查看完整版本: [-- قىزىل ياغلىقلىق پەرىشتەم  (ئاتتىلا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> قىزىل ياغلىقلىق پەرىشتەم  (ئاتتىلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-04-26 16:47

قىزىل ياغلىقلىق پەرىشتەم  (ئاتتىلا)

قىزىل ياغلىقلىق پەرىشتەم S%mfs!E>  
نەسىر jqnCA 
(بىر ئەرنىڭ تىلىدىن) -YGbfd 
ئۆزنۇر \3XqHf3|o  
uJU*")\V  
    قىزىل ياغلىق ساڭا بەكمۇ يارىشاتتى. سېنى تۇنجى كۆرگىنىمدىمۇ بېشىڭدا قىزىل ياغلىقىڭ بار ئىدى، ساڭا تۇنجى ئاشىقلىق قەلبىمنى يەتكۈزگىنىمدىمۇ چوغدەك ياراشقان قىزىل ياغلىقىڭ ھۆسنىڭنى قۇياشتىن تارتىۋالغاندەك گۈزەل قىلىۋەتكەنىدى، پەرىشتەم، ھەتتا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىمۇ يەنە شۇنداق قىزىل ياغلىق.سەندىن ئايرىلغىنىمغا توپ-توغر  ئون يىل بوپتۇ، ئەمما سەن ئوتقاشتەك تاۋلىنىپ تۇرغان قىزىل ياغلىقىڭ بىلەن ئالدىمدىلا تەبەسسۈمدە بېقىپ تۇرىسەن.ساڭا ئاشىق بولغىنىمدا دەل ئون سەككىز ياشتا ئىدىڭ،ئەركەكلىكىمگە ئىشىنىپ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا شەلپەردەك قىزىرىپ يەرگە باققىنىڭنى كۆرۈپلا خىجىللىقتىن بەدەر تىكىۋەتكىلى تاسلا قالغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.مەن نېمىگە شۇنچە خىجىل بولدۇم بىلەمسەن؟!چېھرىڭدىكى ھايا-نومۇستىن بالقىغان قىزىللىق مېنى ھودۇقتۇرغانىدى. خېلى ئادەملەر ئالدىدىمۇ قورۇنماي ئەركەكمەن دەپ يۈرگەنىدىم، يۈزىڭدىكى شەرىم-ھايانىڭ بەلگىسىدىن يۈرىكىم ئېغىپ كەتكەن ئىدى.مانا بۈگۈن سېنى، ئەشۇ يارىشىملىق قىزىل ياغلىقىڭنى سېغىنىۋاتىمەن. سەندىن مەڭگۈلىك ئايرىلىپ قالغانلىقىمدىن ئىبارەت ئازابلىق ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمىسىمۇ، بىراق رىئاللىق ھەممىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. FMw&(  
    ئېسىمدە پەرىشتەم، سەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن خاتىرە كۈنلەردە ساڭا قىزىل ياغلىق سوۋغات قىلىش مېنىڭ ئادىتىم بوولۇپ قالدى، ئەمما بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، ئەشۇ مۇدھىش ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي يۈرگىنىمدە سېنىڭ جەسىدىڭ ئانا دەريانىڭ باغرىدىن تېپىلدى. راست ئىدى، خەۋەر راست ئىدى.جۇدانامەڭدە يازغىنىڭدەك سەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەلئۇنلار تەرىپىدىن ئاياق- ئاستى قىلىنغاچقا ئۆلۈم يولىنى تاللىغانىدىڭ،جۇدانامەڭدە ئېيتىلغىنىدەك سەن قىزلىق غۇرۇرۇڭ دەپسەندە قىلىنغان ھالەتتە ئاتا-ئاناڭنىڭ ئالدىغا بېرىشنى خالىمىغانىدىڭ،قىزلىق ئىپپىتىڭ بۇزۇلغان ھالەتتە چىن يۈرەكتىن سۆيگەن يارىڭنىڭ يېنىغا بېرىشنى راۋا كۆرمىگەنىدىڭ. سەن ئۆلۈپ كەتكەندە مەن سوۋغات قىلغان، ئۆزۈڭمۇ ئەڭ ياقتۇردىغان قىزىل ياغلىقىڭ بار ئىدى.«ئۆلىۋالغان ئادەمنى يەر قوينىغا ئالمايدۇ»دىيىشىدىكەن، بىراق ئۇنداق بولمىدى، سنېى يەرلىككە قويغان كېيىنكى باھار پەسلىدە تۇپراق بېشىڭدا گىياھلار ئۈنۈپ چىقتى.مەن ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن توغراق كۆچىتىمۇ ھازىر باراقسان بولۇپ كەتتى. 39i9wrP  
      قارىغىنا پەرىشتەم، ساڭا ھەر يىلى قۇربان ھېيىتتا سوۋغا قىلىدىغان قىزىل ياغلىقلارنى توغراق شېخىغا ئىلىپ قويدۇم،سەن مېنىڭ تۇيغۇمدا ئۆلمەس قەھىرمان ئىدىڭ، ھەقىقى پاكلىق جەڭچىسى ئىدىڭ. يىللار ئۆتتى مەنمۇ ئۆي-ئوچاقلىق، بالىلىق بولدۇم،ئايالىمغىمۇ نەچچە قېتىم قىزىل ياغلىق ئېلىپ بەردىم، بىراق ئۇ مەن ئېلىپ بەرگەن قىزىل ياغلىقلارنى ئارتماي چاچلىرىنى بوياپ، بۈدىرە قىلىپ يۈردى... DKL@wr}8  
  ئاڭلاۋاتامسەن پەرىشتەم؟!،ساڭا يەنە قىزىل ياغلىقلارنى سوۋغا قىلغۇم، ئۆز قولۇم بىلەن بېشىڭغا ئارتىپ قويغۇم بار، ئەگەر قايتا تۇغۇلۇش مۈمكىن بولغىنىدا سېنىڭ ئۆچۈن ھاياتىمنى پارچىلاپ ھەدىيە قىلغۇم بار، چۈنكى سەن قەلبىمدە پاكلىق پەرىشتىسى، قىزلىق ئۇلۇغلۇقنىڭ بۈيۈك قەھىرمانى... XXZaKgsq  
     A^\.Z4=d"  
  

muslema 2011-04-27 00:46
سىزگە كوپ رەھمەت ئىيتقىم بار .چۇنكى سىز ھەممىگە پۇتلاشقان ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەنئەنىۋى ياغلىقىمىزنى مەدھىيلەپسىز.سىزدەك مەدھىيلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرنىڭ كوپلەپ چىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا مىنىڭ ياق بىزلەرنىڭ ئەنئەنە ياغلىقىمىز سىياسى خاتالىق ھىساپلانمايتى.

ئەكبەرنىياز 2013-06-21 08:51
بەك تەسىرلىككەن ، ماۋزومۇ ئۆزگىچە ئىكەن ! ھارمىغايسىز ئۇستاز !!!

نۇرلالە 2014-03-26 11:36
ياغلىق قىزنىڭ ئىپپىتى  ياغلىلىق قىزنىڭ قىممىتى ...

نۇرلالە 2014-03-26 11:39
بۇ تېما بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ،قىزلىق ئىپپەتكە ئىزلىق ئەنئەنگە ئۇقۇلغان گۈزەل ناخشا قەلبىمنى سۈيۈندۈردى.

شەبنەم117 2014-03-31 11:25
بۇ پەقەت يالغۇز خورلىنىۋاتقان ياغلىقىمىزلا ئەمەس بەلكى قىزلىق ئىپپىتى ۋە غورۇر نومۇسنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئاشۇنداق قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدىغانلىقىغا بولغان قەلبىمىزنى ئىزھار قىلىش مەن بەك ياقتۇردۇم .قەقىقەتەن پەرىشتە سۈپەت قىزكەن بارىكاللا!بۇ راس بولغان ئىشمۇ؟ئاتىللا

نۇرلالە 2014-04-02 11:53
مەن ئۆز نۇرنى تۇنۇيمەن . ئۇ ئىستىداتلق ئۇقۇتقۇچى ئىدى ھازىر ئاغرىق مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمەتكە قاتنىشالمايۋاتىدۇ.

نۇرلالە 2014-04-02 11:55
ئاتتلا ۋە ئۆز نۇرلاردەك قەلەم ساھىبلىرغا ھۆرمەت بىلدۈرمەن، ئكز نۇرنىڭ تېزراق ساقىيىشىغا تىلەكداشمەن.

مىېھرىما 2014-04-02 22:01
بەكلا ئېسىل تىما ئىكەن . سىزگە رەھمەت !!

رەيھان 2014-04-28 17:05
بەك ئىسىل تېما ئىكەن قىز بىلەن قىزىل ياغلىق ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپتۇ.

ھاتەھاتەم 2014-05-20 17:39
تەسىرلىك يېزىلىپتۇ.شەرمى-ھايانى جىنىدىنئەزىز بىلىدىغان قىزلىرىمىز كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئاچچىقگۈل 2014-05-22 09:04
سەھىپىسى  قىسقا،يىلتىزى چوڭقۇر ئەسەر بوپتۇ. 1$4dzI()  
EW]rD  
\Cx2$<8  
شەرمى-ھايا،ئىپپەتكە سىمۋول قىلىنغان قىزىل رەڭنىڭ يەنە بىر مەنىسى: {{qu:(_g  
قىزىل رەڭ--ئوتنىڭ يەنى شەيتاننىڭ سىماسىدۇر.

تارىم 2014-05-22 09:43
قوي باققىلى ئۇزۇن يىل بولغان پادىچىلارغا قىزىل ياغلىق قىز كۆرۈنىمىش

ئاچچىقگۈل 2014-05-23 12:12
تارىم:قوي باققىلى ئۇزۇن يىل بولغان پادىچىلارغا قىزىل ياغلىق قىز كۆرۈنىمىش [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە] [ئىپادە]  (2014-05-22 09:43) 
Cb<7?),vK  
ھەجەپمۇ كەلتۈرۈپسىز ..............................


查看完整版本: [-- قىزىل ياغلىقلىق پەرىشتەم  (ئاتتىلا) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled