yaxar |
2011-05-10 01:23 |
قەشقەر شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپ
قەشقەر شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپ ]p-xds#d قەشقەر شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپ جەنۇبى شىنجاڭدىكى تىپىك يىزا مەكتىۋى (مەكتەپ قىياپىتى جەھەتتە) بولۇپ، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا بىر گەۋدە قىلىنغان مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ ، مەكتىۋىمىزدە يەنە شەھەرلىك كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى سىنىپلىق ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. (مەكتىۋىمىز قەشقەر شەھرى خاڭدى يىزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 12 تولۇقسىز سىنىپ، 8 تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، 71 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 708 نەپەر ئوقۇغۇچى بار) dzRnI* مەكتىۋىمىزنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 155 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 7000 كۇۋادىرات مىتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ يىرى كەڭ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاز بولۇشتەك ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتۇش بىنا قۇرۇلۇشى، گىمناستىكا مەيدانى ۋە پۇتبول مەيدانىدىن ئاشقان 50 مو ئەتراپىدىكى يەرنى كۆچەتزارلىق قىلىپ ئىچىپ، فىرانسىيە چىنارى، گىلاس، شاپتۇل سىدە قاتارلىق ھەر خىل كۆچەتلەردىن يۈزمىنڭ (100000) تۈپتىن ئارتۇق تىكىپ، مەكتەپنى كۆكەرتىش ۋە تاشقى كىرىم مەنبەسىنى ئىچىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم ھازىر قىلدۇق، نۆۋەتتە مەكتىۋىمىزنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى %60 دىن ئىشىپ، 80000 تۈپتىن ئارتۇق مەنزىرە دەرىخى بازارغا كىرىش شەرتىگە توشتى. |
|