查看完整版本: [-- توغراقنىڭ پايانى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> توغراقنىڭ پايانى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nawbar 2011-04-11 20:51

توغراقنىڭ پايانى

胡杨传说 mO UIGlv  
توغراق .....ئۆز يارالمىشىدا مەنا ئىزدەپ ئەمەس بەلكى سۆيگۈ يارىتىپ ياشىغان قەخرىمانغا تەقلىت،.چۈنكى ئۇ, ئۆزىنىڭ قىرچىن تالدەك نازۇك كۆچەت ھالىتىدىن –زەبەردەست قارىغاي ياكى ئارچىدەك مەزمۇت بۇلۇپ قىرانلىق يېشىغا  يىتىلگۈچە بولغان ھايات مۇساپىسىدە مىننەتتىن خالىي ھالدا ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى بى پايان قۇملۇق چۆلگە ئاتىدى ، تاقىر دالالاردىكى جاندىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق سوغ شاماللار ، قۇم بورانلىق يامغۇر –يېشىنلار  ھەتتا  تۇمۇزدىكى قۇم ئۈستىگە تۇخۇم قويسا پىشقۇدەك بولىدىغان پىژغىرىم ئىسسىقلارمۇ ئۇنى بوي ئەگدۇرەلمەيلە قالماستىن بەلكى بىھىساپ ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى ... ئۇ توغراق بۇلۇپ يارالمىشىدىن ھىچ- قاچان ئۆكۈنمەيدۇ .. ھەسرەتلەنمەيدۇ ئۇنىڭ تەبىئىتىدە پەقەت ئۇن –تىنسىز يېشىللىق يارىتىش روھى بىلەن ئەۋلات يىتىشتۈرۈش تىلىكىلا ھۈكۈمران ... شۇڭا ئۇ ئۆز مەۋجۈتلۇغى بىلەن تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلالايدۇ ھەمدەئاشۇ ئەزگۈ روھى بىلەن ئىنسانلارغا قانداق ياشاش ۋە قانداق ھايات كەچۈرۈشنى ئۈگىتىدۇ . \"r*wae  
توغراق ئۆز يارالمىشىدا ۋاپادار مەشۇقنىڭ ، جان پىدا ئاشىقنىڭ پۈتمەس تۇگىمەس داستانلىرىنى ،،، پىداكار پالۋاننىڭ ئىگىلمەس –سۇنماس ئىرادىسىنى ، مىھرىبان دادىنىڭ ئىللىققىىنا ئۇپۇشلىرىنى ، غەمگۈزار ئانىنىڭ سائادەتلىك قۇچاقلىرىنى ... ئۆز ھايات ناخشىسىدا ئۈزۈلمەس بىر مىلودىيە قىلىپ ياڭرىتىپ كەلمەكتە. xGzp}   
توغراق ..... ئۇ بىر جەمەت ،......توغراق ئۇ بىر مىللەت .... توغراق ئۇ بىر ناخشا ... توغراق .ئۇبىر مەدەنيەت ... ئۇنىڭ مەۋجۈتلۇغى بىر جاكا ... ئۇ ئۆز ۋۈجۈدىنى ئاي نۇرىغا چىلاپ ئۆتكەن كېچىلەرنى ، ئىللىق ئالقانلىرى بىلەن غوللىرىنى سىيلاپ ئۆتكەن باھار شاماللىرىنى ئىللىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتقىنىدا  ھەر بىر كىلىتكىلىرىدىكى  تاشقىنلاۋاتقان بەخىترەڭ تۇيغۇلارنىڭ  نەقەدەر سۈيۈملۈك ، نەقەدەر بىغۇبار .ئىكەنلىكىنى ھىچقاچان ئۇنتۇپ قالماي ئاشكارا ئىپادىلەپ كەلمەكتە .... قاراڭ ئۇنىڭ ياپ يىشىل ھالىتىگە ... بۇ .....باھاردىكى يېلىنجاشلارغا سىمۋۈل ئەمەسمۇ .ئۇنىڭ ئاشۇ ئىنچىكە ، يۇمران بىخلىرى ئارىسىدا سانسىزلىغان سۆيگۈ جاكالىرىنىڭ  يۇشۇرۇنغانلىقىنى كىم ئويلاپ يېتەلەيدۇ .ئۇنىڭ كەچ كۈزدىكى ئالتۈن رەڭگەگەھەيران قالماڭ ... چۈنكى بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا  جاكالىغان بەخىت تۇيغۇسى ... .....سىز ھىس قىلدىڭىزمىكىن ... بۇ ئالتۇنرەڭ ياپراقلار ۋىسال دەملىرىنىڭ شىرىن ئەستىلىكلىرىگە .. ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ يىمرىلمەس گۈل تاجىسىغا ... يەنە نىمىلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن ... ئۇنى ئوخشۇتۇشقا توغرا كەلسە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلارمۇ يىتىشمەسلىكى مۈمكىن ئەمما ئۇنىڭ روھىدا ياشاپ كەلگەن بىر خىل روھ،  توغراق روھى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر سىمفونىيەنى رىتىملىق ھالدا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ياڭرىتىپ كەلمەكتە. $|2 @of.  
مىڭ يىللاپ  قۇملۇقنى باغاشلاپ يېتىپمۇ ھاياتلىق ناخشىسىنى توختاتماي  مەزمۇت ياشاش پەقەت توغراققىلا خاستۇر. ئۇنىڭ قاغجىرىغان تۇرقىغا قارىماڭ ئۇ پەقەت يىللارنىڭ ئۇنى قېرتالماي تىلغاپ ئۆتكەن كىچىكىنە يالدامىسى پەقەت ... ئەمما ئۇ نەچچە مىڭ يىل ياشىسۈن ئۇ بىر خىلدا رىتىملىق ھايات قانۇنيەتلىرى بىلەن ... سىز ۋە بىزدىن ياش.. ھەم ئۇ مەڭگۈ قېرىماستىن ياشىرىپ تۇرىدۇ ... jmAQ!y|W.  
W:8*Z8?7  

tawpek 2011-07-05 14:05
تولوقسىز ئەدەبىياتىدا بىرمۇنچە بايانلاردىن كىيىن     cdDMV%V  
l @hXQ/  
توغراقنىڭ بايانى  دىگەن  تىمىدا  بىرپارچە ئەسەر يىزىش بىرىلگەن  ئىدى، بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقوپ  بەرسەك ئۈنىمى زور بولغۇدەك. G n_AXN  
6;lJs,I1w{  
قاچانلاردا كۆرمەي  قالغان بولغىيتىم  بۇ تىمىنى. wXc"Car)  
; )Vro  
Ufz& 2  
يوقاپ كەتتىڭىزغۇ كارخانىچى؟

ئەكبەرنىياز 2013-07-04 23:43
ئاجايىپ ئېسىل روھ - توغراق روھى !!!

ئايبىكە 2013-07-05 00:06
توغرا دېدىڭىز ئەكبەر مۇئەللىم،خەلقىمىز قەيسەرلىكىنى،ئېغىر-بىسىقلىقنى،سۈكۈتنى ،پىداكارلىقىنى توغراقتىن ئالدىمىكىن دەپ قالىمەن.

ياسىنجان510 2013-11-28 23:10
توغراق يۇرتۇمنىڭ شاھىدى...

ياسىنجان510 2013-12-27 20:07
توغراق ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى.

مىېھرىما 2014-01-27 15:15
مەن بۇ تىمىدىن بەكلا رازى بولدۇم . ياخشى بىر دەرىس بايلىقى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. چوقۇم سىنپىمدا بالىلارغا ئوقۇپ بېرشنى قارار قىلدىم.

قاراخان 2014-02-01 19:38
توغراق-ئەڭ گۈزەل دەرەخ دېگەن مەنىدە، ئۇ قەيسەرلىكنىڭ سىمۋۇلى.

ياسىنجان510 2014-02-01 20:15
نەۋبەرنىڭ بۇ نەسىرىگە يەنە سۆز قالدۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ، نەسىرنى ھەر قېتىم ئوقۇسام تەپەككۈرلىرىم قاناتلىنىدۇ،چۈنكى توغراق ئىشچان خەلقىمنىڭ ،ئانا تۇپرىقىمنىڭ سىمۋولى ئەمەسمۇ  !ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى زىمىن باغرىنى چىڭ چىرماپ تۇرغان يىلتىزلىرى ،قۇرۇپ قاقشال بولوپ قالسىمۇ يىقىلماس قەيسەر روھى مېنى نەقەدەر چۇڭقۇر خىياللار دېڭىزىغا غەرق قىلىدۇ.

رەيھان 2014-04-28 17:08
ھەممىمىزدە توغراق روھى بولۇش كېرەك. ئېغىزدا دېگەن بىلەن ئەمەلىلەشتۈرمەك بەك تەس جۇمۇ

رەيھان 2014-04-28 17:24
توغراقلارنىڭ كەچمىشلىرى بەكمۇ جىق، {<&I4V@+  
گۇۋاھ بولار يېڭىلىشكە يېڭىشكە. di`Ql._M  
مىسكىنلىكنى خىياللاردىن قوغلايدۇ. Q4-d2I>0  
چىللاپ تۇرار بىزنى تاتلىق كۈلۈشكە.


查看完整版本: [-- توغراقنىڭ پايانى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled