查看完整版本: [-- تولوقسىز ئەدەبىياتىنىڭ تەلىپى  (ئاتتىلا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> تولوقسىز ئەدەبىياتىنىڭ تەلىپى  (ئاتتىلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-03-23 21:11

تولوقسىز ئەدەبىياتىنىڭ تەلىپى  (ئاتتىلا)

تولوقسىز ئوتتۇرا مەكەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك سېستىمىسىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويىدىغان ئاساسىي تەلىپى  (ئاتتىلا) EE`[J0 (  
. &`Yl K  
تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك قورال خارەكتېرلىك پەن. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىي بىلىم بېرىپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئىپادىلەش، چۈشىنىش ۋە تەپەككۈر قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، باشقا پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى توغرا قىممەت قارىشى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ياخشى بولغان ئادىمىيلىك يولىغا باشلايدۇ. ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ روھىي جەھەتتىن ئويغىنىپ، ئادىمىيلىك يولىغا قەدەم بېسىشى، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى قېزىپ چىقىپ، تەرەققىيات يولىغا مېڭىشى، تەبىئىي پەن جەھەتتىن يۈكسىلىپ، ئىجادىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشى ئالدى بىلەن شۇ قەۋمنىڭ ئەدەبىي جەھەتتىن ئويغىنىشى ۋە ساغلام بولغان پەلسەپەۋىي ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولىدۇ. فارابى دەۋرىدىن باشلىنىپ، ئۇلۇغبەگ دەۋرىگىچە داۋام قىلغان  ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي پەن مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن باشلىنىپ، بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىغىچە داۋام قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىي ئويغىنىشىنىڭ؛ 15-ئەسىردىن باشلىنىپ، تەدرىجى ھالدا دۇنيا تەبىئىي پەن ساھەسىدە مونۇپوللۇق ئورۇنغا ئۆتكەن ياۋروپا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت ئىنقىلابى 12-، 13-ئەسىرلەردە ئىتالىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باشلىنىپ، 15-، 16-ئەسىرلەردە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرلگەن ياۋروپا ئەدەبىي ئويغۇنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ;(;~yB|NZ5  
تىل-ئەدەبىيات پېنى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك بىر قاتار رولى ۋە ئورنى ئېتىبارى بىلەن مەزمۇن ۋە تۈپكى تەلەپ جەھەتتىن ئۆز ساھەسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ ھەم ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە تىل-ئەدەبىيات پېنى بىلەن قوراللانغان ھەم مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن، جۈملىدىن، تۈرلۈك مەكتەپلەردە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردىن ئەتىراپلىق بىلىم-قابىلىيەت، كەسىپىي ئىقتىدار، يۇقىرى چۈشەنچە، ساغلام قىممەت قارىشى ۋە بەلگىلىك ئىجادىيەت دىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەم نۆۋەتتىكى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئاستىدىكى كۆپ مۇھىتلىق، كۆپ قاتلاملىق تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك سېستىمىسىنىڭمۇ زۆرۈر ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ. +xsGa {`  
ئۇنداق بولسا نۆۋەتتىكى تىل-ئەدەبىيات يېڭى دەرسلىك سېستىمىسىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى قانداق؟ ئۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ~RwoktO  
مەن تۆۋەندە تولوقسىز ئوتتۇرا مەكەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك سېستىمىسى بىلەن ئۇنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويىدىغان ئاساسىي تەلىپى ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن. 3/ uvw>$  
1. تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلكىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى. &5bIM>)v  
نۆۋەتتىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئەدەبىي بىلىملەر بىلەن تىل بىلىملىرى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن؛ ئەدەبىيات نەزىريىسى، زۆرۈر تېكىستلەر، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر، يېزىقچىلىق ئەمىلىيىتى، ئۇنۋېرسال ئەمىلىيەت ۋە پائالىيەت مەشقى، ئىستىتىك ھوزۇرلىنىش ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئەدەبىيات، ئۇيغۇر تىلى، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، مۇھىتشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، پەلسەپە، سەنئەت، ھەيكەلتاراشلىق، فولوكلور، ئاستىرونومىيە، كالىندارچىلىق، تىبابەتچىلىك، ئارخېئولوگىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە... قاتارلىق كۆپ خىل ۋە كۆپ قاتلاملىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەم مىللىيلىككە ھەم دۇنياۋىيلىققا، ھەم نەزىريىلىككە ھەم ئەمىليەتچانلىققا ئىگە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدۇر. شۇڭا ئۇ ھەر بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دەرلىكنى پىلانلاشتىن تارتىپ ھەر بىر دەرس مەزمۇنىنى لاھىلەش ۋە ئۆتۈش جەريانىغىچە ئالاھىدە دىت ۋە ئۇسۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 2Oyw#1tdn  
2. تولوقسىز ئوتتۇرا مەكەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويىدىغان ئاساسىي تەلىپى. j6$@vA)  
بىرىنچى، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى مۇھىتىدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى ئەتىراپلىق ھەم ياخشى چۈشۈنىپ، جانلىق پىلانلاش كېرەك. JKO*bbj  
نۆۋەتتىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئەدەبىيات نەزىريىسى، زۆرۈر تېكىستلەر، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر، يېزىقچىلىق ئەمىلىيىتى، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت ۋە پائالىيەت مەشقى، ئىستىتىك ھوزۇرلىنىش ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆتۈش جەريانى كۈچلۈك سېستىمىچانلىققا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما، ھەرقايسى مەزمۇنلارنىڭ دەرسلىكتىكى ئورۇنلىشىشى ئۇنداق بىر پۈتۈن سېستىمىچانلىققا ئىگە ئەمەس. يەنى، ھەر بىر تېكىست ئوقۇتىشى بىزدىن شۇ تېكىست ئىچىگە ماس بولغان نەزىريىۋى بىلىملەر، ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرى قاتارلىق كۆپ خىل بىلىملەرنى سىڭدۈرۈپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما، دەرسلىك كىتابتا ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر كىتابنىڭ ئاخىرىغا يىغىنچاقلاپ بېرىلگەن، ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ بىزدىن ھەر بىر مەۋسۈم بېشىدا شۇ مەۋسۈم ئىچىدە ئۆزىمىز ئۆتمەكچى بولغان دەرسلىك كىتابنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، بىر پۈتۈن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى ۋە شۇ ئاساستا جانلىق بولغان ئوقۇتۇش كالىندار پىلانى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. OI78wG  
نۆۋەتتىكى دەرسلىك كىتابنىڭ ئومۇمىي ئەمىلىيىتى ۋە ئوقۇتۇشقا قويۇلىدىغان كونكېرتنى تەلەپتىن قارىغاندا، ھەر بىر مەۋسۈملۈك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش كالىندار پىلانىنى مۇنداق تۈزۈش بىرقەدەر مۇۋاپىق بولۇشى مۈمكىن: پىلاننىڭ ئەڭ بېشىغا، دەرسلىكنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، شۇ مەزمۇنلارنى مەركەز قىلغان ھالدا بەش سائەتتىن كەم بولمىغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى كىرگۈزۈش، ھەر بىر تېكىست ئوقۇتۇشى جەريانىغا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلىغا دائىر زۆرۈر مەشق ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئالدىغا، شۇ بۆلەكتىكى تېكىست ئەمىلىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۆرسەتمە قىسىمىغا ماس بولغان نەزىريىۋى بىلىملەردىن بىر سائەتلىك دەرس پىلانى كىرگۈزۈش، يەنى، 9-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات دەرسىنى پىلانغا ئالغاندا تۆتىنچى بۆلەك (مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەر) نىڭ بېشىغا جەزمەن مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەرگە دائىر بىر سائەتلىك زۆرۈر نەزىريىۋى بىلىملەرنى كىرگۈزىش، شۇ بۆلەك ئىچىدىكى كونكېرت تېكىست ئوقۇتۇشى بىر پۈتۈن بۆلەك تەلىپىدىن تاشقىرى نەزىريىۋى بىلىمگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ تېكىست ئىچىگە ماس بولغان نەزىريىۋى بىلىملەرنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردە، ھەر بىر تېكىستنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر توغرىسىدىكى تەلىپىگە ۋە دەرسلىكنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر توغىرىسىدىكى بىلىملەرگە ئاساسەن، كونكېرت تېكىستكە ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر جايغا مەركەزلەشتۈرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە پىلانغا ئېلىش، يەنى، شۇ دەرسلىك كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، دەرسلىكتىكى كونكېرت تېكىستلەردە تەلەپ قىلغان قىسىمىنى كونكېرت تېكىستكە ماسلاتۇرۇپ ئۆتۈش، ئايرىلىپ قالغان قىسىمىنى بىرقانچە سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ، مەخسۇس دەرس سائىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتۈش، شۇنداقلا، ئۇنى تېكىست ئوقۇتۇشىدىكى مەشقلەندۈرۈش جەريانىغا سىڭدۈرۋېتىش كېرەك. باشقا مەزمۇنلارنى دەرسلىك كىتابنىڭ تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. m\/)m ]wR  
ئىككىنچىدىن، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئومومىيىتىگە يۈكسەك مەسىئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، دەرسلىك تەلىپى ۋە مەزمۇن قاتلىمىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ پىلانلاش ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. 5L~lF8  
ھازىرقى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدىن قارىغاندا، خېلى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە ئەدەبىي بىلىم بولسىمۇ، باشقا تەرەپلەردىن بىلىمى كەمچىل بولۇش، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلى، ئىستىلىستىكا ھەم يېزىقچىلىققا دائىر نەزىريىۋى ۋە ئەمىلىيەت بىلىملىرى كەمچىل بولۇش، نەزىريىنى ئەمىلىيەتكە باغلىيالماسلىق، نەزىريىگە دەرسلىككە بېرىلگەن تەييار مىساللارنىلا سېلىپ قويۇپ، باشقا ئەمىلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىك؛ تېكىست ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئۇيغۇر تىلى، يېزىقچىلىق، ئىستىلىستىكا، ئۇنۋېرسال ئەمىلىيەت قاتارلىقلارغا سەل قاراش ياكى ئۆتمەي تاشلىۋېتىش؛ تېكىست بىلەن ئەدەبىياتقا دائىر نەزىريىلەرنى، ئۇيغۇر تىلى، يېزىقچىلىق، ئىستىلىستىكا، ئۇنۋېرسال ئەمىلىيەت قاتارلىقلارنى ماس ھالدا ئېلىپ بارالماسلىق؛ ھازىرقى دەرسلىك سېستىمىسىنى ياخشى چۈشەنمەسلىك ياكى باشقا پەن ساھەسىدىن بەلگىلىك بىلىم ئاساسى ھازىرلاشقا سەل قاراش سەۋەبىدىن، تېكىستلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمەسلىك ياكى بارلىق تېكىستلەرگە نۇقۇل ئەدەبىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئەدەبىيات بىلەن باشقا پەن ساھەسىدىكى ئۆتۈشۈشچانلىققا ۋە نۆۋەتتىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك سېستىمىسىنىڭ بىلىم جەھەتتىكى كۆپ مەنبەچانلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك؛ چەتئەل ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتقا دائىر تېكىستلەرنىڭ مەزمۇن قاتلىمىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلالماسلىق؛ تېكىست تەھلىلىدىن بۇرۇن تېكىست ئىچىدە ئۇچرىغان چۈشۈنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بەرمەسلىك  مەسىلىلىرى بىرقەدەر ئېغىر. بۇ مەسىلىلەرنى تۈزەتمەي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش مۈمكىن ئەمەس. }R5EuR m\  
ئۈچۈنچىدىن،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن ئۆز پەن ساھەسىدىن ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە يانداشما پەنلەردىن بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا، باشقا پەنلەردىن ۋە جەمىئىيەت بىلىملىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇشى كېرەك. nN@ Ch  
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى مۇھىتىدىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئەدەبىيات، ئۇيغۇر تىلى، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، مۇھىتشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، پەلسەپە، سەنئەت، ھەيكەلتاراشلىق، فولوكلور، ئاستىرونومىيە، كالىندارچىلىق، تىبابەتچىلىك، ئارخېئولوگىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە... قاتارلىق كۆپ خىل ۋە كۆپ قاتلاملىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەم مىللىيلىككە ھەم دۇنياۋىيلىققا ئىگە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئەدەبىي ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، مۇھىتشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، پەلسەپە، فولوكلور قاتارلىق ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋىتى بىرقەدەر زىچ بولغان پەنلەردىنمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىم ساپاسى ھازىرلىشىنى، شۇنداقلا، ئاستىرونومىيە، كالىندارچىلىق، تىبابەتچىلىك، ئارخېئولوگىيە، سەنئەت، ھەيكەلتاراشلىق ۋە جەمىئىيەت بىلىملىرى جەھەتتىنمۇ مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە ھەم تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  YGs'[On8  
تۆتىنچىدىن، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسلىكتىكى يېزىقچىلىق تەلىپىگە ماس بولغان بەلگىلىك سەۋىيىدىكى يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ھازىرلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ يېزىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرىشى ۋە ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ھەۋىسىنى قوزغىشى كېرەك. ^`aw5 +S  
يېزىقچىلىق ئوقۇتىشى ئەمىلىيەتچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئۇيغۇر تىلى، ئىستىلىستىكا ۋە تۈرلۈك بىلىملىرىنى، كۆزىتىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تۇرمۇش دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەپەككۈر ئەلگىكىنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، جەمىئىيەت رېئاللىقىنى ئوبېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان، يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئىپادىلەشنى مەقسەد قىلغان بىر تۈرلۈك  ئەمىلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت. تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەريانىدا يېزىقچىلىق ئوقۇتىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگىلى ۋە يۇقىرى كۆتەرگىلى، تىل ئىشلىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى، تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئىزچىل بولغان كۆزىتىش ۋە يېزىش جەريانىدا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك چىدامچانلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەش روھى شەكىللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يازغان ئەسەرلىرىنى دەرسخانىدا باھالاش، تام گېزىتى، قارا تاختاي گېزىتى، مەكتەپ رادىئو ئوزېلى، مەكتەپ گېزىتى ۋە تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ، روھىنى ئۇرغۇتقىلى ھەم رىقابەت ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. b\o>4T  
بەشىنچىدىن، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. x>BFK@#  
تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ پەننىي خارەكتېرى ھەر بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن  ئالدى بىلەن ئۆزىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تېكىست مەزمۇنىغا ماس ئىنتۇناتسىيە، روھىي-ھالەت ھەم چىراي ئىپادىسى شەكىللەندۈرەلەيدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك نۇتۇق سەنىتىگە ئىگە بولۇشى؛ يازمىلىرى رەتلىك، ئېنىق، توغرا، ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى؛ سۆزى مېغىزلىق، ئېنىق، توغرا، چۈشۈنىلىك، تەلەپپۇزى جايىدا بولۇشى؛ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ۋە ئوي-خىياللىرىنى باغلىنىشلىق ھەم مەزمۇنلۇق قىلىپ ئېنىق، راۋان، چۈشۈنىشلىك، قىسقا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قېلىشتىن، زىددىيەتلىك سۆزلەرنى قىلىشتىن، باش-ئاخىرى باغلانمىغان، تۇتۇرۇقسىز بولۇپ قېلىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىشى؛ بەلگىلىك دەرىجىدە ئېغىزچە، يېزىقچە، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئىگە بولىشى، بولسا دوراش قابىليىتى ھازىرلىشى، ئېغىزچە ئىپادىلەش بىلەن يېزىقچە ئىپادىلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك F1B/cd  
ئالتىنچىدن، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ پەن ۋە ساھە جەھەتتىكى چېتىلىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن سۆز بايلىقى جەھەتتىن بىر قامۇس بولىشى كېرەككى، ئۇ ئۆز كەسىپى ساھەسى ۋە تۇرمۇش ساھەسىدىكى سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق ۋە ئىستىمال مەنىسىنى، كۆپ خىل ئىشلىتىش يوللىرىنى  ئاساسىي جەھەتتىن بىلىپلا قالماستىن، يەنە، جۈملە ئىچىدىكى كونتېكىسلىق مەنىسىنىمۇ يېشىپ بېرەلەيدىغان بولىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا پەن ۋە كەسپ ساھەسىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىگىمۇ چۈشەنچە بېرەلەيدىغان، كونكېرت جۈملە مەزمۇنىغا ئاساسەن ئىزاھلاپ بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك. DTo"{!  
يەتتىنچىدىن، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئىزدىنىشچانلىققا ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۇچۇر ئامبىرىغا ئىگە بولىشى كېرەك. F$1{w"&  
تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ مەزمۇن قاتلىمى ۋە چېتىلىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، ھەر بىر سائەتلىك دەرسكە ئەتىراپلىق تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئوبرازچانلىققا، كونكېرتلىققا، ئەمىلىيەتچانلىققا، قوزغىتىشچانلىققا، جەلىپكارلىققا، نەزەر دائىرىسىنى ۋە تەپەككۈرىنى ئېچىشچانلىققا ئىگە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ھەرقايى پەن ساھەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەم بىلىم قاتلىمىنىڭ كەڭلىكىنى ھەقىقىي يورۇتۇپ بېرىش،  دەرسخاندا يولۇققان مەسىلىلەرنى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ۋاقتىدا، تولوق ھەل قىلىپ مېڭىش ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن ئۆزىدە تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى ھازىرلاپ، بىر تەرەپتىن بىلىم جۇغلانمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ تۇرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن مول مەزمۇنلۇق ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك رەسىم، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، كىتاب-قوللانمىلار، گېزىت-ژۇرناللار، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، جەمىئىيەت بىلملىرى ۋە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى يىغىپ ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرۋېلىشى، مەزمۇن، قاتلاملار بويىچە تەرتىپلەپ توپلام قىلىپ، پايدىلىنىشقا قولايلىق يارىتىشى كېرەك. jOGiT|A  
سەككىزىنچى، تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن توغرا قىممەت قارىشى ۋە ساغلام روھ ھەم ئادىمىيلىك ساپاغا ئىگە بولىشى كېرەك. KSEKoHJo  
تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى تەربىيلەنگۈچىلەرنى توغرا قىممەت قارىشى بىلەن قوراللاندۇرۇش ۋە ساغلام روھ ھەم ئادىمىيلىك ساپاغا ئىگە قىلىش. تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بۇ خىل فۇنكىتسىيسىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا قىممەت قارىشىغا، ساغلام روھىي دۇنياغا، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىغا، ياخشى بولغان ئادىمىيلىك پەزىلەت ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە قىلىش، غايە-ئېتىقادلىق، ۋىجدان-غورۇرلۇق، مەسىئۇلىيەتچان، ۋەدىسىدە تۇردىغان، ئۆز ئىشغا ئۆزى ئىگە بولالايدىغان، قەدىر-قىممىتىنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەزمەن ئۇلارنى روھىي ھەم ئادىمىيلىك جەھەتتىن تەربىيلەشنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ۋە شۇ خىل روھ ھەم ئىدىيۋى چۈشەنچە، ھەرىكەت ئىستىلى بىلەن قوراللىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىشى كېرەك. |wQ3+WN|  
vkR ~nIp  
2011-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى jTV4iX  
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر ناھىيىدىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىگە تاللانغان ھەم «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىغا ئەۋەرتىلگەن. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە مەسىئۇلىيىتىگە ئۆزى ئىگە. <&O*' <6C  
ePv`R'#  
مەنبە: ئىجادىيىتىم

tawpek 2011-07-21 10:03
ھەرقايسى مەزمۇنلارنىڭ دەرسلىكتىكى ئورۇنلىشىشى ئۇنداق بىر پۈتۈن سېستىمىچانلىققا ئىگە ئەمەس. يەنى، ھەر بىر تېكىست ئوقۇتىشى بىزدىن شۇ تېكىست ئىچىگە ماس بولغان نەزىريىۋى بىلىملەر، ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرى قاتارلىق كۆپ خىل بىلىملەرنى سىڭدۈرۈپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما، دەرسلىك كىتابتا ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر كىتابنىڭ ئاخىرىغا يىغىنچاقلاپ بېرىلگەن، ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ بىزدىن ھەر بىر مەۋسۈم بېشىدا شۇ مەۋسۈم ئىچىدە ئۆزىمىز ئۆتمەكچى بولغان دەرسلىك كىتابنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، بىر پۈتۈن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى ۋە شۇ ئاساستا جانلىق بولغان ئوقۇتۇش كالىندار پىلانى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. LN 
60A!Gob  
NYG!\u\Rm  
Pw7uxN`  
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق، لىكىن بىزنىڭ بۇيەردە كالىندار پىلانىنى دورىسلىكتىكى تىكىسىتلەر بويچىلا ئورونلاشتۇرلىدۇ.  
C|w 
ئەسلى سىز دىگەندەك قىلسىمۇ بولىدىكەنغۇ، ئويلاپ باقسام خىزمەتكە چىققان 6 يىل جەريانىدا كالىندار پىلان قارا قويوقلا تۈزلۈپ كەپتۇ.

arqa 2012-05-02 00:10
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق،  

كىرۇران 2014-03-11 12:13
بەك ياخشى بوپتۇ ، 6Y,&q|K  

زۇمرەت 2014-03-18 23:39
بەك ئەتراپلىق بوپتۇ

مۇنەۋۋەر 2014-04-16 22:20
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن، تولۇقسىز باسقۇچى ئىنتايىن مۇھىم باسقۇچ، شۇنداق بولغانىكەن بىز چوقۇم ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشىمىز، دەرسنى ئەتراپلىق لايىھەلەشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا ئونۋېرسال ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

نۇربىيە 2014-04-24 16:35
ياخشى ماتىرىيال يېزىپسىز بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق قىممىتى بار ماتىرىياللارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۆمىت قىلىمەن

ماتروس 2014-07-13 11:46
ئەتراپلىق يېزىپسىز ....  كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم .....  

ماتروس 2014-07-13 11:49
يېقىندىن بېرى مۇنبەردە ياخشى تېمىلار ئازلاپ قاپتۇ...  بولسا كۆپرەك يوللىنىپ تۇرسا بۇلاتتى،،،،  

مىېھرىما 2014-07-13 12:37
ئاتىللا مۇئەللىمنىڭ ھەر بىر يازمىسىدا بىر ھىكمەت بار . سىزگە رەھمەت .

مىېھرىما 2014-07-13 12:38
ئادەمگە نەپ بېردىغان بۇ يازمىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەر نى بىلىۋالدىم . tS3&&t  
LCA+y1LP-_  
داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز . مۇنبەردە كۆرمەس بوپ قالدۇق سىزنى!!


查看完整版本: [-- تولوقسىز ئەدەبىياتىنىڭ تەلىپى  (ئاتتىلا) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled