查看完整版本: [-- تاجىكلارنىڭ ئۇرۇق چېچىش بايرىمى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> تاجىكلارنىڭ ئۇرۇق چېچىش بايرىمى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

apandi 2011-04-12 01:02

تاجىكلارنىڭ ئۇرۇق چېچىش بايرىمى

تاجىكلارنىڭ ئۇرۇق چېچىش بايرىمى تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى . تاجىكچە ‹‹ تېخمې زوۋود›› دېيىلىدۇ . بۇ‹‹ ئۇرۇق سېلىش›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ھەر يىلى پامىر ئېگىزلىكىدىكى قار – مۇزلار ئېرىشكە باشلاپ ، يەرلەرگە ساپان سالغىلى بولغۇدەك بولغان كۈندىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بايرام يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، ھەممە ئائىلىلەر چوڭ نانلارنى ياقىدۇ ، شۇنداقلا ئارپا ۋە ئىرىمچىك ئارىلاشتۇر ۇپ ياسالغان ،‹‹ دەلىيا›› دەپ ئاتىلىدىغان تاماق قاتارلىق بايراملىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدۇ . قولۇم – قوشنىلار ئۆزئارا ھېيتلىشىدۇ . ئۆي ئىگىسى بولغان ئەرلەر ھېيتلاش ئۈچۈن ئۆيدىن چىققاندا ، ئاياللار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سوڭدىشىپ چىقىپ ، مول – ھوسۇل بولۇشنى تىلەپ سۇ چاچىدۇ . تېرىلغۇ ئۇلاقلىرى بار كەت ئاھالىلىرى يەنە خېمىردىن كىچىك كالا ، ساپان ياساپ ، تېرىلغۇ ئۇلاقلىرىغا يېگۈزىدۇ. بايرام كۈنى ھەرقايسى ئائىلىلەر ئېتىزغا چىقىپ ، سىمۋول خاراكتېرلىك ئەمگەكلەرنى قىلىدۇ . كەنت ئاھالىلىرى بىر جايغا توپلاشقاندىن كېيىن ، بىر پارچە تېرىلغۇ يەرنى تاللاپ ، بىر پېشقەدەم دېھقاننى ، يەرگە سىمۋول خاراكتېرلىك ھالدا ئۇرۇق چېچىشقا تەكلىپ قىلىدۇ . قالغان ئادەملەر بولسا ، پەشلىرى بىلەن ئۇرۇقنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ، ئۇنى ئۆز ئېتىزىغا چېچىشقا تەييارلىق قىلىدۇ . ئۇرۇق چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ، بىر ياشانغان ئايال يەردە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ ، بىر دېھقان ، موماينى چۆرگىلەپ ، كەتمەن بىلەن يەرنى چانايدۇ ، بۇ ،بۇ يىلقى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ، ئەتىيازلىق ئۇرۇق سېلىش بۈگۈندىن تارتىپ باشلاندى ، كەت ئاھالىلىرى ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمدى رەسمىي باشلىسا بولىدۇ ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ چاغدا ، چوڭلار ، بالىلار ئۆزئارا بىر –بىرىنىڭ بەدىنىگە ئازراق سۇ چېچىشىپ ، مول – ھوسۇل تىلىشىدۇ [k)xn3[  
مەنبەسى:Internet 09FHE/L  
ئاپتورى:adminx     A UCk]  

tawpek 2011-04-17 20:19
بۇ بايرام ھازىرمۇ بارمىدۇ يا، \1k(4MWd  
QL_~E ;U  
خىلى كۆپ تاجىك خىزمەتداشلار بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەپ تۇرۇپمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، ئەتە بىر سوراپ باقماي بولماپتۇ. 1Q$ePo   
be ^09'  
s06tCw Pp  
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر.

ھاتەھاتەم 2014-03-20 10:59
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر

رەيھان 2014-03-20 17:05
تاجىكلارنىڭ ۇرۇق چېچىز بايرىمى ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز.

رەيھان 2014-04-28 10:32
بۇ بايرامنى ئاڭلىغان . لېكىن قانداق ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.     {Ac5(l i_  
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر


查看完整版本: [-- تاجىكلارنىڭ ئۇرۇق چېچىش بايرىمى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled