查看完整版本: [-- ئۆزىڭىزگە نېمە  كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىنىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئۆزىڭىزگە نېمە  كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىنىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

perixte 2011-04-27 14:32

ئۆزىڭىزگە نېمە  كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىنىڭ

 بىر كىشى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ:
ــ تەڭرىم، تۇرمۇشۇمنى باياشاتلىققا ئېرىشتۈرسەڭ، ــ دەپتۇ. تەڭرىدىن سادا كېلىپ:
ــ تۇرمۇشۇڭنى قانداق باياشاتلىققا ئېرىشتۈرىمەن؟ ــ دەپ سوراپتۇ.
ــ مېنى بەختلىك، باي، مەرتىۋىلىك قىلساڭ بولىدۇ.
ــ شۇنداقمۇ، ئەمىسە قانداق بەختكە، مەرتىۋىگە، قانچىلىك بايلىققا ئېرىشكۈڭ بار؟
ــ بۇنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ باشقىلاردىن پەرقلەنگۈدەك قىلساڭلا بولاتتى.
ــ باشقىلاردىن زادى قانچىلىك پەرقلەنگۈڭ بار؟
ــ ھەيدەيدىغانغا پىكاپىم، خەجلەيدىغانغا پۇلۇم بولسىلا بولىدۇ.
ــ ئايدا مائاشىمنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك پۇل بولسا بولىدۇ.
ــ يەنە نىمە تەلىپىڭ بار؟
ــ ئۆيۈم بولسا دەيمەن.
ــ قانداق ئۆيۈڭ بولسا بولىدۇ؟
ــ قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ.
ــ ئەمىسە ھاجەتخانىسى يوق، كىچىك ئۆي بولسىمۇ بولىدىكەن ــ دە.
ــ ياق، ماڭا لازىمى گۈللۈكى بار، ئىككى قەۋەتلىك ئۆي.
ــ مەقسەتلىرىڭ ئەمدى ئازراق ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ. پۇلۇڭنى مائاشىڭنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك كۆپەيتىپ بەرسەم يېتەمدۇ؟
ــ يەتمەيدۇ، بەش ھەسسىچىلىك بولسىمۇ يەتمەيدۇ.
ــ تەلىپىڭ تازا ئېنىق ئەمەس. ساڭا ئېيتسام، نۇرغۇن كىشى مەندىن بايلىق، مەرتىۋە تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۆزىگە زادى نېمە لازىملىقىنى، قانچىلىك بولسا يېتىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلمايدۇ. ئەگەر تۇرمۇشۇڭنى بەختلىك، مەنىلىك ئۆتسۇن دېسەڭ، شۇ توغرىدا ئەتراپلىق ئويلىنىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە قانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئۆي، قايسى ماركىدىكى پىكاپ كېرەكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ نىشانىڭغا قاراپ تىرىشىشىڭ كېرەك. بۇ گەپلىرىمنى ئېسىڭدە ساقلا، بۇ ساڭا بەرگەن ياردىمىم.

________   چىۋەر تورىدىن 
  


koksangun 2011-04-27 23:56
يەنىلا ئۆز تىرىشچانلىقى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ ، تۇرمۇشتا مەلۇم تۇسالغۇ تۈپەيلى روھسىزلىشىپ كېتىش تولىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ . بۇ يوللىمىڭىزدىن سۇئاللارنى لايىھىلەپ ئوقۇغۇچىلارغا سۇئال تەييارلىغاندا ئىشلەتسەك بولغۇدەك ، رەھمەت سىزگە ، پەرىشتە سىڭلىم .

tawpek 2011-05-07 16:43
چارچىغان مىڭىللىرىم بۇ يوللانمىڭىزنى ئوقوپ خىلى ئارام تاپتى.

ئادەمگە يەڭگىل تۇيغۇلارنى بىغىشلايدىغان تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز،

داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

ماڭا زادى نىمە كىرەكتۇ؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 23:21
مەنمۇ ئويلاپ قالدىم ، ماڭا زادى نىمە كېرەكتۇ ؟
       ھە- تاپتىم ، ماڭا خاتىرجەملىك كېرەك ،  ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت كېرەك . (ئۆزۈمگىلا تەۋە بولغان ۋاقىت )
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ماڭا سالامەتلىك كېرەك .

adila520 2013-08-27 10:56
          

رەيھان 2014-04-21 16:24
مەنمۇ ئويلاپ قالدىم مەڭە زادى نىمە كېرەكتۇر. ماڭا كېرىكى چارچاپ كەتكەندە قېنىپ بىر ئۇخلىۋېلىش يەنە...يەنە..... مۇشۇ تور بېكىتىگە كىرىپ بىرمۇ دەرس دېتالىنى كۆرەلمىدىم. باشقىلاردىن ياردەم سوراپ باقتىم بولمىدى، ھېچكىم ياردەم قىلمايدىكەن ھېرىپ قالدىم  شۇڭا بىرەر دەرس دېتالىنى كۆرۈپ باقسام دېگەن ئارزۇدا

نۇزۇگۇم 2014-05-15 13:02
ماڭا نىمە كىرەك؟ھەممە ئادەمنىڭ ئھتىياجى ئوحشىمايدۇ.ماڭا حاتىرجەم تۇرمۇش،سەمىمي مۇھاببەت كىرەك.

ھاتەھاتەم 2014-05-21 11:47
ماڭا خاتىرجەملىك،سالامەتلىك،يىقىن كىشلىرىمنىڭ مىھرى -مۇھابىتى،مەن دەرىس سۆزلىسەم ،ۆۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچلار لازىم

نوزۇگۇم 2014-06-13 10:48
پەقەت  سالامەتلىك بولسىلا  ،بەخت شۇ  دەپ  بىلىمەن  



nadiraay 2014-06-13 18:35
رەيھان:مەنمۇ ئويلاپ قالدىم مەڭە زادى نىمە كېرەكتۇر. ماڭا كېرىكى چارچاپ كەتكەندە قېنىپ بىر ئۇخلىۋېلىش يەنە...يەنە..... مۇشۇ تور بېكىتىگە كىرىپ بىرمۇ دەر .. (2014-04-21 16:24) 

سىز ياردەم سورىغاندا  باشقىلاردا  يوق  نەرسىنى  سوراپ  قالغان  ئوخشايسىز. مۇنبەرداشلار ئۆزىدە  بار  نەرسىنى  ھاجەتمەنلەردىن  ئايىمايدىغان خالىس كىشىلەردۇر.


查看完整版本: [-- ئۆزىڭىزگە نېمە  كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىنىڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled