查看完整版本: [-- <<مىڭ بىر كېچە >>دىن دەرس لاھىيىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> <<مىڭ بىر كېچە >>دىن دەرس لاھىيىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

凶蛇 2011-03-20 21:14

<<مىڭ بىر كېچە >>دىن دەرس لاھىيىسى

ۋاقتى:          20-يىل    -ئاينىڭ    -كۈنى

مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇقۇش
 
دەرس تېمىسى: مىڭ بىر كېچە

 
ئۇقۇتۇش نىشانى :   بىلىم ۋە ئىقتىدار
 << مىڭ بىر كېچە >> نىڭ دۇنياغا مەشھۇر داڭلىق ئەسەر ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭدا ئاجايىپ - غارايىپ ھېكايىلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى ئىگىلىتىش<< مىڭ بىر كېچە >> ھېكايىلىرىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ، قايسى مىللەتنىڭ ئۇمۇمى  تۇرمۇش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەنلىكىنى ،  كىشىلەرنىڭ قانداق ئارزۇ  -  ئارمانلىرى ئىپادىلەنگەنلىكىنى چۇشەندۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.
ھېسيات ۋە پۇزىتسىيە
بۇدەرىستە ئۇقۇغۇچىلارغا مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇقۇش ، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلىپلا قالماي ، بەلكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تارىخى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلىش تەربىيسى بىرىلىدۇ.
مۇھىم نۇقتا : << مىڭ بىر كېچە >> نىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىتىش ۋە بىلدۇرۇش
قىيىن نۇقتا :  <<  مىڭ بىر كېچە  >>  ھېكايىلىرىنىڭ قايسى دەۋىرلەردىن باشلاپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ،قانداق كىتاپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۇرۇش
ئۇقۇتۇش ۋاستىلىرى : كۆپخىل ئۇقۇتۇش ۋاستىسى ، << مىڭ بىر كېچە >> نىڭ توپلاملىرى
ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى : چۇشەندۇرۇش ، يىتەكلەش ، ئىلھاملاندۇرۇش ، قوزغۇتۇش ، مۇھاكىمە ،     بەس-مۇنازىرە ، خۇلاسە قىلىش
 ئۈگنىش ئۇسۇلى : ھىس قىلىش ، چۇشىنىش ، پىكىر يۇرگۇزۇش ، مۇستەقىل ئۈگنىش ،      ئىزدىنىپ ئۈگنىش ، ھەمكارلىشىپ ئۈگنىش
يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش:
ساۋاقداشلار ، سىلەر << ئەلى بابا  ۋە قىرىق قاراقچى >> ، << سېھىرلىك چىراق >> قاتارلىق فىلىملەرنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ  ؟  كۆرگەن  بولساڭلار بۇ فىلىملەردە  قانداق  ۋەقەلىك  بايان قىلىنىدۇ؟
ساۋاقداشلار بىزنىڭ تۇرمۇشىىزدا << ئۇچار گىلەم >> << ئۇچار ئات >><<سىھىرلىك ئۈزۈك>><< سۇلايمان قالپاق >>  دېگەندەك  نەرسىلەر يوق،ئەگەر بۇ نەرسىلەر  بۇلۇپ  قالسا  ،  سىلەر بۇلارنى نېمىلەرگە ئىشلىتەتتىڭلار؟
                                                            
ئۇقۇتۇش مەزمۇنلىرى :
1.<< مىڭ بىر كېچە >> ناملىق ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن دۇنياغا مەشھۇر ئەسەر دەيمىز؟  
2. << مىڭ بىر كېچە >>  ناملىق  ئەسەر قايسى  دەۋىرلەردىن  باشلاپ  مەيدانغا  كېلىشكە    باشلىغان؟ ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاساسى نېمىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان؟
3.<< مىڭ بىر كېچە >> ناملىق ئەسەرنىڭ كىتاپ قىلىنىش جەريانىنى بايان قىلىڭ؟
4.<< مىڭ بىر كېچە >> ناملىق ئەسەردە قانداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان ؟ ئۇنىڭدا قانچىلىك ھېكايە بار؟
5.<< مىڭ بىر كېچە >>  ناملىق  ئەسەردە نېمە يارىتىلغان  ؟  كىشىلەرنىڭ قانداق ئارزۇ _  ئارمانلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن؟    
[/سۇئاللارنىڭ جاۋابلىرى قىسقارتىلدى)
[مەن  بۇ  دەرىسنى ئۇتۇشتە  ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەسەر تۇنۇشتۇرۇشنى ، چۇشەندۇرۇشنى ۋە يىتەكلەشنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيۇش بىلەن بىرگە  ،  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ چۇشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە دادىل پىكىر قىلىشقا ۋە گۇمانىي نۇقتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا،بەزى مەسللەر ئۇستىدە بەس-مۇنازىرە قوزغاشقا تەشكىللەيمەن ھەمدە ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنى بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمەن  ، شۇنىڭدەك بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى تاپقۇزۇپ چىقىمەن.]
تاپشۇرۇق: << مىڭ بىر كېچە >>  ناملىق  ئەسەرنى ئوقۇپ كېلىش

دوسكا لايىھىسى:               مىڭ بىر كېچە

<< مىڭ بىر كېچە >>  ناملىق  ئەسەر 8 - ئەسردىن 16 - ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا مەيدانغا كەلگەن.مەنبەسى «ھەزەر ئەفسانە»(مىڭ ھېكايە)دىن ئىبارەت.ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان.


دەرىستىن كىيىنكى ئويلىنىش

nefise 2011-03-22 12:29
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

alpida 2011-03-24 00:49
رەھمەت ،بىر ئىزدا توختاپ قالماڭ.

tawpek 2011-03-24 23:53
رەھمەت ئاداش،  9- يىللىقنىڭ داۋامى  بولسا  داۋاملىق  يوللاڭلا .

بىز  مۇشۇنداق  مەخسۇس  تىمىلارنى 5  سائەت  ئۆتۆشكە  ئورونلاشتۇرىمىز ، 5  سائەت  دەرىس تەييارلايمىز،  مۇشۇنداق  قىلىشنىڭ  زۆرۆرىيتى  بارمۇ؟

بىلقۇت تورى  ئاڭلاتقان  ئاۋازلىق  نۇسخىسى  مەندە  بار  لازىم  بولسسا يوللاپ  بىرىمەن.

凶蛇 2011-03-29 00:15
يوللاشقا تىەىشلىك نەرسىلا بولسا يوللاپ تۇرۇڭلار.

ayqiqek 2011-04-25 20:37
تىخىمۇ تىرىشىڭ

tawpek 2011-08-03 17:53
مىڭ بىر كىچىدىن ئىشلەنگەن فىلىملەر بولسا تەشەببۇس قىلغايسىلەر.

تەشنا005 2013-12-17 11:25

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
  
  

بابۇر0725 2014-02-14 19:19
بۇ دەرسنى نەچچە دەرس سائىتى ئوتۇش مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟

رىزۋانگۈل 2014-03-10 11:10
دەرس دىتالى يوقمىدۇ .

ئەشمە 2014-03-12 17:17
يۇقاپ كەتمەڭ.

15894005488 2014-03-17 16:18
كۆپ جاپا تارتپسىز


查看完整版本: [-- <<مىڭ بىر كېچە >>دىن دەرس لاھىيىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled