perixte |
2011-04-30 17:54 |
چۈش تەبىرىنىڭ ئاخىرى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم ۋەللاھۇ ئەئلەم بىساۋاپ دىققەت: ھەزرىتى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇركى: ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن، چۈش دېگەن بىر ئاللاھ تەرىپىدىن يەنە بىرى شەيتان تەرىپىدىندۇر. ھەرقانداق چۈشكە " خۇدا مۇرادىڭىزغا يەتكۈزسۇن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام يار بولسۇن" دەپ تەبىر بېرىڭ. __ئىنشا ئاللا! ( چۈش كۆرگۈچىنىڭ جاۋابى )
1. ھەركىمنىڭ ئۆي تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر؛ ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر؛ ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە، شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر؛ تۇرۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر. 2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە، گۇناھى ئازلىغان بولۇر! 3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خۇدانىڭ غەزىنىسىدۇر! 4. مەسجىدتە ناماز ئوقۇپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر! 5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە، شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر! 6. كۆچەت قۇيۇپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرگەي! 7. تاغدا يۈرۈپ،تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولغاي! 8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر! 9. ئوتۇن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئازاپقا گىرىپتار بولۇر! 10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بىناماز بىلەن دوست بولۇر! 11. ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بىرەرسىدىن سوۋغات خەۋىرى كېلۇر! 12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، كېسەل بولۇر! 13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، ئۆزىگە زىياندۇر! 14. تۆمۈر ئەسۋاپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتى كۆپ بولۇر! 15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، چوكان ئالۇر! 16. ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنى قەست قىلۇر! 17. ئىلان دۈشمەننىڭ سۈرىدۇر! 18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر ! 19. قارا ئىلان كاپىر دۈشمەننىڭ سۈرىدۇر ! 20. چاشقان ئوغرىنىڭ سۈرىدۇر ! 21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت نىسىپ بولغاي! 22. قاغا قىچىرىپ چۈش كۆرسە، قورقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر! 23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر! 24. قۇچقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، غەمكىن بولۇر! 25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى ئالىم بولۇر! 26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى باتۇر بولۇر! 27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس! 28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيا بىلەن دوست بولۇر! 29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ھارامخور بىلەن دوست بولۇر! 30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى نەغمىچى بولۇر! 31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى راست سۆزلۈك بولۇر! 32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى بېخىل بولۇر! 33. ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر! 34. يەر ياقىلاپ ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە، سەپەردە خەتەر يېتەر! 35. ئىگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە، سەپىرى سالامەت بولۇر! 36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر! 37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر ! 38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە، خەلققە باشلىق بولۇر! 39. كىيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئىممەتكە داخىل بولۇر! 40. كالا قوغلاپ كېتىپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلارنىڭ نەزىرىدىن يىقىلۇر! 41. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە، بۇرنىغا خەتەر يېتەر! 42. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە، ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر! 43. قوي گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە، تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر! 44. پاخلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى يىتىم قالۇر! 45. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر! 46. ئوغلاق چۈش كۆرسە، مەككار پەرزەنت كۆرگەي! 47. مال بېقىپ چۈش كۆرسە، خەلققە باشلىق بولۇر! 48. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيالارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرار! 49. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر! 50. مىكىيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تىگۇر! 51. تۇخۇم كۆرۈپ چۈش كۆرسە، يەپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرمەس! 52. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتى تۇرماس! 53. قۇناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكۈلى ئاسان بولۇر! 54. ئىت قەست قىلىپ چۈش كۆرسە، دۈشمەننىڭ سۈرىدۇر! 55. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكۈلى ئاسان بولۇر! 56. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە، رەنجىگە گىرىپتار بولۇر! 57. جىڭ تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دەۋاگەر بولۇر! 58. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئابرويلۇق بولۇر! 59. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر! 60. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر! 61. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قۇتۇلار! 62. جامائەتلەرنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خوشاللىق بولۇر! 63. بىلەيزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر! 64. ھارۋا ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈشىسە، خوتۇن ئالۇر! 65. قىز بالا كۆرۈپ چۈشىسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر! 66. جۇگان كۆرۈپ چۈشىسە، پۇل مېلى كۆپ بۇلۇر! 67. زىنا قىلىپ چۈشىسە،غۇسلى تاھارەت ئېلىپ يۇيۇنسۇن، مۇرادىغا يىتەر! 68. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنتىگە، سول قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر! 69. زەكىرى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرمەس! 70. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرگەي! 71. بەدىنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە، پۇل مېلىغا زىيان يىتەر! 72. چوڭ-كىچىك پۇل يىغىپ چۈش كۆرسە، دۇياسى كۆپ بۇلۇر! 73. ھايۋاننىڭ تېزىكىنى تىرىپ چۈش كۆرسە، ئۆمرىنى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزەر! 74. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر! 75. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قۇتۇلار! 76. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە، بەرىكەتنىڭ، ئىقتىساد، دۇنيانىڭ سۈرىدۇر! 77. ئۆيگە ئوت كىتىپ چۈش كۆرسە، بەدنىيەت بىلەن دوست بولۇر! 78. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسى ئۆسەر! 79. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە، ھاجىتى راۋا بولۇر! 80. كېمىگە چۈشۈپ چۈش كۆرسە، يۈزدە يۈز مەرتىۋە تاپار! 81. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر! 82. بېلىق كۆرسە ھالالدىن رىسقى نىسىپ بولۇر! 83. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يىتەر! 84. ئات مىنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنى ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر! 85. ئاتتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنىدىن يامانلىق كېلۇر! 86. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مىنىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنى كېسەل بولۇر! 87. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر! 88. ئەجدىھا پادىشاھنىڭ سۈرىدۇر! 89. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، رىزقى كۆپ بۇلۇر! 90. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر! 91. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، بىر كىشىدىن ئىزا ئاھانەت ئاڭلار! 92. ياڭاق يەپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر! 93. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە، يىغا-زارىلىق بولۇر! 94. ئاق ئۈژمە يەپ چۈش كۆرسە، رىزقى كۆپ بۇلۇر! 95. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر! 96. جۇگاز يېغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پاراڭ-جۇداغا قالۇر! 97. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر! 98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ۋەيرانلىققا قالۇر! 99. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە، قىز دۇر ! 100. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دىدار كۆرۈشەر! 101. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى دوختۇر بولۇر! 102. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، نائەھلى بىلەن دوست بولۇر! 103. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە، كېسەل بولۇر! 104. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە، ھاجتى راۋا بولۇر! 105. ھېرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بىراۋدىن ئازارلىنۇر! 106. نەسارە(ئورۇس) كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرگەي! 107. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، قاغۇر پەرزەنت كۆرگەي! 108. چىچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى راھەتتە ئۆتەر! 109. شېكەر-ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خوشاللىق بولۇر! 110. خەڭ بولۇپ چۈش كۆرسە، كېسەل بولۇر! 111. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، كېسەلدىن شىپا تاپۇر! 112.قۇلىقى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە، بەتنامدىن قۇتۇلار! 113. بۇغاز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، جان ئالغۇچىنىڭ سۈرىدۇر! 114. كەكلىك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خۇدا جۈپ پەرزەنت ئاتا قىلۇر! 115. قارچۇغا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دوست قولغا كېلۇر! 116. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسىدىن چۈشەر! 117. چىراغ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئالىم پەرزەنت كۆرەر! 118. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە، ئالىم پەرزەنت كۆرەر! 119.سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە، سېھرىي جادۇدىن قۇتۇلار! 120. سۈرە ياسىننى ئوقۇپ چۈش كۆرسە، خۇدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار! 121. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە، ئابرويى كۆتۈرۈلەر! 122. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە، ياخشى كۈن كۈرەر! 123. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئازاپ تارتقانلىقنىڭ سۈرىدۇر! 124. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە، مەدەت قىلغاننىڭ سۈرىدۇر! 125. روھ ئۇرۇپ چۈش كۆرسە، ساقايماس كېسەلگە قالۇر! 126. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە، ئۆزيېنىغا تارتقانلىقنىڭ سۈرىدۇر! 127. روھ سۆزلىسە راست سۆزلىگەي! 128. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە، دۇئا تەلەپ قىلغىنىدۇر! 129. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە، گۇناھى تۆكۈلۇر! 130. تۈگمەن قۇرۇق چۆگىلەپ چۈش كۆرسە، قۇرۇق سۆز - تۆھمەتكە قالۇر! 131. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە، ئەرزانچىلىق بولغاي! 132. يېڭى ئاي كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي، تۇلۇنئاي كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولغاي! 133. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىلىك بولۇر! 134. كۈننى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ جامالىدۇر! 135. كۈن تۇتۇلۇپ چۈش كۆرسە، خەلق زۇلۇمدا قالۇر! 136. ئاي كۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ چۈش كۆرسە، دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەي! 137. تۈگمەندىن ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە، پۇل-مېلى كۆپ بۇلۇر، ھاجىتى راۋا بولۇر! 138. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە، قىلغان ئىشى چالا بولۇر! 139. ئاي كۆيۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە، قىلغان ئىشى چالا بولۇر! 140. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يىتەر! 141. يۇلتۇز تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە، قۇرۇق تۆھمەتكە قالۇر! 142. ئۆركەي يۇلتۇزىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر! 143. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە، بىر ئالىم ۋاپات بولۇر! 144. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە، گۇناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر! 145. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە، قۇرۇق سۆزگە قالۇر! 146. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر! 147. باش غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، ئەجىلى يېقىن قالغانلىقىنىڭ سۈرىدۇر1 148. بېشىغا قېلىچ تىگىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھقا خەتەر يېتەر! 149. باش چۈشۈرۈپ چۈش كۆرسە، يېرىم ھەج ساۋابى بولۇر ياكى قىلغان ئىشى چالا بولۇر! 150. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر! 151. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە، تېنەپ قالۇر! 152. ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە ، بەختى كېلۇر! 153. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەردنىڭ قولىغا قالۇر! 154. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ، ئەيىپى ئاشكارا بولۇر! 155. ئاق تون كىيىپ چۈش كۆرسە ، ماتەمدار بولۇر ! 156. قىزىل تون كىيىپ چۈش كۆرسە ، روشەنلىككە چىقار! 157. كۆك تون كىيىپ چۈش كۆرسە ، يىغا زارىلىق بولۇر! 158. دەللە تون كىيىپ چۈش كۆرسە ، ئەۋلىيالاردىن مەدەت بولۇر! 159. يالاڭ ئاياغ بولۇر چۈش كۆرسە ، گۇناھىدىن پاك بولۇر! 160. لاي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، رەنجى مېھنەتلىك بولۇر! 161. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئاز بولۇر ! 162. توز كۈرۈپ چۈش كۆرسە، بەتنامگە قالۇر! 163. قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر ! 164. قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنى بىلەن دوست بولۇر! 165. قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنى بىلەن دوست بولۇر! 166. سا نى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پاسىق بىلەن دوست بولۇر! 167. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ھىيلىگەر بىلەن دوست بولۇر! 168. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە، گۇناھىدىن پاك بولۇر ! 169. گۆرنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر! 170. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر ! 171. جىنازا كۆتۈرۈپ چۈش كۆرسە، خەلققە چوڭ بولۇر! 172. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە، قۇۋۋەت تاپقاندۇر! 173. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە، ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر! 174. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە، روھقا بىھىش نىسىپ بولغاننىڭ سۈرىدۇر! 175. روھ بىرنەرسە بىرىپ چۈش كۆرسە، قوللىغاننىڭ سۈرىدۇر! 176. روھ بىر نەرسە تارتىپ چۈش كۆرسە، ئۆزيېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۇر! 177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە ، بەتنىيەت بىلەن دوست بولۇر ! 178. ساندۇقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپۇر، ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر ! 179. كوزا كۆرسە ياكى چېقىلسا ئايالىنىڭ تۇغۇتى تەس بولۇر! 180. تاۋاق چۈشىسە پەرزەنت كۆرگەي، تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە، بالىسى تۇرماس! 181. ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئىماندىن ئاجراش خەۋىپى باردۇر! 182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پۇشمانغا قالۇر! 183. كۈمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دۇئاسى ئىجابەت بولۇر! 184. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كەم بولۇر! 185. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، سەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر! 186. ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە، دىدار كۆرۈشەر! 187. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە، جاپا بىلەن دۇنيا تاپۇر! 188. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ھاجىتى راۋا بولۇر! 189. قۇناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، روشەنلىككە چىقار! 190.مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، روشەنلىككە چىقار! 191. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، يىغا-زارىلىق بولۇر! 192. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكۈلى ئاسان بولۇر! 193. ھايۋان بىلەن سۆزلىشىپ چۈش كۆرسە، ھەقىقىي مۇسۇلماندۇر! 194. سۈرە ئەررەھماننى ئوقۇپ چۈش كۆرسە، ئىككى ئالەمدە سائادەتمەن بولۇر! 195. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە، ياخشىلىقنىڭ ھېسابى بولماس ! 196. ئۇرۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، قەھەتچىلىك بولۇر ! 197.سىمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەمۇرچىلىق بولۇر! 198. ئۇرۇق بۇغداي سىمىز بۇغداينى چىرماپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ھالاك بولۇشنىڭ سۈرىدۇر! 199. بۇغداي ئوخشاپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەھسۇلات ئاشقاي، مەمۇرچىلىق بولغاي! 200. بىرنەرسە يەپ چۈش كۆرسە، ئۇنتۇلغاق بولۇر! 201. شاپتۇل يەپ چۈش كۆرگەندە رۇزا تۇتقاي ، مۇرادىغا يېتەر! |
|