apandi |
2011-04-12 01:03 |
تاجىكلارنىڭ سۇ باشلاش بايرىمى
زۇۋۇر بايرىمى تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى ، تاجىكچە ‹‹زۇۋۇر›› دېيىلىدۇ . مەنىسى‹‹ سۇ باشلاش›› دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ بىر دېھقانچىلىق بايرىمى بولۇپ ، ھەر يىلى باھار پەسلى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ، قار – مۇزلار ئېرىگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ . تاجىكلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تاشقورغان رايونىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق ، ئاھالىسى شالاڭ ، قىشتا تاغدىن كېلىدىغان سۇلار توڭلاپ كېتىدۇ ، ئەتىياز يېتىپ كەلگەندە يەرگە ئۇرۇق سېلىش ئۈچۈن مۇز پارچىلىرىنى ئۇرۇپ چېقىپ ، ئېرىقلارغا سۇ باشلاپ كېلىنىدۇ . بىر ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا يالغۇز سۇ باشلاش ، تېرىلغۇلۇق قىلىشى زادىلا مۇمكىن بولمىغاچغا ، پۈتۈن كەنتتىكى ھەممە ئادەمنىڭ بىرلىكتە تەڭ ئاتلىنىشىغا توغرا كېلەتتى . سۇ باشلاش بايرىمى دەل مانا شۇ رېئاللىق ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . ھەر قېتىم بايرام يېقىنلاشقاندا ، ئاساسلىق غول ئۆستەڭ – ئېرىقلارغا بېرىپ ، مۇز ئۈستىگە توپا چېچىشقا ھەم تۈرلۈك قوراللارنى ئوبدان تەقلەپ قويۇشقا ، شۇنداقلا يەنە بايراملىق چوڭ نانلارنى يېقىپ تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ . سۇ باشلاش بايرىمى كۈنى ، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەر مىرابنىڭ باشچىلىقىدا ، ئاتلىق سۇ باشلاش نۇقتىسىغا بېرىپ ، مۇز چېقىش ، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى تۈزەشتۈرۈپ ، رېمونت قىلىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ . باشلاپ كېلىنگەن سۇ ئېرىققا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن ، گشىلەر بىر يەرگە چەم بولۇپ ، ئېلىپ كەلگەن بايراملىق نانلىرىنى بىللە يېيىشىدۇ ، بالىلار بولسا بىر–بىرىگە سۇ چېچىشىپ ، خۇشال– خۇرام ئوينىشىدۇ . كىشىلەر بىرلىكتە ئاب – ھاۋانىڭ ياخشى بولۇشىنى ، زىرائەتلەردىن مول – ھوسۇل ئېلىشنى تىلىىشىدۇ . ئارقىدىن تەنتەنىلىك ئوغلاق تارتىشىش ، بەيگە قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈنى پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاجىك چارۋىچىلار بىر قىش ئېتىپ قويۇلغان تۈڭلۈكلىرىنى ئېچىپ ، ئۆيلىرىنى ئاپتاپقا سالىدۇ }|x]8zL8G مەنبەسى:Internet \b'
ئاپتورى:adminx ;Ni+TS
|
|