查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abdumijit 2011-03-17 17:37

ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلەر

ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق ، ئۇزاق مۇددەتلىك ، مۇرەككەپ بىر خىزمەت .شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلدىغان تەلەپلەرمۇ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە كۆپ .ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتكەن دەرسىلائوقۇغۇچىلارغاتەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى دەرسخانىدا ئىشلەتكەن ھەربىر ئېغىز سۆزىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى چىراي ئىپادىسى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپلا قالماستىن ،يەنە چوقۇم تىلنىڭ گۈزەل ،چىن ،سەمىمىي قىزغىن بولۇشىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك .شۇڭا ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىشقاتىگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كىرەك.
1.بالىلارنىڭ كەمچىللىكىنى مۇقۇملاشتۇرىدىغان ،بىرلا يەكۈن بىلەن ھەممىنى ئىنكار قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك.
بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەلۈم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەمچىللىكىنى بايقاپ قالسا ،پۇرسەت بولسىلا ئۇنى ئېغىزغا ئالىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئۆزگەرمەس نوقتا دەپ قاراپ ،بىر تەرەپلىمە سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ.مەسىلەن :«ئەمدى سەندە ئۆمۈد يوق»«سەن ياخشى بولالىساڭ كۈن غەرىپتىن چىقىدۇ»«مەن سېنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم»دېگەندەك .بۇنداق سۆزلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ.ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
2.بەزى بالىلارغا چاپان ياپىدىغان ،بەزى بالىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئاچىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىتىن ساقلىنىش.
كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلاردادەرىستە ياخشى ،چىرايلىق بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئەھۋال كۆرۇلۇپ تۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق بالىلارنىڭ ئەيىۋىنى سىنىپتا ياپىدىغانغائالدىرايدۇ.مەسىلەن :«سەنغۇ ئېمتىھاندىن ئۆتۇپ كىتەتتىڭ ،بىراق سېنىڭ سىنىپتىكى ۋەزىپەڭ ئېغىر»«بۈگۈن ئەجەپ كېچىكىپ قاپسەنغۇ ،ئۆيدە جىددى ئىشىڭ چىقىپ قالغان ئوخشىمامدۇ»دىسە دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «يەنەشۇ تېلۋۇزۇر كۆرۇپ ئۆيدە لاپچىيىپ ئولتۇرغانسەن تايىنلىق »دەپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار سۇئالغا تولۇق جاۋاپ بىرىۋەتسە «تالانىت ئىگىسىدە سەن »دېگەندەك كۆپتۇرمە گەپلەرنى قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن دەرستە ياخشى بالىلاردا ئاسانلامەغرۇرلىنىش ،ناچار ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچى بىلەن قارىشلىشى ،چۈشكۈنلىشىش پىسخكىسى شەكىللىنىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ نورمال ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
3.قوپال سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىللىكىنى تۈزۇتۈش مەقسىتىدە تەربىيە ئىلىپ بارماقچى بولغاندا بىر قىسىم قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالىدۇ.مەسىلەن :«سۆرەلمە»«تاسما»«دىتى يوق »«قاپاق كاللا»ئۇندىن باشقا لەقەم خاراكتىرلىك سۆزلەرنىمۇ ئىشلتىشتىن ساقلىنالمايدۇ.مەسىلەن:«ھوي ،قارىۋاي »«ئۈگدەك»«كالىدەك پۇشۇلدىما»«چاپاق»دېگەندەك .بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە ئىنتايىن يامان تەسىر بىرىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.قوپاللىق تىلدىكى ئەڭ يامان ئۆسمە.ئوقۇتقۇچى بۇتەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
4.ئۆزىنى كۆككە كۆتۇردىغان ماختايدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتا ئۆزىنىڭ ئوقۇغان مەكتىۋى ،ئائىلە تۇرمۇشى ھەققىدە سۆزلەپ سالىدۇ.ھەتتا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدىكى بەزى بىر تەرەپلەرنىمۇ سىنىپتا دەيدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئۆسۇپ يېتىلىشىدا بەلگىلىك يامان تەسىر بىرىدۇ.شۇڭائوقۇتقۇچى بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش ،قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى قەتئىي قىلماسلىق كىرەك.
5.ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەنچەبىرەلمەيدىغان ،چەك-چېگىرىسى ئېنىق ئايرىلمىغان ،بەزى سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك.
بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەن چاغدا«بەلكىم ،مومكىن ،ئاساسەن »دىگەندەك ئېنىق ئەمەس سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.بۇنداق سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلسە ئۆتمەكچى بولغان دەرس تۇغۇرسىدىكى ئوقۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغاتوغرايەتكۈزۇلىشىدە بەلگىلىك يامان تەسىر بىرىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى ۋاقتىنچە ھەل قىلالمىغان تىمىلارئۈستىدەئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق ،دەرسخانىدائېنىق بولمىغان سۆزلەرنى قىلىپ چۈشۈنىكسىزلىك پەيداقىلماسلىق لازىم.
6.ئاغزى بېسىقماي ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلەشتىن ھەزەر ئەيلەش.
دەرس ئۆتۈش جەريانىداقۇرۇق گەپ سىتىش ،قىممىتى بولمىغان سۆزلەرنى قىلىش ،ئارتۇقچە دەرس مەزمۇنىنى بىيىتىشقا ياردە م بىرەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىش ،ئورۇنسىزماقال-تەمسىللارنى ،ھىكمەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ،ئوخشىتىشلارنى قالالمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم .بەزى ئىشلاردا ئوقۇتقۇچى كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن دەرس ۋاقتىنى ئىگەللەپ شۇ ئىشنىڭ يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە سۆزلەيدۇ.بۇمۇ ئوقۇغۇچىلاردا بىر خىل ئوقۇتقۇچىدىن زىرىكىش تۇيغۇسى بىرىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتىدا ئاممىباپ چۈشۈنۈشلىك قىلىپ سۆزلەش ،ئارتۇقچە سۆزلەرنى قىلىپ ئەزمىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
7.قايناۋاتقان قازانغاسۇغۇق سۇ سىپىدىغان قوپال سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
مەسىلەن :«نىمە دىگەن دۆت نېمىسەن ،مۇشۇنچىلىك نەرسىنىمۇ چۈشەنمىدىڭمۇ،قاپاق باش»دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەمدىلا ئۈگۈنۈش ئىرادىسىگە كەلگەن بىر بالىنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى بىخ ھالىتىدىلا يوق قىلىۋىتىدۇ.
«قانداق گەپ ئاڭلىمايدىغان ،ئائىلە تەربىيىسى كۆرمىگەن بالا بۇ،سىز قانداقمۇ مۇشۇنداق تەربىيلەپ قويغانسىز»دەپ ئاتا-ئانىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ.بىلىپ قىلىڭ ئۇنى شۇنداق تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىسى ئەمەس دەل سىز ۋە مەن .شۇڭا مەسئۇلىيەتنى بىچارە ئاتا-ئانىلاردىن ئەمەس بەلىكى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز ئاندىن ھەل قىلالمىغان تەرەپلەرنى ئاتا-ئانىلاربىلەن ھەمكارلىشىشى ئاساسىداھەل قىلىشىمىزلازىم .
8.دەرس ئۆتكەندە ھەددىدىن زىيادە يوقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەسلىك ،سۆزنىڭ ئىنتۇناتسىيەسىگە ھەم ئۇرغۇلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم .
دىمەك ئوقۇتقۇچى دەرسخانە ئوقۇتۇشىدا تىل گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ،بىر سائەتلىك دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىدىن چىقماس ،قايىل قىلارلىق ئۆتۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تېرىشىشى لازىم .
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى
#a=~a=c(^  
مەنبەسى: مەكىت دولانلىق تورى

koksangun 2011-03-18 15:52
بۇ ھەقىقەتەن ئىلمىيلىكى يۇقىرى ماقالىگەن ، ئۇقۇتقۇچىلار بەزى ھاللاردا بۇنداق ئەھۋاللارنى ئاسانلا سادىر قىلىپ قويىدۇ ، ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆز ئېغىزىدىكى ھەر بىر سۆزگە ئۆزى ئىگە  بولۇشى كېرەك ...

tawpek 2011-03-19 17:17
دىمەك  بىزلەرگە قويولىدىغان  ھەرقانداق بىرتەلەپ  باشقا  كەسىپ  ئەھلىللىرىدىن  يۇقىرى  دىسە.   باشقۇرىدىغان  جايلارمۇ  كۆپ.

tawpek 2011-08-06 16:16
بۇ  ئەسەر تەكرار يوللانغاچ كىيىنكىسى ئۆچۆرۆلدى. تىما يوللىغۇچىلارنىڭ تىما تەكرارلىقىدىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ablat0997 2011-09-20 23:57
بۇ يازمىنى كەسپى ئۈگىنىشلەردە ئۈگنىشكە ئەرزىيدىكەن.

zilala 2011-10-21 23:12
ھەقىقىتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.

koyax519 2011-10-24 18:45
ئىنتايىن توغرا دەيسىز بىز ئوقۇتقۇچىلار سۆز -ھەركەتتە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيىشىمىز كىرەك .شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگەبولۇشىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىنى تىكلىشىمىز لازىم .

rayhan 2011-11-15 17:17
بۇ ھەربىر ئوقۇتقۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ئىكەن. رەھمەت سىزگە!

ئەكبەرنىياز 2013-07-07 14:08
چوقۇم دىققەت قىلساق بولغۇدەك ، كۆپ رەھمەت !!!

ئايبىكە 2013-07-07 23:19
بىزنىڭ مەسئولىيەت ھەم مەجبورىيىتىمىز نېمە دېگەن ئېغىر.

بابۇر0725 2014-02-19 20:17
ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۇرۇش ئىتايىن زۆرۈرۈكەن

مىھرىبانىم 2014-03-20 00:01
راست ، بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن ئېغىر .  شۇنداقتىمۇ ، بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى  خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك .شۇندىلا تەربىيىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقى قولغا كەلتۈرەلەيمىز ئەمەسمۇ ؟

ئەلدىيار 2014-03-20 00:14
ھەقىقەتەن ئىلمىيلىكى يۇقىرى ئىكەن،نەپ تېگىدىغان تېما بوپتۇ.دىققەت قىلساق بولغۇدەك.

شەبنەم117 2014-03-20 11:02
ئوقۇتقۇچىلاردا مۇشۇنداق ئەھۋاللار بار . مىنىڭچە ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم  ئوقۇغۇچىنى بىر ئىنسان دەپ قارىيالىشى كېرەك شۇنىڭدىلا بۇنداق ئەھۋال سادىر بولمايدۇ دەپ قارايمەن.

رەيھان 2014-03-20 12:36
ھەقىقەتەن ياخشى يرزىلىپتۇ. ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلساق بولغۇدەك.ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ماقالىدا دېيىلگەن ئايرىم مەزمۇنلار ھەقىقەتەن سادىر بولۇپ تۇرۇدۇ.

رەيھان 2014-04-19 17:44
بۇ سۆزلەردىن ئامال بار ساقلانساق بولغۇدەق لېكىن بەزى بىر بالىلار بار جېنىڭنى ئەپ يېنىڭدا قويىدىغان. سورىقى بولمىسا تاسلا قالىدۇ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى ھەي جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا بىر نىمە دېمەك تەس بولۇپ كەتتى. ئاززاق ئۆتكىزىۋەتتىمۇ نەمۇ نە ئېيتىپ ھۇش كاللاڭنى چىقىرىۋېتىدۇ. ھازىر ئوقۇتقۇچىلار ئەنە ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلاردىنقورقىدۇ. مەن ئايرىم ۋاقىتلاردا ئويلاپ قالىمەن : ئۇستاز زالىم بولسا شاگرت ئالىم بولىدۇ' دېگەن سۆزنى لېكىن زالىملىق قىلمايمىز لېكىن قاتتىق تەلەپ قويساق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىگە بەكلا سەت كۆرىنىدىكەنمىز.


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled