مۇھەببەت ھەققىدە يېڭى قاراشلار
بۇ قاراشنىڭ يېڭى بۇلىشىدىكى سەۋەب شۇكى ،ئۇ بۇرۇنقى مۇھەببەت قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ھالدا كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرنى ھىسيات جەھەتلەردىن ئىزتىراپلارغا سېلىپ مۇھەببەتتىن يىرگىنىش،ئۇنىڭدىن سەسكىنىش كەيپىياتىغا كەلتۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ساختا مۇھەببەت ھامىيلىرىنىڭ رەزىل،بەتبەشرە قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.ئەگەر سىز تىرەن تەپەككۇرىڭىز،سەگەك مېڭىڭىزنى ئىشلىتىپ ، ئەتراپلىق ئويلانسىڭىز دېمەكچى بولغانلىرىمنىڭ مەنىسىنى تۇلۇق چۈشىنىۋالالايسىز.چۈنكى مۇھەببەت تۇغۇلىشدىنلا شۇ قەدەر پاك،شۇ قەدەر ئۇلۇغ،شۇ قەدەر قۇدىرەتلىك،شۇ قەدەر ساماۋىي... \~{b;$N} كىشىلەر مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن ياكى ئېتىراپ قىلمىسۇن،ئاغزىدا ئاشكارا ئەيلىسۇن ياكى كۆڭلىدە پىنھان ساقلىسۇن مىنىڭچە، ھەممە ئادەم مۇھەببەت جەھەتتە ئۆز ئالدىغا بىرپەيلاسوپ .ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىربىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرى،قىممەت قاراشلىرى بار .مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغانلىرىممۇ پەقەت شۇلارنىڭ كىچىككىنە ئۆزەكچىسى ، مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇلارنى ئۇقۇش ئارقىلىق مۇھەببەتتىن مۇستەسنا ياشىيالمايدىغان بىر جۇشقۇن يۈرەكنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ھەقىقى مۇھەببەت بوستانىغا گۈل-چىمەنلەرنى تېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. \NN5'DBx (1) F87aIJ.pGN مۇھەببەت-ئۇ چەكسىز ئازابنىڭ يۇغۇرۇلمىسى . `;OEdeAM ئۇ دەسلىۋىدە لەۋلىرىڭنى خۇشاللىقنىڭ مەسىتخۇش شارابلىرى بىلەن نەمدەپلا،ئارقىدىن سېنى تۈگىمەس ئازابلارغا،ئاچچىق كۈلپەتلەرگە،چىدىغۇسىز ھەسرەتلەرگە دۇچار قىلىپ، مۇپتىلالىق دەردىدە قىيناپ ،سەۋدالىقنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىغا ئىتتىرىۋىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيسەن.چۇنكى ئۇ سىنى ئۆزىنىڭ قاتمۇقات سىرتماقلىرىدا بۇغۇپ ، ئەجەل ھەلقۇمىغا ئاپىرىپ،ھالاكەتنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا دومىلىتىۋاتقان بۇلىدۇ.ئۇ چاغدا سەن دۇچار بولغان قىسمەتلىرىڭدىن مەزگىلسىز زارلانساڭمۇ،ھىجران دەشتىدە قاتتىق ئاھ ئۇرساڭمۇ، بەرىبىر ، پۇشايماننىڭ سەلتەنىتلىك جامىدا ئۆز قېنىڭنى ئىچىشتىن باشقىغا مۇيەسسەر بۇلالمايسەن... jP-=x( شۇڭا دەيمەن مۇھەببەتكە ھەرگىز قەدەم قويما!!! #An
g8O@y (2) @YMQbjbr مۇھەببەت -دەشتى چۆلدە تىنەپ يۇرگەن ئېزىتقۇ. xGzp}
قاچانكى سەن ئۇنىڭ يىراقتا چاقنىغان غۇۋا شولىسىغا مەستانە بۇلۇپ قالىدىكەنسەن،ئۇشۇزاماتلا قەلب قەسىرىڭگە بۆسۈپ كىرىپ تىنىچ-خاتىرجەم كۈنلىرىڭنى قاتتىق ۋەسۋەسىگە سېلىۋالىدۇ، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ئىپلاس چاڭگاللىرىنى سۇزۇپ سىنىڭ جىمى تەۋەللۇقاتىڭنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ھەتتا سىنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدۇڭدا،روھى دۇنيارىڭدا ئۆزىنىڭ مەئىشەتلىك بەزمە-مەشرەبلىرىنى قۇرۇپ ،ھىسياتنىڭ بىچارە قەلەندەرىگە ئايلاندۇرىۋىتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا سەن ئۆز قەلبىڭدىن ئادىمىيلىك تەبىئىتىڭنى قانچە تاما قىلساڭمۇ ، لەختە-لەختە بۇلۇپ زەردابقا تۇشۇپ كەتكەن قەلبىڭدىن مۇدھىش بىر ئېچىنىشلىق ئاۋازنىڭ ئۈزۈلمەي ئېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىدىن باشقا ھېچنەرسىنى بايقىيالمايسەن... V`n;W6Q17 (3)
,a$?KX
مۇھەببەت - خىيالىي كىسەكلەردىن پۈتكەن ھەيۋەتلىك قەسىرنىڭ گۈم بولغان خارابىسى. {\?zqIM سەن بۇ قەسىرنىڭ پۈتۈپ چىقىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىسەنۇ، لىكىن ئاخىرىدا كۆرىدىغىنىڭ قۇيۇق تۇپا-چاڭ بىلەن پارچە كىسەكلەر دۆۋىسى . چۈنكى سەن خىياللار قوينىدا ئەگىپ يۈرگەن ھەۋەسنىڭ قۇلى.قۇلنىڭ ئەزەلدىن ھېچنەرسىسى بولغان ئەمەس ، ەەرچە ئۇ ئۆزىنى <<ئادەم>> دەپ جار سالسىمۇ،ئەممە ئەڭ تۇۋەن دەرىجىلىك ئادىمىيلىك ھۇقۇقىمۇ ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئەمەس. ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئالىي ھۇقۇق پەقەت خىيالنى ھەركەتكە،ھەۋەسنى بەركەتكە ئايلاندۇرۇش. ئۇنداق بولمايدىكەن قەلبىڭ ئاراچلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆز ياشلىرىڭ ، ئەيتاۋۇر، بىرتۈپ چىنارنىڭ ئۇسسۇزلىقىغا دال بۇلالاسىچۇ كاشكى... W
B=pRC@ (4) ;Ly(O'9 مۇھەببەت- يەكچەشمىنىڭ سىڭا كۆزىدۇر. t ._PS3 سەن بۇ كۆزنى يىراقتىن كۆرگىنىڭدىلا ئۇنىڭ شۇقەدەر نۇرانىلىقىغا ھەيران قالىسەندە، ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا مەقبۇل بۇلىسەن . ۋاھالەنكى،شۇنىڭدىن باشلاپ سەن دۇنيانى پەقەت مۇشۇ بىر كۆز ئارقىلىق كۈزىتىسەن،ئۇنىڭدىن تاپقان ئازراق خۇشاللىق ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىڭنى ئاۋۇندۇرماقچى بۇلىسەن،بۇنىڭ بىلەن قالماي ئۆزۈڭنى ئىشىق سەلتەنىتىنىڭ سۇلتانى ھىسابلايسەن. لىكىن شۇنى بىلىپ قال، ئەي غاپىل! بۇ يەكچەشمىنىڭ يۇرۇق كۆزىدىن باشقا ئۇنىڭ ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدىغان يۇمۇق كۆزىمۇ بار. بۇ كۆز دەل سەن چۈشىنىپ بۇلالمىغان،چۈشىنىشكىمۇ مۇۋاپپەق بۇلالمىغان تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.سەن ئۇنىڭغا جۇرئەت قىلغان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنىڭ بەخىتسىزلىكىنى ئاندىن ھېس قىلىسەن. Rv)!p~V8 (5) PC_#kz مۇھەببەت-كاراپ شەكىللىك قولۋاقتۇر. QL>G-Rp بۇ قولۋاقنىڭ رولچىسىمۇ، پالاق ئۇرغۇچىسىمۇ يەنىلا سەن. سەن بۇ قولۋاقنىڭ سۈرئىتىنى خالىغانچە تىزلەتسەڭمۇ، ئاستىلاتساڭمۇ ھەتتا، سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختۇتۇپ ئەتراپتىكى مەنزىرلەرنى تاماشا قىلساڭمۇ تامامەن بۇلىدۇ.ئەمما سەن سۇدا مەڭگۈ ئۈزىۋەرمەيسەن،ھامىنى بىركۈنى قىرغاققا چىقماقچى بولىسەن،چۈنكى قىرغاق بولسا سەن بېسىپ ئۆتمەكچى بولغان رەھىمسىز تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.سەن قاچانكى قىرغاققا يېقىنلاشقانسىرى بۇ قولۋاقتىن ئايرىلىپ قېلىش تەھدىدى ساڭا بېسىم بۇلىدۇ. سەندىكى بىرلا ئامال ياكى پالاقنى سۇندۇرىۋەت، ياكى قولۋاق بىلەن بىللە چۈكۈپ كەت ۋەياكى... ?,J
N? (6)
D&{7Av مۇھەببەت - ساداقەتسىزلەرنىڭ چېلىش مەيدانى .
^KU:5Bn بۇ بەخىتسىزلەرنىڭ نۇقۇل رەۋىشتىكى تاللىشىدۇركى ،ئۇنىڭدا سۆيگۈچىمۇ ،سۈيۈلگىچىمۇ ئوخشاشلا ساداقەتسىز. چۇنكى ۋىجدانى ساپلىقتىن ئالىي،جاناننىڭ ئوتلۇق تەپتىدىن ئۆزگە بولغان ھەرقانچە مەردانە يۈرەك بولسۇن،ئۇ ھايالسىزلا مۇھەببەتنىڭ ئىشرەت تاۋىقىدا تاۋلانغان ھامان جۇزئى شەيدالىقنىڭ ئاچچىق ئوپقانلىرىدا تولغانماي قالمايدۇ. رۇشەنكى سىنىڭ كۆزلىرىڭ قەلبىڭنى ئاللىقاچان ئاشكارا ئەيلىگەن ،ئۈمىدلىك چىرايىڭ ۋاقىت دەرياسىنىڭ رەھىمسىز دولقۇنلىرىدا بېتىدىن چۈشكەندە،سىنىڭدە قالىدىغىنى پەقەت سۇيقەستلەر غارى ، ئۇنىڭدا قالىدىغىنى بولسا تىڭىرقاشتىن نۇمۇس كۈچىنى يۇقاتقان تۆھمەت بايانى . ئىشىنىمەنكى تۆۋە -ئىستىغبار ئۇقۇش قۇلىڭلاردىن كەلمەيدۇ،ئالداش-ئالدىنىش خۇددى كىچە بىلەن كۈندۈزدەك سىلەرنىڭ مۇھەببەت دۇنيارىڭلاردا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. 1Ftl1uf .wrNRU7s داۋامى كىيىنكى قېتىمدا ()}B]? مەنبە: 凶蛇 Mj
&f7IUO
|