koksangun |
2011-03-21 01:25 |
ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر PR*qyELu گۇننار ياررىڭ BSbi.@@tp 1. ئاپتورنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى توغرىسىدا: 0@*EwI گۇننار ئالفرېد ياررىڭ (1907-2002)، شۋېتسىيىلىك، داڭلىق تۈركولوگ.«قەشقەرگە قايتا سەپەر»،«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرى»،«شەرقىي تۈركىيچە-ئىنگىلزچە دىئالىكتىكا لۇغىتى»،«قەشقەر تېكىستلىرى»،«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي يەر-جاي ناملىرى-لوپنۇر ۋە تارىم ۋادىسى تىمسالىدا» قاتارلىق ئەسەلىرى بار. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998-يىلى نەشر قىلغان «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. xlU:&=| 2. ئەسەرنىڭ ئىددىيۋى مەزمۇنى ھەققىدە: ;,F:.
<P ئەسەردە ئاپتۇر ئۆزىنىڭ 1929-يىلى تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كىلىپ،‹‹ ئوتتۇرا ئەسىر›› گە كىلىپ قالغاندەك بولدۇم،دەپ يېزىپ قەشقەر شەھرىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىگە بولغان قىزقىشىنى ئىپادىلىگەن. ئاندىن، قەشقەر بازرى، بازاردىكى تۈرلۈك ھۈنەرۋەن، كاسىپلار، بازاردىكى ھەرتۈرلۈك كىشىلەر ۋە بازارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە كۆرنىشىنى تەسۋىرلىگەن. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەككە مىنىش ئادىتىنى تەپسىلى يازغان. ئارقىدىن ئاپتۇر چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ قەشقەر ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان سىپىلنى چۈشەندۈرگەن. سىپىل ئىچىدىكى شەھەردە ھەرخىل بازارلار، مەسچىتلەر، بايدار ۋە يوقسۇللارنىڭ ئۆيلىرى بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېرىم ئوچۇق،يېرىم قاراڭغۇ ھالەتتە تۇردىغان قەدىمىي قەشقەردىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئايرىم-ئايرىم خاتىرلىگەن. >ISN2Kn
)k'4]=d
< %44Z7 3. تۆۋەندىكى سوئاللار ھەققىدە قارىشڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. -McDNM 1)«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبى » دېگەن ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ li~#6
$ جاۋابى: ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبى-10-13-ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرى، سودا-سېتىق شەكلى ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. wSP'pM{#2 2).ئاپتور ئەسەردە ئەينى دەۋردكى قەشقەرنى «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر» دەپ يازغان. ئاپتورنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسلىرى قايسى؟مىسال بىلەن كۆرسۈرۈپ بېرىڭ. Q( \2(x\ جاۋابى: ئاپتورنىڭ قەشقەرنى «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر» دېيىشىدە، تېكىسستتە ناھايىتى كۆپ ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن؛« بازار ئەتىراپى قاراڭغۇ، تاچۇق كوچىلارنى يورۇتىدىغان ئېلېكتر چىراغلىرى كۆرۈنمەيتى. قەشقەردە گېزىت يو، مەتبەئەدە بېسىلىدىغان كىتاب تېخىمۇ يوق ئىدى. مىرزا كاتىپلار چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، قوليازمىلارنى ئەرەب ھەرىپى بىلەن كۆچۈرەتتى.»،«قەشقەرنىڭ ئەتىراپى 10 مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى پۇختا سېپىل بىلەن قورشىلىپ قورۇققا ئېلىنغانىدى» دېگەندەك تەپسىلاتلار ۋە بازارلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋاللىرى، سودا-سېتىق ئەھۋاللىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. |<Gq^3 2 3) ئاپتور قەشقەرنى يازغاندا، نېمە ئۈچۈن بازارنى نۇقتىلىق يازغان؟ /WX
0}mWu جاۋابى: چۈنكى، ئەينى دەۋردىكى قەشقەر سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن سودا-سېتىق، ھۈنەر-كەسىپ ئىشلىرى ئەڭ جانلانغان شەھەر بولۇپ، قەشقەرگە كەلگەنلەر ئاساسلىق بۇ بازارغا بەكمۇ قىززىققان ھەمدە بۇ ئۆزگىچە بازارنى ئىنچىكە كۆزىتىپ نۇقتىلىق يازغان. _pS!sY~d 3. تۆۋەندىكى جۈلىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئالدى-كەينىدكى جۈملىلەرگە باغلاپ تەھلىل قىلىڭ. zBd)E21H 1)« كىشلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسەر جەمئىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ.»
Y;[#~3CA جاۋابى: ئاپتور بۇ جۈملىدە نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تازا روناق تاپقان ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن قەشقەرنىڭ ھەقىقىي، ساپا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە بولغان چوڭقۇر زوقلىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن، دېيىش بىلەن بىرگە، ئاپتورنىڭ نەچچە ئەسىر جەريانىدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ھېسىياتىمۇ ئىپادىلەنگەن. jWL;ElM' 2) « تا بۈگۈنكى كۈندىكىمۇ تېرەك ئوتۇنىنى قالىغاندا چىققان ئىسنى پۇرىساملا قەشقەر يادىمغا كېلىدۇ» بۇ جۈملىدە ئاپتورنىڭ قانداق ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن؟ L=9w
3VXS جاۋاب: ئاپترونىڭ ئاشۇ تەبىئىي مەنزىرە، تۇرمۇش ۋە ئاشۇ ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست كىشىلەرگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. g=)djXW مەسىلە قويۇپ مۇھاكىمە قىلىش h-`*
S&mZ 1) «قەشقەرنىڭ سىرلىق ھالىتىنى كۆزىتىشكە تېخىمۇ كۆرەك ۋاقتىمنى سەرپ قىلمىغانقىمدىن بەكلا ئەپسۇسلىنىمەن» دېگەن جۈملىدىكى ئاپتور دەۋاتقان «سىرلىق ھالەت» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ سىزنىڭچە، ئاپتور نېمە ئۈچۈن كۆزىتىشكە كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلمىغانلقىدىن ئەپسۇسلانغان؟ ahJu+y جاۋاب: قەشقەرنىڭ «سىرلىق ھالىتى» دېگەندە، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەر، سېپىل، ئۆي-ئىمارەت، سودا-سېتىق، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەك، ئىجتىمائىي ئالاقە، يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى نەچچە ئەسىرگىچە ئەينەن ساقلاپ كەلگەنلىكى، ياۋروپادىكى پەن-تېخنىكىنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كەلمىگنلىكىنى، خۇددى ئاپتور ئېيتقاندەك«مىڭ بىر كېچە»دىكى سىرلىق كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىغا كەلگەنلىكى، قەشقەر خەلقىنىڭ سېپىل ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھايات پائالىيتى، ئاق كۆڭۈل-ساپ دىللىقى، سودا-سېتىق ئىشلىرىدىكى ئادەتلىرى ۋە ماھارىتى، سودا كوچىلىرى، ھۈنەر-كەسىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى قاتارلىقلاردىكى ئاپتورغا ناتونۇش بولغان قەشقەردىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزلۈكلەر ئاپتور ئۈچۈن ئۈچۈن «سىرلىق ھالەت» ھېسابلانغان. Mm'q4DV^ ئاپتور قەشقەرگە يوشۇرۇنغان سىرلارنى ئىنچىكە، تەپسىلىي كۆزىتىشكە كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان. ئاپتور ئەينى دەۋردىكى«ئۈستى ئوچۇق موزېي» بولغان قەشقەر ۋە قەشقەر خەلقىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىغا ئەپسۇسلانغان. قىممەتلىك تارىخي مەدەنىيەت مىراسىنى بايقاش، دۇنياغا تونۇتۇش، يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا زۆرۈر بولغان قەشقەردىكى بۇ قېتىملىق سەپىرىدە سىرلىق ھالەتلەرنى كۆزىتىشكە سل قارىغانلقىغا ئەپسۇسلانغان. 5QoU&Hv يېڭى سۆزلەر: .oR_r1\y 1.مىرزا-پۈتۈكچى،كاتىپ. 2.تۇلۇم-① قورسىقىنى يارماي سويغان كالا ، قوي ، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى . ② قورسىقىنى يارماي سويغان كالا ، قوي ، ئۆچكە تېرىسىدىن پىششىقلاپ تەييارلانغان خالتا . ئادەتتە ئىچىگە ئاشلىق ، سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ، تاغار ۋە سۇ قاچىسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى ھەم ئىچىگە ھاۋا توشقۇزۇپ ، سۇ ئۈزۈشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ . 3. قورۇق-① ئۆي-ئىمارەتلەر سېلىنغان ، دەل - دەرەخ ، باغۋارانلىق دېھقانچىلىق مەيدانى ؛ ئېكىنزار . ② ئېكىنزار ياكى باغ ، ھويلا-ئارام قاتارلىقلارنى سىرتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان نىسبەتەن پاكار تام . 4.تۆپە-① يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز ، يۇقىرى بولغان جاي ، دۆڭ : ② بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى ، ئۈستى : ③ مەلۇم بىرنەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇق ؛ كۆك ، ئاسمان 5. كاسىپ- قول - ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، ھۈنەرۋەن. 6. يەكتەك- ئالدى ئوچۇق ، ياقىسىز تىكىلىدىغان ئەستەرسىز يالاڭ سىرتقى كىيىم. m{)F9F مەنبە نى ئەسكەرتەلمىگىنىم ئۈچۈن خىجىلمەن . |
|