查看完整版本: [-- كىيىم - كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> كىيىم - كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-03-23 11:03

كىيىم - كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى

cGevFlnh  
'|zkRdB*Lq  
8. كىيىم - كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى _T B,2 R  
ئابدۇكېرىم رەھمان①
%n^jho5  
 8>Y  
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مىللىي گەۋدە شەكىللەنگەندىن بۇيان تەدرىجىي ھالدا كىيىم - كېچەكلەرمۇ مىللىيلىشىپ، شەكىل جەھەتتىن مىللەتلەرنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشنىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى شۇ مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەمەرىلىك ئىپادىسى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىدا تېخىمۇ جۇلالىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مىللىي ئەنئەنە ئاساسىدا كىيىنىش شەكلى بولمىغان مىللەت، قوۋملارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. گەرچە مىللەت ئۇقۇمى بىلەن كىيىم - كېچەك ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمىسىمۇ، مىللىي كىيىم ئۆزىنىڭ ئىككىلەمچى فۇنكسىيىسى ئارقىلىق مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى بوپقالدى. 1 11s%  
ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىش يىغىنى قايسى دۆلەتتە ئېچىلسا، ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى ساھىبخانا دۆلەتنىڭ مىللىي فورمىسىدا كىيىنىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئەلگە بولغان ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئالىي ئېھتىرامىنى ئىپادىلىگەن. بۇ يەردە ئاددىيغىنە بىر يۈرۈش مىللىي كىيىم دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە دوستلۇقىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى بوپقالغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك. جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان ئۈچىنچى خىل ئىگىلىكى ئەڭ روناق تاپقان يۈننەن ئۆلكىسىدە 38 ئاز سانلىق مىللەت ياشايدۇ. بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نوپۇسى ھەتتا مىڭدىن ئاشمايدۇ. ئەمما بۇ تاغلىق ئۆلكىنىڭ قايسى كارىدورىغا كىرسىڭىز «غەلىتە» كىيىنىۋالغان خەلق توپىنى ئۇچرىتىسىز. ئۇلار بۇ ئىسسىق بەلۋاغنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ℃ تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتى ئىچىدىمۇ مەرۋايىتسىمان مارجانلار بىلەن زىننەتلەنگەن گۈمبەز شەكلىدىكى كۆركەم باش كىيىمىدىن تارتىپ بېلى مەھكەم باغلانغان جۇلالىق مىللىي ئۈستۋاشلىرىنى رەتلىك كىيىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش روھى ھەرقانداق كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدۇ. بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىگە بولغان بۇنداق ھېرىسمەنلىكى دەۋر بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ئورتاق گۈللىنىشىگە قىلچە توسالغۇ بولغىنى يوق، بەلكى دۇنيانى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئىگىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. دېمەك، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىنىش ئادىتى بىلەن قەدىرلىك ۋە سۆيۈملۈك. مىللىي روھقا ئىگە ھەرقانداق كىشى ئەجدادلىرىنىڭ تەۋەررۈكلىرىگە ۋارىسلىق قىلالىغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشكە ۋە بۇ ئۇدۇمدىن ياتلىشىشنى مۇناپىقلىق دەپ ئەيىبلەشكە ھەقلىق. _l?InNv  
ئۇنداقتا، بىزنىڭمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىمىز بولغانمۇ؟ بۇ سوئالغا كەسكىن ھالدا «بولغان» دەپ ئېنىق جاۋاب بېرەلەيمىز. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمىشقا بۇ ئەنئەنىۋى ئۇدۇمىمىزدىن ياتلىشىپ، غەربچە كىيىنىشكە مەپتۇن بولۇپ قالدۇق؟ بۇ ئىزتىراپلىق سوئال بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇشى كېرەك. |}~2=r z  
يېقىندا قۇمۇلدا ئېلىپ بارغان قىسقا مۇددەتلىك فولكلور مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قۇمۇلنىڭ توي - تۆكۈنلىرى ئىلگىرىكى ئەنئەنىسىگە قايتىپ، تويلاشقۇچى قىز - يىگىتلەر قۇمۇللۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، ماشىنا بىلەن توي كۆچۈرۈشكە خاتىمە بەرگەنلىكىدىن ھەمدە بۇ ئەكسىگە قايتىشتىن ئاۋام چەكسىز رازى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇنداق ئەسلىگە قايتىش روھى باشقا رايونلاردىمۇ تەدرىجىي ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۈرۈمچىدە بىر ئۆمۈر كىيىم لايىھىلەش ۋە تىكىش بىلەن مەشغۇل بولغان ئاتاقلىق بىر تىككۈچى ئۇستامنىڭ ئوغلىنىڭ تويىدا توي ئىگىلىرى ئاتا - ئانىسىدىن مىراس قالغان نىل رەڭ بەقەسەم تونلىرىنى كىيىشىپ، تويغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. كۆزگە سىڭىشلىق بۇ مىللىي تون ھەقىقەتەن ھەممىمىزنى قىزىقتۇردى. مېھمانلار بىردەك «ئەجەبمۇ يارىشىپتۇ كېپىنەكتون بىلەن دوپپا ...» دەپ توي ئىگىلىرىنى مۇبارەكلەشتى ھەمدە شۇنداق سالاپەتلىك تونلارنى تىكىدىغان ۋە ساتىدىغان ئورۇنلارنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى تىلەشتى. دېمەك، مىللىي روھقا موھتاج بولغان خەلقىمىز بىر مەزگىللىك گاڭگىراشتىن كېيىن ھامان توغرا يولنى تاپالايدۇ. بەزىلىرىمىز بۈگۈنكى كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ توساتتىنلا غەربچىلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئاساسىدا يولغا قويۇلغان بازار ئىگىلىكىنىڭ «سوۋغىسى» دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، «قۇل ئاتقا مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ، دېدەك مونچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى» دېگەندەك، ئۇزاق مۇددەت بېكىنمىچىلىك ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولغان خەلق ئۇچراتقان ھەممە نەرسىگە بىر خىل قىزىقىش بىلەن قارايدۇ - دە، پسىخىكىسىدا يات نەرسىلەرگە ئاسانلا «ئەسىر» بولۇپ قالىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. لېكىن بۇنداق بىردەملىك قىزىقىشنىڭ سەۋەبكارى بازار ئىگىلىكى ئەمەس. ئەقلىي تەپەككۈرى نورمال كىشىلەر ھېچقاچان ئۇنداق دېمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا مىللىي روھنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن ئىزدىگەن تۈزۈك. بەرھەقكى، شەيئىلەر ئۆزگىرىشىدە ئىچكى سەۋەب بىرلەمچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا، بىز بازار ئىگىلىكىنىڭ نىشانى ۋە تەلىپى بويىچە كىيىم مەدەنىيىتىمىزنى قانداق تەرتىپكە سېلىشىمىز كېرەك؟  J%G EIe|  
بۇ، نۆۋەتتە بىزنى تەقەززا قىلىۋاتقان جىددىي مەسىلە بولۇپ، پېقىر تۆۋەندىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.  'j^A87\M_  
1. بىز ماددىي بايلىق جەھەتتە ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان دەرىجىدە قەد كۆتۈردۇق. ئىلىم - پەن، بولۇپمۇ سانائەت پەنلىرى مۆجىزىلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ ماددىي مۆجىزىلەر روھىي مەدەنىيەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەخلاقىي قىممەتلىرىنى پارچىلاپ تاشلىدى. بىزدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز بولغاچقا، ماددىي تەرەققىيات ئالدىدا ئېسەنگىرەپ، ئەنئەنىدىن ياتلىشىدىغان روھىي نامراتلىق «كېسىلى» گە گىرىپتار بولدۇق. روھىي قۇۋۋىتىدىن ئايرىلغان مەدەنىيەت خۇددى ئامېرىكىلىق مەشھۇر پەيلاسوپ جون دىيۇ ئېيتقاندەك: «ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان مەدەنىيەتتۇر.» كەسكىن ئېيتالايمىزكى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز (كىيىنىش مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆزىنىڭ مىللىي روھىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسە، ماددىي تەرەپتىن ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ. مىللىي ئېڭىمىزدا بىزگە كەمچىل بولۇۋاتقان نەرسە، ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى كۈچلۈك ۋە توغرا ئەقىدىدۇر. بۇ نۇقتىدا بىز ئەقىل - ھوشىمىزنى تاپقۇدەك دەرىجىدە سىلكىنىشكە موھتاج. روھىي جەھەتتىكى بۇنداق ئىنقىلاب سىرتقى شەكلىمىزنى ئوراپ تۇرغان كىيىم مەدەنىيىتىمىزنى قېلىپلاشتۇرىدۇ ۋە تەرتىپكە سالىدۇ. مانا بۇ كىيىم مەدەنىيىتىمىزنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئىچكى ئامىل. خۇددى مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «ئىنسان جىسمانىي جەھەتتىن بىر ئات، مەنىۋى جەھەتتىن ئاتقا مىنگۈچى. ئەگەر ئاتقا مىنگۈچى دانا بولسا ئاتنى كامالەتكە باشلايدۇ، نادان بولسا ئات ئۇنى ئوقۇرىغا باشلايدۇ». {H]xA3[]  
2. مىللىي كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش ۋە نۇرلاندۇرۇش جەھەتتە روھىمىزنى قۇۋۋەتلەشتىن باشقا، يەنە زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا دادىل ئىزدىنىپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز زۆرۈر. بۇ ئېيتىشقا ئاسان، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولغان كونكرېت مەسىلە. بىز ھازىر بىرقەدەر ئومۇملىشىپ قالغان كاستۇم - بۇرۇلكا بىلەن تار يوپكا - كوپتا ... لارنىڭ ئورنىغا «غېرىب - سەنەم» فىلىمىدىكى شاھى ئابباسنىڭكىدەك يوغان سەللە، رەڭدار بېزەكلىك شاھانە تونلارنى، ياكى مىللىيلىكنى زىيادە قوغلىشىپ، ئاللىقاچان ئىستېمالدىن قالغان كۇلا - جەندىلەرنى كىيىپ يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايمىز. ئۇنى زامانىۋى ئاڭ فورمىسىدىكى خەلقىمىزمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئەنئەنىۋى كىيىم مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي زۆرۈرىيەتنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك ئۆلچىمىدىكى زامانغا خاس − يېڭىچە مىللىي كىيىم فورمىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇنداق مىللىي كىيىم فورمىسىدا ياش پەرقى، جىنس پەرقى، پەسىل پەرقى، مۇراسىملار پەرقى، ئۆيئىچى كىيىملىرى بىلەن تالالىق كىيىملەر پەرقى ... نىسبىي مۇقىملىق ئىچىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈشى زۆرۈر. بىزدە بۇ مۇھىم ھالقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان مىللىي كىيىم - كېچەك شىركەتلىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، تېخى كۆلەملەشمىدى، ئۆزلىرىگە خاس مىللىي ئۈستىكارلار گۇرۇھى بىلەن تارىخىي ۋە ئېستېتىكا جەھەتلەردىن دەلىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلىم تەتقىقاتى قوشۇنىغا ئىگە بولالمىدى، ياكى سەھنە كىيىملىرىنى لايىھىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، كەڭ ئاممىۋى ئىستېمال قىممىتى يارىتالمىدى. ئەمما، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئىتىنى قوغلاشماي، مىللىتىمىزنىڭ كىيىم - كېچەك جەھەتتىكى خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش يولىدىكى ئىزدىنىش روھىنى قەدىرلەش ۋە قوللاشقا ئەرزىيدۇ. «يول بىراۋنىڭ قەدەم ئىزى» بولغىنىدەك، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئاستىدا بۇ «يول» ھامان كېڭىيىدۇ ۋە ئومۇملىشىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن مىللىي كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىر - قىممىتى ھەققىدە ھەر خىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى كۈچەيتىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق رايىغا ماس كېلىدىغان، ئەنئەنە بىلەن دەۋر روھى جىپسىلاشقان ئاددىي ئەمما نەپىس، كۆركەم ۋە سىڭىشلىك، سىمۋول خاراكتېرى كۈچلۈك كىيىم - كېچەكلەرنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشىمىز كېرەك. پەقەت روھىي ئىستېمال بىلەن ماددىي ئىستېمال ئېڭى بىر گەۋدىلەشكەندىلا ھەممىمىزنىڭ ساندۇقىدا توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام ۋە باشقا مۇراسىم كىيىملىرىمىز ئەتىۋارلىق تەۋەررۈك سۈپىتىدە ساقلىنىدىغان ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇچىمىزغا چىقىپ خاسلىقىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى نامايان قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ.
{Y>5 [gp  
 yN9k-IPI  
ئىزاھات: hf6=`M}>i  
① ئابدۇكېرىم رەھمان 1941 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى. «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، «ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى»، «مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار» قاتارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىنغان. "/ N ?$  
$XBn:0U  
مۇھاكىمە ۋە مەشق: |Ai/q6u  
1. ئاپتور ئەسەردە نېمە ئۈچۈن «كىيىم - كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى» دەيدۇ، چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟   8nt3S m  
2. ئەسەردە «غەلىتە»، «كېسىلى»، «سوۋغىسى»... قاتارلىق سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ شۇ جايدا باشقىچە مەنىلەردە كەلگەن. سىز بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئالدى - كەينىدىكى جۈملىلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ. qOA+ao  
3. تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. 20 <$f  
1) بۈگۈنكى كۈندە توي كۆچۈرگەندە ماشىنىنىڭ ئورنىغا ئات ھارۋىسى ئىشلىتىشكە قانداق قارايسىز؟  IM.sW'E  
2) كىيىم - كېچەكتە غەربلىشىشكە قانداق قارايسىز؟   {{hp;&x  
3) ئادەتتە مىللىي كىيىم - كېچەككە بولغان ھېرىسمەنلىك بىلەن كىيىم - كېچەكتە زامانىۋىلىشىش بىر - بىرىگە زىتمۇ؟  y^PQgzm]  
4. ئاپتور مىللىي كىيىم - كېچەكنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىككى تەكلىپ - پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، سىز بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايسىز؟ Ban@$uf  
...  ]!7 %)  
( ئەسكەرتىش: بۇ تېكىست تولۇق ئوتتۇرا تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 4- كىتابتىن ئېلىندى.) `SFA`B)[5@  
`ChS$p"A  
0ge"ISK  

koksangun 2011-03-23 11:22
تۇنيۇقۇق ، دەرس تېكىستلىرى سىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى بۈيۈك تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدىغان بولدى ، ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ ، ئەجرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ...

tawpek 2011-05-08 17:08
سىرىتقا چىقساق كىيىشكە زورلايدىكەن، ئۆز جايىمىزدا كىيىشتىن چەكلەيدىكەن بەزى كىيىم -كىچەكلىرىمىزنى.

tunyukuk 2012-03-18 09:10
تۆۋەندىكى ئادرېستا «ئۇيغۇرلارنىڭ  كىيىم-كېچەككە ئائىت پەرھىزلىرى» ناملىق ماقالە بار. بۇ تېكىستنى ئوقۇتقاندا ياخشى دەرس بايلىقى بولالايدۇ. U E-1p  
eyuQ}R  
 /bbs/read.php?tid=5289


查看完整版本: [-- كىيىم - كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled