查看完整版本: [-- ئۆلۈم توغرىسىدا خىياللار  (ئاتتىلا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئۆلۈم توغرىسىدا خىياللار  (ئاتتىلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-04-20 17:44

ئۆلۈم توغرىسىدا خىياللار  (ئاتتىلا)

ئۆلۈم توغرىسىدا خىياللار  (ئاتتىلا) 2ELw}9  
(توختاش بەكرى ئاكىمىزنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن) U-QK   
`4'v)!?  
تونۇلغان ئەدىب، يېتىلگەن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، بالىلارنىڭ ئاقكۆڭۈل سىرداش دوستى توختاش بەكرى ئاكىمىزنىڭ ئەجەل خەۋىرى بىزنى  ئۆلۈم توغرۇلۇق ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. \;&j;"c,W  
ئۆلۈم-ئۇ ھەر بىر ئىنسان، مەيلى ئۇ شاھ ياكى پۇقرا بولسۇن، مەيلى ئۇ باي ياكى گاداي بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىلىم چوققىسىغا چىققان مەشھۇر زات ياكى ساۋاتسىز پادىچى بولسۇن ھەممەيلەن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان، مەيلى سىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزلىنىڭ ياكى زار-زار يىغلاڭ بەرىبىر بېشىڭىزغا كېلىدىغان مۇقەرەرلىك. بىراق ئۇ مەڭگۈلۈك يوقۇلۇش ئەمەس، بەلكى بەزىلەر ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى. (*;b\h  
دۇنيادا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان كىم بار! ھەرقانداق ئادەم، مەيلى ئۇ شىرمەت ئەزىمەت بولسۇن ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. بىراق، ھاياتتىكى ھەقىقىي ھەم ئەڭ قورقۇنۇچلۇق نەرسە ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى ئۆز روھىنىڭ قورقۇنچنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشى بىلەن باشقىلارنىڭ روھىغا ئەسىر بولۇشى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىدىكى چوڭ قورقۇنچنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ يولنى مەردانىلىق بىلەن تاللاپ، ئۆلۈمنى قورقىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەقىقىي ئەزىمەتلەردۇر. ئۇلار ئۆز ۋۇجىدىنى پاكلاش ئۈچۈن ئۆلۈمنى تاللىغان ئاشۇ قىممەتلىك دەقىقىلەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھايات مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. R56:} 
مەن ئېسىمنى بىلگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىرقاتار ئۆلۈم خەۋىرى، مىللىتىمىزنىڭ قەلبىنى ئاچچىق ياشقا تولدۇرۇپ، مەدەنىيەت بوستانىمىزنى قۇرغاقلاشتۇرىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ھەقىقەتلەر كۆز ئالدىمىزدىن 20-ئەسىرنىڭ يالقۇنلۇق ئوچاقلىرقىدا تاۋلىنىپ پىشقان، ھەر بىر تىنىقىدىن چوڭقۇر مەنا ۋە ساماۋى ھېكىمەتلەر ئۇرغۇپ تۇرغان  مۆتىۋەرلىرىمىزنى، ياش تۇرۇپ ئۆز كامالىتىنى تېپىشقا ئۈلگۈرگەن، ھاياتىنى مەنا چوڭقۇرلىقىدا سۇغۇرىۋاتقان ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئارامگاھىغا ئېلىپ كەتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن ھېسابلاپ كۆرسەك، زۇنۇن قادىرى، ئەھمەت زىيائى، نىزامىدىن ھۈسىيىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، زۇردۇن سابىر، باتۇر رۇزى، ئىمىن تۇرسۇن...كەبى مەرىپەتپەرۋەر ئەزىمەتلىرىمىز ئۇ دۇنياغا بەندىچىلىك قىلىپ، يېنىمىزدىن كېتىپ قالدى. ئەمدى بالىلارنىڭ يېقىن دوستى، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، زامانىدىن پاكزات كەبى ياش ئىزباسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا مەنىۋىي زېمىن ھازىرلىغان توختاش بەكرى ئاكىمىزمۇ بىزدىن مەڭەۈلۈك يىراقلاشتى. بىراقى، ئۇلارنىڭ سەمىمىي يۈرىكى، ئىجادىيەتكە تولغان سەزگۈر قەلبى بىلەن توختىماي تەپەككۈر قىلىۋاتقان سەگەك كاللىسى، قەلەم تۇتۇپ تىنىمسىز يېزىۋاتقان قولى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىرگە مەڭگۈ بىزنىڭ يېنىمىزدا. :UoZ`O~  
ئەشۇ نامى مۇبارەك زاتلار ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى ماختىغانلارمۇ، تىللىغانلارمۇ، ھەمدەمدە بولغانلارمۇ، كۆرەلمەي پىتنە تارقاتقانلارمۇ، ئۇلارنى بالدۇر تونۇغانلارمۇ، ئۆلۈمىدىن كېيىن نامىنى ئاڭلىغانلارمۇ، قەدىمىدىن ئۈنگەن لالە-رەيھانلارغا قاراپ باھا بەرگەنلەرمۇ، باشقىلارغا ئەگىشىپ ئاقچى-كۆكچى دېگەنلەرمۇ بولغان ئىدى. ئەمدى بولسا ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خۇددى قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغان تىلەمچىدەك روھىي گادايلىق كوچىسىدا تەمتىرەپ ئەتىراپىمىزغا قاراشماقتىمىز. G!RbM.6  
بىز سەگەكلىك بىلەن ھېسابلاپ كۆرسەك يېقىنقى 30يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە بىز ئۈچۈن يۈرىكىنى چوغ قىلىپ ياندۇرۇپ يول باشلاپ ماڭغان پىشقەدەملىرمىز بىر-بىرلەپ ئارىمىزدىن كېتىپ قاپتۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن كەبى ئۇلارنىڭ يوقلىنى بىلۈندۈرمىگىدەك، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالىغۇدەك بىر قوشۇن تېخى بارلىققا كېلىشتىن كۆپ يىراقتا تۇرۇپتۇ. ياش بوغۇنلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. I5mnV 
مەن ئويلاپ قالىمەن، ئۇيغۇرۇمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەجەل مۇئەككىلى دائىم ئاشۇ زاتى مۇبارەكلىرىمىزنىلا ئىزدەپ تاپامدىغاندۇ!؟ ياكى بىز ئۇلارغا توختىماي ئارام بەرمىگەچكە تەقدىر قىسمەتنىڭ ئۇلارنى بالدۇرراق ئېلىپ كەتكۈسى كېلەمدىغاندۇ!؟ مەشھۇر يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر بىلەن يالقۇن رۇزى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دا ئېلان قىلغان «ھاياتىدا قەدىرنى قىلامدۇق ياكى ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇمدۇق» (ئىسىمى مۇشۇنداققۇ دەيمەن» ۋە «ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى» ناملىق ماقالىلىرىدە ناھايىتى ئۆتكۈر ھەم ئادەمنى ئويغا سالىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.  \U(qv(T  
بۇرادەرلەر بىز ئەقلىمىزنى تاپايلى، ھاياتلارنىڭ قەدىرنى قىلايلى، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى قان-زەردابقا تولدۇرۇپ، ئۇ دۇنياغا بالدۇرراق كېتىشىگە يول ئېچىپ بەرمەيلى! VU J* \Sg  
- K0>^2hh  
مەنبە: ئىجادىيىتىم

attila 2011-04-20 17:51
«ئەرك»نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلغان ماقالە بولغاچقا ئىملا خاتالىقى ۋە باشقا سەۋەنلىكلەر بولىشى مۈمكىن. كۆرسىتىپ ئۆتسەڭلار بولىدۇ.

ئەكبەرنىياز 2013-10-18 00:02
ھەقىقەتەن ئېسىل ماقالىكەن ، ئەلۋەتتە ھاياتلىقىدا تەۋەررۈكلىرىمىزنىڭ قەدرىنى قىلىشىمىز كېرەك ، بۇنداق پەرىشتە سۈپەت ئادەملەر ھەر بىر يۇرتتا ، ھەر بىر ئەلدە كۆپ ئەمەس ، ئەمما نېمىشقىكىن بۇنداق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن نۇرلۇق سەمەرىلىرى بىر قىسىم پارازىت قۇرت كەبىي كىشىلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلىرى بىلەن باشقىلارغا دەل ۋاقتىدا نۇر تارقىتالماي قالىدىكەن . ئەمما ئالتۇن توپىدا ياتسىمۇ قىممىتىنى يوقاتمىغاندەك ، ئۇنى ھامان خەلقىمىز ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىدىكەن . ئەمما بۇ چاغدا بىز قەدىرلەپ ، قوللاشقا تېگىشلىك ئۇ زاتلار ئاللىبۇرۇن بىر يەرگە بارىدىكەن . ھەيرانمەنكى ، بۇ دۇنيادا پەزىلەتلىك ئادەملەر بەكرەك ئازابلىنىپ ياشايدىكەن ، ھەم ھاياتى ئۇنچىۋالا ئۇزۇن بولمايدىكەن . بەلكىم بۇمۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك بىر بىشارەتتۇر . ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، كىيىنكىلەر ھامان ئالدىنقىلار باسقان شۇ بۈيۈك ئىلىم يولىدا تېخىمۇ نۇرلۇق قەدەملەرنى باسىدۇ ھەم باسالايدۇ !!!


查看完整版本: [-- ئۆلۈم توغرىسىدا خىياللار  (ئاتتىلا) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled