查看完整版本: [-- بۈگۈن سىزنى كۈتەي، ئانا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> بۈگۈن سىزنى كۈتەي، ئانا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

perixte 2011-05-08 01:14

بۈگۈن سىزنى كۈتەي، ئانا

                                                                                بۈگۈن سىزنى كۈتەي، ئانا + ~ "5!  
kO1}?dWpa  
    E;9>ePd@  
        ئانا، بۈگۈن ئانىلار بايرىمى، سىزنىڭ بايرىمىڭىز، مۇبارەك بولسۇن! y\D=Z N@  
       ھەر قېتىم يۈزلىرىڭىزدىكى قورۇقلارنى، قوللىرىڭىزدىكى قېرىلىق داغلىرىنى كۆرگىنىمدە، دوختۇرخانىغا بارماي ئاچچىق دورىلارنى ئىچىپ ئولتۇرغىنىڭىزنى، ئۆينىڭ غېمىدە ئىچىڭىز پۇشۇپ ئولتۇرغىنىڭىزنى كۆرگىنىمدە ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلاتتى. مەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىز مىنى كۈتكەنىدىڭىز، بۈگۈنكىدەك ياخشى پۇرسەتتە بىر كۈن بولسىمۇ سىزنى كۈتەي، ئانا! Qs%B'9")  
        ئىسىڭىزدىمۇ، ئىلگىرى ھەركۈنى ئەتىگەندە  مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى قۇشنىڭ يېقىملىق سايرىشىنى ئاڭلىغاچ بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتىڭىزنى باشلايتتىڭىز. نەچچە ۋاخ بولدى، ئۇ قۇشمۇ سايرىماس بولدى. سىز چۇقۇم ئۇ قۇشنىڭ سايراشلىرىنى سېغىندىڭىز. مەن بۈگۈن سىزگە ئاشۇ قۇشتەك سايراپ بېرەي، سىزنى خوش قىلاي، ئانا! 8PBvV[  
          سىز  شاپتۇغا بەك ئامراق ئىدىڭىز. ئۇزۇندىن بېرى بېغىمدا ئەجىر قىلىپ بىر تۈپ شاپتۇل يىتىشتۈردۈم.يۈرۈڭ ئانا، مەن سىزگە ھاسا بولاي. باغقا بىللە كىرەيلى، مەي بولۇپ پىشقان شاپتۇللاردىن خالىغانچە يەڭ، ھەممىسى سىز ئۈچۈن. po7>IQS]  
         ھاردىڭىزمۇ ئانا؟ ئوخشۇتۇپ ھاردۇق ئېشى تەييارلىدىم. سىزگە قىزىق يۇمۇر-چاقچاقلارنى ئېيتىپ بېرەي، كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ بىللە ئىچەيلى. پۇت-قوللىرىڭىزنى، بەللىرىڭىزنى تۇتۇپ قوياي، ھاردۇقىڭىز چىقىسۇن. 3TS_-l  
        ئانا، سىز ھەردائىم بىز ئۈچۈن قەيسەر ياشايسىز. بەخىت-ئىقبالىمىزنى تاپساق خوش بولىسىز، بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە غەمخانىمىزدۇرسىز! جاپا تارتتىڭىز، قوللىرىڭىز ھاردى، بەللىرىڭىز تالدى، بەكمۇ چارچىدىڭىز، شۇڭا بۈگۈن سىزنى كۈتەي ، ئانا! $!B}$I;cd  
      مەنبە : ئىجادىيەت <%P2qgz5  

tawpek 2011-05-08 14:08
يىقىملىق خىتاپلىرىڭىزدىن دىلىم سۆيۆندى، خۇددى يۇقىرقى سۆزلىرىڭىزنى مەن ئانامغا دەۋاتقاندەك. _O"mfXl6  
F4L;BjnJ  
ئەسىرىڭىزنى ئوقىۋىتىپ يىراقتىكى ئانام كۆز ئالدىمدىن ئۇچتى.

ئەكبەرنىياز 2012-11-04 15:57
ئانىلار ئۇلۇغ ،ئۇلۇغ ئانىلار ھەممىدىن ئۇلۇغ !!! `Qr%+OD  
   ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ كونىلارنىڭ << ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغىچە ،پاخما باش ئاناڭ بىلەن قال !>> دېگەن ھېكمىتى يادىمغا كەلدى . ھارمىغايسىز !!!

شەھلا 2014-02-26 18:04
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز . نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىزھارى  بولالىغۇدەك ئەسەركەن. رەھمەت سىزگە !

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-26 18:21
تۇرمۇشقا يىقىن ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ ،ھوزورلاندىم ،تەۋپىقداشلانىڭ ئانىسىغا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.

amannisa 2014-03-14 11:54
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، بۇنى ئوقۇۋېتىپپ كۆزلىرىمگە لىق ياش كەلدى........

ياپراق 2014-03-20 22:48
رەخمەت سىزگە ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ رەخمەتلىك ئانام ئىسىمگە كىلىپ قالدى ..............خۇددى يېنىمدا ئانام باردەكلا ھىس قىلىپ قالدىم ...

رەيھان 2014-04-28 17:03
يۇقارقى يازمىلارنى ئوقۇپ بوغدا ئابدۇللانىڭ : ئانا» دېگەن چاچما شېئىرى ئېسىمگە كەلدى. ئانىلار مەدھېيەلەشكە تېگىشلىك لېكىنقۇرۇق مەدھىيە ياراشمايدۇ. ئەمىلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك.


查看完整版本: [-- بۈگۈن سىزنى كۈتەي، ئانا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled