تاڭ سۇلالىسىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئۇستازى
Z"T(8>c;g
تاڭ سۇلالىسىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئۇستازى ، بەباپ ئىسلاھاتچىسى پېي شىنفۇ E=trJge
پېي شىنفۇ تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرىدا پايتەخىت چاڭئەندە داڭ چىقارغان قەشقەرلىق ئاتاقلىق مۇزىكا ئۇستازى ھەم بەرباپ ئىسلاھاتچىسى . ئۇ جۇڭگۇ مۇزىكا مەدەنىيتى تەرەققىياتى تارىخىدا يۇقۇرى ئۇرۇنغا ئىگە تارىخى شەخىسلىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ . *4y r7~S5 Z+7S,M « يېڭى تاڭنامە » نىڭ 221- جىدىدا قەشقەر خانلىرىنىڭ فامىلىسى فېي (پىر) ئىكەنلىكى ، خان جەمەتىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئاتىلىدىغانلىقى خاتىرلەنسە، « سۈينامە» 15- جىلىد « مۇزىكا تەزكىرىسى » دە قەشقەر ( سۇلى ) مۇزىكىسىنىڭ كىيىنكى ۋېي پىڭپىڭ زامانىدىن باشلاپ ئۇتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىشكە باشلىغانلىقى خاتىرلەنگەن . « سۈي نامە» دە خاتىرلىنىشىچە قەشقەر سازەندىللىرى تىك غۇڭقا ( ئارىغۇن) ، بەرباپ ( پىپا)، يالغۇزەك (نەي)، بالىمان، شياۋ، دالا ناغرىسى، يان دۇمبىغى ، بەل دۇمبىغى، جىلۇ دېپى، قاتارلىق ئون نەچچە خىل چالغۇلارنى ئىشلەتكەن. ھەر بىر ئوركېستىردا 12 سازەندە ۋە ئىككى ئۇسۇلچى بولغان. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى قالپاق ۋە چىمەن دوپپىلار كىيىشكەن . پوتا بەلباغ ۋە قىزىل قىيىشتىن ئىشلەنگەن نەقىشلىك كەمەر تاقاشقان. قىزىل، قارا بولغارى ئۈتۈك ياكى گۈللۈك باسما پايپاق كىيىشكلەن . ئاياللىرى چاچلىرىنى ھەرخىل پورمىلاردا تۈگۈنچەكلەپ ، ھەرخىل زىرە- سىرغىلار ــ جىڭگىلىك زىرە، مەيخالىق زىرە، ئۈزۈك، بىلەيزۈك، قوڭغۇراقلىق ئاسما تۇمار ۋە قوڭغۇراقلىق بىلەيزۈك، ئاسما مارجان، زۇننار قاتارلىق زىبۇ – زىننەتلەرنى ئىشلەتكەن .ھەر خىل ئەتلەس ۋە يوللۇق چوۋەر پۈرمە كۆڭلەكلەر، گۈل پۇچقاق شىم – تامباللارنى كىيىشكەن . يۈزىگە ئەڭلىك سۈرۈش،قاش – كىرپىكلىرىگە سۈرمە سۈرۈش، پىشانىسىنى ھەللەش، لەبلىك (لاك) سۈرۈش، زىننەت زىنىقى ياساش، خال چىكىش، يۈزىگە گۈل چاپلاش قاتارلىقلارغا ئادەتلەنگەن. ئوركېستىرلاردا سازەندىلەرنىڭ ھەممىسى چىكىسىنى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بۇيىچە قارا تاۋار ياغلىق بىلەن تېڭىۋېلىشقان. نىمچا، كەمزۇل، جىلىتكە، چاپان، تۇن،پەشمەت ، يەكتەك، ئالدى كۆكسى ياكى ئارقا پەشلىرى گۈل نەقىشلەنگەن كۆڭلەكلەرنى كىيىشكەن . قەشقەر سەنئەتكارلىرىنىڭ كىيىنىشى ۋە ھەر خىل كۆركەم زىبۇ زىننىتى ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىم بىر بەدئىي ئامىلى بۇلۇپ ، بۇ ئەينى دەۋىر قەشقەر ئىجتىمائى ھايتىنىڭ ئەينەن تارىخى كارتىنىسى سۈپىتىدە مۇزىكا – ئۇسۇللۇق بەدىي ئوبراز يارتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بەدىي ۋاستە بۇلۇپ خىزمەت قىلغان. 4gENV{L E1_4\S*z « قانۇنلار قامۇسى» ، «تاڭ تارىخنىڭ مۇھىم بايانلىرى » 33- جىلىد، « يېڭى تاڭنامە . ھۆرمەت مۇزىكا تەزكىرىسى» قاتارلىقلارغا ئاساسلانغاندا ، پېي شىنفۇ قەشقەردە خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا قاشقەر چالغۇللىرى ھەم ناخشى – مۇزىكا، ئۇسۇللىرىنى تىرىشىپ ئۈگەنگەن. بۇلۇپمۇ ئۇ شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ قادىمىي بۇلاقلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر مۇھىتىدا ئۈسۈپ – يىتىشكەنلىكى ئۈچۈن قۇرامىغا يەتكۈچە سەنئەت ساھەسىدە پىشىپ يىتىلگەن تالانت ئىگىسىگە ئايلانغان. مۇزىكا ئۇستازى بەرباپ ئىسلاھاتچىسى پېي شىنفۇنىڭ بىئوگىرافىيسىگە ئائىت ماتىرياللار تۇلۇق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جىنگۈەن يىللىرىدا (مىلادى 629 ــ 649 – يىللىرى) دا چاڭئەندە داڭ چىقارغان ئاتاقلىق مۇزىكا ئۇستازى ئىكەنلىكىگە ئائىت ماتىرياللار خېلى كۆپ . مەسلەن «قانۇنلار قامۇسى » دا « قەدىمدا بەرباپ چالغاندا ياغاچ زەخمەك بىلەن چېلناتتى . تاڭ سۇلالىسى جىنگۈەن يىللىرىدا ياغاچ زەخمەك ئىشلەتمەي قول بىلەن چېلىنىش ئۇسۇلى باشلاندى . قانداقتۇر بۈگۈنكى كۈندە چېلنىۋاتقان بەرباپلارمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا چېلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى» دەپ خاتىرلەنگەن . سەنئەت تارىخچىللىرى بەرباپنى قول بىلەن چېلىشنى ئىجات قىلغان كىشى تاڭ دەۋرىدىكى قەشقەرلىك خور ( ئۇيغۇر) مۇزىكا ئۇستازى ، بەرباپ ماھىرى ھەم ئوردا مۇزىكانىتى پېي شىنفۇ ئىدى ، دەپ بىردەك تىلغا ئېلىنىدۇ . « يېڭى تاڭ نامە . ھۆرمەت مۇزىكا تەزكىرىسى » دە : « بەش تارىلىق بەرباپ ئادەتتىكى بەرباپلارغا ئوخشايدىيۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن سەل كىچىك ، ئۇ كۇچا ئېلىدىن چىققان ، قەدىمدە ياغاچ زەخمەك بىلەن چېلناتتى . ئوردا مۇزىكانىتى پېي شىنفۇ قول ( بارماق ) بىلەن چېلىشنى ئىجات قىلدى، تەيزۇڭ ئۇنىڭغا ھەيرانۇ ھەس بولدى كىيىنكىلەرمۇ شۇنداق قول بىلەن چېلىشقا ئادەتلەندى « دېيىلگەن. 3Gv
i!h7 jXZNr « تاڭنامە » دىكى خاتىرلەرگە قارغاندا ، پېي شىنفۇ جىنگۈەن يىللىرىدا تاڭ ئوردىسىدىكى بەرباپچىلارنىڭ ئەڭ داڭدار پېشىۋاسى بۇلۇپ ئۇ ئۇزۇن مۇددەت بەرباپ چېلىش جەريانىدا بەرباپنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە چېلىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلغان . نەتىجىدە ئۇ كونا ئۇسۇل بۇيچە ياغاچ ياكى پەيدىن ياسالغان زەخمەكتە چالغانغا قارغاندا، بارماق بىلەن چالسا بەرباپنىڭ ئاۋاز ئىختىدارىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملىك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ، يەنە كېلىپ بەش بارماقنىڭ ھەممىسى تارا ئۈستىدە تېخىمۇ ئەركىن ، تېخىمۇ تىز ھەركەتلىنەلەيدىغانلىقىنى بايقاپ ، قايتا – قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بەرباپنى بەش بارماق بىلەن چېلىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان. i[#Tn52D hBu=40K بىر قېتىم تاڭ تەيزۇڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بەرباپ ماھىرلىرىنى ئوردىغا يىغىپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزگىچە ماھارەت كۆرسىتىشىنى بۇيرىغان . بەرباپچىلارنىڭ ھەممىسى بەرباپنى قۇچىقىغا توغرىسىغا قۇيۇپ ھەم بەرباپ سېپىنى توغرىسىغا تۇتۇپ ياغاچ ياكى تۈمۈردىن ۋە ياكى پەيدىن ياسالغان زەخمەك بىلەن چېلىپ ماھارەت كۆرسىتىشكەن. يەنە كېلىپ ئۇلار نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئوردىدا چېلىنىپ كېلىۋاتقان كونا مۇزىكىلارنى چېلىشقان. ماھارەت كۆرسىتىش نۆۋىتى ياش ، ساقاللىق مۇزىكا ئۇستازى پېي شىنفۇغا كەلگەندە ، ئۇ ھىچقانداق بەرباپچىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۆزى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە مۇزىكا « ئاتەش سۇمرۇغ» نى قالتىس ماھارەت بىلەن ئۇرۇندىغان.بۇ مۇزىكا قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە ئاھاڭى ھەم يەرلىك مىللى پۇرىقى بىلەن ناھايىتى يۇقۇرى ماھارەتتە ئۇرۇندالغان بولغاچقا ، خان- پادىشالار باشلىق نەچچە مىڭ تاماشىبىنلار گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭراتقان . چۈنكى پېي شىنفۇ بەرباپنى قۇچىقىغا تىك ، ئۆرە قۇيۇپ ، زەخمەك ئىشلەتمەي بەش بامىقى بىلەن چالغان، سول قۇلىدا بەرباپ سېپىنى تۇتۇپ ، ئوڭ قول بەش بارمىقى بىلەن تارىلارنى چەككەندە ، ئۇنىڭ بەش بارمىقى تارىلار ئۈستىدە ئىنتايىن تىز ئەركىن ھەركەتلىنىپ ، بوم ئاۋاز بىلەن زىل ئاۋازنى ماسلاشتۇرۇش ، ئاھاڭ رىتىمچانلىقىنى تەبىئىي شەكىللەندۈرۈش ۋە تۆت تارىنىڭ تۆت خىل ئاۋازىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان تېخنىكىسى ئارقىلىق باشقا بەرباپچىلاردىن زور دەرجىدە پەرىقلەنگەن. ئۇ بەرباپ چېلىۋېتىپ مۇزىكىنى تازا ئەۋجىگە چىقارغاندا ، مەلۇم تارىدىن پاس بىرىش، تارىنى چىكىش، تارتىش، قۇشلارنى دوراش قاتارلىق قىزىقچىلىقلاربىلەن تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان. پېي شىنفۇنىڭ بەرباپ چېلىش ماھارىتى، سەھنە ئالدىدا ئولتۇرغان شاھزادە، بەگزادىلەرنى بىردەم چۈچۈتىۋەتسە ، يەنە بىردەمدە قاقاقلاپ كۈلدۈرىۋەتكەن. بەرباپ چېلىشتىكى مۇنداق يېڭى ئۇسۇل ، يېڭى ماھارەتنى كۆرگەن پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭ قىزغىن چاۋاك بىلەن « قالتىسكەن بۇ ئۇسۇلنى كەڭ تارقىتىش يېڭى- يېڭى مۇزىكىلارنى ئىجات قىلىش كىرەك » دېگەن. نەق مەيداندىلا پېي شىنفۇنى قىممەت باھالىق كىيىم - كىچەك ، نەچچە ئۇن تىزىق پۇللار بىلەن تارتۇقلاپ ، ئۇنى ئوردا مۇزىكا مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىگەن.
N\$wpDI~ X9HI@M]h پېي شىنفۇ دادىللىق بىلەن ئەن – ئەنىۋى بەرباپ چېلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بەرباپتىن ئىبارەت قەدىمىي شىنجاڭ چالغۇ ئەسۋابىنىڭ سەنئەتتىكى ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ زور يۈكسەكلىككە كۈتىرگەن . بەرباپ چېلىش ئۇسۇلىنى رەسمىي ئىلمىي بىلىم دائىرسىگە ئېلىپ كىرىپ ، سەنئەتچى ۋە چالغۇ ئەسۋاپنىڭ ماسلىشىش ، تاماشىبىنلارغا ئىستىتىك زوق بەخىش ئېتىش، گۈزەللىك تۇيغۇسى ھاسىل قىلىش جەھەتلەردىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، تاڭ دەۋرى جۇڭگۇ سەھنە سەنئىتىگە نەزىريە ھەم ئەمەلىيەت جەھەتتىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. (C%'I }dM^6
Kd% « تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇزىكا ئۆرنەكلىرى » دېگەن كىتاپنىڭ 14- جىلدى بىلەن « تاڭ تارىخنىڭ مۇھىم بايانلىرى» نىڭ 33- جىلدىدىكى خاتىرلەرگە قارىغاندا ، پېي شىنفۇ مۇزىكا ئۇستازى ۋە بەرباپ ماھىرى بۇلۇپلا قالماي ، بەلكى يەنە دەڭدار مۇزىكانىت ئېدى. يۇقۇردىكى خاتىرنىڭ 14- جىلدىدا : « شىڭمەننۇ»، « ئاتەش سۇمرۇغ» ، «قەدەھ شاتلىقى » قاتارلىق داڭلىق ئۈچ نەغمىنى !Ao?bs' Y')+/<Q2E تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۈەن يىللىرىدىكى قەشقەرلىق مۇزىكا ئۇستازى پېي شىنفۇ ئىجاد قىلغان ، ساداسى ياڭراق ھەم يېقىملىق ئىدى . شۇڭا تەيزۇڭخان ئۇنى بەكمۇ ياقتۇراتتى . بۇلارنى كەڭ تارقىتىشتا ئوردا مۇزىكا مەھكىمىسىگە پەرمان چۈشۈرگەن» دەپ خاتىرلەنگەن . بۇلۇپمۇ پېي شىنفۇ ئىجاد قىلغان « ئاتەش سۇمرۇغ» ناملىق مۇزىكا ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان مەشھۇر نەغمە بۇلۇپ ، ئۇ كۇچالىق مۇزىكا ئالىمى ئاقارى ماندا پادىشاھ سۈي ياڭدىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئىجاد قىلغان « باھار بۇلبۇل ناۋاسى » بىلەن بىر قاتاردا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مۇزىكىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىڭ نەمۇنىسى بولغان كىين ئۆزگەرتىلىپ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلىپ ، چوڭ تىپتىكى ئۇسۇللۇق نەغمىگە ئۆزگەرتىلگەن . شۇڭا « ئاتەش سۇمرۇغ» نەغمىسى ھەققىدە پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭ لىشىمىندىن تارتىپ كۆپلىگەن شائىرلار يۈزلەپ نەزمىلەر پۈتۈشكەن . .$iIr:Tc> 7Go!W(8 پېي شىنفۇنىڭ بەش تارىلىق بەرباپ بىلەن ئۇرۇنلىغان « ئاتەش سۇمرۇغ» نەغمىسىگە ھېرىسمەن بولغان تاڭ شائىرى بەي جۇيى « بەرباپ ساداسى» دېگەن شېئىرىدا : xjN~Y D: "K< |