tunyukuk |
2011-04-19 11:48 |
«يۈرىكىم يىغلايدۇ» (ئەختەم ئۆمەر)
[E>R.Oe ngP7'1I : *E
RRSL) 13. يۈرىكىم يىغلايدۇ z@zD .
mc?';dEG xw ?CMA (
vKI1^,
ئەختەم ئۆمەر C1d
04Q r*chL&7 (^LS']ybc /}=a{J 1 SE
T-8f &UL_bG} بىز قوليازما ئەسەرلىرىنى دەستىلەپ تىزسا بويىدىن ئېگىز كېلىدىغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەدەبىيات مۇنارى تىكلىگەن، ھوسۇلى ئەڭ مول، دۆلەت ئىچىدىمۇ، خەلقئارادىمۇ ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پېشۋا يازغۇچىمىز زوردۇن سابىردىن ناھايىتىمۇ تۇيۇقسىز ئايرىلدۇق. ئۇنىڭ ئۆمرى بەكمۇ قىسقا بولدى. بىز ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن كىتابى تەخمىنەن ئىككى يېرىم يىلغا بىردىن توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ھەرقانداق ئەسىرىنى ئوقۇسا ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلماس تەم قالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ قەدىناس دوستى مىجىت ناسىر ئاكا ماڭا: «مەن ھەرقانداق ئادەم بىلەن بىر كۈن، يېرىم كۈن مۇڭداشسام گېپىم تۈگەپ كېتىپ جىمىپ قالىمەن، زوردۇن بىلەن 10 كۈن يالغۇز مۇڭداشساممۇ گېپىم تۈگىمەيدۇ. ئۇ ماڭا 10 كۈن گەپ قىلىپ بەرسىمۇ گېپىدىن زېرىكمەيمەن. ئۇنىڭ ھەربىر گېپىدىن يېڭىلىق چىقىپ تۇرىدۇ. بىر كۈنى مۇشۇ گەپنى ئۇنىڭغا دېۋىدىم، ئۆزىمۇ ھەيران قالدى» دېدى. مەنمۇ ئويلىمىغانىكەنمەن، زوردۇنكام بىلەن بىللە بولغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ مەنىلىك، غەرەزسىز، كۆڭۈللۈك سۆزلىرىدىن، ۋۇجۇدۇم يايراپ، روھىمكۆتۈرۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى كېيىنچە ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭ قىزغىن، خۇشخۇي مىجەزى، جىددىيلىك، قايغۇ، غەم - ئەندىشىلەرنى بىر چاقچاق بىلەنلا كۆتۈرۈۋېتىپ، ياتسىراشلارنى تارقىتىۋېتىدىغان ئېسىل خىسلىتى يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەربىر قۇرلىرىغا مەڭگۈلۈك روھ بولۇپ سىڭىپ كەتكەنىدى. :6Pnie 94Ud@F9d5 مۇشۇ بىر قەرنىدە تەڭرىتاغ، تارىم، ئىلى ۋادىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن جۇدۇن - چاپقۇنلارنى تەڭ تارتقاننىڭ ئۈستىگە، پۈتكۈل مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ دەردىنى قوشۇپ تارتقان پېشقەدەم سەركەردە ئەدىبلىرىمىز بىر - بىرلەپ كېتىپ، سورۇنىمىز چۆلدەرەپ قالدى. سورۇندا ئاتا سۈپەت، ھۆرمەتكە لايىق ئاقساقال ئەدىبلەرنىڭ ئورنى بوش قالدى. خەلقىمىز ئۆمرىنى تىلىگەنلەرنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ بارماقتا ئىدى. XX2h(
- X\\7$ − تۇيۇقسىز ياشلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشلار نېمانداق جىقلاپ كېتىدىغاندۇ، زوردۇنكا، − دېدىم مەن يېرىم يىل بۇرۇن بىر كەچتە بىللە تاماق يەۋېتىپ. y\'P3ihK g$FEEDF − جانغا تېگىدىغان دىشۋارچىلىقلار كۆپەيگەنچە ئۆمۈر قىسقىرايدىغان گەپ. ئاياللار يىغلاپ ئىچىنى بوشىتالايدۇ، ئەرلەر ئىچىگە يۇتىدۇ. مانا قاراڭ، ئۇكا، بىزنىڭ قورۇدا ئەرلەر نۆۋەت بىلەن كېتىۋاتىدۇ، بۇ قورۇيىمىز تۇل خوتۇنلار قورۇسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى ئەزرائىل كەلسە پېقىرنى چاقىرىدىغان يەرگە يەتتى. پات - پات ئىشىكىم چېكىلسە ئەزرائىل كەلگەن چېغى دەپ، «تولا ئىشىك قاقماي كىرىپ ئالىدىغىنىڭنى ئالە ئاداش» دەيمەن، − دەپ گەپنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى زوردۇنكام كۆزەينىكىنى تۈزەپ قويۇپ. 4Po)xo hO#t:WxF
I − ئۇنداق دېمىسىلە، زوردۇنكا، سىلى ئۇزاق ياشايلا تېخى. بۇلتۇر ئاتمىشقا توشقانلىرىنى خاتىرىلىدۇق، ئەمدى خۇدا بۇيرۇسا يەتمىشكە توشقانلىرىنى خاتىرىلەيمىز. p$E8Bn%[ 9GLb"6+PK − ياق ئۇكام، تېشىمىز گۈمبەزدەك بولغان بىلەن ئىچىمىزدىن كەتتۇق. بەزىدە يۈرىكىم يوقاپ كەتكەندەكلا بولۇپ تىنالماي قالسام، قېنى سەنۇي، جاننى ئالىدىغىنىڭ كەلمەمسەن بۇنداق قىينىغۇچە، دەپ نالە قىلىپ كېتىمەن. *G5c |Y ,*I@ − بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ، ئۇيغۇر ئۈچۈن سىلى ياشىمىسىلا بولمايدۇ، ئۆزلىرىنى ئاسراپ، جىقراق يېزىپ بەرمىسىلە بولمايدۇ. باشقا ئىشلارنى تولا ئويلاپ كەتمىسىلە. `$NP>%J- -F>jIgeC2v − مەن ئۇزاقمۇ ئۆمۈر تىلىمەيمەن. قولۇمدا تۆت توملۇق رومانىمبار. شۇنى يېزىپ پۈتكۈزۈۋالغۇچىلىكلا ياشىسام مىڭ شۈكۈر. بەزىدە ئۈلگۈرەلمەسمەنمۇ، دەپ ئەنسىرەپ كېتىمەن. ?%kV?eu' DL.!G − ھازىر قانچىلىك قالدى؟ \[nut; C.QO#b − ئۈچ تومىنى يېزىپ بولدۇم، يەنە بىر تومىنى تىرەجەپ كېتىۋاتىمەن. qY#6SO`_iy @lt#Nz − بىر توم دېگەننى ھەش - پەش دېگۈچە يېزىپ بولىلا. ئۇنى يېزىپ بولۇپ يەنە ياشىمىسىلا بولمايدۇ. ,2)6s\]/b q,6DEz − يەنە ياشاپ نېمە مەززىسى قالدى بۇ دۇنيانىڭ ... كېچە - كۈندۈز خۇدادىن رومانىمنى پۈتكۈزۈۋالساملا ئەزرائىل ئۆلۈم خېتىمنى كۆتۈرۈپ كەلسە، ئەكېلە ئاغىنە دەپلا مائاش جەدۋىلىگە قول قويغاندەك قولۇمنى قويۇپلا يۈر، كەتتۇق دەپ ئالدى - كەينىمگە قارىماي كېتىۋېرىمەن. قەبرىستانلىقبىزنىڭ مەھەللىگە يېقىن، بىردەمدىلا بېرىۋالىمىز دەڭە، ئۇكا. iyog`s c -`t^7pr بىر يىل بۇرۇنقى چاقچاق ئارىلاش دېيىلگەن بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ تاۋۇتىنى ئېلىپ ماڭغان چېغىمىزدا قۇلاق تۈۋىمدە توختىماي تەكرارلاندى. زوردۇنكام كېچە سائەت ئىككىدىن باشلاپ قىينالغىلى تۇرغاندا ھاۋا دەسلەپ ئىنتايىن بۇلۇتلۇق، تىنچىق ئىدى. جان ئۈزەرگە يېقىن سىم - سىم يامغۇر يېغىپ سالقىنداشقا باشلىدى. ئىلى دەريا بويىنىڭ ساپ ھاۋاسىدا مانا شۇنداق يېقىملىق يامغۇرلۇق سەھەردە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بولغىيتتىڭىز، زوردۇنكا، بۇنى سىزدىن سورىماپتىكەنمەن. سىز قىينىلىپ تىنىقىڭىز توختىغانغا قەدەر يامغۇر يېغىپ ئاندىن توختىدى. يامغۇر توختىدىيۇ، بۇلۇت كۈن بويى تارقىماي، ھاۋامۇ قايغۇ چىراي بولدى. مەن ئەسلىدە شۇ كۈنى ئەتىگەن زوردۇن سابىر ئاكا ئولتۇرۇشلۇق يازغۇچىلار قورۇسىدىكى ئابلىمىت سادىق ئاكىنىڭ ئايالى خالىدە خانىمنىڭ ئالدىنقى كۈنى ۋاپات بولغىنىنى ئاڭلاپ پەتىگە ماڭغانىدىم. يېرىم يولدا يازغۇچى قادىر ئارسلاندىن زوردۇنكامنىڭ بىر سائەت ئىلگىرى تۇيۇقسىز قازا قىلغىنىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. مەن كۆڭلۈمدە ئابلىمىتكامنىڭ ئۆيىدە پەتە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن زوردۇنكام بىلەن مۇڭدىشىپ، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەپ قايتىشنى پىلان قىلىپ ئۆيدىن چىققانىدىم. تۈنۈگۈن قوشنىسى جان ئۈزۈپ يەرلىكىگە قويۇشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىشلارغا تەڭ قارىشىپ، پەتىچىلەرنى كۈتۈشۈپ،ئۇزىتىشىپ ساق - سالامەت مېڭىپ يۈرگەن ئادەم بۈگۈن جان ئۈزسە بۇ قانداق بوپ كەتتى ئەمدى؟ ... يازغۇچىلار قورۇسىغا كىرىپ ئۇ دۇنياغا تەڭ سەپەر قىلغان ئىشىك قوشنىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بارغىنىمدا، خالىدە خانىمنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ بىللە ئولتۇرغان زوردۇن سابىرنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە تۈگەپ كەتكەنلىكىدىن گاڭگىراپ قېلىشقانلىقىنى كۆردۈم.ئىككى ئائىلىنىڭ ھازىدارلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، زوردۇنكام دېگەندەك ئاياللار ھەسرەت - نادامەتتە ھازا ئاچماقتا، يىغلىماقتا، ئەرلەر بولسا سۈكۈتكە پاتماقتائىدى.
---N
9I cFWc<55aX6 بۇنىڭدىن يەتتە يىل بۇرۇن ئامراق چوڭ ئانام تۈگەپ كەتتى. چوڭ ئانامنىڭ تۇپراق بېشىدا ئانام ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. بۇ چاغدا مەن ئۆزۈمگە قاتتىق نەپرەتلەندىم. ئىچىمدە يىغا قاينىسىمۇ، كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش چىقىرالماي گۆشىيىپ تۇردۇم. ئىچىمدە دەريا - دەريا ياش قاينىغاندەك قىلىدۇ،ئەمما كۆزۈمدە نەم يوق. بۈگۈن ھازىدارلار قاتارىدا ھەممىسى بىلەن كۆرۈشۈۋىدىم، زوردۇنكامنىڭ خانىمى خەلچەم ھەدە ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. I!?}jo3 6MkP |vr6 − مانا زوردۇن، ئامراق ئىنىڭىز كەلدى، ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئىنىڭىز كەلدى. تېخى تۈنۈگۈن ئاشۇ بالىنى كۆرمىدىم دېگەنىدىڭىز، مانا ئۆزى كەلدى، − ئىچ - ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىققان يىغا بوغۇزۇمغا ئۇرۇلدى. JO<
wU puM3g|n@ زۇۋان سۈرگۈدەك ئەھۋالىم بولمىدى. ئەمما، كۆزۈمدە نەم دىدارى يوق، ئىچىمدىن ئۆرلەپ كېتىۋاتقان ياش كۆزۈمگە تېپەر ئەمەس ئىدى. I
2|Bg,e `^y7f iW /}# <3hRyG@vB * * * .h4 \Y A M1iS(x C&rkvM8 − بىرىڭلار گۆرگە چۈشۈپ يېتىپ باقساڭلار، بوپتىمۇ - بولماپتىمۇ، بولمىغان يېرى بولسا يەنە كولايمىز! قېنى قايسىڭلار چۈشۈسىلەر؟ − دېدى گۆركار توپا ئارىلاش تەرلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ. <;Zmjeb+# !N
vI:C_4| كىچىكىمدە بەكمۇ قورقۇنچاق ئىدىم، بولۇپمۇ قەبرىستانلىقتىن بەكمۇ قورقاتتىم. چوڭ بولغانچە بۇنداق قورقۇنچ تۇيغۇسىمۇ غايىب بوپتۇ. قاراڭغۇ گۆرنىڭ ئاغزىغا قاراپ شۇنىڭ ئىچىدە زوردۇنكامنىڭ ياتىدىغانلىقىنى ئويلاپلا، پۈتۈن تېنىم ئېرىپ ئىچ - ئىچىمدىن بىر يىغا قايناپ كەلدى. ئىچىمدىن تېلىقىۋاتىمەن، ئەمما كۆزۈم يەنىلا قۇرۇق. $6iX
DwE[D]7o − مەن چۈشۈپ يېتىپ باقاي، − دېدىم. ]*[ 2$ 8(&[Rs?K تاش يەرلىككە سەكرەپ چۈشۈپ، قاراڭغۇ گۆرنىڭ ئىچىگە بېشىمنى تىقتىم. كېيىن گۆرنىڭ ئىچىگە تولۇق كىرىپ قىبلىگە بېشىمنى قىلىپ مۇزدەك يەردە ئوڭدامغا سوزۇلۇپ ياتتىم. «سىز ياتىدىغان يەرنى ئۆلچەۋاتىمەن، زوردۇنكا، سىز مەندىن ئۇزۇن ھەم بەستلىك. يەر شۇنچە تەكشى بوپتۇ، بىقىنىمغا تاش، شېغىللار پاتمىدى. يەرلىكىڭىز، تۇپرىقىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.» كۆزۈمدىن مۇزدەك ياش سىرغىپ چىقىپ ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى. !0L Wa" +V046goX W − يەرلىكى بەك ياخشى چىقىپتۇ، ھەم كەڭ، ھەم ئۇزۇن، پۇتى تاقاشمايدۇ. بىمالال ئولتۇرۇپ قوپقۇدەك ئازادە بوپتۇ. رەھمەت ئاكا سىزگە، − دېدىم گۆركارغا. s/ qYa]) 3/e.38m| − بىزنىڭ باشلىقنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئادەم ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ناھايىتى كاتتا ئەربابمىش، ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى جىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىپتىكەن، ھەتتا ھەرەمنىڭ پادىشاھىمۇ بۇ ئادەمنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ، كاتتا مۇسۇلمان دەپ ئۆز قولى بىلەن مۇكاپاتلىغانىكەن. بۇنداق كاتتا ئەربابنىڭ ئىززىتىنى جايىدا قىلمىساق قانداق بولىدۇ، ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز كېچىچە ئۇخلىماي ئىشلىدۇق. ئادەتتە بولسا گۆرنى بۇنداق بالدۇر پۈتكۈزگىلى بولمايدۇ، ھەممە يەر تاش تۇرسا، − دېدى گۆركار. )72+\C[*~r w\}ieI8J 8#
>op6^ ~pDRF( * * * ,'/HcF?yf -k|g04Q? ^59YfC | |