查看完整版本: [-- مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (1) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (1) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uigur 2011-03-26 23:53

مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (1)

مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى        ;klDt|%3j  
r" D|1  
كونىلار «ئادەم باشتا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە» دەپ بىكار ئيېتىمىغان ئىكەن. ھەش پەش دىگۈچە مائارىپنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگىنىمىگە 18 يىل بۇلۇپ قاپتۇ. pqs)ueu  
  18 يىل – بىر ئادەمنىڭ ياشلىققا تولغان ئەڭ نەۋقىران، گۈزەل پەسلى. U %4g:s  
18 يىل بەلكىم بىر ھاياتنىڭ 3 تىن بىر قىسمىدۇر؛ ,VZ&Gc  
90-يىللاردىكى قايناق ، جاپالىق كۈنلىرىمىز بولسۇن، 2000-يىللاردىكى جۇشقۇن، يېڭىلىق يىللىرى بولسۇن، 2010-يىللاردىكى تېڭىرقاش، تەمتىرەش قەدەملىرىمىز بولسۇن، ۋاقىت مېنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئالداپ، 18 يىللىق ھاياتىمنى ئېلىپ بوپتۇ. B -KOf  
بەس، مۇشۇنچىلىك تېڭىرقاش، مۇشۇنچىلىك خۇدىكسىرەش، مۇشۇنچىلىك ئەنسىرەشمۇ يېتەر ئەمدى؟ گەرچە 18 يىللىق ھايات بىلەن ، ئۈمۈر خاتىرىسىگە خۇلاسە يېزىش بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، لېكىن ، 18 يىللىق خىزمەت ئەمىلىيىتىدە «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى چىقىش يولى زادى نەدە؟ » دېگەن بۇ گۇڭگا سايە ماڭا ئىزچىل ئەگشىپ كەلدى. }.'%gJrS  
يېڭى خىزمەتكە چىققاندىكى ياشلارغا خاس قىزغىنلىق، كېيىنكى چاغلاردىكى كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىم، ۋە ھازىرقى ئويلۇنۇش ئىچىدە ئىلگىرلەش ھالىتىمدە بولسۇن، بۇ سايىدىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم. xo%iL  
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىكى كېسەل كارۋىتىدا ياتقان چېغىمدا، ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر قىسقا، ھەر بىر دەقىقىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانسېرى تېخىمۇ جىددىلىشىدىغان، تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان، پىكىر خىياللىرىم كېچە كۈندۈز پەرۋاز قىلىدىغان بولۇپ قالدى. «ئىنسان نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدى؟ نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ » ھايات پەلسەپىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۈردىن، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ ، ئەڭ كىچىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يەنە مۇشۇ ئىنسانلىق ماھىيەتنى ئىزدەش يولىدا، ئۆزەمنىڭ «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرى»دىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرگەندەك ، مىللى مائارىپنىڭ چىقىش يولىنى تاپقاندەك بىر تۇيغۇغا كەلدىم. t[maUy _A  
ناھايەن، بۇ ئېيتماققا ئاددى گەپ؛ ئەپسۇس، بۇ يەردە تاپقان يولۇمنى، بۇ يول ماڭا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلەرنى، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرىنى بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن خۇلاسە قىلىپ يەكۈنلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. چۇنكى بۇنداق ھەقىقەتنى پەقەت ھېس قىلىشقا بولىدىكەنكى، ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىكەنمىز. g-^m\ >B  
1950-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 60 يىل مابەينىدە، ئۆز مىللىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپمۇ، ئاخىرىغا بېرىپ «سۈپىتى تۆۋەن» دېگەن قالپاقنى كىيىپ يۈرگەن مائارىپىمىزغا، ئەمگەكچان، ئەپۇچان، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل مىللىتىمىز كىشىلىرى ھېچنىمە دېمەي يۈرۈۋېرىدۇ. بالىسى ساۋاتسىز قالسا، بالىنىڭ دۆتلىكى، بالا يۇقۇرلاپ ئوقۇيالمىسا بالىنىڭ دۆتلىكى، بالا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، بالىنىڭ دۆتلىكى، .... ئەيتاۋۇر بارلىق يارامسىزلىق، بارلىق كۈيۈمسىزلىق، بارلىق پەسەندىلىك بالىلارنىڭ گەجگىسىگە ئارتىقلىق. بىراق ئاتا-ئانا بىرەر قېتىم مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كانىيىدىن، ياكى دەرس ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مۇدىرىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ باققىنى يوق...... pd1m/ :  
بىراق مائارىپتىكى ئەقىدىسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنىڭ دەردىنى ھامان بىر كۈنى كېيىنكى ئەۋلادلار تارتىشتىن سىرت، بۇنداق تەلىم-تەربىيە جىنايىتىنى تارىخ سۈرۈشتە قىلىدۇ.... {Y"r]:5i  
1000 يىللار بۇرۇن يېنىدا قول ياغلىق ساقلاشتەك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ سۈپەت ساپاسى نېمە ئۈچۈن بىر قانچە ئەسىردىلا مۇشۇنداق دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى؟ سەۋەپ ئاددى. ئۇ بولسىمۇ، شۇ دەۋىردنىڭ تەربىيلىگۈچىلىرىنىڭ  قەدىر قىممەتلىك ئادەم تەربىيلەش نىشانى ۋە ئۇسۇلىدا خاتالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ بولغانلىقىدا؛ of`]LU:  
شۇڭا 18 يىللىق ھايات قىسمەتلىرىدىن، ئىنسانى پەزىلەتلەرگە، 18 يىللىق خىزمەت ئەمىلىيتىدىن ، ئەتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى پارلاق نىشانىمىزغا بىر ئىز قالدۇرۇپ قۇيۇش مەقسىتىدە، بۇ «مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى» ناملىق ئەسلىمەمنى يېزىپ، يۈرىكىدە، يۇرت، ۋەتەن، مىللەت ئوتلىرى يېلىنجاپ تۇرغان ئەقىدىلىك مەرىپەتچىلىرىمىزگە سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىش قارارىغا كېلىپ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم. |BkY"F7m9  
lnWi E}F  
داۋامىنى مەشئەل تورىدىن كۈرۈڭ weV#%6=5\  
http://www.maxal2010.com/ xUpb1 R  

koksangun 2011-03-27 01:00
uigur نىڭ تەۋپىقتىكى زىيارىتىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ، بولسا مۇنبىرىمىزگە كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىپ ، تېما ئەسەرلىرىڭىزدىن يوللاپ تۇرارسىز...

uygurhan 2011-04-19 10:56
ناھايىتى جايىدا گەپ قىلىپسىز.بىز ھەممىمىز شۇ خىل ھېسسىياتتا...

tawpek 2011-07-21 09:50
بۇ  تىما  ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا تولوق تارقىغاندەكلا. >^f)|0dn)E  
L sDzV)  
)cK  tc  
سەۋەپ ھەرخىل. ئوقوتقۇچىلارغا ئارتىپ قويوشقىلا بولمايدۇ.

ھاتەھاتەم 2014-04-14 11:54
ھەممە ئڭشلارنى ئوقۇتقۇچىلاردىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ.ھەرخىل  سەۋەپلەر بار.

تارىم 2014-04-14 18:44
ئۇنداق ئاخىرى يوق تېمىلار يوللانمىسا،مەشئەلنىڭ ‹‹ ئېلانى ›› ئەمەستۇر -ھە؟!.

ۋارىس60 2014-04-15 18:30
180ياشلىق ئەۋلىيادەك گەپ قىپسىز.


查看完整版本: [-- مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (1) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled