بۇ سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىمۇ ؟
دەرس ئۆتۈش ۋە ئالىي مەكتەپ تەقلىدىي سۇئاللىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا تىلىمىزدا ئىشلىتىلىپ خېلى قېلىپلاشقان ، ھېلىھەم ئىستىمالىمىزدا قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم سۆزلەرنى ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ياكى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە ئايرىش مەسىلىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنازىرىسىنى كەسكىن بىر ياقىلىق قىلىپ بولالماي ، مۇنبەرداشلارغا يوللاپ ، تالاش - تارتىش قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم . بۇ سۆزلەردىن بەزىلىرىنى تەۋپىقنىڭ تىل - ئەدەبىيات كەسپىي كوت - كوت توپى(33348904)غا يوللاپ كەسىپداشلارنىڭ قىممەتلىك ئۇچۇرىغىمۇ ئىگە بولدۇم ، مۇنبەردىمۇ بۇنى بەس - مۇنازىرە قىلىپ بېقىش ئىلمىيلىكى يۇقىرى ئىش دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن يوللىدىم . خالىسانە پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقارسىلەر: شاھزادە پادىشاھ تېلېفۇن يانفۇن ئۇچۇر كومپيۇتېر ماتېماتىكا تىل - ئەدەبىيات دەرسخانىدا چۈشكەن ئاساسىي مۇلاھىزە: ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە بار دەيدىغان قاراشلارنىڭ ئاساسىي : تىلىمىزدا ئىستىمالى قۇيۇق ، ئومۇمىي خەلق بىردەك چۈشىنىدىغان ، يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا ئاساس بولالايدىغان سۆزلەر بولغاچقا بۇنى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە بار دېيىشكە بولىدۇ . ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدە بار دەپ قارايدىغان قاراشلارنىڭ ئاساسىي : بەزىلىرى كەسپىي ئاتالغۇ ، ئومۇمىي خەلق بىردە چۈشەنمەيدۇ ، نۇپۇسىمىزنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان دېھقانلار ، ئىشلەمچىلەر بۇ سۆزلەرنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ . بەزى سۆزلەر بىزنىڭ ئىستىمالىمىزدىن قالغان ، كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ ، مەسىلەن « شاھزادە » ، « پادىشاھ » دېگەن سۆزلەرنى پەقەت ئاخبارات ئەسەرلىرىدە ،خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ژانىرلىرىدا قوللىنىمىز ، قوللىنىش دائىرىسى چەكلىك ، شۇڭا ئۇلارنى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە دېيىشكە ئاساس يېتەرلىك ئەمەس ... |