مېنىڭچىمۇ دەرس تەييارلىقىنىڭ ياخشىراق ئەندىزىسىدىن بىرەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇنى تەۋپىق مۇنبىرىگە يوللىغان دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ شەكلى قىلساق بولاتتى . ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ شەكلىدە يوللىسا بۇمۇ بىر خاسلىق بولاتتى ... ھازىر تەۋپىق مۇنبىرىدە تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ دەرس تەييارلىقلىرى « يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك » ئاينىپ ، سان جەھەتتىن مول دەرس بايلىقلىرى ئامبىرىنى شەكىللەندۇردى ، دەرس تەييارلىقلىرىغا نىسبەتەن سۈپەت جەھەتتىن قاتتىقراق تەلەپ ، ئۆلچەم قويۇدىغان ۋاقىتمۇ يېتىپ كەلدى . دەرس تەييارلىقلىرىغا مۇكەممەلرەك بولغان ئەندىزە ئىشلىگەن تورداشلار بولسا يوللىسىاڭلار ، تەۋپىقتىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋە كەڭ تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىنى ئېلىپ ، ئۇنى مۇقىملاشتۇرساق ھەم شۇ نىڭدىن پايدىلىنىپ دەرس تەييارلىقلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرسەك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تەتقىقات بولاتتى . ھازىرقى بىر قىسىم دەرس تەييارلىقلىرى ئىلگىرى بىز مەلۈم كۆلەمنى ھاسىل قىلىمىز دەپ ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ ، شەكلىگە ئېتىبار قىلمىغان ئىدۇق ، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم دەرس تەييارلىقى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ، ھەتتا شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈچ قاتلاملىق نىشانى ۋە مۇھىم ، قىيىن نۇقتىلىرى توغرا گەۋدىلەنمىگەن ، مۇجىمەل دەرس تەييارلىقلىرى يوللاندى . بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنداق ئۆلچەملىك دەرس تەييارلىقى ئەندىزىسىدىن بىرنى بارلىققا كەلتۈرسەك ، دەرس نىشانى ، مۇھىم ، قىيىن نۇقتىلىرىغا باھا بەرسەك ، مۇنبىرىمىزنىڭ ھەقىقىي مائارىپ مۇنبىرىگە خاس ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنەتتى ... |