查看完整版本: [-- نورۇز ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> نورۇز ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bahadir 2011-03-18 12:04

نورۇز ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

نورۇز ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار،ياخشىمۇ سىلەر!
بۈگۈن مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى«نورۇز»نى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. p22AH%  
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىكنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن! mG)5xD  
ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!! hpf0fU  
«نورۇز بايرىمى»-تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزىلىدىغان قەدىمى ئەنئەنىۋى مىللى بايراملارنىڭ بىرى. $9%F1:u  
Z/, R{Jgt"  
بۇ بايرام ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،ئۆزبىك،تاتار،تاجىك،پارىس قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرگە ئورتاق بايرام. kq| !{_  
E6 oC^,ZRy  
«نۇرۇز»قەدىمكى تۈركچە ئاينىڭ ئىسمى بولۇپ،پۈتۈن تۈرك خەلقلەر ئارىسىدا يىل بېشىنىڭ يېڭى كۈنى ئۈچۈن«نەۋرۇز»نامى قۇبۇل قىلىنغان. «نەۋرۇز»ئەسلىدە ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ سۆز بولۇپ، «نەۋ» (يېڭى) ۋە «رۇز» (كۈن) دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن قۇرۇلغان.بۇ نام قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. fXWy9 #M  
pZ8J\4+  
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قارايدىغان بولساق، مۇقام، مەشرەپ، نورۇز… قاتارلىق بىباھا گۆھەرلەرنىڭ جۇلالىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز . ھەممىگە ئايانكى، ئاشۇ بىباھا گۆھەرلەر ئىچىدە ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە، ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا  ئۇلاپ كەلگەن تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى رېئاللىقتىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقى بىلەن خەلقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك. .I_atv  
uD/@d'd_4L  
 تەبىئەت ئەركىسى، يېشىللىق ئەلچىسى ــ نورۇز بوۋاينىڭ قەدەم تىۋىشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە ، نورۇزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي ئىزنالىرى ۋە كۈنىمىزدىكى قۇتلۇقلاش يوللىرى ئۈستىدە خىيال سۈرۈشىمىز تەبىئىي. نورۇز بايرىمى تۈركىي خەلقلەر ۋە پارسلارغا ئورتاق يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى. 8XJi}YPQ  
GXxI=,L8F  
مەھمۇد كاشغەرى، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نەۋائىي قاتارلىق شەرق ئەللامىلىرى قالدۇرغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز بايرىمىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 2500 يىلدىن ئاشقان.
بۇ مەزگىل خۇددى ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ئېيتقاندەك،دەل تەبىئەتنىڭ «قىش ئۇيقۇسى» دىن ئويغىنىپ قايتىدىن جانلانغان دەۋرى،باھار يامغۇرىنىڭ بىرىنچى تامچىسى چۈشۈشى بىلەن يەر-زىمىننىڭ ئويغانغان دەۋرى،دەل-دەرەخلەر گۈللەشتىن مېۋىلەشكەن،ھايۋانلار تۆللەش (كۈيلەش پەيتى) دىن نەسىل ھۇجۇتقا كېلىشكە باشلانغان دەۋرى.شۇنىڭ ئۈچۈن،«نەۋرۇز» ئالەمنىڭ باشلىنىشى ۋە يارىتىلىشىغا دەلىل قىلىنغان. WzstO}?P(  
دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت – گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ھەمدە قۇياشنىڭ ھەمەل ( قوزا ) بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹ يىل بېشى ›› ياكى ‹‹ كۈن تۇغدى ›› دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىن ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلغان ۋە باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹ نورۇز ›› دىكى ‹‹ نو ›› يەنى ‹‹ نەۋ ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹ يېڭى ›› ، ‹‹ ئېرىغ ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹ رۇز ›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە ( كۈن ) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. |&"aZ!Kn  
A:Wr5`FJ  
  يېشىللىق تەنتەنىسى ۋەئەجدادلار يادنامىسى بولغان بۇ نورۇز– قىشلاقلاردىلا ئۆتكۈزۈلىدىغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي خەلق بايرىمى. خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق باھارنى ئارزۇلىغان، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپ – ھۆنەرلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىجتىھاد – ئىنتىلىشلىرىنى ، ئۆز – ئارا ھىممىتى – ساخاۋىتىنى ، ئىتتىپاق – ئىناقلىقىنى ، گۈزەل ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈىدىغان قۇتلۇق بايرامدۇر.
. |dQz(z&6{5  
7LU^Xm8  
نورۇز مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرى تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنى رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچىسى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز مەزگىلىدە ياخشى ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىم زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . شۇنداقلا نورۇز مەزگىلىدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل – گىياھ ناملىرىنى قويغان.دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا ياشاش مۇھىتىمىز ۋە ياشاش شەكلىمىزدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىزدىن ئەنئەنىۋىي ھېيت – بايراملىرىمىزنى نۆۋەتتىكى ياشاش شەكلىمىزگە لايىقلاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭىچە مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىپ قۇتلۇقلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. جۈملىدىن   بىلەن تېخىمۇ رەڭدار ، تېخىمۇ تەنتەنىلىك ، تېخىمۇ ئۆزگىچە قۇتلۇقلاش مۇمكىن. ~bkO8tn  
(1) نورۇز يېتىپ كېلىش پەيتىدە رادىئو – تېلېۋۇزۇر، گېزىت – ژۇرنال ، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا نورۇزغا بېغىشلانغان خەۋەر – ماقالە ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنى تەييارلىقىغا كىرىشىشكە چاقىرىش لازىم. بۇندىن باشقا يەنە، ئۆتكەن يىلدا دىيارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ ئىشلارنى ئەسلەش، خەلقمىز قەلبىدە بەلگىلىك تەسىر قالدۇرغان ئەستىلىكلەرنى ( قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇتۇق، قىززىق نۇقتا ، جەلبىكار شەخس … قاتارلىقلار ) خاتىرىلەش ، ئارىمىزدىن كەتكەن ئالىم – ئۆلىما، ھەرساھەدىكى پىشقەدەملىرىمىزنى ياد ئېتىش … قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ ، نورۇزنى كۈتۈۋېلىش كەيىپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. F(n<:TvlK  
(2) نورۇزنىڭ ھارپا كۈنلىرىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۆي – بالىكون، ھويلا – ئارام، يول – مەيدانلارنى تازىلاش كېرەك. كىشىلەر يۇيۇنۇپ – تارىنىپ نورۇزنى پاكىزلىق بىلەن كۈتۈۋېلىش لازىم. r'Wf4p^Xd  
(3) ھارپا كۈنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ، ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەتتە بولىۋاتقان پەرزەنتلەر چوڭ ئۆيگە قايتىپ ، ئاتا – ئانىلار بىلەن جەم بولۇشى ، ئۇلارنىڭ تېخى پۈتتۈرۈپ ئۈلگۈرتمىگەن بايراملىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈشۈپ بېرىشى لازىم. ئەل – جامائەت ئۆز مەھەللە – يۇرتلىرىدىكى يېتىم – يېسىر ، قېرى – چۈرى ، ئاغرىق – سىلاقلارنى يوقلاپ ، ئۇلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە روھىي ۋە ماددىي ياردەملەرنى قىلىشى لازىم. i#>t<g`l  
(4) ھارپا كۈنى كەچتە ، جايلاردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەخسۇس «نورۇزلۇق سەنئەت كىچىلىكى›› قويۇلۇپ، خەلقنىڭ بايراملىق تۇرمۇشىغا مول مەزمۇن ئاتا قىلىش لازىم. نورۇزغا ئاتالغان سەنئەت كېچىلىكلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئەنئەنىۋىي نورۇز پائالىيەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. مەسىلەن، نورۇز بوۋايىنىڭ يېتىپ كېلىشى، شائىرلارنىڭ نورۇزنامە ئوقۇشى ۋە ئۆز – ئارا مۇشائىرە ئېيتىشىشى ، سەھنىلەشتۈرۈلگەن نورۇز مەشىرىپى … دېگەنگە ئوخشاش. FbroI>"e  
(5) نورۇز كۈنى ئەتتىگەندە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارغا سالام بېرىپ، ئۇلارغا ساغلام ھايات ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشى، چوڭلار بالىلارغا ئەھۋالغا يارىشا ئاددىي ئەمما ئەھمىيەتلىك بولغان نورۇزلۇقلارنى بېرىپ ، گۈدەكلەرگە نورۇز شادلىقى ئاتا قىلىش لازىم. ئائىلە ئەزالىرى جەم بولغان بۇنداق قۇتلۇق چاغلاردا جەمەت پىشىۋالىرى جەمەت ئەزالىرىغا مۇۋاپىق جەمەت تەربىيىسى بېرىشى ، ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادلارنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ، ئەلگە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىشى لازىم. ئائىلە ئەزالىرى جەمەت چوڭلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئەجدادلارنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش لازىم. N#Rb8&G)b  
(6) نورۇز كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، بالا – چاقىلارنى ئېلىپ موزىي ، داڭلىق بىلىم يۇرتلىرى ، پەن – تېخنىكا سارايلىرى ، گۈزەل مەنزىرىگاھلار ، كۇتۇبخانا – كىتابخانىلار غا بېرىپ ، يېڭى مەنالارغا تويۇندۇرۇش لازىم. lGr=I-=  
]}lt^7\=  
 نورۇز سەيلىسى ئادەتتە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.يۇقىرىقلاردىن باشقا، دوستلار ئۆز – ئارا كىتاب سوۋغا قىلىش ، ئاممىۋىي مەنپەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ، دوست – يارانلار جەم بولۇپ ئۆز – ئارا مۇشائىرە ئېيتىشىش ، كۆچەت تىكىش … قاتارلىق ئىش – پائالىيەتلەرمۇ ئۆزگىچە مەنا بېغىشلىشى مۇمكىن.قىسقىسى، نورۇز – ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى.
lND2Kb  
مەكتەپلەردە پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللىدىم،پىكىر-تەكلىپلەر بولسا قوبۇل قىلىمەن
wp&G]/4m  

kamalat 2011-03-18 13:24
كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم

koksangun 2011-03-18 15:49
نۇرۇز ھەققىدىكى مەلۇماتلار تولىمۇ ئەتراپلىق ئىكەن ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز نۇرۇز ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا تەشنا بولۇپ تۇرغاندا بۇ تېما ئۇلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بايلىق بولىدىغان بولدى ... رەھمەت ، ئەجرىڭىزگە!

ئۇيغۇرجان 2011-03-18 16:12
نىمە دىگەن ياخشى مەن دەل نورۇزغا ئائىت بىلىملارنى ئىزدەپ يۇرەتتىم.رەھمەت.

凶蛇 2011-03-19 00:00
قۇلىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.

tawpek 2011-03-19 12:43
مۇنبىرىمىزنىڭ كونا  تۆھپىكار ئەزاسى، سابىق گۇرپا باشلىقىمىز باھادىر ، بۇ تىما  ئۈستىدە ھەقىقەتەن  ئىزدىنىپتۇ جۇمۇ، >`UqS`YQK  
V.:,Q  
مەكتەپ  مۇدىرلىرى  دۈشەنبە كۈنىدىكى پائالىيەتتە غادىيىپ  ئولتۇرۇپ  سۆزلەيدىغان  بوپتۇ دە. f4  S:L&  
C`[2B0  
تور  ئەسلىگە كەلگەندىن  كىيىنكى  تۇنجى  نوروز  بولغاچقىمۇ پۈتۈن  تور  دۇنياسىدىن ئىزدەشكە  بۇيرۇق  بەرسەم  بۇ  ھەقتە ياخشىراق  ماتىرىيالدىن شۇ  يەنىلا  مۇنبىرىمىزدىكى كۆكسانغۇن  ئاكىمىزنىڭ  يوللىغان  بىر  تىمىسىنى  تىپىپ  بەرگەنتى. 5%2~/ "  
C&Q[[k"kb  
بۇ  ناھايتى  ياخشى  تىما  بوپتۇ.

aykut 2011-03-20 22:33
"ئويغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسىدا" «نورۇز»ھەققىدىكى ماتىريال ئىنتايىن تەپسىلى يېزىلغان،ئۆرۈپ-ئادەت ھەققىدىكى ماتىريال لازىم بولسا شۇنىڭدىن ئىزدىسەڭلار ،ئىزدىمەكچى بولغان ماتىريالغا ئىگە بولالىشىڭلار مۇمكىن.

مېىرىگۈل 2014-03-18 02:05

tawpek 2014-03-20 18:04
3 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياخشى پايدىلىنىدىغان بولدۇق.

مىېھرىما 2014-04-03 11:44
ياخشى تىما ئىكەن !!

پاراسەت2 2014-06-20 11:51
ناھايىتى ياخشى ئىزدىنىپسىز،دەرسخانىدا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن،رەھمەت،كۆپ جاپا چېكىپسىز،


查看完整版本: [-- نورۇز ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled