查看完整版本: [-- چۈش تەبىرىنىڭ داۋامى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> چۈش تەبىرىنىڭ داۋامى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

perixte 2011-04-23 01:26

چۈش تەبىرىنىڭ داۋامى

64. ھارۋا ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈشىسە، خوتۇن ئالۇر!
65. قىز بالا كۆرۈپ چۈشىسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر!
66. جۇگان كۆرۈپ چۈشىسە، پۇل مېلى كۆپ بۇلۇر!
67. زىنا قىلىپ چۈشىسە،غۇسلى تاھارەت ئېلىپ يۇيۇنسۇن، مۇرادىغا يىتەر!
68. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنتىگە، سول قولى  غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر!
69. زەكىرى غايىپ بولۇپ  چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرمەس!
70. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرگەي!
71. بەدىنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە، پۇل مېلىغا زىيان يىتەر!
72. چوڭ-كىچىك پۇل يىغىپ چۈش كۆرسە، دۇياسى كۆپ بۇلۇر!
73. ھايۋاننىڭ تېزىكىنى تىرىپ چۈش كۆرسە، ئۆمرىنى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزەر!
74. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر!
75. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قۇتۇلار!
76. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە، بەرىكەتنىڭ، ئىقتىساد، دۇنيانىڭ سۈرىدۇر!
77. ئۆيگە ئوت كىتىپ چۈش كۆرسە، بەدنىيەت بىلەن دوست بولۇر!
78. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسى ئۆسەر!
79. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە، ھاجىتى راۋا بولۇر!
80. كېمىگە چۈشۈپ چۈش كۆرسە، يۈزدە يۈز مەرتىۋە تاپار!
81. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر!
82. بېلىق كۆرسە ھالالدىن رىسقى نىسىپ بولۇر!
83. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يىتەر!
84. ئات مىنىپ جەڭ قىلىپ  چۈش كۆرسە، خوتۇنى ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر!
85. ئاتتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنىدىن يامانلىق كېلۇر!
86. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مىنىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنى كېسەل بولۇر!
87. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر!
88. ئەجدىھا پادىشاھنىڭ سۈرىدۇر!
89. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، رىزقى كۆپ بۇلۇر!
90. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر!
91. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، بىر كىشىدىن ئىزا ئاھانەت ئاڭلار!
92. ياڭاق يەپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر!
93. كۆك ئۈزۈم  يەپ چۈش كۆرسە، يىغا-زارىلىق بولۇر!
94. ئاق ئۈژمە يەپ چۈش كۆرسە، رىزقى كۆپ بۇلۇر!
95. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر!
96. جۇگاز يېغى  كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، پاراڭ-جۇداغا قالۇر!
97. ئۆتكەمە كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر!
98. غەلۋىر كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، ۋەيرانلىققا قالۇر!
99. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە، قىز دۇر !
100. ئالما كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، دىدار كۆرۈشەر!
101. چىسلا كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، بالىسى دوختۇر بولۇر!
102. جىگدە كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، نائەھلى بىلەن دوست بولۇر!
103. تولا يىغلاپ  چۈش كۆرسە، كېسەل بولۇر!
104. گۆر كولاپ  چۈش كۆرسە، ھاجتى راۋا بولۇر!
105. ھېرە كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، بىراۋدىن ئازارلىنۇر!
106. نەسارە(ئورۇس) كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرگەي!
107. ھىندى كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، قاغۇر پەرزەنت كۆرگەي!
108. چىچەك كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، ئۆمرى راھەتتە ئۆتەر!
109. شېكەر-ناۋات كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، خوشاللىق بولۇر!
110. خەڭ بولۇپ چۈش كۆرسە،  كېسەل بولۇر!
111. قاپاق  كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، كېسەلدىن شىپا تاپۇر!
112.قۇلىقى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە، بەتنامدىن قۇتۇلار!
 113. بۇغاز تۆگە كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، جان ئالغۇچىنىڭ سۈرىدۇر!
114. كەكلىك  كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، خۇدا جۈپ پەرزەنت ئاتا قىلۇر!
115. قارچۇغا   كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، دوست قولغا كېلۇر!
116. سېۋەت  كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسىدىن چۈشەر!
117. چىراغ  كۆرۈپ  چۈش كۆرسە، ئالىم پەرزەنت كۆرەر!
118. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ  چۈش كۆرسە، ئالىم پەرزەنت كۆرەر!
119.سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ  چۈش كۆرسە،  سېھرىي جادۇدىن قۇتۇلار!


tawpek 2011-04-24 14:26
مۇشۇنىڭ بىلەن ھەممىسى تۈگىدىما؟

مەن پەقەت مۇشۇنداق سىمۇۋۇللۇق چۈش كۆرمەيمەن، كۆز ئالدىمدىكى بارنى چۈشەيمەن، تاڭ ئاتقاندىن كىيىنلا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولوشقا باشلايدۇ.

بەزى يامان چۈشلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشساممۇ يەنە ئوخشاشلا يۈز بىرىدۇ.

خۇددى كىچىدە كۆرەىنىم چۈش ئەمەس بەلكى ئەتكى ئىشلارغا تۈزگەن پىلانلىرىمدەك.


داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ پەرىشتە،

perixte 2011-04-24 21:10
    تېخى يېرىم بولدى  . داۋامى بار........

tawpek 2011-04-25 15:57
داۋامىغا تەشنامىز،

گەرچە ھازىر بارغانسىرى بۇلارغا ئىشەنمەس بوپ كەتكەن بولساقمۇ، ياخشى تەرەپكە بۇراپ چۈشىمىز ئارقىلىق بولسىمۇ   كۆڭلىمىزنى شاد ئىتەرمىز.

bahadir 2011-04-27 12:11
引用第1楼tawpek于2011-04-24 14:26发表的 : مۇشۇنىڭ بىلەن ھەممىسى تۈگىدىما؟ مەن پەقەت مۇشۇنداق سىمۇۋۇللۇق چۈش كۆرمەيمەن، كۆز ئالدىمدىكى بارنى چۈشەيمەن، تاڭ ئاتقاندىن كىيىنلا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولوشقا باشلايدۇ. بەزى يامان چۈشلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشساممۇ يەنە ئوخشاشلا يۈز بىرىدۇ. .......

سەن كىچىدە كۆرگەن چۈشۈڭنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئوخشايسەن،شۇنداقمۇ؟
بولمىسا بۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈش پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ.
ياكى بولمىسا ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغان ئوخشىمامسەن؟(چاقچاق)

tawpek 2011-07-13 23:03
توغرا ئىيتىسەن باھادىر.

بەزى  چۈش كۆرگەندىمەنمۇ  خىيال سۈرگەندىمەنمۇ  دەپ  گۇمانسىراپمۇ  كىتىمەن.

قىز 2014-02-12 23:59
مەن كۇرگەن چۇشۇمنى ئەتىسى ئەسلىيەلمەيمەن دىسە

نۇرسىمانگۇل 2014-02-17 16:41
مەن بەك ئۇزۇندا چۈش كۆرىمەن، ئەمما چۈشۈمدە نىمە كۆرگەن بولسام  ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ ئىش يۈز بىرىدۇ، شۇڭا يامان چۈش كۆرۈشتىن قورقىمەن.

سەئىدىيە 2014-02-17 22:05
ياخشى تەبىرلەر ئىكەن .


查看完整版本: [-- چۈش تەبىرىنىڭ داۋامى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled