查看完整版本: [-- سىز ئاناممۇ(ھىكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> سىز ئاناممۇ(ھىكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqut 2011-04-16 10:59

سىز ئاناممۇ(ھىكايە)

سىز ئاناممۇ sfKu7puc  
(ھېكايە)  6)j4-  
2*)2c[/0F  
$LkTu  
  s:ZYiZ-  
T j(MIFi|5  
                                                       جاڭ خۇي Wb{0UkApJ  
1Xn:B_pP  
*'to#_n&W  
     
2005-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچقۇرۇن، يالغۇز چىراق نۇرى ئاستىدا دەرس تەييارلاۋاتاتتىم، توساتتىن تېلېفۇن جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى. مەن تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ « ۋەي» دېيىشىمگە قارشى تەرەپتىن سەل تارتىنغان ھالدا، «سىز ئاناممۇ؟»دېگەن بىر قىزچاقنىڭ گۈدەكلەرچە سىپايەئاۋاز كەلدى. P+:DLex  
       --- سىز كېمنى ئىزدەيسىز؟--- مەن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنىڭ تەسىرىگە ئوچرىغان بولسام كېرەك، ياكى بۇ گۈدەك قىزنى قورقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇممۇ قانداق، ئىنتايىن بوش ئاۋازدا سۇرىدىم. -\[H>)z]RB  
      --- مەن ئانامنى ئىزدەيمەن، سىز ئاناممۇ؟--- ئۇنىڭ ئاۋازىدا بىر خىل سۇباتلىق، تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىق، چوڭقۇر تەلپۈنۈش ھېسياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. sOqT*gwr:  
      مەن ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان قىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن قەستەن ۋاقىتنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئۈچۈن: L6x ; 
     --- سىز( كېم بولىسىز؟)،--- دەپ سۇرىدىم قىزچاقتىن. MSaOFv_Q  
     --- مەن چى چىغۇ!--- قاراشتا قىزچاقتا ھېچقانداق قۇرقۇش يوقتەك، تېلېفۇندا مېنى قورقاتماقچىدەك، ئاۋازىنى تېخىمۇ قاتتىقراق چىقىرىۋاتاتتى. c> 0R_  
    مەن قارشى تەرەپنىڭ «ەأ-ەأ» دەپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، قىزچاق ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن يوقۇرى ئاۋازدا توۋلىدىم: /*2)|2w  
   --- قىزچاق ئانىڭىزنى دەرھال ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قەيەردە؟ aqEmF  
قىزچاق بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلاپ تۇرۇپ: Marx=cNj  
   --- ئانا، مەن يالغۇز ئۆيدە، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن. مەن تېخى تاماقمۇ يېمىدىم، داداممۇ قايتىپ كەلمىدى. ئانا سەن نېمىشقا تېخىغىچە قايتىپ كەلمەيسەن؟ دادام سېنى ناھايىتىمۇ يىراق جايغا كەتتى، سەن ئەقلىڭگە كەلگەندە، قايتىپ كېلىدۇ دېگەن،---دېدى. i_(6} Y&  
يۆرەك باغرىم ئىرىپ ئېقىپ كەتتى. قىزچاقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېنى بىرخىل ئاچچىق ئازاپ ۋە بىئاراملىق ھېسياتى چىرمىۋالدى. مەن ئانىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن قارشى تەرەپكە: t0_4jV t  
   --- ئوبدان قىزىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر سەن ئاناڭنى سېغىنىپ كەتسەڭ ماڭا تېلېفۇن قىلغىن بولامدۇ،--- دېدىم. G =/^]E  
     ئۇ خۇشال بولغان ھالدا، تېلېفۇن دەپتىرىدىن مېنىڭ ئېسمىمنى تېپىپ، تېلېفۇنىمنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ھالدا: 7M) 
     --- ئانا، سېزنى تولىمۇ تەستە تاپتىم، بەزىدە سېزنى ئىزدەپ تېلېفۇن قىلغاندا ئاڭلىغىنىم قېرى مۇماينىڭ ئاۋازى بولدى، مەن تېلېفۇننى دەرھال قويۇۋەتتى. يەنە بەزىدە بىر تاغامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭللدىم، مەن ئانامنى ئىزدەيمەن دېسەم، ئۇنىڭ شۇم نىيەت بىلەن سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدىم، بىراق مەن قورۇقمىدىم، سىزنى تۇققۇزىنچى قېتىم تېلېفۇن قىلىپ، ئاندىن تاپتىم. مەن راستىنلا تولىمۇ خۇشال،--- دېدى. wk#cJ`wG;  
      ئەمەلىيەتتە مەن ئەمدى قىزچاقىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلىپ بولالمايۋاتاتتىم، بۇ نېمە دېگەن بىتەلەي قىز-ەە؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆينىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلاپ تۇردى، تېلېفۇن جىرىڭلىغان ھامان، مەن ئېتىلىپ بېرىپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بارا-بارا قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ يەتتىم. ئۇ چۇڭچىڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن، يەنى مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭتۈش كېلىدىكەن. ئۇ سىنىپىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەن، مەن يەنە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ جاڭ بېيچى، ئەكىلەتمە ئىسمىنىڭ چى چى ئىكىنلىكىنى بىلدىم. iU RSYR  
     8-ئاي، مەكتەپ تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كېيىن مەن يولدىشىم بىلەن قىزىمىزنى ئېلىپ بېيجىڭغا بېرىپ، توپتوغرا بىر ئاي ساياھەت قىلدۇق. g/frg(KF  
     ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى تېلېفۇن قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، تېلېفۇننى چى چى ئالغان ئىدى! قارىغاندا ئۇ ئىنتايىن ئازابلانغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە تېلېفۇن ئاپتۇ، ئەمما تېلېفۇننى ئالغىلى ئادەم چىقماپتۇ. ظذ: %l?*w~x  
    --- ئانا، سەن نەگە كەتتىڭ؟ مەن ھەمىشە ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بەك زىرىكىپ كەتتىم. ئانا مەن سېنىڭ مېنى ئويناتقىلى ئاپىرىشىڭنى تولىمۇ سېغىنىپ كەتتىم. z\"9T?zoo  
    يۈرۈكۈم پىچاق تىققاندەك ئاچچىق ئېچىشىپ كەتتى. بىچارە بالام ، مەن ساڭا ،مەن قىزىمنى بېيجىڭغا ئويناتقىلى ئاپاردىم دېيەلەمدىم؟ مەن ساڭا يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم: 6LrI,d  
   --- ئاناڭ تەتىلدە كاماندۇرۇپكىغا چىقتى، كېيىن چوقۇم سېنى ئېلىپ خالىغان يەرلىرىڭگە ئويناتقىلى ئاپىرىدۇ. V-3 ;7  
    چارەكلىك ئىمتىھان ئاياغلاشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چى چىدىن نەتىجە تېلېگرامىسى كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 99نومۇر ئېلىپ، پۈتۈن سىنىپ بويىچە بىرىنچى بوپتۇ. ئىككىنچى بولغان ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمى يې لىلى بولۇپ 98نومۇر ئاپتۇ، تېخى ئاپىسى ئۇنى يەنە بىر چوڭ شاكىلات بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ. ئۇنىڭ پارتىدىشى جاڭ خۇاسەي 72نومۇر ئالغان ئىكەن دادىسى ئۇنى ئۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن: j\"d/{7Q  
     --- دادىڭىز سىزنى قانداق مۇكاپاتلىدى؟--- دەپ سۇرىدىم. -/ G#ls|?  
      خىلى ئۇزۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن جاۋاب كەلدى: qHgzgS7a  
      --- دادامنىڭ ئەزەلدىن مەن بىلەن كارى يوق، نەچچە قېتىم مۇئەللىم تاپشۇرۇق دەپتەرگە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ كېلىڭلار دېگەندە، مەن دادامنىڭ ئىمزاسىغا ئوخشىتىپ ئۆزۈم ئىمزا قويۇپ ئاپارغان ئىدىم ، نەتىجىدە مۇئەللىم مېنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، سەمىمىيەتسىز بالا دېدى. ئانا سەن قاچان قايتىپ كېلەلەيسەن؟ سەن قايتىپ كەلسەڭلار تاپشۇرۇق دەپتىرىمگە ئىمزا قۇيىدىغان ئادەم بار بولىدۇ. $&!|G-0'  
      مەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىدىم: f|ERZN`uB  
     --- چى چى ، ياخشى ئوقۇڭ، ئانىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈڭ، ئۇ قايتىپ كېلىپ چوقۇم سىزگە ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە نەتىجىڭىز ياخشى بولماي قالسا، ئانىڭىزمۇ كاسىڭىزغا ئۇرۇپ جازالايدۇ. 4 L 5$=V  
      قارشى تەرەپتىن بىر ھازا ئالقىش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ گەپنى تارتىۋېلىپ، تاتلىق ئاۋازى بىلەن: !@*= b1  
     ---ئانا، خوش!--- دېدى. r i)`e  
     ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، چى چىدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى. ئۇ خۇشال ھالدا ماڭا: 9Fw NX  
    --- ئانا، ماتېماتىكا ئىمتىھان قەغىزىمىزنى تارقىتىپ بەردى. مەن ئاران 72نومۇر ئاپتىمەن. راست دەۋاتىمەن ئانا، سىز دەرھال كېلىپ مېنىڭ كاسامغا ئۇرۇڭە! d(:I~m  
    مەن بۇ خۇشاللىقتىن ھاياجاندا تىترەپ كەتتىم. مەن بۇنىڭ چى چى كاسىسىغا ئورۇپ جازالىتىش ئۈچۈن مىڭ بىر جاپادا ئويلاپ تاپقان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. نېمە دېگەن ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان غوبارسىز قەلىب-ەە! كۆڭۈلدىكىدەك چۈش كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن قىلىنغان، تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان«ئۇلۇغ جاسارەت»! rg=Ym.  
     مەن چى چىنى ئىنتايىن قاتتىق تەنقىت قىلىدىم. ئۇ مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ: ^.  
     --- مەن يەنە سىزگە يالغان ئېيىتتىم، ئەمەلىيەتتە، مەن 97نومۇر ئالدىم. مەن پەقەت يالغان ئېيتىش ئارقىلىپ سېنى كۆرۈۋېلىشنى ئويلىغان،--- دېدى. ]rNxvFN*j  
      ئۇدا بەش كۈن ھەر كۈنى كەچ مەن چى چىنىڭ تېلېفۇنىنى ساقلىدىم، 6-كۈنى يېرىم كېچە سائەت ئىككى بولغاندا تېلېفۇن تۇيقسىز جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى. تېلېفۇننى بىر ئەركىشى ئالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۇڭايسىزلانغان، ئىككىلەنگەن ھالدا: | +uc;[`  
    ---سىلى... كەچۈرۈڭ، مەن چى چىنىڭ دادىسى. بالا بەك قىززىتىپ، جۆيلۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ سەل ماغدۇرۇمغا كېلىۋالسام ئانامغا تېلېفۇن قىلىمەن. ئۇ ماڭا، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن يەنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى توغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن، مەن       ئانامنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن...... دەيدۇ،--- دېدى. 5sj$XA?5  
    بىردىنلا يۈرۈكىمنى بىرسى سۇغۇرىۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم: |7Ab_  
     --- چى چى ، ئۇ نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئانىسى ئۇنىڭ يېنىدا يوق؟ [Q\(k d*4  
قارشى تەرەپ تويۇقسىز ئاۋازىنى پەسەيتىپ: FQE(qltf,  
    --- سىز ئۇنچە جىددىيلەشمەڭ، چى چىنىڭ ئۆپكىسى ياللۇغلىنىپ قالغان ئىكەن، ئەھۋالى ئاللا قاچان ياخشىلىنىپ كەتتى. بىزنىڭ ئىشىمىزنى كېيىن يەنە سىزگە دەپ بېرىمەن،--- دېدى. مەن:  DO9K  
    --- بولدىلا، تېلېفۇننى چى چىغا بېرىڭ،--- دېدىم. xP;>p| M  
    ---ئانا...ئانا...!---دېگەن ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بىر ئاۋاز يۆرەكلىرىمنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. Xy`'h5  
    ---ئانا مەن ئاغرىپ قالدىم، ھازىر دوختۇرخانىدا، باشقا ھەممە بالىلارنىڭ ئانىسى بار، يىڭنە سانجىغاندا ئۇلار يەنىلا يىغلايدۇ. مەن ئىنتايىن قەيسەر، مەن پەقەت سېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ماڭا ھەمراھ بولۇشىڭنى ئارزۇ قىلىمەن. ئانا سىز قايتىپ كېلىپ مېنى كۆرگىلى كېلەمسىز؟ e 'F:LMX  
     مەن بۇغۇزىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدىم. خېلى ئۇزۇندىن كېيىن پەقەت بىر جۈملىلا گەپنى قىلالىدىم: WTjmU=<\  
    --- ئوبدان بالام، ئاناڭ چوقۇم قايتىپ كېلىپ سېنى كۆرگىلى بارىدۇ. Fey^hx w =  
     11 -ئاينىڭ 10-كۈنى، پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن، مەن بىر چوڭ شاكىلات سېتىۋېلىپ، ئۇنى چىرايلىق قەغەز بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە: مېنىڭ يۈرەك پارەم چى چى توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! دەپ يازدۇردۇم ۋە چى چى ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ، ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى ياڭ يۈشيا مۇئەللىمنى تاپتىم. ياڭ مۇئەللىم ماڭا: ساۋاقداش جاڭ بېيچى ئىنتايىن سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچى. تەقدىرنىڭ كاجلىقى ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى بىر تۇققىنى بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن، ئاڭلىسام ئەسلىدە ئۇ بىر يىلدىن كېيىنلا يولدىشى ۋە قىزىنى يۆتكەپ چىقىپ كەتمەكچى بوپتىكەن، بىراق ئوقۇشقا چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە ئۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. جاڭ بېيچى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قەتئىي تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئوقۇيدۇ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كام ئۇچرايدىغان قىز. ياڭ مۇئەللىم سۆزلىگەچ بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى ماڭا سۇندى. بۇ بىر چىرايلىق پۇچۇركا بىلەن يېزىلغان تاپشۇرۇق بولۇپ، تېمىسى«مېنىڭ ئانام» بولۇپ، ماقالە مۇنداق يېزىلغان ئىدى: G )`gn  
     «مەن ئانامنى كۆرۈپ باقمىغان، دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ تولىمۇ يىراق جايغا كەتكەن ئىكەن. بىراق مەن داۋاملىق تېلېفۇندا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق، مېنى باقىدىغان پىڭ ھەدەمنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يېقىملىق. ئۇ مېنى ناھايىتىمۇ يىراق يەردىن كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانام مېنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمگە ئىمزا قويۇپ بەرسە....» dTlEEgR  
     يېنىش،يېنىشلاپ ئوقۇپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن ياڭ مۇئەللىمگە: ^#K^WV  
    --- چى چىنىڭ بارلىق تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ، مەن ھەممىسىگە ئىمزا قويۇپ بېرەي، دېدىم. مەن ھېلىقى ماقالە تاپشۇرۇقىنىڭ ئاخىرىغا بىر ئابزاس باھا يېزىپ قويدۇم: «قىزىم، ماقالىنى قالتىس ياخشى يېزىپسەن، ئاناڭ كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى. سېنىڭ توغۇلغان كۈنۈڭدە ئاناڭ ساڭا بىر قاپ شاكىلات ئىبەرىتتى، بۇ ساڭا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات. كېلەريىلى توغۇلغان كۈنۈڭدە ئاناڭ سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.» o>T +fBHE  
     مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بېرەلەيمەنمۇ بۇنى بىلمەيمەن، بىراق مەن كېيىنكى كۈنلىرىمدە، مۇمكىن قەدەر بالامنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئانا بولۇش ئۈچۈن بالامنىڭ قەلبىگە بىرتامچە بىر تامچىدىن سىڭىپ كېتىشكە قەسەميات قىلدىم. R6:m@  
«ياشلار كۆزنىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 6- ئايلىق سانىدىن hd[t&?{=  
PlT_]p  
“青年博览”20066 @`Dh 7Q  
,S@B [+VZ  
ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت تەرجىمىسى  yS[HYq  
II[-6\d!  
   Qw|y%Td8r  
,OP\^  

tawpek 2011-04-16 17:44
بۇ ئادەمنى بىردەم يىغلاتسا بىردەم كۈلدۈرىدىغان ئەسەركەن. X &G]ci  
}g|9P SbJ  
شۇنداق بىر ياخشى ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپسىز، ycvgF6Me<  
g?Rq .py]!  
شۇنداق ھاردۇقۇم چىىققاندەك، لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن بىرخىل يىغا بىسىۋالغاندەك................ LcNI$g;}Yf  
-*-"kzgd  
ئاللا شۇ نارىسىدىلەرنىڭ بەختىنى چىگىپ قويمىغاي.

ozqan 2011-04-17 00:42
بەك ئېسىل  ئەسەركەن ،   تەرجىمىسىمۇ ياخشى قىلىنغانكەن ،   يېڭى  تەرجىمىلىرىڭىزگىمۇ تەشنابىز ...

tawpek 2011-04-17 14:16
پۈتۈن ئاتا-ئانىلارنى يىغىپ ئوقوپ بەرگىدەك ئەسەركەن، #H5 +8W  
(#qQ;ch  
)2u_c=  
قىسقا تىلىۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلىسىمۇ كۆرۆرمەنلەرنى يىغلاتقۇدەك ئەسەر مەيدانغا كەلگۈدەك.

koksangun 2011-04-17 16:04
ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوقۇپ بېرىپ يىغلىتىۋەتتىم. ھەقىقەتەن تەسىرلىك ۋەقەلىك ئىكەن ...

tawpek 2011-07-07 17:51
ئۆزقۇت مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىللىرىگە داۋاملىق تەشنامىز.

ماھى 2011-08-19 23:16
تەرجىمىلىرىڭىزنى كۇرمەپتىكەنمەن.ھەقىقەتەن ياخشى تەرقىمە قىلىدىكەنسىز.سۆزلەرنى zOy_qozk  
ئىشلىتىشىڭىزمۇ شۇنداق ئورۇنلۇق. ئۆز تىلىڭىزغا ياخشى ئايلاندۇرىدىكەنسىز. تەلىم بىرىپ تۇرۇڭ

凶蛇 2011-08-22 01:25
ھەقىقەتەن  ئىسىل ئەسەركەن ،داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 12:11
بەك ئېسىل ئەسەركەن ، مىنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى . كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئايبىكە 2013-06-12 13:35
ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم يوقىرى كۆتۈرۈپ،تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتكەن تەرجىماننىڭ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن.  nF<xJs  
«كۆزلىرىمدە كۈلكە،يۈرىكىمدە ياش»ھالىتىمدە ئوقۇپ چىقتىم.چىن يۈرەكتىن  چىققان چىن سۆزلەرلا يۈرەكلەرنى تۇتاشتۇرالايدىكەن.

مىېھرىما 2013-09-29 16:30
     كۆزۇمدىن ياش توختىمايۋاتدۇ

مىېھرىما 2013-09-29 16:31
مەنمۇ بالىلاغا ئوقۇپ بېرەي    

نەسىمى0998 2013-12-08 21:58
بەك ئېسىل  ئەسەركەن ،   تەرجىمىسىمۇ ياخشى قىلىنغانكەن .شۇنداق تەسىرلەندىم ، ھارمىغايسىز!!!   تەشەككۈر~~~~

ۋارىسىم 2013-12-17 14:45
بەك ئېسىل  ئەسەركەن ،  ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوقۇپ بېرىپ يىغلىتىۋەتەي .   Sahz*f  
ئۆزقۇت مۇئەللىم قۇلىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن

مىلىكەم123 2013-12-18 17:52
بەك تەسىرلىككەن،انا ئوبرازىنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرىپتۇ  

كۇيۇمچان 2014-01-24 01:09
bak  esel   asar  boptu    tarjima kilguqiga  rahmat  dawamlik    yollap  tirgaysez

ياسىنجان510 2014-01-24 16:12
ئېسىل ھېكايە ئىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

2014-03-02 23:48
بەك ئېسىل  ئەسەركەن ،   تەرجىمىسىمۇ ياخشى قىلىنغانكەن。

ياپراق 2014-03-19 23:21
ئەسەرنى بەك ياخشى تەرجمە قىلپسىز .كارامەت ئەسەر ئىكەن.

شەبنەم117 2014-04-01 10:39
مەنمۇ ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم.تولىمۇ ئېسىل ئەسەركەن ،ئىلگىرى ئۈندىداردىن  راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىزنىڭ  ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنى ئىزدەپ بىر ئەرگە تېلىفۇن قىلغاندا دەسلەپتە .ۇ ئەرنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ كېتىدۇ،ئەمما كېيىن ئۇ قىزنىڭ قايتا قايتا تېلىفۇن قىلىپ ئۆتۈننشىدىن تەسىرلىنىپ قىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .ئەپسۇس ئۇ قىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلىفۇن قىلغاندا ئۇ قىز كېسەللىك بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ بولالماي قالغان ۋاقتى بولغاچقا،ئۇ گېپنىڭ ئاخىرىنىدىيەلمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. قىزنىڭ ئاپىسى تېلىفۇننى ئېلىپلا رەھمەت سىزگە ،قىزىمنىڭ دادىسى بۇلتۇر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان تۇيۇقسىزلا قىزىممۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى دىمىگەن  .ئڭنى يىراق بىر جايغا كاماندوپكىغا چىقىپ كەتتى دەپ قويغان ئىدۇق ئۇ بىر نچچە كۈننىڭ ئالدىدا دادامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم دېگەچكە ئۇنىڭ نالىسىگە چىدىمديلا كاللامغا كەلگەن بىر نومۇرنى باسسام ،سىزنىڭ نومۇرىڭىز چىقىپ قالدى ،كەچۈرۈڭ .ئۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ خاتىرجەم كۆز يۇمدى دەيدۇ. بۇ ئەسەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىكەن  ئاللا ئاشۇ ناراسىدىلەرنىڭ بەختىنى بەرسۇن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوينىدا خاتىرجەم ياشىشىغا نىسىپ قىلسۇن .ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن،بالىلارنى سەبىي بالىلارنى ئويلايلى !

رەيھان 2014-04-23 18:27
بەك ئىسىل يازما يوللاپ بېرىپسىز. سەبىلىرىمىزنىڭ نازۇك كۆڭلى ئازار يىمىسۇن. ھازىرمۇ ئانا مېھرىگە تەشنا بولۇۋاتھان بالىلىرىمىز يەنىلا نۇرغۇن. ئانىلىق پەرزى ھەم قەرزىنى ئادا قىلالماي يۈرگەن ئانىلىرىمىزمۇ خېلى بار.


查看完整版本: [-- سىز ئاناممۇ(ھىكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled