查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قانۇن-نىزاملار -> ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-09-04 14:34

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمى


(2008-يىلى تۈزىتىلگەن)

1.ۋەتەننى سۆيۈش،قانۇنغا رىئايە قىلىش.ۋەتەننى سۆيۈش،خەلقنى سۆيۈش، جۇڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، سوتسىيالىزىمنى ھىمايە قىلىش.دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش،مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچى ۋە ھوقوقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش.پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلرىگە خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەردە بولماسلىق.
2.ئىش ئورنىنى سۆيۈپ،كەسىپنى قەدىرلەش.خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇش،ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بولۇش،كەسىپكە ئىجتىھات باغلاش، باشقىلارغا شوتا بولۇش،خۇشاللىق بىلەن تۆھپە قوشۇش.خىزمىتىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش،ئەستايىدىل دەرس تەييارلاش،دەرس ئۆتۈش،تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش كۆرمەسلىك.
3.ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش.بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە ھۆرمەت قىلىش،ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىش.ئوقۇغۇچىلارغا ھەم تەلەپچان بولۇش،ھەم مېھرىبان بولۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە ياخشى دوستى بولۇش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش.ئوقۇغۇچىلارنى مەسخىرە قىلماسلىق،كەمسىتمەسلىك،ئۇلارنىڭ زىتىغا تەگمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك.
4.ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش،ھەم ئادەم تەربىيلەش.مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش،ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش.ماھىرلىق بىلەن تەدرىجىي يېتەكلەش،ئۆگىتىپ ھارماسلىق،ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش. ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھىنى ئورغۇتۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. نۇمۇرنى ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىۋالماسلىق.
5.باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش.ئالىيجاناپ مىجەز-خاراكتېرنى ساقلاش، شەرەپ- نۇمۇسنى بىلىش،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش،ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش.كىيىم-كېچىكى يارىشىملىق بولۇش،ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، كەسىپداشلىرىنى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش.ئىستىلى دۇرۇس، پاك- دىيانەتلىك بولۇش. ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماسلىق .
6.ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش.ئىلمىي روھقا ھۆرمەت قىلىش،بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتىش،بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاش.كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش،دادىل ئىزدىنىش،يېڭىلىق يارىتىش،كەسپىي تەربىيىلىنىش ۋە تەلىم-تەربىيە،ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.

tawpek 2011-07-14 15:26
بۇرۇنقى 8  تەلەپتىن قايسى  2  سى چۈشۈپ قالغاندۇ؟

ئەكبەرنىياز 2012-12-11 23:56
ھەممىسىلا ئاجايىپ «ئېسىل » تۈزۈملەركەن تەۋپىق ئەپەندىم ، ھارمىغايسىز !!!

ياسىنجان510 2014-03-26 21:37
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپىي ئىخلاق ئۆلچىمى
1.قانۇن ئارقىلىق  ئوقۇتۇش.ماركىسىزىم،لېنىنىزم،،ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە يولداش دىڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە  ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزىريىسىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش، پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ھېمايە قىلىش،دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش،‹‹مائارىپ قانۇنى››قاتارلىق قانۇن نىزاملارغا ئاڭلىق رېئايە قىلىش،تەلىم-تەربىيە،ئوقۇتۇغ جەريانىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجىن ،سىياسەتلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش،  پارتىيە دۆلەتنىڭ فاڭجىن ،سىياسەتلىرىگە خىلاپ سۆز-ھەركەتلەرنى قىلماسلىق لازىم.
2.ئۆز ئورنى ۋە كەسىپنى سۆيۈش.مائارىپ ۋە مەكتەپنى قىزغىن سۆيۈش،ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش،ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش،ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئىدىيە -ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلاپ ئۆتۈش،تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش،ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، پىسخىك ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىدىيىلەرنى تارقاتماسلىق.
3.ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش. بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش،ئاسراش،ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ،باراۋەر،ئادىل مۇئامىلە قىلىش.ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ،سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىش،مەسخىرە قىلماسلىق،زىتىغا،غۇرۇرىغا تەگمەسلىك،كەمسىتمەسلىك،ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك،ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش،ئۇلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك،تەشەببۇسكار،ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
4.ئەستايىدىل ھەم ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىلىم تەتقىق قىلىش.  ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ،كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش،يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ،تەلىم-تەربىيە،
ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش،تەلىم-تەربىيە،ئوقۇتۇش مېتودىنى ياخشىلاپ، تەربىيە،ئوقۇتۇش، ۋە پەن-تەتقىقات سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش.
5.ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىشىش. كەمتەر،ئىھتىياتچان بولۇش،يولداشلارنى ھۆرمەتلەش،ئۆز ئارا ئۆگىنىش،ۋە ياردەملىشىش،باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئابرويىنى قوغداش،
كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش،مەكتەپنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداپ،مەدەنىيەتلىك مەكتەپ ئىستىلىنى ئورتاق يارىتىش.
6.ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەتلەش. ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپ،پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ،قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا ئېرىشىش.ئىلمىي تەلىم-تەربىيە ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى پائال تەشۋىق قىلىش،ئائىلە باشلىقلىرىنى ئەيىپلىمەسلىك،تاپا-تەنە قىلماسلىق.
7.ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا پاك بولۇش. ئالىيجانابلىق خۇلۇق-مىجەزدە چىڭ تۇرۇپ،تەقدىم قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش،جەمئىيەتتىكى ناچار ئىستىللارنىڭ تەسىرىنى ئاڭلىق ھالدا توسۇش. خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك.
8.باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش.ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاققا نەمۇنىلىك ھالدا رېئايە قىلىش، كىيىمى يارىشىملىق رەتلىك، سۆزلىرى ئۆلچەملىك ۋە ساغلام، يۈرۈش تۇرىشى مەدەنىيەتلىك، ئەدەبلىك بولۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ،ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق تەربىيە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش.
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى 1997-يىل 12-سان.







بابۇر0725 2014-03-26 22:24
ئەسكەرتىش زۆرۈردەپ قارىغان ئوخشايسىز

مىېھرىما 2014-03-26 22:56
ياسىنجان بىزنى مەكتەپتە ئاز ئۈگۈنىپ قالدى بىلىمنى تولۇقلىسۇن دىگەن ئوخشىمامدۇ؟!

مىېھرىما 2014-03-26 22:57
كەسپى ئەخلاق بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم رۇئايە قىلىشقا تېگىشلىك مىزان . سىزگە رەھمەت !!!

ئەكبەرنىياز 2014-03-27 00:11
مېھرىما توغرا دەيدۇ ، كەسپىي ئەخلاق ھەممىدىن مۇھىم ، شۇڭا چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك !!!
ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

ياسىنجان510 2014-03-27 14:20
ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ دىلغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سۆزلىرىگە رەھمەت.
مېھرىما ئازراق كىنايە قىلىۋېتىپسىزدە ،ھېچقىسى يوق. بىز كەسىپىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئەسلەپ تۇرايلى دېدىم.


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled