查看完整版本: [-- مەن دۇچ كەلگەن مەسلىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> مەن دۇچ كەلگەن مەسلىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

maxal 2011-03-11 22:54

مەن دۇچ كەلگەن مەسلىلەر

       مەن سوئال ئىشلەش جەريانىدا مۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم : l.xKv$uOGR  
  يېيىق ئاددى جۈملە بىلەن تولۇقسىز ئاددى جۈملىنىڭ قانداق پەرقى بار ؟ oc"7|YG  
  گەرچە بۇ ئككىسى قارىماققا  مۇناسىۋەتسزدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ، مەلۇم باغلىنىشى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. hr W2#v  
   مەن ئىشلىگەن بىر سوئالدا مۇنداق دېيىلگەن:  ^#!\VGnL  
 < ھەۋەسلىرىم كۆپ ئىشقا پۇتلاشتى> دىگەن جۈملە _____،______،______،ئاددى جۈملە. 6 xLQ  
 مېنىڭچە بۇجۈملە ئىگىلىك ، يېيىق ئاددى جۈملە . لېكىن ، تولۇقسىز ياكى تولۇق ئاددى جۈملە دەپ كېسىپ ئېيىتقىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ ؟ چۈنكى تۇلۇق ئاددى جۈملە بۇلۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بۈلەكلىرى تۇلۇق ئېيتىلغان بۇلۇشى كېرەك ئىدى . تۇلۇقسىز ئاددى جۈملە دەيلى دېسەك ، بۇ يا دىئالوگ بولمىسا ؟ قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك ؟  L:\>)6]Ls  
 يېيىق ئاددى جۈملە بىلەن تۇلۇقسىز ئاددى جۈملىنىڭ زادى قانداق باغلىنىشى ۋە پەرقى بار؟ @77+K:9I 7  

koksangun 2011-03-12 10:47
بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى مەلۇم مەكتەپنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىسى ، تەۋپىقتىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىغا دەرس بېرىدىغان تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يۇلۇقتۇرغان مەسىلىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىپ بەرسەڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن ...

koksangun 2011-03-12 11:01
مېنىڭ تەھلىلىم : 1GIBqs~-  
«  < ھەۋەسلىرىم كۆپ ئىشقا پۇتلاشتى> دىگەن جۈملە  _____ ، ______ ، ______  ئاددى جۈملە. ..» ti$60Up  
  بۇ جۈملىگە ئائىت بوش ئورۇنغا ئايرىم - ئايرىم « ئىگىلىك ، يېيىق ، تولۇق » دەپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ . H:OpS-b  
بۇنى جۈملىنى تولۇق ئاددىي جۈملە دەپ ھۆكۈم قىلىشتا مۇشۇ جۈملىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلغان . بىر جۈملىنى تولۇق ياكى تولۇقسىز جۈملە دەپ ئايرىشتا مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەر تولۇق ئېيتىلغانمۇ يوقمۇ ، دېگەنلىك بولۇپ ، جۈملىنىڭ بەش بۆلىكى تولۇق بولۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس . تولۇقسىز جۈملە ئالاھىدە تىل شارائىتىدا ( دېئالوگلاردا ، بەدىئىي تەسۋىرلەردە ) مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلمىغان ياكى چۈشۈپ قالغان ، چۈشۈپ قالغان بۆلەكلىرىنى باش - ئاخىرىدىكى جۈملىلەرگە قاراپ بىلگىلى بولىدىغان جۈملىلەردۇر . X @pm!c#  
< ھەۋەسلىرىم كۆپ ئىشقا پۇتلاشتى> دېگەن جۈملىنى تولۇق جۈملە دەپ ھۆكۈم قىلىشتا ، بىرىنچىدىن ، بۇ جۈملە ئالاھىدە تىل شارائىتىدا ئەمەس ، ئىككىنچىدىن ، جۈملە مەزمۇنىغا  مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى چۈشۈپ قالغان ئەمەس .
بۇ جۈملىنى تولۇقسىز ئاددى جۈملە شەكلىگە كەلتۈرۈپ باقايلى :
 ___ نېمە پۈتلاشتى ؟
___ ھەۋەسلىرىم .
___ نېمىگە پۇتلاشتى ؟
___ كۆپ ئىشقا ...
بۇ جۈملىدە دېئالوگ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىككى تولۇقسىز ئاددىي جۈملىنى بارلىققا كەلتۈردۇق . بىرى ، « ھەۋەسلىرىم »،  يەنە بىرى ، « كۆپ ئىشقا » . ئەگەر ئاشۇ دېئالوگ بولمىسا بۇ تولۇقسىز جۈملىلەر جۈملە بولۇپ مەۋجۈد بولالمايدۇ .
يەنە مەسىلەن :
« ھەۋەسلىرىم ، شاش ياشلىق ، بۇ ئۇيقۇلۇقتىكى قاباھەتلىك چۈشمۇ يا رېئاللىقتىكى قۇبۇل قىلغۇسىز كەچمىشمۇ ؟! ئاشۇ ساراڭ ھەۋەسلەر مېنى گۈزەل ئارزۇ - ئارمان باغلىرىدىن ئايرىدىغۇ !؟ پۇتلىشىش ، بۇ ھەقىقەتەن ھەۋەس يولىدىكى پۇتلىشىش ئەمەسمۇ ؟ كۆپ ئىشلىرىم بۇ ئىش تۇپەيلى بەرباد بولدى . ئاھ ، مېنىڭ پارلاق ئىستىقبالىم ، ئۇ مېنىڭ ئاشۇ بىمەنە ھەۋەسلىرىمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى ، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ، ئۈمىدسىزلىك ئېقىنلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى ...»  بۇ يەردە ئىككى تولۇقسىز ئاددىي جۈملە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ ، ئۇنىڭ بىرى « ھەۋەسلىرىم » ، يەنە بىرى ، « پۇتلىشىش »
ئەسكەرتىش : ئىگىلىك ، ئىگىسىز ،يىغىق ، يېيىق جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق جۈملىگە كىرىدۇ ...

abdusalam 2011-03-16 20:42
          ــــ   سەن  بۈگۇن مەكتەپكە باردىڭمۇ ؟ 4P=1)t?tX  
         ــــ  بارمىدىم . ^*+M9e9Z  
         بۇ دىئالوگدىكى ئىككىنچى جۈملىنى ـــــــــــــ، ـــــــــــــ،ـــــــــــــ  ئاددى جۈملە دەيمىز . {0n p  
     بۇ جۈملىنى  ئىگىلىك، يىغىق ، تولۇقسىز ئاددى  جۈملە دېسەك بولامدۇ؟

ozqan 2011-03-16 22:23
  بۇ جۈملىنى ئىگىلىك ، يېيىق ، تولۇقسىز ئاددىي جۈملە دېسەك بولىدۇ .

tawpek 2011-06-27 11:40
كۆكسانغۇن ئاكىمىزنىڭ تەھلىلى توغرىغۇ مانا، يەنە بىر تىمىدا قەتئى بىرلىككە كىلەمىدۇقتە، دىئالوگنى جۈملە ئەمەس دەپ تۇرىۋىلىپ. q*,HN(& l?  
oM^vJ3  
ئاسان نەرسىلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ نىمە قىلارمىز دەيمەن.

akkax 2011-06-30 20:00
  بۇنى مەنمۇ تولۇقسىز ئاددى جۈملە دەپ قارايمەن . چۈنكى ، بۇ جۈملىدە « مېنىڭ » دېگەن ئېنىقلىغۇچى چۈشۈپ قالغان. بۇنى ئوقۇغاندا بىز ھېس قىلالايمىز. « مېنىڭ ھەۋەسلىرىم جىق ئىشقا پۇتلاشتى » ئىگىلىك ، يېيىق ، تولۇقسىز ئاددى جۈملە. مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلمىدى.

tawpek 2011-07-02 13:10
يەنە يىڭى گەپ چىقتى، -^t.eZ*|  
TOgH~R=  
مۇناسىۋەتلىك بۆلەك دىگەن نىمە زادى؟

panayimsan 2011-11-14 00:47
        مۇناسىۋەتلىك بۆلەك دېگىنىمىز ئالدىنقى جۈملىدە ئېيتىلغان،كېيىنكى جۈملىدىمۇ ئېيتىلىش زۆرۈرىيىتى بولغان،ئەمما،ئالاھىدە تىل شارائىتى تۈپەيلى ئېيتىلماي قالغان بۆلەكلەردۇر.

گۈلزىبا 2012-06-27 19:56
-بارمىدىم . دېگەن جۈملىنى ئىگىلىك ، يىيىق ، تولۇق دەپ ئايرىمامدۇق ؟ چۈنكى ،بۇ جۈملىنى ئۈستىدىكى سوئالغا قاراپلا  <<مەن بۈگۈن مەكتەپكە بارمىدىم >>دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغۇ ؟شۇنداقلا ئۆزى ئايرىممۇ بىر جۈملە بولالايدۇ "Wk K1u  
بۇنىڭ ئەكسىچە ، مۇنداق بولغاندا : M&",7CPD(1  
قاياقتىن كېلىۋاتىسەن ؟ =%>E8)Jb  
-بازاردىن . < 0S\P=\  
-قۇرباننى كۆردۈڭمۇ ؟ ,,IK}  
-كۆرمىدىم . (r'NB  
-سەنچۇ؟ -cZuP7oA  
-مەكتەپكە . A]o3 MoSt  
<<قاياقتىن كېلىۋاتىسەن ؟>>،<<قۇرباننى كۆردۈڭمۇ ؟>>،<<كۆرمىدىم >>دېگەنلەر ھەر زامان تولۇق جۈملە بولىدۇ .چۈنكى بۇلارنى ئايرىم قوللانساقمۇ ،يەنىلا جۈملە ،شۇنداق ئەمەسمۇ ؟قىنى بىرلىكتە ئويلايلى . ygQAA!&']  
بۇنىڭدىكى <<بازاردىن ،سەنچۇ ، مەكتەپكە >.دېگەن سۆزلەردە جۈملىدە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر ھازىرلانمىغان ، پەقەت مۇشۇ تىل شارائىتىدىلا جۈملە (تولۇقسىز جۈملە )بولغان .ئايرىم قوللانساق پەقەت سۆز .

tawpek 2012-08-03 19:54
كۆكسانغۇننىڭ چۈشەنچىللىرىدىن باشقىنىڭ ھەممىنى مەكتەپ يۈزى كۆرگىنىمدىن باشلاپ ئىنكار قىلىپ كەپتىكەنمەن. xBw ua;  
H66~!J0;a  
گۈلزىبا بىلەن ئاققاش مۇئەللىملەرنىڭ ئاساسى نىمىدۇ؟ 0d`lugf  
!+Sd%2o  
تولوقسىزدىلا كۆكسانغۇن چۈشەندۈرگەندەك قائىدە بارغۇ.

akkax 2012-08-03 21:42
تولۇق بولۇشى ئۈچۈن بىر جۈملىدىكى بارلىق جۈملە بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلغان بولۇشى كېرەك.( بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ھەممە جۈملە بۆلەكلىرى بولۇشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس) h#|Ac>fz  
  دېئالوگلارنى مىسالغا ئالغاندا بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. (گۈلزىبا ئېيتقاندەك ) 6" . v6  
- سەن بازارغا باردىڭمۇ ؟ + j6^g*  
- بارمىدىم.( مەن بازارغا بارمىدىم ) ` B+Pl6l)F  
خەۋىرىلا ئېيتىلىپ ئىگە بىلەن ھالىتى ئېيتىلمىغان، يەنى ، چۈشۈپ قالغان. شۇڭا، ئىككىنچى جۈملىنى تولۇقسىز جۈملە، دەپ ئېيتىمىز. ئىگىلىك ، يېيىق ، تولۇقسىز ئاددىي جۈملە بولىدۇ.

tawpek 2012-08-04 13:27
لىكىن سىز تولوقسىز جۈملە ئالاھىدە تىل شارائىتىدىلا يەنى دىئالوگ ۋە تەسۋىرلەردىلا كۆرلىدۇ قالغان ئەھۋالدىكىللىرى ئاساسەن تولوق جۈملە بولىدۇ دىگەنگە قارشى پىكىردەكلا قىلسىزغۇ؟

akkax 2012-08-04 14:29
« مەن مەكتەپكە بارمىدىم » بىلەن « مەكتەپكە بارمىدىم » ئوخشاش مەنە ئىپادىلەمدۇ ؟ ھەر ئىككىلىسى تولۇق جۈملە ھېسابلىنامدۇ ؟ "& q])3h=  
سىنىپقا كىرىپ يوقلام قىلغاندا تولۇق ھەم تولۇقسىز جۈملە بىلەن يوقلام قىلىپ بېقىڭ. قىلغىلى بولمايدۇ ئەمەس، ئۈنۈم جەھەتتىنمۇ ئاز - تولا پەرقىنى كۆرىسىز. +}!FP3KgT  
تولۇقسىز جۈملە چوقۇم دېئالوگلاردا ۋە تەسۋىرلەردە ئۇچرايدۇ، دېگىنى توغرا. لېكىن، مۇتلەق شۇنداق بولىدۇ ، دېگەن گەپ ئەمەس. ]4-t*Em  
  « كۈز. دېھقانلار مول - ھوسۇللۇق ئەمگەك قىزغىنلىقىغا چۈمگەن »

tawpek 2012-08-04 15:20
مەن ئاشۇنداق مۇتلەقلەشتۈرىۋىتىپتىمەن. CKTD27})  
)^&)f!f  
تولوقسىز جۈملىگە بىر ئىنىقلىما بىرىپ بىقىڭە قىنى قانداق بىرىسىزكىن؟

گۈلزىبا 2012-08-04 18:58
ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مەنە ئىپادىلەيدۇ .ھەر ئىككىلىسى تولۇق جۈملە بولىدۇ . Xm`K@hJ@  
<<كۈز >>مۇشۇ خىل تىل شارائىتىدا بىر جۈملە ھىسابلىنىدۇ ،ئەمما تولۇقسىز جۈملە بولىدۇ .ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇ بىر سۆز ،ھەرگىز جۈملە ئەمەس .

tawpek 2012-08-04 19:02
گۈلزىبا بىلەن ئوخشاش تەلىم ئاپتىكەنمەن مەنمۇ.

مىېھرىما 2014-03-13 18:13
ئەجەپ قىززىپ كېتىپسىلەرغۇ؟!!!


查看完整版本: [-- مەن دۇچ كەلگەن مەسلىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled