查看完整版本: [-- دەرس دىتاللىرىنى مۇنداق يوللاڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> دەرس دىتاللىرىنى مۇنداق يوللاڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-04-01 08:54

دەرس دىتاللىرىنى مۇنداق يوللاڭ

ھۆرمەتلىك كەسىپداشلار ، تورداشلار :
يىقىندىن بۇيان  مۇنبىرىمىزدە دەرس دىتاللىرىنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى ، سەۋەبى بىز ئىلگىرى ئىشلەتكەن ھەقسىز تور بوشلۇقلىرى يا يۇقاپ كەتتى يا بىز يوللىغان دەرس دىتاللىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى ، شۇ سەۋەپتىن تەۋپىق تورىمىزنىڭ بىكەت باشلىقى تەۋپىق ئەپەندى ئۆز يېنىدىن خىراجەتلىنىپ ، 10gb  چوڭلۇقتىكى ھەقلىق بوشلۇقتىن بىرنى سېتىۋالدى .شۇڭا دەرس دىتاللىرىنى چۈشۈرەلمەيۋاتقان كەسىپداشلار ۋە تورداشلار چۈشۈرەلمىگەن دەرس دىتاللىرى بار تېمىنى ئىنكاس يېزىپ يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويساڭلار، بىز بۇ دىتاللارنى شۇ بوشلۇققا يوللاپ ، سىلەر بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشتۇرگىلى تىرىشىمىز . 

ھەمدە ئۆزۆڭلار يوللىماقچى  بولغان  دىتال  بولسا تور  دۇنياسىدىن مۇۋاپىق  بوشلۇق  تاپالمىساڭلار تىمىنى  يوللاپ  بولغاندىن  كىيىن دىتالنى  بىزگە ئەۋەتىپ  بەرسەڭلار نورمال  چۈشىدىغان  ھالەتكە كەلتۈرۈپ  قويىمىز.


ھۆرمەت بىلەن : كۆكسانغۇن




nasirdin 2011-04-01 11:23
بارلىقنى مائارىپ ئىشلىرىغا خالس بېغىشلىغان، ئوت يۈرەك پىداركاكار ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ غەيرتىىگە بارىكاللا!

tawpek 2011-04-01 20:05
تور  بىخەتەرلىكىنى  كۆزدە تۇتۇپ ئەزالارنىڭ يوللىشىغا ئىچىۋىتىشكە ئامالسىزمىز.

ئازراق  ئاۋارچىلىق ھىس قىلىپ  قىلىشىڭلار مۇمكىن  لىكىن  بىر قىتىم  يوللىۋەتسەك ئاللا خالىسا   تور  نورمال  بولسىلا كەسىپداشلىرىمىز بىمالال پايدىلىنالايدۇ.

بوشلۇقنىڭ داۋاملىق  چوڭىيىپ  مىڭىشى  ئۈچۈن  گوگلى ئىلانلىرىمىزنى  كۈندە بىرقىتىم  چىكىپ  قويىشىڭلارنى  تەۋسىيە  قىلىمىز.

muallim1 2011-04-01 23:26
كۆكسانغۇن
بۇ بەك ياخشى بوپتۇ.

ozturuk 2011-04-06 00:11
ئەمدى خاتىرجەم ھالدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيتى ھازىرلىنىدىغان ئوخشايدۇ. كۆكسانغۇن ۋە تەۋپىق ئەپەندىلەرنىڭ ئەجرىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۇرلار بولسۇن.

jahanarkisi 2011-04-08 00:17
رەھمەت سىزگە

jahanarkisi 2011-04-08 00:47
توردۇنياسىنىڭ مۇنداق ئەۋزەللىگىدىن ھەممە ئادەمنى خەۋەردار قىلىۋاتقانلارغا دەت كەلمىسۇن...!

tawpek 2011-07-15 10:37
ئەگەر بزگە ئەۋەتىشنى ئاۋارچىلىق كۆرسەك

http://www.howfile.com   بۇ   توربەتكە تىزىملىتىپ 10 جى  بوشلۇققا  ئىرىشكەندىن كىيىن ئۇ بوشلۇققا يوللاپ ئادىرىسىنى مۇنبەردىكى تىمىغا ئۇلىنىش قىلساقمۇ  كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىگە يىتىمىز.

ئەگەر بۇ يەردىن بوشلۇق ئالالمىسىڭىز خەۋەر قىلىڭ.

gulhasal 2011-10-14 10:30
‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگىرىش كالتىكى››نىڭ دەرس دېتالىنى چۈشۈرۈپ بەرسەڭلار

tughluk414 2011-10-14 13:20
مۇشۇنداق ئۇسۇللاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭلارغا رەھمەت.

tawpek 2011-10-14 14:37
يەنىلا توردىكى ھەقسىز ماتىرىيال يوللاش بوشلۇقلىرى قولايلىق ھەم ئىشەنچىلىككەن.


شەخسى مۇلازىمىتىر يوق ھالدا باشقىلاردىن سىتىۋالغان بوشلۇق ئىشەنچىلىك بولماي قىلىپ نۇرغۇن ئەجرىمىز بىكار كەتتى.

بارنى يوللىشىپ يوققا ئىرىشىش ئاخىرقى ھىساپتا مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائى بىرلىكنى تەشكىل قىلىۋاتىدۇ.

ماھى 2011-10-27 23:13
ئەسلى مۇنداق يوللىساق بولىدىكەندە.

tawpek 2011-10-28 23:19
بىلمىگەنلەر مۇنبەر باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلاشساڭلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈەىتىمىز


بەك ئاددى.

凶蛇 2011-10-30 03:28
قىيىنچىلىقلارمۇ ئاسانلىشىدىغان بوپتۇ-دە،ھىممىتىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

tawpek 2011-10-30 12:36
سىلىمۇ بوشاپ قالماي داۋاملىق تىرىشقايسىلە،

سىلە بىزدەك قولىدىن كىلىدىغانلار بولسىمۇ ئىزدىنىپ باشقىلارغا قولايلىق ياراتمامدۇق.

hayatlik 2012-01-29 23:32
تەۋپىق تور باشقۇرغۇچىلارغا كۆپ رەخمەت ،ھەقىقەتەنمۇ  مائارىپ ئىشلىرىغا كۆپ كۈچ چىقىرىپسىلەر.بىز ھەر ۋاقىت سىلەرنى قوللايمىز.

aynuri 2012-01-30 00:35
بۇ ئۇچۇر بىزدەك يىڭى ئەزالار ئۈچۇن ياخشى خەۋەر بولدى، رەھمەت سىزگە كۆكسانغۇن ئەپەندى.

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 01:38
رەھمەت كوك سانغۇن ئەپەندى.مەنمۇ بۇندىن كيىن چوقۇم تىرىشىپ سىلى دىگەنلىرى بويىچە ئىش تۇتىمەن.   

xayda 2012-01-30 17:30
گۈلھەسەل، ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن كېتىدۇ. ئۆزىڭىز  ئىزدىنىڭ. تەييار تاماقنى يېدۈرۈپ قويامدۇق ئەمدى؟ ناھايىتى ئاسان.

laziya 2012-01-31 02:35
ئەجرىڭلارگە  رەھمەت

laziya 2012-01-31 02:41
  دەرد  دېتاللىرىنى  چۈشۈرىدىغان   تور  بەت  ئىچىلمايۋاتىدۇ.  شۇڭا    ماڭا  ياردەم  قىلىپ  «كىيىم-كېچەك  مىللەتنىڭ  سىموۋوللۇق  بەلگىسىنى  چۈشۈرۈپ  بەرسەڭلار

laziya 2012-01-31 03:26
مەندە بىرقانچە  دەرس  دېتالى  بارئىدى .  يوللاي  دېگەن ،    سىلەرگە  قانداق  يوللايمەن؟  دەرس  دېتالى  ئىچىدىكى فىلىملەر  چىقمايدىكەن.  شۇڭا  فىلىمنى  ئايرىم  يوللايمىز، شۇنداقمۇ؟

latapatlik 2012-01-31 11:23
بەك ئەرزىگۈدەك ئش بوپتۇ.......!!!رەھمەت سىلەرگە!

latapatlik 2012-01-31 11:27
مەندە بىرقانچە دەرىس دېتالى بار ئىدى،قانداق يوللاشنى بىلەلمىدىم

natiwan 2012-01-31 19:17
بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئىش بوپتۇ. . . .


查看完整版本: [-- دەرس دىتاللىرىنى مۇنداق يوللاڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled