نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى
نورۇز» (Noruz) ئەسلىدە پارىسچە سۆز، ئۇ «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بولۇپ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە. vu/P"?F
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارىسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكىلىگە كەلگەن. <9?`zo$y
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قوش، بېلىق يۇلتۇزلىرىنىڭ يوقۇلۇپ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي كېلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)نى نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن `Zz;[<*<
نورۇز تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئورتاق بايرام، پارىس خەلقىگىمۇ ئورتاق بايرام.نورۇز دۇنيادىكى مىلاد ، قۇربان ھېيت ، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا . 0I>[rxal s|C4Jy_ نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان ، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن . 5E\&O%W" نورۇز – ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى . ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تەبىئەت بايرىمىغا ، ئەمگەك ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا ، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا . ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ . `T$CUlt6
ئۇيغۇرلار نورۇزنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە نورۇز مەزگىلىدە، ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك بايرام دەپ قارىغاچقا، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەردە يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئۇمۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلارنى قىلىش، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش، مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ۋە كۆچۈرگۈزۈش، ئىبادەت ئورۇنلىرىغا قىممەتلىك كىتاب ياكى يەر-مال ۋەخپە قىلىش ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى(11). %%k`+nK~
3 نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى ,W~a%8*
نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «توققۇز مەرىكە-مۇراسىم» دېيىلىدۇ. %NfbgJcL_
1) نورۇز ناغرىسى Q:!.YSB
نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا، بارلىق-كەنت، قىر-يېزىلاردا، نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكى تەنتەنە قىلىنىپ، ناغرا سۇناي چېلىنىدۇ. ئەل-يۇرت نورۇزغا جابدۇنۇپ، ھەممە جاي تەنتەنىلىك بايرام كەيپىياتىغا چۆمىدۇ. )]C7+{ImC
2). نورۇز تازىلىقى O U3KB
نورۇزنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن يۇرت-مەھەللە بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېلىرىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۆي، تام-تورۇس، ھويلا-ئاراملىرىنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ، كىگىز-بىساتلىرىنى قېقىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كىشىلەر يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ، پاكىز كىيىنىدۇ. بولۇپمۇ ياش جۇۋان-چوكان، ئوغۇل-قىزلار مەخسۇس يېڭى ئۈستىباش ھازىرلايدۇ. كوچا-يوللار پاكىزە تازىلىنىپ گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىنىدۇ. jB!Q8#&Q
3) سوغۇق قوغلاش
W{2(fb
ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ياغلىق قاپاق كۆيدۈرگىنىچە مەھەللىمۇ-مەھەللە يۈرۈپ، سوغۇق قوغلايدۇ، سوغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ، نورۇزغا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئېيتىدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىپ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتقاندا، سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىلىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ. i-4pdK u
4) يوقلاش OJ:iQ
نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ، يەنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر قەبرە، ئىگە-چاقىسىز قېرى-چۈرى، يىتىم-يېسىر، مېيىپلارنى يوقلايدۇ. RRGCO+ )*
5) نورۇز ئېشى <e
'S'
نورزۇر كۈنى يەنە ئەنئەنە بويىچە نورۇز ئېشى ۋە نورۇز سۈيى تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئېشى بۇغداي، ئارپا، قوناق، نوقۇت، گۈرۈچ، ماش، تېرىقتىن ئىبارەت يەتتە خىل دان بىلەن جىگدە قوشۇپ ئېتىلىدۇ. نورۇز سۈيى بولسا چىلان، شاپتۇل قېقى، گۆش، قوينىڭ چوقىسى، سامساق، سىركە قاتارلىق يەتتە خىل نەرسىنىڭ چىلانمىسىدىن ھازىرلىنىدۇ. 420cJ{;A
6) نورۇز سەيلىسى k]=Yi;
نورۇز سەيلىسى ھەر قايسى جايلاردا شاد-خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. كۆپىنچە جايلاردا بىر يۇرت ياكى بىرەر مەھەللە ئاسا قىلىنغان ھالدا شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى تاغ-دەريالار بويىدكى ھاۋالىق جايلاردا سورۇن تۈزۈلىدۇ. نورۇز پائالىيىتى ئەتىدىن كەچكىچە، بەزى جايلاردا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. H *gF>1
نورۇز كۈنى ئالدى بىلەن مەھەللە ئىچىدە ھېيتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيمۇ-ئۆي ھېيتلىشىدۇ، ھەم نورۇز سۈيى ئىچىشىپ ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت خەلقى خۇددى كۆچكەن قۇشلار توپىغا ئوخشاش يارىيا، كۆتەك ھارۋا، مەپە ياكى ئات-تۆگە، كالا، قوتاز، ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلار بىلەن قازان-قومۇچ، كىگىز-بىساتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، چېدىر-سايىۋەن، كەپە-ساتمىلارنى تىكلەيدۇ. ئاشپەز، ناۋاي، قاسساپ، سودىگەر، يايمىچى، قاتارلىق ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ، دۇكان، يايما ئېچىپ بۇ سەھرايى دالىغا ئاۋاتچىلىق بەخىش ئېتىدۇ. نورۇز خادىملىرى بىر چەتتە داش قازانلارنى ئېسىپ نورۇز ئېشى ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولسا، نورۇز سەيلىسىگە چىققان ئاھالىلەرمۇ ئۆز كەپە-ساتمىلىرىدا قازان-قۇمۇچلىرىنى ئېسىپ، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نورۇزغا ئاتاپ خالىغان بىر خىل تاماق ئېتىش بىلەن بەند بولىدۇ. _T 5ZL
نورۇز ئېشى تەييار بولۇشىغا، بىر جاكار بىلەن نورۇز مۇراسىمى باشلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىدىكى بوشلۇققا چەمبەرسىمان كەڭ سورۇن ھاسىل قىلىپ، دەرىجە، مەرتىۋە ئايرىماي نۆۋىتى كەلگەن يەردىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. سورۇننىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك ئورنىدا مەلۇم كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ.سورۇن تۈزۈلۈپ بولۇشىغا شۇ «ئىشىك» ئارقىلىق، چىنە، چۆچەك، ھېجىرلاردا نورۇز ئېشى تارتىلىدۇ. كۆپچىلىك نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئائىلىلەر بويىچە نورۇزغا ئاتاپ ئېتىلگەن غىزا-تائاملار ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ كېلىنىپ بىر قاچىدىن كۆپچىلىك ئالدىغا قويۇلىدۇ. بۇ غىزا-تائاملارنىڭ ئېسىل ياكى ئاددى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ ئالدىغا قانداق تاماق توغرا كەلسە، شۇ قويۇلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم تاماق تاللىمايدۇ ۋە تاللىماسلىقى شەرت. تاماق يېيىلىپ بولغاندىكىن كېيىن، ئادەت بويىچە كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ، سۇ، يامغۇرغا مولچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ-ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت پاراڭلارنى قىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ نورۇز چېيى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. {%K(O$H#
كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ھەرخىل ئويۇن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. TM8WaH
ئەلنەغمىچىلەر ھەرخىل چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ نورۇز قوشاقلىرى، ئون ئىككى مۇقام كۈي-غەزەللىرى ۋە ھەرخىل مەزمۇندىكى يۈرۈشلەشكەن خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرايى دالىلارنى بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدۇ. مۇقام مەرغۇللىرى، سەنەم كۈيلىرى ئورۇنلانغاندا، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىختىيارسىز بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىدىن پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەرگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى بولۇپ، ئادەتتە «چۆرۈمە» دەپ ئاتىلىدۇ. I|?zSFa
داستانچىلار ئۆزىگە قىزىقارلىق قىياپەت، ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئاھاڭ بىلەن «مىڭ بىر كېچە»، «كەمەك ھەييار»، «چاھار دەرۋىش» قاتارلىق داستان، ھېكايىلەرنى سۆزلىسە، ئۇلارنىڭ توپ ئىچىدە ئولتۇرغان شاگىرتلىرى ئارىلاپ دوست تارتىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەربىر داستان، ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، ئاڭلىغۇچىلار ئۆز خاھىشى بويىچە داستانچىلارغا پۇل ئىنئام قىلىدۇ. ON{&-
چېلىشچىلار سورۇنىدا يۇرت-يۇرتلاردىن كەلگەن چېلىشچى ئەزىمەتلەر بىر-بىرىگە قارشى نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇتۇپ چىققانلارغا «كۈچتۈڭگۈر» دېگەن ئاتاق بېرىلىدۇ. `
k}
دارۋازلار تەخمىنەن 40~50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 20~30 مېتىر ئېگىزلىكتە تارتىلغان ئارغامچا ئۈستىدە، پەستە چېلىنىۋاتقان ناغرا، سۇناينىڭ رېتىملىق ئاۋازىغا كەلتۈرۈپ، گاھ يالاڭئاياغ، گاھ پۇتىغا تۈنىكە تەخسە تېڭىپ، گاھ قولىغا تەڭكەش ئېلىپ ئالدى-ئارقىسىغا مېڭىش، ئولتۇرۇپ قوپۇش، موللاق ئېتىش، تاختا پەرىگە چىقىش، چىغرىق ئۇچۇشتەك كىشىنى چۆچىتىدىغان خەتەرلىك، قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلىدۇ |