دېھقانلار ھەممىدىن ئىنسابقا بەك باي
دېھقانلار ھەممىدىن ئىنسابقا بەك باي
مۇھەممەد شاۋۇدۇن
دۇنيادا جېمى ئىنسان تىلەمچى گويا ھەر دائىم، بىر ئۆمۈر تىلەپ ئۆتىدۇ. ئاتىدىن بالىغا قالىدۇ مىراس تىلەكلەر، تىلەكلەر قاچان پۈتىدۇ؟
پۈتمەيدۇ تىلەكلەر، تىلەكلەر سانسىز، تىلەكسىز ياشىغان ئادەملەر جانسىز. تىلەكنىڭ ئالتۇنى، تۈۋرۈكى ئىنساب، ئىنسابلىق ئادەملەر ياشار ئارمانسىز.
ئىنسابلىق ئادەملەر بىباھا گۆھەر، ئىنسابلىق ئادەملەر خىزىر – ئەۋلىيا. بولالماس ئىنسابلىق بىر گادايغا تەڭ، يۈزلىگەن ئىنسابسىز كاتتا ئەغنىيا.
ئاتا – ئانا پەرزەنتكە كۆيەر بېھىساب، تىلەيدۇ ئۇلارغا ئەڭ ئاۋۋال ئىنساب. بەخت ۋە بايلىقنى ئىنساب ئالدىدا كەتمەيدۇ ھېچقاچان بۇندا چوڭ ساناپ.
ئادەملەر ئۆز ئارا تىلەيدۇ ئىنساب، ئىنسابتىن باشلىنار تىلەكنىڭ بېشى. ۋەلېكىن مىڭ تىلەك تىلىگەن بىلەن ، ئىنسابلىق بولالماس ھەممىلا كىشى...
دېھقانلار ھەممىدىن ئىنسابقا بەك باي، ئىنسابنىڭ كۆكىدە تولغان تولۇنئاي. ھەممە خەق تىلىگەن ئىنساب ئۇلاردا تەلتۆكۈس، بولسىمۇ سەن، بىزدىن گاداي.
تىلىمەس ئادەم يوق دۇنيادا ئىنساب، دېھقاندا ئىنساب ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ. ئىنسابتىن قىلچىمۇ تېپىلماس قۇسۇر، ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا ئالسىمۇ ھېساب.
شىنجاڭ گېزىتى |