查看完整版本: [--
ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىز بولىدۇ
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
تەرمىلەر
->
ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىز بولىدۇ
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
ozqut
2011-03-30 14:48
ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىز بولىدۇ
ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىز بولىدۇ
ۋېي دې
i`;I"oY4
مەن تۇيۇقسىزلا بۇ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنىڭ ھەقسىز بولىدىغانلىقنى ھېس قىلدىم.
3}Pa,uN
xAflcY>Ozs
قۇياش نۇرى—ھەقسىز. كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلاردىن ھېچقايسىسى قۇياش نۇرىدىن ئايرىلىپ ھايات كەچۈرەلمەيدۇ؛ شۇنىڭدەك، چوڭدىن كىچىكىگىچە قېنى قايسىسى ئۆزى پايدىلىنىۋاتقان قۇياش نۇرىغا پۇل تۆلەپ باقتى؟
=k z;CS+
{U9jA _XX
ھاۋا—ھەقسىز. بىر ئادەمنىڭ داۋاملىق ھايات كەچۈرىشى ئۆزلۈكسىز ھاۋاغا ئىھتىياجلىق. ئەمما، قەدىمدىن ھازىرغىچە بىردەم ئايرىلىپ قالسىمۇ بولمايدىغان بۇ نەرسىنى كىم سېتىۋېلىپ باقتى؟ مەيلى ئادەتتىكى بىر ئىشلەمچى ياكى، سىياسىي ئەرباب بولسۇن، ئوخشاشلا ئاسمان بىلەن زىمىن ئوتتۇرىسىنى تۇلۇق قاپلاپ تۇرغان ئاشۇ ھاۋادىن نەپەسلىنىدۇ.
t/CNxfY
i y 5
تۇغقانلىق مېھرى—ھەقسىز. ھەربىر بۇۋاق بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرتەرەپلىمە پاناھىغا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردىكى چۇڭقۇر قانداشلىق مۇناسىۋىتى، ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماستىن بالىلىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىغا: «ماڭا پۇل بەرسەڭ ئاندىن سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېمەيدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل ياخشى كۆرۈشى بالىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى تەسىرگە ئۇچراتمايدۇ، شۇنداقلا، ئۆزىنى قېرىتىپ ئاجىزلاشتۇرىۋەتمەيدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاياتىدا، بۇ خىل ياخشى كۆرۈشى باشتىن-ئاخىرى ئۆزگەرمەيدۇ.
\Ip<bbB0
{mDaK&]Oh
دوستلۇق—ھەقسىز. ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتكەندە ئۈن-تىنسىز سىزگە ھەمراھ بولغان ئادەمنىڭ، يىقىلىپ چۈشكىنىڭىزدە سىزنىڭ قولىڭىزدىن تارتقان ئادەمنىڭ، قەلبىڭىز زىدە بولغاندا سىزگە قۇچاق ئاچقان ئادەملەرنىڭ سىزگە بەرگىنىنى سىز پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ قايتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟
tj0vB]c
ZI1RB fR
مۇھاببەت—ھەقسىز. ئىختىيارسىز كۆڭۈل بۆلۈش، تۇسىۋالغىلى بولمايدىغان سېغىنىش، قېيىن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەندىكى چۇڭقۇر مۇھەببەت، ئۆز-ئارا ھەمدەم بولۇشقاندىكى چۇڭقۇر سۆيگۈ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇددى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ سەمىمىي تەسەللىيسى ۋە پۇختا تايانچىسىدۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، شۇنداقلا پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.
k)J7) L
,F[mh
نىشان—ھەقسىز. مەيلى كېيىم، ياكى، ئاشلىققا ئىھتىياجلىق شاھزادە بولسۇن، ئەلۋەتتە، كېيىم بىلەن بەدىنىنى يۆگەپ سەرگەردان بولۇپ يۈرمەسلىكنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە بىر توغرا نىشان تۇرغۇزىدۇ. بۇ خىل نىشان، ئادەتتە، ئولۇغ بولىشىمۇ، ئاددىي بولىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداقلا، پارلاق ياكى ساددا بولىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ئۇنىڭغا ئىگە بولالايسىز.
#3S/TBy,
M\%{!Wzo8
يەنە ئىشەنچ، ئۈمىد، ئىرادە، ئارزۇ......قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز. سىزگە لازىم دەپ قارىسىڭىز ئېرىشەلەيسىز. يەنە، باھار شامىلى، سىم-سىم يامغۇر، يۇپيۇرۇق ئاي، چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلار..... دۇنيادىكى قانچىلىغان نەمخۇش قەلىبلەرنىڭ گۈزەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئەمەسمۇ!
xl3U
O]>Or3oO
بىز يەنە تەڭرىگە قاراپ ئاھ ئۇرىمىز! تەڭرى تولىمۇ ئادىل، شۇنداقلا، مەرد. تەڭرى ئاللىقاچان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھەربىر ئادەمگە بېرىۋەتكەن.
"~ /3
ئۆزقۇت تەرجىمىسى
koksangun
2011-03-30 16:45
يوقىرى بەدىئىي كامالەت بىلەن تەرجىمە قىلىپسىز ، كېيىن تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ تەرجىمە ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرغاندا سىزنى يېتەكچى قىلىۋالساق ، ئىشىمىش تولىمۇ ئۈنۈملۈك بولغىدەك .
I 4*N
تەۋپىق بىر تۈركۈم تالانت ئىگىلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگۈدەك ...
%F7aFvl*
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمىز ...
ozqan
2011-03-30 17:03
ئوقۇيالمىدىمغۇ ؟ خەت نۇسخىسىنى ئوڭشاپ قويساڭلار بولمامدۇ ؟
koksangun
2011-03-30 17:26
ئەلكاتىپنىڭ تۆۋەن نۇسخىسى بىلەن يېزىلغانكەن ، شۇڭا كوميۇتېرىڭىز تۇنۇمىغان ئوخشايدۇ . تۈزىتىپ قويدۇم ...
ozqut
2011-03-30 19:47
كۆكسانغۇن تولىمۇ ماختىۋىتىپسىز...سىلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاق نىيەتلىك قېرىنداشلار ئۈچۈن پايدام تېگىدىغان ئىش بولسا ھەر زامان قولۇم كۆكسۈمدە...
ozqan
2011-03-30 22:48
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ھاياتنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى ، سۆيۈملۈكلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي ...
tawpek
2011-03-30 23:07
ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلەرنى ئەسلىگەندەك بولدۇمغۇ.
C/E3NL8
$lv g.u
ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق
凶蛇
2011-03-31 00:32
يەنە قانداق نەرسىلەر ھەقسىز بۇلىدۇ؟
* T-XslI
PvM<#zq_
\!%3giD5!
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
tawpek
2011-03-31 02:25
پۇلغا ساتمىغان ، ھەق تەلەپ قىلمايدىغان نەرسىلەر ھەقسىز.
"u3
AW!|xA6'`:
dPPe_% Ilr
سىزنىڭ بۇ مۇنبەردە تۇرۇپ قىرىنداشلىرىڭىزغا ئىلىپ كىلىۋاتقان قولايلىقلىرىڭىزمۇ ھەقسىز بولىۋاتىدۇ.
Xb&r|pR
{uDL"~^\
تەۋپىق دوللىرى بەرگەندىن ھەقلىق بولامدۇ يا؟
مىېھرىما
2014-01-16 21:30
tawpek
:
ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلەرنى ئەسلىگەندەك بولدۇمغۇ.ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق
(2011-03-30 23:07)
cJ&l86/l1
ياندا ھىسىپ ، ئەمەس .ياندا كېسىپنىڭمۇ يا مەن خاتا ئۆزلەشتۈرۋالغاندىمەنمۇ؟
مىېھرىما
2014-01-16 21:31
تىمىڭىزدىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۋالدىم رەھمەت
^NHQ[4I
ئەكبەرنىياز
2014-02-03 20:32
ھەقىقەتەن ئېسىل يازما بوپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!
گۈلنىھال
2014-02-04 14:48
مەن مۇھەببەتنى ھەقسىز دىسە ، قوشۇلمايمەن ، چۈنكى ، ھەقىقى مۇھەببەت ئادەمدىن يۇقىرى دەرىجىدە بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭا ، مۇھەببەت ھەقسىز بولمايدۇ ، سىلەرچە قانداق ؟!
9/~m837x
مەن بىرسىدىن مۇھەببەت دىگەن نىمە ؟ دەپ سورسام ، ئۇ ئىككىلەنمەيلا بەدەل تۆلەش ، دەپ جاۋاب بەردى .
ھاتەھاتەم
2014-04-08 19:49
ھەقسىز نەرسىلەر قىممەتلىك بولىدۇ .بۇ ھەقىقەت .بۇنى بىز داۋاملىق كىچىكىپ ھىس قىلىمىز
مىھرىبانىم
2014-06-10 22:59
بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى ئۆزىمىز ھەقىسىز بەھرىمان بولۇۋاتقان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئەسلەپ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھىس قىلدىم . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .
查看完整版本: [--
ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىز بولىدۇ
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled