查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ  – مەشرەپى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> ئۇيغۇرلارنىڭ  – مەشرەپى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-12 12:14

ئۇيغۇرلارنىڭ  – مەشرەپى

  7~r_nP_  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ بىرى – مەشرەپ ._]*Y`5)d  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ بىرى – مەشرەپ  '[HBKn$`  
مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخلاق تەسىرىدە ئاسان ھەل بولىدۇ. مەيدان ، ئۆي ئىچى ياكى باغ-ھويلىلاردا گېلەم -كۆرپىلەر سىلىشىپ سورۇن راسلىنىدۇ . يىمەك-ئىچمەك تەييارلىنىدۇ . جامائەت ياش -قورامى ، ئابرۇي – ئىناۋىتى بويىچە تەبىئىي يوسۇندا ئورۇن تۇتۇشىدۇ . مەشرەپلەردە ئەخلاق ۋە جامائەت ئىنتىزامى ، سەنئەت ۋە تەربىيە زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ .شۇڭا مەشرەپ خەلقىنىڭ « سەنئەت مەكتىپى » ۋە « ئەدەب -ئەخلاق بۆشۈكى » دەپ تەرىپلىنىدۇ . مەشرەپ ئوينىلىش شەكلى بويىچە ئوخشىمغان دەرىجىدە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، تۈرىمۇ كۆپ ، نامىمۇ ھەرخىل . مەسىلەن : ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى ، دولان مەشرىپى ، كۆك ( مايسا ) مەشرىپى ، قېيىت مەشرىپى ، يەرلىك مەشرەپلەرنىڭ ئىچىدە ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، تەشكىلىي تۈزۈمنىڭ مۇكەممەلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىلىرى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغىننى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » بىلەن دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ « دولان مەشرىپى » دىن ئىبارەت . ^I9U 
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەشرىپى بولۇپ ، ئۇ قاتنىشىش دائىرىسى پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان مەشرەپ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئاساسەن كۈزلۈك ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كىيىن باشلىنىپ ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تىرىلغۇ باشلانغىچە داۋاملىشىدۇ . \irKM8]LJ  
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بىگى ( قازىبەگ ) ، يىگىتۋىشى ، دارىگەي بىگى ، كۆلىبىگى ، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىلىرى بار . CfO{KiM(2  
مەشرەپ بىگى ( قازىبەگ ) – « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ ، ئۇ مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلغۇچ ، مەشرەپتىكى دەۋا -دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر . v-8{mK`9\  
يىگىتۋىشى – مەشرەپنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ ، مەشرەپ پائاليىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ . lKf kRyO_S  
دارىگەي بىگى ( دار بىگى )- ئاساسەن مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتىنى ۋە ناخشا -ئۇسسۇل ، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل . شۇڭا دارىگەي بىگى شۇ يىزا -كەنىتتىكى ناخشا – مۇزىكىغا ماھىر سەنئەتكارلار ئارىسىدىن سايلاش ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ . R%~~'/2V  
كۆل بېگى – مەشرەپنىڭ پۈتكۈل مالىيە -ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ ، ئادەتتە مەشرەپكە لازىم بولىدىغان يىمەك -ئېچمەك قاتارلىقىلارنى ھەل قىلىدۇ . مەشرەپنىڭ كۈتكۈچىلىرى كۆل بېگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ . I %sw(uoE  
پاششاپ – مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ، ئادەتتە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ . ئۇ مىرشاپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ . RameaFX8  
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . ئەمما مەشرەپ ئەھلى ئوتتۇز -قىرىق كىشىدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » گە ئەزا بولۇشىنىڭ تۈزۈمى بار . `شۇڭا مەشرەپكە ئەزا بولغۇچىدىن بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ . BpGyjo J2  
ئالدى بىلەن مەشرەپكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغۇچى يىگىتىنى دادىسى يىتىلەپ مەشرەپ سورۇنىغا ئەكىلىدۇ . پاششاپ بۇ ئەھۋالنى مەشرەپ بىگى ۋە يىگىتۋىشىغا خەۋەر قىلىدۇ . ئۇلار رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن يىگىتنىڭ دادىسى مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى مەشرەپكە ئەزا قىلىش ھەققىدە مەشرەپ بىگى ۋە يىگىتۋىشىغا ئىلتىماس قىلىدۇ : « بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزنىڭ ، گۆشى سىلەرنىڭ ، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگەنسۇن . دەپ مەشرەپكە ئەكەلدىم .» دەيدۇ .يىگىتۋىشى بالىغا : « بۇ مەشرەپنىڭ تاتلىق چىيى ، ئاچچىق تايىقى بار . چىدىسىڭىز كىرىشىكە رۇخسەت » دەيدۇ . بالا : « چىدايمەن » دەپ جاۋاب بەرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ مەشرەپكە قىتىلىشىغا رۇخسەت قىلنىدۇ . بۇ چاغدا مەشرەپ ئەھلى بۇ بالىنىڭ سورۇنغا قانداق سوۋغىلارنى ئەكەلگەنلىكىنى سورايدۇ . بالىنىڭ دادىسى « ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى » گە ئاتاپ ، نەچچە تۆگە ، نەچچە ئات ، كالا ، قوي ئەكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە دېيىلىگەن ھايۋان ناملىرى مەشرەپتە ئومۇملاشقان سىموللۇق ناملار بولۇپ ، تۆگە دىگىننى قوغۇن -تاۋۇزنى ، ئات دىگىننى تۇخۇمنى ، كالا ياكى قوي دىگىننى ئالمىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ سوۋغىلارنى پاششاپ جامائەتكە كۆرسەتكەندىن كىيىن ، كۆل بىگىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئارتۇقچىلىقىنى « ئوتتۇز ئوغۇل » نىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بىرىشى شەرت . ئەگەر ھىچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىسا مەلۇم بىر ھايۋان ياكى بىرەر قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مەشرەپكە قىتىلغانلىقى شەرىپىگە « ئوتتۇز ئوغۇل » نى ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ . A/&u /?*C  
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى »مۇ باشقا يەرلىك مەشرەپلەرگە ئوخشاش ناخشا – ساز ، ئۇسسۇل ؛ چاقچاق ، لاپ ئۇرۇش ؛ مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋە جازادىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ . ھەربىر باسقۇچنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە . fB&i{_J  
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ قائىدە -تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازا ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ، ئىقتىسادىي جازا ، يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسىدىن ئىبارەت . ئىقتىسادىي جازا ئەيىبلەنگۈچىنىڭ گۇناھىنىڭ ئىغىر -يىنىكىلىكىگە ۋە ئىقىتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بىرىلىدىغان بولۇپ ، ئەڭ ئىغىر ئىقىتىسادىي جازا « ئوتتۇز ئوغۇل گۈللىرى » ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدىن سىرت بىر قىتىملىق « ناماقۇللۇق مەشرىپى » ئۆتكۈزۈپ بىرىشتىن ئىبارەت . يىنىكلىرىگە كىلەر قىتىملىق مەشرەپ ئۈچۈن مىۋە -چېۋە ، قەنت -گىزەك قاتارلىقلارنى ئەكىلىش بۇيرۇلىدۇ . kyZZ0  
سەۋەنلىك جازاسى كۆپ خىل بولۇپ ، « سامسا يىقىش » ، « جۇۋازغا قىتىش » ، « ئۆپكە قويۇش » ، « سۈرىتىنى تامغا تارتىش » ، « مونەك تۈگۈش » ، « ئىككى خوتۇن ئىلىپ بىرىش » ، « كاككۇك سايرىتىش » ، « پاختەك ئۇچۇرۇش » ، «توشقان تەپتى » ، « كاۋا چاقتى » ، « دەررىگە بىسىش » ، « سازايى قىلىش » ، « سۇغا چۆمۈلدۈرۈش » ، « پىر ئوينىتىش » ، « ئەنجۈر يىگۈزۈش » ، « يۈزىگە كۈيە سۈركەش » ، « باغدىن ئالما ئۈزۈش » قاتارلىق كۈلكىلىك ، ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت . بۇ جازالار پاششاپ تەرىپىدىن ھەرىكەتلىك ئىجرا قىلىنىدۇ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ يۇرت – جامائەت ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئابرۇيى يۇقىرى بولۇپ ، شۇ يۇرت كىشىلىرى مۇشۇ مەشرەپ كوللىتىكىپى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان بولىدۇ . @$CPTv3e  
خەلق ئىچىدە « مەشرەپ كۆرگەن » ، « مەشرەپ كۆرمىگەن » دىگەندەك سۆزلەر بىلەن كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلاقى ۋە خۇلۇق – مىجەزىنى باھالايدىغان ئادەت بار . ھەتتا « ئالىم بولاي دىسەڭ مەكتەپكە بار ، ئادەم بولاي دىسەڭ مەشرەپكە بار » دىگەندەك ماقاللارمۇ بار . ~ eS/gF?  
« دولان مەشرىپى » ئاساسەن مەكىت ، مارالبىشى ، يوپۇرغا ( تىرىم يىزىسى ) ، ئاۋات يىزىسى ، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يىزىلىرى قاتارلىق ناھىيە -رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيتىنىڭ ئومۇمىي نامى . دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . <[T{q |*  
« دولان مەشرىپى » ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇزىكا ، ناخشا – ئۇسسۇل ، ھەرخىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىزىقچىلىقلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن . دولان مەشرەپلىرىدە بىر نەچچە دۆرە نەغمە -ئۇسسۇل قىلىنغاندىن كىين ، سازەندىلەر ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھېرىپ -چارچاشلىرىغا ئارام بىرىش يۈزىسىدىن ھەم مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يىگىت بىشى « دەررە ئويۇنى » ، « پوتا ئويۇنى » ،« چاي تۇتۇش ئويۇنى » ، « بېيىت – قوشاق ئېيتىش ئويۇنى » قاتارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . بۇ ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولۇپ ، مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى باشلاپ بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن باشلىغۇچى كىمنى خالىسا شۇ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ . ' QjJ^3A  
« دولان مەشرىپى » نىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىغىنى – دولان مۇقامىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان كوللىكتىپ ئۇسسۇلدىن ئىبارەت . دولان مەشرىپىدىكى كوللىكىتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋىرىدىكى ئەمگەك جەرياننى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ ، ئاساسەن تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپقان . ({$rb-  
« دولان مەشرىپى » دە ئوينىلىدىغان دولان ئۇسسۇلى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە نەپىسلىكى ، مۇزىكا رىتىمى بىلەن بىردەكلىكى ، ئۇسسۇل مەزمۇنىنىڭ ئىنقىلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . Y4lNxvY  
دولان ئۇسسۇلى كوللىكتىپ ئۇسسۇل بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . مەشرەپ مەيداننىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە قاراپ ، بىرلا ۋاقىتتا بەش – ئالتە چۈپتىن يىگىرمە -ئوتتۇز جۈپكىچە ئەر-ئايال ، ياش ، قىرى دىمەي ، كىم خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناۋىرىدۇ. knfmJUT  
مەنبەسى:http://www.dulan.biz/showart_madaniyat.asp?art_id=804 Q~n%c7  
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 15 April 2011 3qDbfO[  
ئاپتۇر: Ilteber

2014-03-03 00:06
ياخشى بىر ماتىريال يوللاپسىز .رەخمەت سىزگە.

تارىم 2014-03-03 00:30
ياخشى ماتىرىيال ئىكەن

رەيھان 2014-03-20 16:16
ياخشى ماتىريال يوللاپسىز رەخمەت سىزگە

مىېھرىما 2014-03-20 17:43
ئانيۇرت مەشرەپ دېگەن دەرىسنى ئۆتكەندە پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ، :tI F*pC  
ياخشى بىر دەرىس بايلىقى يوللاپ بېرىپسىز مانا

چۇغلۇق 2014-03-31 13:28
تارىم:ياخشى ماتىرىيال ئىكەن (2014-03-03 00:30) 
h'fD3Gr&  
I~qiF%?d  
ياخشى ماتىريال يوللاپسىز رەخمەت سىزگە  قەلەم  قۇۋتىڭىزبەرىكەت تاپسۇن

رەيھان 2014-04-28 10:18
     '> Q$5R1  
ياخشى بىر ماتىريال يوللاپسىز .رەخمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ  – مەشرەپى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled