attila |
2011-04-26 16:43 |
سەن يىغلىغان كۈن(ئاتتىلا)
سەن يىغلىغان كۈن &uJ7[m19z ئۆزنۇر s`,. &
N-GQ\& (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»داستانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن) 7h.:XlUm| ئانا، شۇنداق قىلىپ سەن يىغلىدىڭ، لەننەتگەردى ئوغلۇڭنىڭ ئۆز ئېلىگە ئاسىلىق قىلغانلىقىنى بىلگەن دەقىقىدە ھېچقاچان ياش چىقمىغان، ئۈمىد-ئىشەنىچ نۇرلىرى پارلايدىغان، شىجائەت ئۇچقۇنلىرى چاقنايدىغان كۆزلىرىڭدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. تاغدەك ئېغىرچىلىق چۈشسىمۇ قىيادەك تىك تۇرىدىغان بەستىڭ ئېگىلدى. ئەمما سەن شۇئان ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋالدىڭ، «تۈلكىمۇ ئۆز ئىنىغا قاراپ ھۇۋلىماس ئىدىغۇ؟!چوقۇم جازالاش كېرەك،» شۇ پىكىر كاللاڭغا كەلگەن دەمدە قولۇڭغا خەنجەرنى ئالدىڭدە مۇناپىق ئوغلۇڭنىڭ كۆكسىگە سالدىڭ. زىمىن يېنىك نەپەستە تەۋرىدى، چۈنكى باغرىنى چاك-چاك يىرتقان بىر مەلئۇن ئازايغان ئىدى، سەن ئېغىر نەپەستە سىقىلدىڭ،چۈنكى ئاق سۈت بەرگەن ئۇ بەندە ئۆز پۇشتىڭ ئىدى. z(beT e ئانا، سەن يىغلىغان ئىدىڭ. ئارمان قىلغىنىڭدىكىدەك ئوغلۇڭنى ئىپتىخارلىق ھېسىياتىڭ بىلەن جەڭگە ئۇزىتالمىغىنىڭغا، ئۇنىڭ ئۆز ئېلىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ نىجاتكارى بولالمىغىنىغا،قەھىرمانلىق بىلەن دۈشمەن كۆزىگە تىك بېقىپ ئۆلەلمىگىنىگە ئېچىنىپ ئاچچىق ئەلەمدە ئۆرتىنىپ يىغلىغانىدىڭ، شۇ چاغدا زىمىنمۇ سېنىڭ پىغانىڭغا قوشۇلۇپ ھازا ئاچقانىدى. تاغلار، دەريالار نەرە تارتىپ نىدا قىلغانىدى:«ئاللا، نىمىشقىمۇ يارىتىدىغانسەن مۇشۇنداق تۇزكور مۇناپىقلارنى؟!» باغ- ئورمانلار سىلكىنىپ، سۇلار تەتۈر ئاققانىدى،قۇشلار كۈيلىرىنى توختىتىپ،ئاچچىق لەننەت ياغدۇرغانىدى. پەلەكنىڭ كۆز يېشى توپ-توغرا يەتتە كۈنگىچە توختىماي، توپان بالاسى كېلىدىغاندەك بوران-چاپقۇن بولغانىدى. (9D,Ukw ئانا، سەن تۇنجى ياش تۆكىۋاتاتتىڭ. يىغاڭدا ئۆز پۇشتۇڭ بولغان نانكور ئوغلۇڭنىڭ ئۆلىمىگە ئېچىنىش ئەمەس، ئۆز ئېلىنىڭ خائىنى بولۇپ قالغىنىغا نەپرەتلىنىش بارىدى.يىغاڭدا مۇشۇنداق بەدنىيەتنى بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە قىلغانلىقىڭغا بولغان ئېغىر ئۆرتىنىش كۈۋەجەپ تۇراتتى. _xXDvBU ئانا،ئۆرتىنىش، پۇشايمان، ئازاپ گىرەلىشىپ كەتكەن قەلبىڭدە قەۋمىنىڭ تۇزىنى يەپ، تۇزلىقىنى چاققان بەدنىيەت مۇناپىققا، ئۆز سېپىنى كەسكەن پالتىغا ئوخشاش ناجىنىس ئوغلۇڭغا چەكسىز نەپىرەت بار ئىدى. ئۇ نەپىرەت ئەلنىڭ نەپرىتى ئىدى، ئۇ غەززەپ ئانا يۇرت ئۈچۈن ھاياتىنى بەدەل قىلغان تالاي ئوت يۈرەكلەرنىڭ ئۇلۇغ روھىدىن تارىغان ئەلەملىك پىغان ئىدى. سەن توختىماي نىدا قىلاتتىڭ، ئانا:«ئاھ، تەڭرىم! مېنى نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق نائەھلى ئوغۇلغا ئانا قىلىپ قويغانسەن؟!بۇنداق تۇزكورلۇق بىزنىڭ قەۋمىمىزدە يوق ئىدىغۇ؟ كىمدىن يۇقتۇرغانسەن ئەي نائەھلى ئوغۇل بۇنداق مۇناپىقلىقنى؟ ئەجىبا ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزغا ئوغۇزخاندەك،ئالىپئەرتۇڭادەك w5}2$r شىراقتەك بىباھا ئەزىمەتلەرنى بەرگەن تەڭرىم ماڭا نېمىشقىمۇ مۇشۇنداق نائەھلىنى بەرگەنسەن؟!» veGRwir ئانا، سەن شۇنداق ئۇلۇغ ئانا ئىدىڭ، نەپەسلىرىڭدە ئەل ئىشقى كۆيەتتى، سەن يالاڭغىداق يۈرۈپ، تەمەچ تېرىپ قالىساڭمۇ، ياغۇنچاقتا ئۇن تارتىپ، ئوماچ چېلىپ ئىچسەڭمۇ، ئەڭلىڭگە ياماق سېلىپ جۇلدۇر كېپەن يۇرسەڭمۇ يۇرت دۈشمەنلىرى ئالدىدا قەددىڭنى پۈكۈشنى ئېغىر نومۇس ھېسابلايتىڭ.سەن نىمىنىڭ ھەقىقى مۇھەببەت، نېمىنىڭ نەپىرەت ئىكەنلىكىنى پاكىز ئىخلاسىڭ بىلەن تونۇپ يەتكەنىدىڭ، ساڭا نىسبەتەن ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ئانا يۇرت مۇھەبىتى ئىدى، ساڭا نىسبەتەن ئەڭ بۈيۈك قۇربان بېرىش ئۆز قەۋمىنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن بولاتتى. سەن شۇنداق قۇربان بېرىش، سۆيۈشنىڭ يۈكسەك لەززەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىڭ، ئەمما ئوغلۇڭ؟ (
j~trpe, ياق ئانا، ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ ئەمەس ، گۆش بىلەن تەن سېنىڭدىن بولسىمۇ، ئەمما روھ سېنىڭ ئەمەس ، ئۇ شۇنداق نەپرەتلىك ئىسان ئىدى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايتى، يارى ئۈچۈن كۆيەتتى، مەنپەت ئۈچۈن ئۆلەتتى. سەن شۇنداق ئىنسان ئىدىڭ، ئېلىڭ ئۈچۈن ياشايتىڭ، قەۋمىڭ ئۈچۈن كۆيەتتىڭ، ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۆلەتتىڭ. 4S#q06=Xe ئانا، سەن شۇنداق ئۇلۇغ ئانا ئىدىڭ! سەن ياش تۆكۈپ باقمىغان ئىدىڭ، ئەمما بىزگە نىمە ئۈچۈن، قانداق ياش تۆكۈشنى ئۈگەتتىڭ، ئانا، سەن شۇنداق ئىنسان ئىدىڭ، قەلبىڭدە ئۇلۇغ مۇھەببەت يېلىنجايتى، ئاقىۋەت بىزگە نىمىگە نەپىرەتلىنىشنى بىلدۈردىڭ. a0x/ ?)DO ئانا، سەن شۇنداق ئۇلۇغ ئانا ئىدىڭ!!! |
|