 2014-03-18 13:38
تۇرپانىمنىڭ كارىزى، _k@cs^  
داڭقىڭ كەتكەن جاھانغا. <m-(B"F X  
تىقىلغانغاچقا كۆزلىرىڭ، NXOXN]=c<  
ئاھىڭ يەتتتى جاھانغا. u@_|4Bp,"  
|Hf|N$  
نەقرات: cEL:5*cAU}  
كارىزلارنى چاپقۇدەك، u> {aF{  
كۆزلەرىنى ئاچقۇدەك............

سۈبىھى 2014-04-19 23:13
قاچانمۇ ئۆزكۈزۈم بىلەن كۈرۈپ كىلەرمەن      مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن  

رەيھان 2014-04-28 10:11
قەدىمقىي ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق، ئىجادكار مىللەد. بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىنى باسالىدىقمۇ؟


查看完整版本: [-- بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە—كارىز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled