باغراشھېكايىلىرىنىڭئالاھىدىلىكلىرى
K(*QhKX :\
%.x3T'
6. مۇھەممەت باغراش ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ <28L\pdG`
بەزى ئالاھىدىلىكلىرى (دەرس تېكىستى) dWC[p
كېرىمجان ئابدۇرېھىم FScE3~R
JN5<=x5r
مۇھەممەت باغراش 80 - يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىياتىمىزغا، جۈملىدىن يېڭى دەۋردىكى ھېكايىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ تەرەپلىمە ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، شۇ سەۋەبتىن ئەدەبىياتىمىزدا بارغانسېرى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىمۇ خېلى چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ھېكايىچىلىق ساھەمىزدە ئەڭ دەسلەپ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق ياراتتى. مېنىڭ قارىشىمچە، مۇھەممەت باغراش ئىجادىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش خاھىشى بىلەن يازغان، بىز ئادەتتە «ئىزدەنمە ئەسەرلەر» دەپ ئاتاۋاتقان ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ يەردە باغراشنىڭ «ئىزدەنمە ھېكايىلىرى» نىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىرلەشمەكچىمەن. q%HT)^F9oO
مۇھەممەت باغراش ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي يازغۇچى. ئۇنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكى تەبىئىي رەۋىشتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەت باغراش 1981 - يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سەپداش» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. بۇ ھېكايىدە مەيلى مەزمۇن، مەيلى شەكىل جەھەتتە بولسۇن شۇ مەزگىللەردىكى باشقا ھېكايىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېڭىلىق، ئۆزگىچىلىك ئالامەتلىرى بولغاچقا، مۇھەممەت باغراش بۇ تۇنجى ھېكايىسىدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنداق ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئاشۇ مەزگىللەردە يېزىلغان «ساۋاب»، «ئادەملەر»، «ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا» قاتارلىق ھېكايىلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بولۇپمۇ بۇ ئەسەرلەردە ئۇ پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتەك يېڭىچە ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىدى. يازغۇچىنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى يېزىش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بۇ ئەسەرلەردە ياراتقان يېڭىلىقلىرى بەك ئۈزۈل - كېسىل بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستى ۋە «تەنھا ماشىنا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئىزدىنىش روھىغا، يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان يېڭى بىر ئىجادىيەت باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى ھەمدە بۇ ئەسەرلىرىدىمۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مۇھەممەت باغراشنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن يېڭىچە بولغان بىر خىل ئىجادىيەت يولىنى تاللىشى ۋە بۇ يولدىكى تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىشى ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك بولۇپ، بۇ يالغۇز مۇھەممەت باغراش ئىجادىيىتىدىكىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى بىر پەللە ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ئىدى. مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنىڭ بىرىمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئاساسەن ئەنئەنىۋى ھېكايىچىلىقىمىزدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان، بەدىئىيلىكى خېلى ئۈستۈن بولغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈردى. D;@*
ئاز بولمىغان ئوقۇرمەنلەر، ئىزدەنمە ھېكايىلەر ئاساسەن يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ شەكىل ئامىللىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيىۋى قىممىتى ئانچە ئۈستۈن بولمايدۇ، ئىزدەنمە ھېكايىلەر بۇرۇنقى مەزمۇن شەكىلنى بەلگىلەيدۇ، مەزمۇن بىرلەمچى، دېگەن ئەدەبىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېزىلىدىغان ھېكايىلەرنىڭ ئەكسىچە بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان، شەكىل ئامىللىرى تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايدىغان ئەدەبىيات قارىشىنىڭ تەسىرى بىلەن يېزىلغان ھېكايىلەر، دەپ قارىشىدۇ. دېمىسىمۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئىزدەنمە ھېكايىلەر شۇنداق بولىدۇ. ئەمما، مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ھېكايىلىرىدە قانداق يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، نېمىنى يېزىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇساق، ئۇنىڭ نوقۇل بەدىئىي ئامىللار ئۈچۈنلا ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى، ياشاش مۇھىتى، روھىي دۇنياسى، ئېتىقاد - ئېڭى، پېرسوناژلارنىڭ (كىشىلەرنىڭ) قەلب دۇنياسى، پسىخىكىسى، ھاياتنىڭ، مەۋجۇتلۇقنىڭ سىرلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ بەك ئىزدىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مۇھەممەت باغراش ئىجادىيىتىدىكى بۇنداق ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ تۇنجى ئىزدەنمە ئەسىرى «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە ھەم يېڭىچە بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ۋاسىتىلىرى ۋە بايان ماھارەتلىرى ئۈستىدە، ھەم مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسى، پسىخىكىسى، جۈملىدىن ناچار ئىللەتلىرى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئىزدەنگەنلىكىنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھېسابلىنىدىغان ئامىللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئۇسۇل ماھارەتلىرى بىلەن خېلى مۇھىم ئىدىيە - پىكىرلەرنى ئىپادىلەپ، ياخشى ئەدەبىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مۇھەممەت باغراش «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەتگۈلى» دېگەن ھېكايىسىدە ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە بەدىئىي ئوبرازلار، يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە ئۆزى ياراتقان دۇنيا تەسۋىرى ئارقىلىق دەۋرىمىز كىشىلىرىدىكى پۇلنى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلىش، پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىش، ھەتتا پۇل ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەردىنمۇ ئايانماسلىقتەك يۈزلىنىشنى ناھايىتى جانلىق، ئوبرازلىق ھەم ھەقىقىي بەدىئىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن. !P*1^8b`f
«تۇتقۇلاق» ھېكايىسىدە ھايات ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەڭگۈلۈك بىر تەلپۈنۈشنى يا ئۆزىنىڭ قاندۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغان، يا ئۇ قاندۇرمايدىغان، يا پەسەيمەيدىغان، ياكى ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر تەلپۈنۈشنى يازغان. ئۇنىڭ «ئىزدەش» ناملىق ھېكايىسىدىمۇ ھېيت مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ ھېيتلاپ كەلمىگەنلىكى، «مەن»نىڭ ھېيتلاشقا چىقىپ، ھېيتلايدىغان ئۆي تاپالمىغانلىقىدەك بىر ۋەقەلىكنى يېزىش ئارقىلىق، بىر خىل ھەرىكەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر خىل سىمۋول سۈپىتىدە تونۇش كېرەك بولغان، مەنىسى، ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان ھېيتلاشقا ئوخشاش ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ھالىتىمىزدىن ھەم يازغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبتىن بولۇۋاتقان پەرىشانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن. مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتەك بۇنداق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ «يېڭى قەبرە»، «ئاداققى تاللاش» قاتارلىق ھېكايىلىرىدىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مۇھەممەت باغراش ئادەتتىكى كۆرۈنۈشتىكى ۋاقىتلىق ھادىسىلەرنى، ۋەقەلەرنى ئاساسەن يازمايدۇ. ئۇ ئەسەرلىرىدە نېمىنى ئىپادىلەشكە، نېمىنى يېزىشقا سەل قارىمايدۇ، ئۇ يېڭى دەۋر يازغۇچىسىغا خاس ئۆتكۈرلۈكى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن تېما تاللايدۇ، ئىدىيە ئىپادىلەيدۇ. >Le L%$
ئۇ ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھامان كىشىنى قايىل قىلىدىغان، كىشىنى ئويغا سالىدىغان، دەۋرنىڭ، كىشىلەرنىڭ مۇھىم، ماھىيەتلىك مەسىلىسى ھېسابلىنىدىغان ياكى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭقۇر پىكىر - ئىدىيىلەر كەم بولمايدۇ. بۇمۇ مۇھەممەت باغراش ھېكايىلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. QZef
=
ھېكايىلەرنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزىش مۇھەممەت باغراش ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىمىزدا، ئىزچىل ھەم بىردىنبىر قوللىنىلغان ئۇسۇل ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلى ئىدى. ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلى رېئاللىقنى، تۇرمۇشنى ئۇنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە قايتىدىن ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن رېئالىزملىق، جۈملىدىن تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ كەلگەنىدى ھەمدە ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىقنىڭ، ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغانىدى. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەسىرىدە «ئىپادىلەش»مۇ ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە تونۇلدى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي ئىجادچانلىقىنى چەكسىز مۇمكىنچىلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئىپادىلەشكە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق يېڭى بەدىئىي دۇنيا ياراتقىلى بولىدىغان بۇنداق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پەرقلىنىدىغان ھەتتا بەزىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان بەدىئىي ئۈنۈم ياراتتى. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە يېڭىلىنىش پەيدا قىلدى. مانا مۇشۇنداق دۇنياۋى ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇھەممەت باغراشمۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەشتىن ئىبارەت يېڭىچە ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى ياراتتى، شۇنداقلا ھېكايىچىلىقىمىزدىمۇ يېڭىلىق ياراتتى. ئۇ ھەقىقىي بەدىئىي چىنلىقنى ئىزدىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق يەتمەكچى بولدى. ئۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يازغۇچىغا خاس بەدىئىي دۇنياسىنى يارىتىش، ئىجادىيەت ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، يېڭىچە بەدىئىي ئۇسۇل - ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش، رېئاللىقنى، تۇرمۇشنى سۇبيېكتىپ تەسىرات - چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكلەرگە ئېرىشتى. ئەمدى ئۇ رېئاللىقنى «سەپداش»، «ساۋاب» ھېكايىلىرىدىكىدەك ئۇنداق بىۋاسىتە، تەقلىدىي يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرۈشتىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. ئىزدەنمە ھېكايىلىرىدە يازماقچى بولغىنىنى رېئاللىقنى ياكى قارىشىنى بىۋاسىتە يېزىش، ئەكس ئەتتۈرۈش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسى، پىكىر - ھېسسىياتى، ئېڭى، تەسىراتى ۋە تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئىپادىلەيدىغان بولدى. ئۇنىڭ بىرمۇنچە ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەسەرلەردە ھەم تۇرمۇش مەنزىرىلىرىنىڭ، ھەم خىيالىي مەنزىرىلەرنىڭ ئارىلاش ھالەتتە مەۋجۇتلۇقىنى، ئەسەر تەركىبى يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى ۋە ئىجادچانلىقى بويىچە قايتىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. يازغۇچىنىڭ ھېكايە ھەققىدىكى، بەدىئىي چىنلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۆزگىچە بولغاچقا، ئەسىرىنى يېڭىچە بىر خىل ئېستېتىك قاراش ئاساسىدا يېزىپ چىققان. شۇڭا، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقىي بىر ھېكايە دۇنياسى، تۇرمۇش پۇرىقىدىن كۆرە، بەدىئىي جەلپكارلىقى كۈچلۈك بولغان سەنئەت دۇنياسى نامايان بولىدۇ.
ئەسەر ئىدىيىسىنىڭ ئابستراكتلىقى − ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى، شۇنداقلا مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. ئىپادىلەش ئەكس ئەتتۈرۈش بولمىغاچقا، ئۇنداق ئۇسۇل قوللىنىلغان ئەسەرلەرنىڭ سۇبيېكتىپلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەر يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەچكە، ئۇنىڭدا ئوبيېكتىپلىق ۋە كونكرېتلىق ئۇنچە گەۋدىلىك بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يازغۇچىلار ئەسەردە دېمەكچى بولغىنىنى بەدىئىي ئوبراز، سىمۋول، بېشارەت، دارىتمىلاشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن يوشۇرۇن، بېشارەتلىك ئىپادىلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا يازغۇچى بەدىئىي ئوبرازلار، بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم پىكىر قىلغان بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئابستراكتلىق ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئىدىيىنى كونكرېت، ئېنىق ئىپادىلەش يوللۇق بولغىنىغا ئوخشاش، ئابستراكت، يوشۇرۇن ئىپادىلەشمۇ يوللۇق. بەدىئىي ئۈنۈم نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەردىكى ئابستراكتلىق ئەسەرنى كۆپ قاتلاملىق كۆرسىتىپ، ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەرنىڭ مەنىسى، ئىدىيىسى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا، پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. مۇھەممەت باغراشنىڭ خېلى كۆپ ئىزدەنمە ھېكايىسىدە ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئابستراكت ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەنە جەھەتتىن قارىغاندا بەلگىلىك غۇۋالىققا ئىگە. بىز مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىلگىرىكى «سەپداش»، «ساۋاب»، «ئالمىچى»، «ئادەملەر» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ، يازغۇچىنىڭ بۇ ھېكايىلەر ئارقىلىق قانداق ئىدىيە - پىكىرنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالالايتتۇق. لېكىن، كېيىن يازغان «يېڭى قەبرە»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەتگۈلى»، «تۆتقۇلاق»، «يىمىرىلىش»، «بىزنىڭ رايىمىز»، «ئىزدەش» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە قانداق ئىدىيە - پىكىرلەرنىڭ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى دەماللىققا ھېس قىلالماي قالىمىز. ئالايلى، يازغۇچى «تۆتقۇلاق» ھېكايىسىنى مەنە جەھەتتىن قارىغاندا، تەلىپى قانمىغان ئايالنىڭ روھىي دۇنياسىنى، ھېسسىياتىنى، ئاڭ پائالىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈنلا يازغانمىدۇ؟ ھېكايىنىڭ تاشقى ئامىللىرىغا قاراپ، ئېھتىمال شۇنداقتۇ، دەپمۇ قالىمىز. ئەمما، ھېكايىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇيدىغان بولساق، ھېكايىدە ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان بىر پىكىردىن، يەنى ئادەمدە ئادەمگە خاس تەلەپ، ئارزۇ، ئىنتىلىش بولىدۇ؛ ئادەم بۇ تەلەپ، ئارزۇ، ئىنتىلىشلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ لېكىن بەزىدە قانداقتۇر بىرنەرسە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرمايدۇ. شارائىت تۇرۇپ ياكى ئادەمدە ئىشەنچ تۇرۇپ، ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمىسا ياكى ئۇنىڭغا يول قويۇلمىسا، بۇ ھال كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ، ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم خىيالىي دۇنياسىدا ياشاپ، تەسەۋۋۇرىدا مۇرادىغا يېتىپ ئۆزىنى بەزلەيدۇ، دېگەن ئىدىيىدىن بېشارەت بېرىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمىز. ئەمما، بۇ پىكىر - ئىدىيىلەر ئەسەردە يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن. r
Efk5R
سىمۋول − مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. چۈنكى، باغراش بەدىئىي ئوبرازلارنى سىمۋول دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە، ھەتتا بەزى ئابستراكت مەزمۇنلارنى سىمۋول ئارقىلىق كونكرېتلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا تولىمۇ ماھىر. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك سىمۋول بار. سىمۋول مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىمىز ۋە ئۇنى چۈشىنىشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئاچقۇچى. مۇبادا بىز ئۇنىڭ «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەتگۈلى» ھېكايىسىدىكى ئاتىللا، چۈنچىبايلارنى، «تۆتقۇلاق» ھېكايىسىدىكى تۆتقۇلاقلارنى سىمۋول سۈپىتىدە كۆرمىسەك، بۇ سىمۋوللارنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئىگىلىمىسەك ھەمدە بۇ سىمۋوللارنىڭ ئەسەردىكى رولى، بەدىئىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالمىساق، سۆزسىزكى، بۇ ھېكايىلەردىن ياخشىراق ھۇزۇرلىنالمايمىز ھەم بۇ ھېكايىلەرنى چوڭقۇرراق چۈشىنەلمەي قالىمىز. مۇھەممەت باغراش كېيىنكى مەزگىللەردە ئەسەرلىرىدە بەدىئىي ئوبرازلار ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرچانلىقى ئارقىلىق پىكىر قىلىشتىن ھالقىپ چىقىپ، سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق پىكىر قىلىش ۋە مەنە ئىپادىلەشتىن ئىبارەت يېڭىچە بىر ئۇسۇلنى كۆپ قوللاندى. ئەلۋەتتە، سىمۋول ئارقىلىق ئەسەر يېزىش ياكى ئەسەرلەردە سىمۋول تەركىبى بولۇش مۇھەممەت باغراش ھېكايىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايىچىلىقىمىزنىڭ مۇھىم بىر مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. [%;LZZgl
مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىدە بىز ئاز بولمىغان غەلىتە تەركىب - تەپسىلاتلارنى ئۇچرىتىمىز. غەلىتىلىك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە سىمۋولدىن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق غەلىتىلىك ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىز غەلىتىلىك دېگەندە ئادەتتە تۇرمۇشتا ئاساسەن ئۇچرىمايدىغان ياكى يوق بولغان ئىشلارنى، ھادىسىلەرنى، نەرسىلەرنى كۆزدە تۇتساق كېرەك. تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدىغان ھادىسىلەر، نەرسىلەر سەنئەتتە تامامەن مۇمكىن بولىدۇ. ئېھتىمال سەنئەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ شۇ بولسا كېرەك. ئەدەبىيات ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ شۇنداق. بىزنىڭ خەلق ئەدەبىياتىمىزدا ئۇچار گىلەم، ياغاچ ئات، يەتتە باشلىق يالماۋۇز، دىۋىگە ئوخشاش بۇنداق غەلىتىلىك ئامىللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئەمما، ھېكايە ئىجادىيىتىمىز باشلىنىشى بىلەنلا، «رېئاللىقنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە چىنلىق بىلەن قايتا ئەكس ئەتتۈرۈش»نى ئۆلۈك ئىجادىيەت پرىنسىپى قىلىۋالغاچقا، ھېچبىر ئەھمىيىتى، قىممىتى، قىزىقى بولمىسىمۇ تۇرمۇشنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر كۆپ يېزىلدى. ئەمما، بەدىئىي تەسەۋۋۇرنى ھەقىقىي رول ئويناتقۇزغان، ھەقىقىيلىق بىلەن غەلىتىلىك، تۇرمۇشتىكى چىنلىق بىلەن خىيالىي دۇنيا بىر گەۋدە قىلىنغان ئەسەرلەر ئاساسەن ئىجاد قىلىنمىدى. پەقەت كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندىلا غەلىتىلىك ئەسەرلىرىمىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە نامايان بولدى. ئەسەرلىرىمىزدە غەلىتىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. يازغۇچىلىرىمىز بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ يارقىن بەدىئىي دۇنيا ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەدىئىي دۇنياسىدا تۇرمۇش چىنلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان رېئال تەپسىلاتلارمۇ، بەدىئىي چىنلىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان غەلىتە تەركىبلەرمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، مۇھىم ئېستېتىك رول ئوينىدى. مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىدە مۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. مەسىلەن، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەتگۈلى» ھېكايىسىدىكى ئاتىللانىڭ ئۆزى ئەڭ يىرگىنىدىغان پۇلنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇ مەجبۇرلۇققا چىدىماي ئۈن - تىنسىز ئۆلۈپ قېلىشى؛ «تۆتقۇلاق» ھېكايىسىدىكى ئايالنىڭ تۆتقۇلاقلارنى چاناپ تۇرسىمۇ ئۈنۈپ تۇرغانلىقى؛ تازچاقنىڭ ئايال ئالدىدا تاسادىپىي پەيدا بولۇپ، ئۇنى ۋىسالىغا يەتكۈزۈپ، تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىشى؛ «ئىزدەش» ھېكايىسىدىكى «مەن»نىڭ ئۆيىگە ھەتتا پۈتۈن بىر قورۇغا ھېچ كىشىنىڭ ھېيتلاپ كەلمىگەنلىكى، «مەن» ھېيتلاشقا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىغا ئوخشاش غەلىتە تەپسىلاتلار ... يەنە كېلىپ بۇنداق تەپسىلاتلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىن ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت ماھىيەتلىك ئۇچۇرلاردىن دەل مۇشۇنداق غەلىتىلىكلەر ئارقىلىق بېشارەت بېرىدۇ. باغراش ئەسەرلىرىدە غەلىتىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ، غەلىتىلىككە باي تەپسىلات- تەركىبىي قىسىملارنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ. مۇھەممەت باغراش مانا مۇشۇنداق تەپسىلات - تەركىبلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېكايە دۇنياسىنى تېخىمۇ جەلپكارلىققا، رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ، مۇھەممەت باغراش ھېكايىلىرىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئېستېتىك زوق بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى بەدىئىي چىنلىق ھەققىدە يېڭىچە تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ. QXishHk&
ۋەقەلىكنى ئەسەردە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىق، يەنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىق ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتقاندا، ئەسەرنى «ۋەقەسىزلەشتۈرۈش» مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى. بىز ئىلگىرىكى ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرىمىزدە ۋەقەلىكنى ھېكايىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئامىلى، باش - ئاخىرى تولۇق، زىددىيەت - توقۇنۇشلىرى كۈچلۈك ۋەقەلىك بولمىسا ياكى پېرسوناژ خاراكتېرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي يېزىلمىسا ھېكايە بولمايدۇ، دەپ قارايتتۇق. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ۋەقەلىك ئەڭ مۇھىم، ئاچقۇچلۇق ئامىل بولماي قالدى. ھازىرقى زامان ھېكايىلىرىدە ۋەقەلىكنىڭ ئورنىنى باشقا ئامىللار ئىگىلەشكە باشلىدى، ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكىنى بىز مۇھەممەت باغراشنىڭ بەزى ئىزدەنمە ھېكايىلىرىدە ئۇچرىتىمىز. ئالايلى، ئۇنىڭ «يېڭى قەبرە» ھېكايىسى يازغۇچىنىڭ ياخشى ۋەقەسىزلەشتۈرۈلگەن ھېكايىلىرىدىن بىرى. ھېكايىدە ئىزچىل ۋەقەلىك يوق، ئۇنىڭغا بىرقانچە كۆرۈنۈش يېزىلغان، بايانچى تەسۋىرلەۋاتقان ئەسەر رېئاللىقى بىلەن پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسى، ئاڭ پائالىيىتى ئۆزئارا ئۆتۈشمە ھەم مۇستەقىل ھالەتتە ئىپادىلەنگەن. كۆرۈنۈشتە ئۆزئارا ئالاقىسى يوق پېرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى - تاشقى ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. سۆزسىزكى، بۇ يازغۇچىنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىنى تۇرمۇشقا، قەلبكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭ «يىمىرىلىش»، «بىزنىڭ رايىمىز»، «ئاداققى تاللاش»، «ئىزدەش» قاتارلىق ھېكايىلىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش خاھىشى ئازدۇر - كۆپتۇر مەۋجۇت. ئەسەردىكى مۇنداق خاھىش ئەسەرگە يېڭىلىق تۈسى بېرىش بىلەنلا قالماي، كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ − ئېستېتىك زوق ۋە تۇرمۇش چىنلىقى تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئەسەردە ۋەقەلىكنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، مەركىزىي ئىدىيىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. %/
~6Qq
1996 - يىل ئاۋغۇست `j(\9j ok
Mr<2I
ئىزاھات: zHG
KPuk'
كېرىمجان ئابدۇرېھىم 1965 - يىلى كونىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى، ئوبزورچى. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىدچىلىك مەسىلىلىرى»، «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە»، «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى. a-4'jT:
TOn{o}Y B
مۇھاكىمە ۋە مەشق: 1s-k=3)
1. بۇ ئوبزوردا ئاپتور مۇھەممەت باغراشنىڭ پروزا ئىجادىيىتىدىكى قايسى خىل خاسلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە بۇ ئوبزور ئارقىلىق نۆۋەتتىكى پروزا ئىجادىيىتىگە قانداق سوئاللارنى قويغان؟ &1%W-&bc6
2. ئاپتور ئوبزوردا «ئىزدەنمە ھېكايە» دېگەن ئۇقۇمنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە پىكىرنىڭ باش - ئاخىرىنى «ئىزدەنمە ھېكايە» گە باغلايدۇ. سىز ئىزدەنمە ھېكايىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە قانداق خاسلىق ۋە كەڭلىككە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈڭ ھەمدە بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا بولغان تېما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى تەلىپىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. O}MY:6Pe
3. ئادەتتە «ۋەقەلىك بولمىسا ھېكايە بولمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئاپتور بۇ ئوبزوردا «ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ۋەقەلىك مۇھىم، ئاچقۇچلۇق ئامىل بولماي قالدى» دەيدۇ. ئۇنداقتا، ھازىرقى پروزىچىلىقتا ۋەقەلىكنىڭ ئورنىنى قايسى ئامىللار ئىگىلەۋاتىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇلاھىزە قىلىڭ. v$K`C;
4. ئاپتورنىڭ قارىشىچە «ئەكس ئەتتۈرۈش» بىلەن «ئىپادىلەش» ئەنئەنىۋى پروزىچىلىق بىلەن ئىزدەنمە پروزىچىلىقنىڭ روشەن بەلگىسى. ئوبزوردىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنغا بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرىقى ئىككى ئالاھىدىلىكنى تەھلىل قىلىپ، ئىجادىي قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. -?!|W-}@G=
SGZOfTcY
(بۇ تېكىست تولۇق ئوتتۇرا تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5- كىتابتىن ئېلىندى. )
$R2T)
|